ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 218 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مەسەللەر ( ي. ئىبراھىم )
دوستلىشىش
ياسىن0909
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 343
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
تۆھپىسى: 10
پۇلى: 42 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 20
ياخشى باھا: 42
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-05-04
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 11:17

مەسەللەر ( ي. ئىبراھىم )


      مەسەللەر
 
ياسىنجان ئىبراھىم

    چاشقانلارنىڭ مەجلىسى
(ئۇيغۇر خەلىق تەمسىلىگە تەقلىد)
جەم بولۇشتى چاشقانلار بىر كۈن،
تۆكۈشتى دەرت،ئەرزۇ-پىغاننى.
مۈشۈككە جەڭ ئېلان قىلىشتى،
تۈزمەك بولدى ئەپچىل پىلاننى.
دىدى شۇندا بىر ساددا چاشقان:
« مېنىڭ ئېسىل پىلانىم مۇنداق.
ئۇخلىغاندا مۈشۈك بوينىغا،
ئېسىپ قويساق دەيمەن قوڭغىراق.
قوڭغىراق گەر تۇرسا جىرىڭلاپ،
ياتمايمىزمۇ ئۇگىدا كۈتۈپ.
بېسىققاندا ئاۋازى ئۇنىڭ،
ئوۋ باشلايلى ھەرياندا يۈرۈپ...»
ئاڭلاپ بۇنى چاشقانلار توپى،
ۋارقىراشتى شۇئان تەخىرسىز:
« ئاقىلانە تەدبىر بولدى بۇ،
ياشا ئاقىل قايىل ھەممىمىز»
دىدى شۇئان بىر قېرى چاشقان:
مەن سۆز قىلاي بولساڭلارچۇ جىم.
پۈتتى تەدبىر مۈشۈك بوينىغا،
قوڭغىراقنى ئاسار ئەمدى كىم...»
سۇ قۇيغاندەك قايناق قازانغا،
كەتتى شۇئان ھەممىسى جىمىپ.
يۇمدى كۆزنى ساددا چاشقانمۇ،
سورۇننى سۈر-ۋەھىمە بېسىپ...
   ھەسەن-ھۈسەن بىلەن بۇلۇت
يېغىپ-يېغىپ توختىدى يامغۇر،
جىلۋە قىلدى قۇياش نۇرىمۇ.
بولدى پەيدا نۇر جىلۋىسىدىن،
ھەسەن-ھۈسەن ئەگىم يولىمۇ.
كۆرەڭلىدى رەڭدارلىقىدىن،
ھۆسنىنى ھەم بۇلۇتقا ماختاپ:
«گۈزەللىكنىڭ بابىدا قېنى،
كىم ئالدىمغا ئۆتىدۇ تاقلاپ...»
دىدى ئاڭا تۈرۈلۈپ بۇلۇت:
«ئارتۇقچىلا  يۈرمە كېرىلىپ.
سەن مەۋجۇتمۇ مەن سۇنى ئىچىپ،
بەرمىسەم كۆپ رەڭ ھاسىل قىلىپ.
پەقەت ئەكس ئېتىسەن مەندە،
مېنىڭسىز رەڭ تۈزۈپ باق قېنى.
ماڭا مەنسۈپ گۈزەللىك ئەسلا،
گۈزەللىكنىڭ تاجى بىل مېنى.»
نۇرلىرىنى يىغىپ ئەشۇ چاغ،
قىلدى قۇياش ئۆزىنى پىنھان.
بۇلۇتمۇ رەڭ تۈزۈپ بېرەلمەي،
ھەسەن-ھۈسەن يوقالدى شۇئان.
    بال ھەرە بىلەن سۇلياۋ گۈل
بال ھەرىگە دىدى سۇلياۋ گۈل،
«گۈلدىن گۈلگە قونۇپ يۈرىسەن.
مەنمۇ گۈلغۇ قونمايسەن ئەجەپ،
نىچۈن مېنى ياتلا كۆرىسەن...»
بال ھەرىسى دىدى: « قونمىشىم،
گۈل-چىچەكتىن شىرنە ئىزدىمەك.
تىنىم تاپماي يىغقان شىرنىدىن،
تاتلىق قىلىپ ھەسەل ئىشلىمەك.
گۈل سىياقىڭ بولسىمۇ گۈزەل،
ماڭا كېرەك شىرنە يوق سەندە.
شىرنىسى مول گۈل-چىچەكلەرنىڭ،
ئىشقى يانار پەقەتلا مەندە...»
   ئورغاق بىلەن بىلەي
دىدى ئورغاق بىلەيگە رەنجىپ:
«ۋاي،نىمانچە قوپال نىمىسەن.
سۈركەپ يىرىك تېنىڭنى ماڭا،
نىمانچىلا ئازار قىلىسەن »
دىدى بىلەي ئورغاققا شۇئان:
«ئويلىمىغىن رەقىپ دەپ مېنى.
ئۆزۈم خوراپ بىلەپ تۇرمىسام،
دات باسمامدۇ تۆت كۈندە سېنى...»
   ئۆچۈرگۈچ بىلەن دەپتەر
ئۆچۈرگۈچكە كايىدى دەپتەر:
«مېھىر-شەپقەت يوقكەن سېنىڭدە.
ئارام بەرمەي كەلدىڭ دائىما،
ئۆچمەنلىكىڭ بارمۇ مېنىڭدە.
يارا قىلماق قەستىڭمۇ سېنىڭ،
شۇنچە سىلىق يۈزۈمنى تاتلاپ.
قىلمىشىڭنى توختاتقىن ئەمدى،
قىلغان ياخشى سۆزۈمنى ئاڭلاپ.»
دەپتەرگىمۇ دىدى ئۆچۈرگۈچ:
«دوق قىلمىغىن ئارتۇقچە قاخشاپ.
مەنمۇ خاتا خەتلەرنى سەندىن،
ئۆچۈرۈپلا تۈگەيمەن ئۇپراپ...»
 
