ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 375 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قانخور ستالىن موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقىنى نېمىشقا شۇنچە تېز ئېتىراپ قىلغان
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
تۆھپىسى: 83
پۇلى: 339 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 169
ياخشى باھا: 339
توردا: 77(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-05-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 13:04

قانخور ستالىن موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقىنى نېمىشقا شۇنچە تېز ئېتىراپ قىلغان

 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمېن (1884-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە)نىڭ 1956-يىلى نەشىر قىلىنغان «ترومېننىڭ ئەسلىمىسى»دە : رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى «ستالىن بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيە (گومىنداڭ ھۆكۈمىتى) مىنىستىرى سۇڭ زىۋېن ئارىسىدىكى كېڭەشنىڭ نەتىجىسى»، دەپ يېزىلغان.
        قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن زور مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار ئىدى. شۇڭا ۋاشىنگتون سۆھبەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلغان. زۇڭتۇڭ ترۇمېن ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باش ئەلچىسى خاررىمانغا «جياڭ جيېشى موسكۋادا قاتنىشىۋاتقان يىغىننىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى»نى ئۆزىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلىغان.
       ئەمەلىيەتتە، ۋاشىنگتون چۇڭچىڭ موسكۋا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەتكە بىۋاسىتە ئارىلاشقان. ترۇمېن 1945-يىلى 15-ئىيۇن ستالىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ: «سۇڭ زىۋېن بۈگۈن چۇڭچىڭدىن موسكۋاغا يولغا چىقتى، ئۇ 1-ئىيۇل موسكۋاغا بېرىپ، سوۋېت-جۇڭگو كېلىشىمىنى كونكرېت مۇزاكىرلىشىدۇ» دېگەن.
      جياڭ جيېشى بىلەن ترۇمېن بۇنىڭدىن ئىلگىرى «جۇڭگو-سوۋېت سۆھبىتى» مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ قېتىم كېڭەشكەن. ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى يالتا (1945-يىلى 4-فېۋرالدىن 11-فېۋرالغىچە قىرىمىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يالتادا ئۆتكۈزگەن يالتا يىغىنى) دا كۆرۈشكەندە، جياڭ جيېشى بەزى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ قېلىپ، دەرھال جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى ۋېي داۋمىڭغا يىغىننىڭ مەزمۇنىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن.
        روزۋېلت (1882-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە) يالتادىن ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 12-مارت ۋېي داۋمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ستالىننىڭ يالتا يىغىنىدا يىراق شەرق مەسىلىسىدە ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يەنى: تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاشنى؛ شەرقىي شىمال تۆمۈر يولىنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئورتاق باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى؛ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داليەن ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايوندا توڭلىماس بىر پورت قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن روزۋېلت كېلىشىم تۈزۈش ئىشىنى قىلچىمۇ تىلغا ئالمىغان.
      روزۋېلت 1945-يىلى 12-ئاپرېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ترۇمېن «يالتا كېلىشىمى»نى يەنىلا مەخپىي تۇتقان. خېرلېي 10-ماي چۇڭچىڭدىن ترۇمانغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭغا ستالىن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، كېلىشىمنىڭ بارلىق مەزمۇنىنى جياڭ جيېشىغا يەتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. لېكىن ترۇمېن خېرلېينىڭ تەكلىپىنى ناھايىتى تېزلا ئىنكار قىلغان ھەم خېرلېيغا: « ھازىر سەن ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ھەرقانداق خەۋەر بىلەن تەمىنلەش مۇۋاپىق ئەمەس»، دېگەن.
     ترۇمېن 9-ئىيۇن شەخسەن ئۆزى ئاقسارايدا سۇڭ زىۋېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا «يالتا كېلىشىمى»نىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزگەن. ترۇمېن بۇ كېلىشىمنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، يەنىلا: «سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشسىلا، ئامېرىكا <يالتا كېلىشىمى>نى قوللىمىسا بولمايدۇ»، دېگەن.
      بۇنى ئاڭلىغان سۇڭ زىۋېن بەك ھەيران قېلىپ، نەق مەيداندىلا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ <يالتا كېلىشىمى>دىكى بەلگىلىمە بويىچە شەرقىي شىمالدا بۇنداق كونترول قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ھەرگىز قوشۇلمايدۇ»، دېگەن.
