ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3214 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دادىسىز ئۆتكەن كۈنلەر (مۇكاپاتلىق ئەسەر)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 512
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
تۆھپىسى: 11
پۇلى: 23 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 18
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-05-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 13:21

دادىسىز ئۆتكەن كۈنلەر (مۇكاپاتلىق ئەسەر)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار دىن باھالانغان ئەسەرلەر غا يۆتكەلدى(2011-08-25)
                  دادىسىز ئۆتكەن كۈنلەر

مەن ئەقلىمگە يەتكەندە دادىسىز كۈنلەرنىڭ راستىنلا قۇرۇق،مەنىسىز،ئەھمىيەتسىز بولىدىغانلىقىنى ھەققىى تۇنۇپ يەتتىم.چۈنكى مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ كۈيۈمچان،ئەڭ قەدىرلىك بىر قانىتىمدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم.

مېنىڭ دادام 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى.مەن شۇ چاغدا ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن ئىدىم،شۇ چاغلاردا گۈدەك بولغاچقا خۇشال-خۇرام ئويناپ يۈرۈپتىكەنمەن.مانا ئەمدى ئەقىل كىرىپ بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتتىم.

   ئانامنىڭ ئېيتىشىچە:دادامنىڭ بۇيى ئىگىز،بۇغداي ئۆڭ،بىر جۇپ قاپقارا كۆزلىرىدىن مىھرىبانلىق،كۈيۈمچانلىق چىقىپ تۇرىدىغان،باشقىلارغا ھەر دائىم ياردەم قۇلىنى سۇنۇشنى خالايدىغان بىر ھالال ئىنسان ئىكەنلىگىنى بىلدىم.مەن ھەر كۈنى ساۋاغداشلىرىمنىڭ ئۆز دادىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىشقانلىغىنى ئاڭلىغىنىمدا،يۈرۈگۈمگە پىچاق سانجىلغاندەك بۇلۇپ كېتىمەن.مەھەللىدە بولسا بالىلارنىڭ دادىلىرىغا ئەركىلەپ،"دادا" دەپ توۋلاشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا مېنىڭمۇ دادامغا ئەركىلەپ <دادا>دەپ توۋلىغىم كېلەتتى.

گەرچە بۇ مېنىڭ خىيالىم بولسىمۇ،مۇشۇ خىياللىرىم ئارقىلىق دادامنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدەيتىم ۋەمدە خۇشاللىق ئىزدەتتىم.

مەكتەپتە ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىلسا،باشقا كۆپ ساندىكى ساۋاغداشلىرىم دادىلىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرسە ئىختىيارىسىز ھالدا كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ <مېنىڭمۇ دادام بولغان بولسا مۇشۇلاردەك دادامنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتقان ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەن بۇلاتتىم>دەپ ئويلايتىم.مانا مۇشۇنداق قىلىپ مېنىڭ دادامغا بولغان سېغىنىشىم كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ باراتتى.شۇنداقلا دادامنىڭ ھەر كۈنى چۈشۈمگە كىرىشىنى،چۈشۈمدە بولسىمۇ سىماسىنى بىر كۈرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم،لېكىن بۇ مېنىڭ قۇرۇق خىيالىم خالاس. شۇنداق بولسىمۇ مەن دادامنىڭ سۈرىتىنى دائىم يېنىمدىن ئايرىمايمەن،ھەر دائىم ئاشۇ سۈرەتكە قاراپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىمەن،دادامنى قانچىلىك سېغىنغانلىغىمنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.

ھەي ! دادىسىز ئۆتكەن كۈن نىمە دىگەن مەنىسىز،قۇرۇق،ئەھمىيىتسىز كۈنلەر-ھە!بىر ئۆي ئۆزىنىڭ تۈرۈگىدىن ئايرىلسا قانداق بۇلۇپ قالىدۇ؟خۇددى قۇش قانىتىدىن ئايرىلغانغا ئوخشاش مەنمۇ دادامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدىم.

مەن دائىم <مېنىڭ ساۋاغداشلىرىم نىمە دىگەن بەختلىك،نىمە دىگەن خۇشال-خۇرام ،ئۇلار ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ دادىسىنى كۆرەلەيدۇ.مەن نىمىشقا ئاشۇنداق بەختلىك ئەمەستىمەن،مېنىڭ نىمە گۇناھىم بولغىتى؟>دەپ ئويلاپ كېتىمەن.ساۋاغداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەر يىلى <ئاتىلار بايرىمى>كېلىشتىن بۇرۇن ئاتىلىرىغا نىمە ئېلىشنى ئويلىشىپ باشلىرى قېتىپ كېتىدۇ،ئەمما مەنچۇ؟مەن ئاتىلار بايرىمى بولمىسىكەن دەپ تىلەيمەن. كۆپ ھاللاردا ئائىلىدە ئاپام ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ چارچاپ كەتكىنىنى كۆرگىنىمدە يۈرۈگۈم پىچاق بىلەن تىلغاندەك بۇلۇپ كېتىپ بارلىق  ئارزۇ-ئارمان،ھەسرەت-نادامەتلىرىمنى، دادامغا بولغان سېغىنىشىمنى قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلەشكە كىرىشتىم.

                       ئاتا ھەر كۈنى نالە قىلىپ يۈردۈم،

                       ئاتىسىز كۈنلەرنى باشتىن كەچۈدۈم.