  سۇڭگۇلغاچنىڭ خىيالى
ئەجەپ غەمسىز مەندىن باشقىلار،
كېچىلەرنى ئۇخلاپ ئۆتكىزەر.
گەر بلمىسام ئۇلارغا ئاسمان،
كېچە چوقۇم خەۋىپ يەتكۈزەر.
شۇڭا ھەر كەچ ياتىمەن ئوڭدا،
پۇتلىرىمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ.
تەييارمەنكى يۆلىۋالماققا،
چۈشۈپ كەتسە ئاسمان ئۆرۈلۈپ.
ئاسماننى مەن يۆلىۋالمىسام،
مىجىلىپلا تۈگىشەر ھەممە.
شەپقىتىمنى ئۇلۇق تۆھپەمنى،
بەلكى ئوبدان بىلىشەر ھەممە.
         **     **
سۇڭگۇلغاچتەك ياتايلى ئوڭدا،
خامخىيالنى تۆھپە سانىساق.
ئەپسانىگە يۈرمەيلى پېتىپ،
ئۆزىمىزنى ئادەم ئاتىساق.
 
      قۇرۇت
ھەيران بولماڭ،
تىمىسقىلاپ يۈرگەن قۇرۇتقا،
نىمانچىلا يۇمشاق جانىۋار دەپ.
ئۇ شۇنداق
شۇنچە يۇمشاق بولغىنى بىلەن،
پولاتتەك چىڭ قارىغاينىمۇ،
چىقىرار كاردىن ئاستا تىشىپ-يەپ...
   شامال ۋە ھەرە
قوراينى شامال،
ئىغاڭلاتتى ئۇياق-بۇياققا.
قورايدىكى ھۆكىنەكتىن،
ئۇچۇپ چىقتى ھەرىلەر شۇئان،
ئوتلاپ يۈرگەن قوزىغا،
جەھلى بىلەن سانچىشتى نەشتەر،
شامال بولسا كېزەر بىمالال،
قوزا تىپىرلار
چىدىيالماي ئاچچىق ئازاپقا...
   قۇم ۋە قىيا تاش
كۆرەڭلىدى ھۇشقىتىپ شامال،
چېچىپ قۇمنى ھەريان ئۇچۇرۇپ.
چۈشۈپ كەتتى دېمى ئىچىگە،
قىيا تاشقا كېلىپ سوقۇلۇپ.
قۇم چېچىلدى يوقالدى بارخان،
قىيا تاش مەزمۇت تۇرار چوخچۇيۇپ.
   شامال ۋە قامغاق
تۇرار پەرۋا قىلماي شامالغا،
يىلتىزىنى قۇچاقلاپ يانتاق.
ئۇچۇردى دەپ خۇدىنى بىلمەي،
ئۇچار شامالدىن سۆيۈنۈپ قامغاق.
ئۇچۇشتىلا بولغاچ خىيالى،
بىلەمدىكىن چۈشۈشنى قانداق.
    