     لېكىن ترۇمېن بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. چۈنكى جۇڭگو قوشۇلسۇن ياكى قوشۇلمىسۇن، جۇڭگونىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بۇنى ئاخىرىدا يەنىلا ترۇمېن بىلەن ستالىن بەلگىلەيدۇ.
   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودىكى يېڭى ئەلچىسى پېتېروۋ ئىيۇننىڭ بېشىدا چۇڭچىڭغا يېتىپ كەلگەن.
    جياڭ جيېشى ئەتىسى ئۆز قەسىرىدە پېتېروۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا «جۇڭگو-سوۋېت سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ: «رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشنى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى خېلى ئىلگىرىلا بېكىتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشسا، بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش، بۇنى قارشى ئالىمىز. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغا ئاقىلانە پوزىتسىيە تۇتقاندىلا، ئاندىن جۇڭگو-سوۋېت ھەمكارلىقى ئاساسقا ئىگە بولىدۇ»، دېگەن. پېتېروۋ: «شۇنداق! شۇنداق!» دەپ جاۋاب بەرگەن.
       جياڭ جيېشىمۇ پېتېروۋغا: «ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي شىمالغا ئەسكەر چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ مانجۇرىيە تۆمۈريولىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بەرسە، جۇڭگومۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مانجۇرىيە تۆمۈر يولى ۋە سودا پورتلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بېرىشنى ھەم بۇ جايدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى خالايدۇ»، دەپ كاپالەت بەرگەن.
      پېتېروۋ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، جياڭ جيېشىغا «جۇڭگو-سوۋېت سۆھبىتى»دە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان داليەن، لۈشۈن پورتلىرى ، مانجۇرىيە تۆمۈر يولى؛ تاشقى موڭغۇلىيە؛ كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ۋە ساخالىن ئارىلى قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. پېتېروۋ جياڭ جيېشىغا: جۇڭگو يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قوشۇلسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاندىن جۇڭگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالايدۇ، دېگەن.
      سۇڭ زىۋېن 17-ئىيۇن ئامېركىنىڭ سان فىرانسىسكودىن چۇڭچىڭغا قايتىپ كېلىپ، جياڭ جيېشى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ترۇمېن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزگەن. سۇڭ زىۋېن غەزەپلەنگەن ھالدا: «ترۇمېن ماڭا پەقەت<يالتا كېلىشىمى>نىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىغاندىن باشقا، ھېچ نەرسە دېمىدى»، دېگەن.
       جياڭ جيېشى سۇڭ زىۋېننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «قارىغاندا، ئامېرىكىلىقلاردىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ستالىن بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن، سېنى موسكۋاغا ئەۋەتمىسەم بولمىغۇدەك»، دېگەن.
      سۇڭ زىۋېن 30-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، جياڭ جيېشىنىڭ ستالىنغا يازغان خېتىنى ئېلىپ، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى خۇ شىزې، مانجۇرىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى شېن خۇڭليې، چيەن چاڭجاۋ، جياڭ جىڭگو، جاڭ فۇيۈن، بۇداۋمىڭ، ليۇ زېرۇڭلار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، چۇڭچىڭدىن موسكۋاغا يولغا چىققان. ئايروپورتتا، مولوتوۋ، پېدېروۋ ھەم باشقا مىنىستىرلار سۇڭ زىۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان.
     شۇ كۈنى كەچ سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى تەرەپ دەسلەپكى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ قىسقا سۆھبەتكە پەقەت 15 مىنۇتلا كەتكەن. سۆھبەتكە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ستالىن، مولوتوۋ، دىپلوماتىيە خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئەزاسى لوسسوۋسكىي، پېدېروۋ ۋە تەرجىمان پاۋلوۋ؛ جۇڭگو تەرەپتىن سۇڭ زىۋېن، جياڭ جىڭگو، خۇ شىزې، جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باش ئەلچىسى فۇ بىڭجاڭلار قاتناشقان.