                       ئاتا سەن كېتىپسەن شۇنداق بىر چاغدا،

                       ئاتا دەپ ھەر كۈنىقايغۇرۇپ يۈردۈم.

ئاتام سەن كۆزنۇرۇم قانىتىم ئىدىڭ،

قوينىڭدا پەپىلەپ ئەركىلىتەر ئىدىڭ.

كەلمەسكە كەتتىڭسەن بىر ئۆمۈر ئەمدى،

مەڭگۈگە ۋىدالاشتىڭ بۇ دۇنيا بىلەن.

                      ئاتا دەپ ئەركىلەپ بەرسە بالىلار،

                      كاللامغا كېلىدۇ ھەر خىل خىياللار.

                      ۋە لېكىن بولمىغاچ ئاتام يېنىمدا،

                      كۆزلەرگە كېلىدۇ ئازاپلىق ياشلار.

ھەي،دۇنيا!ساخاۋەتلىك دۇنيا،كارامىتىڭنى ئىشقا سال،بىر مۆجىزە كۆرسەت،مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ رىئاللىقنى چۈشۈم دەپ قالاي چۈش كۆرىپتىمەن دەپ قالاي،بۇ ئۆمرۈم چۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى،ھەي،دۇنيا! قوينۇڭ شۇنچە كەڭرى،ھەتتا قۇينىڭدا شۇنچە رەزىل ئادەملەرمۇ ياشايدىغۇ.ئاڭلىسام دادام بەكمۇ ئىسىل،جىگەرلىك خالىس ئىنسان ئىكەن...............................دانالىرىمىز <ياخشىغا كۈن يوق،يامانغا ئۆلۈم.>دەپتىكەن،بۇ زادى نىمىشقا شۇنداق؟نىمىشقا شۇنداق؟جاۋاپ بەر دۇنيا!سىرلىرىڭنى ئۈنلۈك سۆزلىيەلمىسەڭ قۇلىقىمغا بولسىمۇ شىۋىرلاپ سۆزلىگىن......................ھەي-دۇنيا !ئۇنۇتما دۇنيا،ئۇنۇتما!نامى چىقمىغان ھالال ئىنسانلىرىڭنى ئۇنۇتما !.شۇنداق، دادا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.بىز دادىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەككى:ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز،ئۇلارنى قەدىرلىشىمىز،دادا ئۈچۈن بارلىغىمىزنى بېغىشلاپ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىمىز،كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىمىز،ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىگىمىز كېرەك.

ئەمما كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا يەنە شۇنداق بالىلار باركى:ئۇلار ناھايىتى ئەركە،باش-باشتاق،ئۆزى مۇستەقىل ئىش كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا كۆپۈنچە ئىشلاردا دادىغا يۆلىنىۋالىدىغان،ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىمۇ قىلىشنى خالىمايدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە.ئۇلاردادىسىنىڭ كۈتكەن  يېرىدىن چىقالمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن جەمىيەتتىكى بارلىق بالىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى:<دادا ئۆينىڭ تۈۋرۈگى> دادا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.شۇڭا بىز دادىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز، قەدىرلىشىمىز،ئاسرىشىمىز،كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىمىز كېرەك. مەن ئىشىنىمەن سىلەر چۇقۇم شۇنداق قىلالايسىلەر!.

               

 

                      جىڭ ناھىيە ئاقچى دىھقانچىلىق مەيدان ئوتتۇرا مەكتەپ

                                    9-يىللىق 4-سىنىپ

                                               ماھىرە ئابلىكىم.
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:35قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 16:26

تېمىڭىزدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم!
ئۆرلە ۋەتەن!
bulbul
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 366
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 21 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 21
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 17:50

رەھمەت ماھىرە سىڭلىم ، قولىڭىزغا گۈل ئۈنسۇن     ھەرگىز بوشاشماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
تۆھپىسى: 155
پۇلى: 903 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 211
ياخشى باھا: 482
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-05-27
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 12:59

Re:56.  دادىسىز ئۆتكەن كۈنلەر (مۇكاپاتلىق ئەسەر)





بەك ياخشى يېزىپسىز ئۇكام ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ ياخشى نەتىجىلەر نى قولغا كەلتۈرۈپ ،ياراملىق ،ئەخلاقلىق بولۇپ گۈزەل كۈنلىرىڭىزنى بەرپا قىلغايسىز ..ئىلاھىم ،جان ئاتىلارنىڭ ياتقان يېرىنى ئابات قىلسۇن .
چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 282
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە282دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 1318 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 128
ياخشى باھا: 399
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2013-05-30
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 00:13

تېمىڭىز ئاساسەن دادىڭىزنى سىغىنغانلىقىڭىز ناھايىتى تەسىرلىك ئىپادىلىنىپتۇ ، سىزگە دەيدىغىنىم ئانىڭىزنى داۋاملىق ئاسىراڭ ،سۈيۈڭ  چۈنكى ئانىڭىزدا دادىڭىزنىڭ سىماسى بار.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 16:57

  -ئىچكى ھېسىيات راۋان ۋە جانلىق ئىپادىلەنگەن،تىراگىدىيىلىكى قۇيۇق...تېخىمۇ تىرىشىڭ!
دوستلىشىش
گۈلنىھال
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 704
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 4 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 4
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-21
ئاخىرقى: 2011-06-22
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-21 12:41

5-قەۋەت (شامال) نىڭ يازمىسىغا

ياخشى تېمىكەن .
گۈلنىھال