    تۈلكە بىلەن مايمۇن
تۈلكىجان «دوستۇم» دەپ مايمۇننى باشلاپ،
غىپپىدە كىرىشتى ئالمىلىق باغقا.
قالمىغاچ كۆپ ئالما مارىشىپ ھەر يان،
قارىدى چەكچىيىپ ھەممىلا شاخقا.
تۈلكىجان بوي سوزۇپ بەكلا ئىگىزدە،
قىزىرىپ پىشقان بىر ئالمىنى كۆردى.
قىزاردى كۆزلىرى ئاقتى شۆلگىيى،
يىمەككە تاقىلداپ نەپسىمۇ ھۈردى.
«كەلگىنە جان دوست» دەپ مايمۇننى سۆيۈپ،
كۆرسەتتى ئالمىنى «ئالايلى» دىدى.
«ھە،قېنى بول تېزراق،ياماشقىن ئالغىن،
بۆلۈشۈپ يەپ ئالما قانايلى» دىدى.
كۆرۈپ بەك ئىگىزدە ئالمىنى مايمۇن،
«ھەي،دوستۇم ئالغىنى بولارمۇ» دىدى.
«ئىنچىكە شاختىكەن ئېسىلغىنىمدا،
كۆتۈرۈپ تۇرالماي سۇنارمۇ» دىدى.
«نە قورقۈش چاققانسەن ھەركىتىڭ چاقماق،
شاخ سۇنۇپ كەتكىچە بولمامسەن ئېلىپ.
سۇنسا شاخ مۇبادا چۈشسەڭ يىقىلىپ،
تەييارمەن قۇتقۇزۇپ قالماققا كېلىپ...»
تۈلكىجان كۆندۈرۈپ يۇمشاق سۆز بىلەن،
چىقاردى مايمۇننى ئالما ئۇچىغا.
«قارس» قىلىپ سۇندى شاخ چۈشتى موللاقلاپ،
تۇتقاندا ئالمىنى مايمۇن قولىغا.
يەر قاتتىق، زەخمىدىن بىچارە مايمۇن،
تۇنجۇقتى شۇ ھامان كەتتى ھۇشىدىن.
قۇۋ تۈلكە ئالدىيۇ چۈشكەن ئالمىنى،
يەنە بىر «دوست» ئىزدەپ كەتتى يېنىدىن.
     دورامچۇق خوراز
سەيلى قىلىپ كۆل تامان،
كەلگىنىدە چار خوراز.
يۈرەر ئىدى سۇ ئۈزۈپ،
ئۇندا كۆپلەپ ئۆردەك،غاز.
كۆردى خوراز ئۇلارنىڭ،
ئۈزگىنىنى چۆكمەستىن.
ھەتتا چۆكۈپ كەتسىمۇ،
چىققىنىنى ئۆلمەستىن.
شۇندا ئويلاپ ئۆزىنى،
سېلىشتۇردى ئۇلارغا.
«ھېچ پەرقىمىز يوققۇ» دەپ،
چۆكتى مۇنداق خىيالغا:
«ئوخشايدۇ بوي-بەستىمىز،
ئۇچالمايدۇ ئۇلارمۇ.
ئۆزۈم چاققان جېنىم بار،
ماڭا تالىق سۇلارمۇ.
«ئۇلاردىكى پۇت قانات،
بارغۇ ئوخشاش مەندىمۇ.
ئۈزەلمەيمەن نىمىشقا،