      سۇڭ زىۋېن ستالىنغا جياڭ جيېشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى تاپشۇرغان ھەم : «سۈن جۇڭشەن ئەپەندى <جۇڭگو ئىنقىلابىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك> دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان. شۇڭا مەن سۆھبەتنىڭ جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا دوستانە، قويۇق ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ئاساس سېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
       ستالىن: «ئىلگىرى چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونى بۆلۈشۈۋالماقچى بولغان. ھازىر رۇسىيەدە جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان يېڭى كىشىلەر ھوقۇق تۇتۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىردەك پىكىرگە كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»، دەپ جاۋاب بەرگەن.
      ستالىننىڭ ئادىتى بويىچە، سۆھبەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كېچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.  2-ئىيۇل موسكۋا ۋاقتى كەچ سائەت 8 دە، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ 2-قېتىم سۆھبەتلەشكەن.
   يىغىن زالى چىراغ نۇرىدا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى يىغىن سورۇنىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ستالىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتىكى پوزىتسىيەسى ئوسال بولۇپ، ھاكاۋۇر ھەم قوپال كۆرۈنەتتى.
     ستالىن قېلىن بىر توپ ھۆججەتنى سۇڭ زىۋېننىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ: «سەن بۇنى بىلەمسەن؟ ئەگەر كۆرگەن بولساڭ، پىكرىڭنى ئېيت، لېكىن پىكرىڭ روزۋېلت زۇڭتۇڭ ئىمزا قويغان ھۆججەت ئاساسىدا بولسۇن»، دېگەن. سۇڭ زىۋېن ھۆججەتلەرگە قارىسا، بۇ ئەسلىدە «يالتا كېلىشىمى» ئىكەن. ئۇنىڭدا ستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىلنىڭ ئېنىق ئىمزاسى بار ئىدى.
     «ئەلۋەتتە بىلىمەن. ترۇمېن زۇڭتۇڭ ماڭا دېگەن. خېرلېي ئەپەندى 15-ئىيۇن كېلىشىمنىڭ تولۇق ھۆججىتىنى زۇڭتۇڭ جياڭ جيېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. مەن بۇ قېتىم بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلدىم».
       گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ بىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان سۇڭ زىۋېن ستالىننىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەچكە، قىلچە يۈز-خاتىر قىلماستىنلا 28-ماي ستالىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەسلىھەتچىسى خوپكىنس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ستالىنغا بېرىپ، تەمكىنلىك بىلەن: «بۇ خاتىرىنى ترۇمېن زۇڭتۇڭ شەخسەن ئۆزى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى»دېگەن.
       ترۇمېن ئەسلىدە خوپكىنسنى 26-ماي ستالىن بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ: سۇڭ زىڭۋېن ئىيۇلدا موسكۋاغا كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى «يالتا كېلىشىمى»نىڭ مەزمۇنىنى سۇڭ زىۋېنگە بىۋاسىتە يەتكۈزىدۇ؛ ئاندىن كېيىن خېرلېي چۇڭچىڭدا كېلىشىم مەزمۇنىنى جياڭ جيېشىغا ئۇقتۇرىدۇ، دەپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
        ستالىن سۇڭ زىۋېننىڭ بۇنداق دېيىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ھاكاۋۇرلۇق بىلەن: «ئۇنداق بولسا، ئەمدى بىز مۇزاكىرىنى باشلايلى»، دېگەن.
        سۇڭ زىۋېن جياڭ جيېشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالدى بىلەن تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: « زۇڭتۇڭ جياڭ جيېشى 12-ئىيۇن باش ئەلچى پېتېروۋ بىلەن سۆزلىشىپ بولدى، تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىنى ھازىرچە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە بۇ مەسىلىنى ۋاقتىنچە بىر چەتكە قايرىپ قويۇشىمىز كېرەك»، دېگەن.
        بۇنى ئاڭلىغان ستالىن چىچاڭشىپ كېتىپ، دەرھال سۇڭ زىۋېنگە رەددىيە بېرىپ، ناھايىتى قەتئىي تەلەپپۇزدا: «جۇڭگو تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، جۇڭگوغا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى يوق»، دېگەن.
        سۇڭ زىۋېن ستالىننىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ بۇنداق قاتتىقلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى دەرھال سەزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن: «جۇڭگودىكى ھەرقانداق ھۆكۈمەت زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلىيالمايدىغان بولسا، خەلق ھەرگىز ئۇنى كەچۈرمەيدۇ»، دېگەن.