مەن ئۇلاردەك كۆلدىمۇ...»
«غاق-غاق» قىلغان ئاۋازدىن،
يىغدى خوراز ئېسىنى.
ئويناش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈپ،
كۆلگە ئاتتى ئۆزىنى.
ئۈزگەنسىرى خورازجان،
ئېغىرلىشىپ كەتتى بەك.
بىر جايىدا پالاقلاپ،
قاقىلدىدى ئۆلگىدەك.
سۇ ئۈزەلمەي ئاقىۋەت،
كۆلگە چۆكۈپ كەتتى ئۇ.
شۇ چۆككەنچە چىقمىدى،
بەلكىم ئۆلۈپ كەتتى ئۇ.
   **      **
دەڭسەلمىسە ۋەزنىڭىز،
چار خورازنى دورايسىز.
رىقابەتلىك دۇنيادا،
سىز نىمىنى ئويلايسىز.
  خورازنىڭ «تۆھپىسى»
ئاتتى تاڭ ئۇپۇقمۇ سۈزۈلدى ئاستا،
ئويغاندى خورازجان كۆزىنى ئاچتى.
قانداقتۇر ئالغاندەك بىر ئىشنى ئەسكە،
چىللىماي ئاجايىپ خىيالغا پاتتى.
«تاڭلارنى مەن چىللاپ ئاتقۇزماقتىمەن،
يوق ئەسلا جاھاندا بۇنداق ئۇلۇق ئىش.
ئىشىمنى ھەر تاڭدا توختاتقىنىم يوق،
مەيلى ياز ۋە مەيلى بولسۇن سوغۇق قىش.
گەر ياتسام چىللىماي ئاتمىسا تاڭلار،
بارچە جان ئويغانماي ياتار غەپلەتتە.
بولسۇن نە ئامالى تىرىكچىلىككە،
بىر يولى تۈگىشەر چوقۇم،ئەلۋەتتە.
ئۇخلايچۇ ھە،بۈگۈن چىللىماي قېنى،
ھەممىسى تۆھپەمنى قويسۇن بىر كۆرۈپ...»
قايتىدىن ئۇيقىنى باشلىدى خوراز،
شىرىن خىيالىنى ئەشۇنداق ئۈزۈپ.
ئويغاندى ئۇيقىدىن كېرىلىپ بىر چاغ،
قارىدى چەكچىيىپ كاتەكتىن سىرتقا.
پارلاپتۇ قۇياشمۇ تاڭ ئېتىپ نىكەم،
ئويغانغان ئىنسانلار چۈشۈپتۇ ئىشقا.
دەپتۇ ئۆز-ئۆزىگە خورازجان شۇ چاغ:
«چىللىغىنىم تاڭدىن خەۋەر ئىكەنغۇ.
ۋادەرىخ،چاغلىقكەن تۆھپەممۇ مېنىڭ،
چىللىمىساممۇ تاڭ ئاتىدىكەنغۇ...»
         ئىككى خىل چىراق
شىكايەت قىپتۇدەك كىرسىن چىرىقى،
توك چىرىقى ئۈستىدىن،
قەدرىمنى يەرگە ئۇرىۋەتتى دەپ.
ئۆزىنى
نۇر-زىياسىنى،
سېلىشتۇرۇپ كۆرمەپتۇ ئەجەپ...
   ئىككى خىل تەقدىر
 
كەچكۈز پەسلى تەشتەكتىكى گۈل،
دەرىزىدى ھويلىغا قاراپ.
كۆرۈپ سولغۇن گۈللەرنى دەپتۇ:
« ۋاي،نىمانچە ھالىڭلار خاراپ.
كۆردۈڭلارمۇ مېنى قاراڭلار،
بەرىق ئۇرۇپ تۇرىمەن ياشناپ.
ئېغىر تىنىپ دەپتۇ سولغۇن گۈل:
« ئارتۇق سۆزلەپ قىلمىغىن زەردە.
يەتمىدىڭمۇ ئويلاپ ھاماقەت،
سەن قەيەردە ھەي،مەن قەيەردە.
چۈشىنەتتىڭ جۇدۇن زەربىنى،
تېتىپ كۆرگەن بولساڭ ئەگەردە...»
مەنبە: خاتىرەم
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-30, 13:58
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
تۆھپىسى: 23
پۇلى: 294 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 46
ياخشى باھا: 294
توردا: 60(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-05-13
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 12:33

بەك ئىسىل مەسەللەركەن . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 13:24

ئەھمىيەتلىك مەسەللەركەن داۋاملىق ئالغا!
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 13:14

قاچانلاردا دۇكان ئايرىپ مەسەلگە،
ئۇچراپ قالدىڭ<< ئىشتىھالىق كېسەل>>گە.
نىشانسىز ئوق ئاتقىنىڭنى كۆرمىدىم.
مېنى سالما <<كەلسە -كەلمەس>>غەزەلگە....
دوستلىشىش
ياسىن0909
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 343
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
تۆھپىسى: 10
پۇلى: 42 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 20
ياخشى باھا: 42
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-05-04
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 16:27

ئىچىپ تۇرۇڭ دەملەپ ناۋات چاينىمۇ،
كۆنىۋالماي شىپالىق دەپ ھەسەلگە.
رەنجىمەيدۇ كۈتۈپ بىزنى غەزەليات،
بەرسەك گاھى ئىشقىمىزنى مەسەلگە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 17:00

بەرسەك سىزدەك ئىشقىمىزنى مەسەلگە،
ئىجات كۆكى يورىسا  نۇر  مەشئەلدە.
رەنجىمەيدۇ  غەزەل تۇرماق مۇخەممەس،
نىيەت  ئورتاق بولسا بىزدە ئەزەلدە .
دوستلىشىش
تامچە0909
tamqa0909-20-650521
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 42 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 42
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-27
ئاخىرقى: 2012-05-11
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 17:45

نىيەت  ئورتاق بولسا بىزدە ئەزەلدىن،
نۇسرەت قۇچۇپ، كىلەرمىز ھەر سەپەردە.
يازغىنىمىز ئەل ئاۋامغا ياقسا خوپ،
شات كۈلۈمىز بىرگە باسقان قەدەمدە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 18:11

شات كۈلىمىز بىرگە باسقان قەدەمدە،
ئالدانمىساق يالغان  ۋەدە  قەسەمگە.
ھەمرا ئەمەس يېرىم يولدا قوشۇلغان،
ئايرىيالماس دوستنى دۇشمەن پەسەندە.
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
تۆھپىسى: 83
پۇلى: 339 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 169
ياخشى باھا: 339
توردا: 77(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-05-11
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 18:21

«ياسىن مەسەل »دىگەن تاتلىق نام،
قايتا بىر رەت كەچتى يادىمدىن.
يازە دوستۇم دىللار يايرىسۇن،
دۇر-گۆھەردەك يازمىللىرىڭدىن.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 19:53

دۇر گۆھەردەك يازمىلىرىڭدىن ،
كۆزلا  ئەمەس  كۆڭۈل يورۇسۇن .
<<ياسىن غەزەل>> دىگەن نامىڭدىن،
ئەلنىڭ كۆڭلى مەڭگۈ  يايرىسۇن .