       ستالىن: «سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پىكرىڭلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، دۈشمەن دۆلەتلەر تاشقى موڭغۇلىيە ئارقىلىق سىبېرىيەگە ھۇجۇم قىلسا ، مەسىلەن ياپونىيە شۇنداق قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى مەنپەئەتى ئېغىر يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان دۆلەت، ياپونىيە ھازىر مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گېرمانىيەگە ئوخشاش ئون ياكى 15 يىلدىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقمايدىغانلىقىغا كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟» دېگەن.
    ستالىن بۇ سۆزلەرنى قىلىۋېتىپ، سۇڭ زىۋېندىن كۆزىنى ئۈزمەي، ئۇنىڭ چىرايىدىن بۇنىڭ جاۋابىنى تاپماقچى بولغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ستالىن سۇڭ زىۋېننىڭ ئىپادىسىدىن بىرنەرسىنى بايقىغاندەك بولغان. ستالىن سۇڭ زىۋېننىڭ دەرھال ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يەنە: «شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى موڭغۇلىيەنى قوغدىشى كېرەك. بۇ تاشقى موڭغۇلىيەگىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، جۇڭگوغىمۇ پايدىلىق»، دېگەن.
       سۇڭ زىۋېنمۇ بوش كەلمەي، جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. ئۇ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىسا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، جۇڭگو خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى تەۋرىنىپ قالىدۇ»، دېگەن.
     ئارقىدىنلا ستالىن يەنە بىرمۇنچە سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ ھەتتا كوزىرىنى ئىشقا سېلىپ: «جۇڭگونىڭ تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇرىيە ۋە ج ك پ مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك»، دېگەن. ستالىننىڭ مەقسىتى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ئۇ: ئەگەر چۇڭچىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي شىمالغا ئەسكەر چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ياپونىيە كانتون ئارمىيەسىنى يوقىتىشىغا ياردەم بەرمەيدۇ، دېمەكچى ئىدى.
       ئەمما، سۇڭ زىۋېن ستالىننىڭ گېپىگە قىلچە قۇلاق سالمىغان. ئۇ: «مېنىڭ بۇ مەسىلىنى قارار قىلىش ھوقۇقۇم يوق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يوليورۇق بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇنىڭغا قوشۇلالمايمەن»، دېگەن.
     سۇڭ زىۋېن 3-ئىيۇل 2-قېتىملىق سۆھبەت ئەھۋالىنى تېلېگرامما ئارقىلىق جياڭ جيېشىغا دوكلات قىلغان. تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جياڭ جيېشى دەرھال شىئەندىن چۇڭچىڭغا قايتقان. سۇڭ زىۋېن تېلېگراممىسىدا تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈچ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىتتىپاق تۈزگەن مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەدە قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛ ئىككىنچىسى، تاشقى موڭغۇلىيەدە يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، تاشقى موڭغۇلىيە ھەربىي، ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، لېكىن ئۇنىڭ خاراكتېرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم ئەنگلىيەنىڭ ئاپتونوم رايونلىرىغا ئوخشىماسلىقتىن ئىبارەت.
       جياڭ جيېشى ستالىننىڭ جۇڭگوغا تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چىقىرىشنىڭ سىياسىي شەرتى قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ستالىن يەنە: سوۋېت ئىتتىپاقى ج ك پ نى قوللىماسلىقى مۇمكىن، دېگەن. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، جياڭ جيېشى قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا سۇڭ زىۋېنگە بىر پارچە تېلېگرامما ئەۋەتكەن.
      ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت كاتىپى بىرنېس 4-ئىيۇل ترۇمېننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن خاررىمانغا تېلېگرامما بېرىپ : ئامېرىكا تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، «يالتا كېلىشىمى»دىكى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ئورنى ھەققىدىكى ئىزاھاتلارنىڭ ھېچقانداق مۇزاكىرە قىلىنمىغان، دېگەن گەپنى سۇڭ زىۋېنگە بىرەسمىي يوسۇندا يەتكۈزۈپ قويۇشقا بۇيرۇغان. تېلېگراممىدا يەنە : ئامېرىكا تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى «تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى قانۇنىي جەھەتتە ھازىرغىچە جۇڭگوغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو بۇ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ باقمىغان»، دەپ چۈشىنىدۇ، دېيىلگەن. ئىككى كۈندىن كېيىن، ۋاشىنگتون موسكۋا بىلەن چۇڭچىڭغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يالتا كېلىشىمى»دىكى بىرتەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىلگىرى، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن.
        ئىككى تەرەپ 7-ئىيۇل كەچ سائەت 11دە، 3-قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ستالىن گەپنى دەسلەپتىلا ئاساسىي تېمىدىن باشلاپ: «ئەگەر تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسى ھەل بولمىسا، جۇڭگو-سوۋېت شەرتنامىسى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىن ئەمەس»، دېگەن.
    سۇڭ زىۋېن «يالتا كېلىشىمى»دىكى «تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك»دېگەن سۆزگە ستالىننىڭكىدىن باشقىچە ئىزاھات بەرگەن ھەم: «جۇڭگو تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ»، دېگەن. سۇڭ زىۋېن ھەتتا ستالىنغا يېلىنىپ: «ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلا بولسا، ۋەيران بولماي قالمايدۇ»، دېگەن.
      ئەمما ستالىن ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ۋاقىراپ تۇرۇپ : «بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز. سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو خەلقىنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرىپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ بىكارغا ئەسكەر چىقارمايمىز، ھەق ئالىمىز!»، دېگەن.
       سۇڭ زىۋېن يەنىلا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى تېخى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقى ھەم ئۆزىنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، بۇنىڭغا ماقۇل بولمىغان.
  ستالىن ئۇنىڭدىن خاپا بولۇپ: «سەن ئىگە بولالمىساڭ، ئۇنداقتا نېمىشقا كەلدىڭ؟»، دېگەن.
      ستالىننىڭ يولسىزلىقىنى كۆرگەن سۇڭ زىۋېن ئامالسىزلىقتىن سىناپ بېقىش تەلەپپۇزدا: «ۋەكىللەر ئۆمىكىمىزنىڭ پىكرى-تاشقى موڭغۇلىيەدە يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ....»، دېگەن.
   ستالىن دەرھال سۇڭ زىۋېننىڭ سۆزىنى ئۈزۈۋېتىپ: «يۈكسەك ئاپتونومىيە دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغان.
       سۇڭ زىۋېن ستالىنغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن چۈشەنچە بېرىپ: «ھەربىي، ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ھوقۇقى تاشقى موڭغۇلىيەگە تەۋە بولىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىشكە بولىدۇ»، دېگەن.
    ستالىننىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى تاشقى موڭغۇلىيەدە يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش بولمىغاچقا، ئارقىدىنلا ئۇ تۆت كېلىشىم لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار: 1. شەرقىي شىمال تۆمۈريولى ۋە جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولى كېلىشىمى؛ 2. لۈشۈن ۋە داليەن كېلىشىمى؛ 3. «جۇڭگو-سوۋېت تىنچ دوستلۇق كېلىشىمى»؛ 4. تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى باياناتتىن ئىبارەت.
      سۇڭ زىۋېن بۇ لايىھەلەرنى كۆرگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىشقا پېتىنالماي، ئۇلارنى نەق مەيداندىلا مولوتوۋغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ئويلىمىغان يەردىن، مولوتوۋنىڭ تەلەپپۇزىمۇ  قاتتىق بولۇپ، چىرايىنىمۇ ئاچماي سۇڭ زىۋېنگە: «ئەڭ ياخشىسى، سەن ئۇلارنى قوبۇل قىل»دېگەن. سۇڭ زىۋېننىڭ شۇ كۈنى كەچتىكى پوزىتسىيەسىنى كۆرگەن ستالىن يەنە تىركىشىپ تۇرۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، سۆھبەت ئاخىرلىشىدىغان چاغدا يەنە تەھدىت سېلىپ: «ئۇنداق بولسا، سۆھبەتلەشكەننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن!»، دېگەن.
       ئەتىسى، جياڭ جىڭگو ئاتىسىنىڭ «بىرەسمىي ۋەكىلى» سۈپىتىدە ستالىن بىلەن سۆزلەشكەن. جياڭ جىڭگو ئەينى ۋاقىتتا «ئۈچ مەسلەك ياشلار ئىتتىپاقى»كادىرلار مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇش ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇۋاتقاندا،  جياڭ جىڭگو يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىلىق قىز بىلەن توي قىلغان بولۇپ، بۇ قىز كېيىن ئىسمىنى جياڭ فاڭلياڭغا ئۆزگەرتكەن. ستالىن ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، يەنە جياڭ جىڭگونىڭ ئوغلى جياڭ شياۋۋېنگە رۇسىيەدە ياسالغان مىلتىقتىن بىرنى سوۋغا قىلغان.
        مۇشۇنداق يېقىن مۇناسىۋىتى بولغاچقا، جياڭ جىڭگو «ستالىن يۈزۈمنى قىلىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ستالىن دەرۋەقە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان، جياڭ جىڭگو ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەرگەن.
     بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، جياڭ جىڭگو تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ستالىنغا: « سىز جۇڭگونىڭ يەتتە يىل ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىكى مەقسىتى قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ھازىر ياپونىيەلىكلەرنى تېخى قوغلاپ چىقىرىپ بولمىدۇق، شەرقىي شىمال ۋە تەيۋەننى تېخى قايتۇرۇۋالمىدۇق، نۇرغۇن زېمىنىمىز تېخى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولىدا، ئەگەر شۇنچە چوڭ زېمىننى كېسىپ بەرسەك، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتىگە خىلاپ بولمامدۇ؟»، دېگەن.
    جياڭ جىڭگونىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ستالىن بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان بولۇپ، چىرايىدىن بىر خىل چۈشىنىكسىز كۈلكە چىقىپ تۇراتتى. جياڭ جىڭگو بىئارام بولۇپ، «ستالىن مېنى مازاق قىلىۋاتىدۇ»، دەپ ئويلاپ قالغان.
    ستالىن يەنىلا نىجادكاردەك تەلەپپۇزدا: «شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، ھازىر بىز سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا موھتاج ئەمەس، بەلكى سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج»، دېگەن.
    سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەقسەتتە تاشقى موڭغۇلىيەنى مۇستەقىل قىلىشنى ئويلاشقان. شۇڭا ستالىن مەقسىتىنى قىلچە يوشۇرمايلا: «ناۋادا مەلۇم ئارمىيە تاشقى موڭغۇلىيەدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، سىبېرىيە تۆمۈر يولىنى ئوتتۇرىدىن ئۈزۈۋەتسە، سوۋېت ئىتتىپاقى تۈگىشىدۇ»، دېگەن.
      جياڭ جىڭگو ستالىننىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەي «ياپونىيە تۈگىشەي دەپ قالدى، ئۇنىڭ ئەمدى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغۇدەك مادارى يوق. ستالىننىڭ دەۋاتقىنى جۇڭگو ئەمەستۇ؟» دەپ ئويلاپ، بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتكەن. شۇڭا جياڭ جىڭگو: « قايسى دۆلەتنىڭ ئارمىيەسىنى دەۋاتىسىز؟» دەپ سورىغاندا، ستالىن: «جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن باشقا دۆلەت يوقمۇ؟»دېگەن.
  جياڭ جىڭگو « ئامېرىكىنى دەۋاتامسىز؟» دەپ سورىغاندا، ستالىن بېشىنى لىڭشىتىپ قويغان.
        جياڭ جىڭگو شۇنىڭدىن كېيىن يەنە پېتېروۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەن. چۇڭچىڭدىكى باش ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پېتېروۋ جياڭ جيېشىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ: «تاشقى موڭغۇلىيە ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل دۆلەت ، جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان باياناتنى قوبۇل قىلىشى پەقەت ئەمەلگە ئېشىپ بولغان رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»، دېگەن.
      جياڭ جىڭگو پېتېروۋنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇھسىنىپ تۇرۇپ: «تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسى بولمىغان بولسا، ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىش ئاسان بولاتتى»، دېگەن.
     پېتېروۋ جياڭ جىڭگوغا قاراپ قويۇپ: «ئەگەر جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس»، دەپ ئەسكەرتكەن.
     جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا، سۇڭ زىۋېن ئولتۇرالماي قالغان. سۆھبەت تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن توختاپ قالدى، ستالىندا يول قويىدىغاندەك ئالامەت يوق ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، سۇڭ زىۋېن ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باش ئەلچىسى خاررىمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى سورىغان.
     ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىلگىرى پىكىر نامايان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ۋاشىنگتون يەنە ئامېرىكىنىڭ موسكۋادىكى مۇزاكىرىدە «يالتا كېلىشىمى»دىكى ھەرقانداق بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرگۈچى بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. قارىغاندا، سۇڭ زىۋېننىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ يوققا چىققاندەك تۇراتتى.
        سۇڭ زىۋېننىڭ ھېچقانداق ئامالى قالمىغان پەيتتە، جياڭ جيېشىنىڭ تېلېگراممىسى موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن.
    ئىككى تەرەپ 9-ئىيۇل 4-قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ستالىننىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولغاچقا، شۇنداقلا ئامېرىكا بۇ ئىشقا ئارىلىشىشنى خالىمىغاچقا، جياڭ جيېشى يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان. جياڭ جيېشى مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئۇزاق مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، يۇقىرىقى تېلېگراممىنى ئەۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ، تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىدە بۆسۈش بولغان.
    سۇڭ زىۋېن سۆھبەتتە جياڭ جيېشىنىڭ تېلېگراممىسىنى ئېلان قىلغان. تېلېگراممىدا: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىر سەمىمىي بولۇش ۋە ئەڭ چوڭ قۇربانلىق بېرىش بەدىلىگە، <جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتى>نى تۈپتىن ھەل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ماجىرالار ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق، شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ مەسىلىدە جۇڭگوغا تولۇق ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە كونكرېت جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېيىلگەن.
      جياڭ جيېشى: بىرىنچى، شەرقىي شىمالنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو لۈشۈن پورتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىدۇ، داليەن پورتى ئەركىن پورت بولىدۇ، بۇنىڭ مۇددىتى 20 يىل بولىدۇ. لېكىن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىنىڭ ھەقىقىي پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لۈشۈننى باشقۇرۇش ھوقۇقى جۇڭگوغا تەۋە بولىدۇ. شەرقىي شىمال تۆمۈريولىنىڭ جەنۇبىي غول لىنىيەسىنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئورتاق باشقۇرۇپ، پايدىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ. تۆمۈر يولنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگوغا تەۋە بولىدۇ. تۆمۈر يول تارماق لىنىيەسى ۋە تۆمۈر يول سىرتىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇنىڭ مۇددىتى 20 يىل بولىدۇ. ئىككىنچى، ئالتاي تاغ تىزمىسى ئەسلىدىلا شىنجاڭغا تەۋە بولۇپ، يەنىلا شىنجاڭنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، ج ك پ نىڭ ئۆز ئالدىغا ھەربىي ۋە مەمۇرىي تەشكىلاتلىرى بولۇپ، ھەربىي ۋە سىياسىي پەرمانلار تېخى تولۇق بىرلىككە كەلگىنى يوق. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەقەت مەركىزىي ھۆكۈمەتكىلا مەنىۋى ۋە ماددىي ياردەم بېرىشىنى چوڭقۇر ئۈمىد قىلىمىز. سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغا بېرىدىغان بارلىق ياردەملەر مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك، دېگەن.
    تېلېگراممىدا يەنە: تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسى جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ تۈگۈنى. جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلغان، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى يۇقىرىقى ھەرقايسى تۈرلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلىدۇ، دېيىلگەن. كەلگۈسىدە ماجىرا يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جياڭ جيېشى بىر ئامال ئويلاپ، تېلېگرامما ئارقىلىق سۇڭ زىۋېنگە ئاۋاز بېرىش شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئاۋاز بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن.
     جياڭ جيېشى تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىدە زور يول قويغاچقا، ستالىنمۇ باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە بەزى ۋەدىلەرنى بېرىشكە ماقۇل بولغان. 
مەنبە: تورداشلار كۇلوبى
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 929
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 1123 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 145
ياخشى باھا: 1073
توردا: 154(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-05-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 22:17

قانخور ئىستالىننىڭ جىنايىتى ھەددى-ھېساپسىز...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 09:46

ستالىننىڭ نەيرەڭلىرى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەس! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارىخ سىرلىرى ھامان ئېچىلغۇسى...