ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 842 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە نەزەر
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 14:45

جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە نەزەر

جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە نەزەر



ئاپتور: خەن يۈنچۈەن

(ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر )





مۇندەرىجە



1-جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى تارىخى

(1) دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە

(2) 1979-يىلدىن 89-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگىچە

(3)   1989-يىلدىن ھازىرغىچە

2- جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر

(1) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

(2) پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

(3) پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

(4) ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە

(5) ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە











1-جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى تارىخى



(1) دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە

كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەھرىمان بولىدىغان ھەق-ھوقۇقلىرى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇقتىن باراۋەر، ئوخشاش بەھرىمان بولۇشقا ئىنتىلىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەت ساقلىنىپ كەلدى، كەسكىن كۈرەشلەر بولدى.

جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان چاغلاردىلا باشلانغان. چاۋشيەن ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىنى جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى تۇنجى مەسىلە، دېيىش مۇمكىن.

چاۋشيەن ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغان جۇڭگو-چاۋشيەن ئەسكەرلىرى ئەسىرگە ئېلىنغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن كۆپ بولغانلىقتىن، ئەسىرلەرنى جۇڭگو ۋە چاۋشيەنگە قايتۇرۇپ بەرسە، ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارىغان ئامېرىكا ئەسىرلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلماي، ئەسىرلەرنىڭ ئىختىيارىغا قاراپ قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىقنى قارار قىلىش ياكى ئەسىرلەرنى بىتەرەپ دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىپ، شۇ دۆلەتلەر ئەسىرنىڭ ئىختىيارى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكىنىڭ ئەسىرلەرنى ئېزىقتۇرۇشى، گومىنداڭنىڭ تەھدىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگو پىدائى قىسىم ئەسكەرلىرىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسىردىن ئالتە مىڭدىن كۆپرەكى ۋەتەنگە قايتقان، 14مىڭدىن كۆپرەكى تەيۋەنگە كەتكەن.

ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ، ئامېرىكا سۈركىلىش پەيدا قىلغان. «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»دە ھەرقانداق پۇقرانىڭ بىر دۆلەتتىن، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىش ياكى ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، راكىتا، ئاتوم قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئامېرىكىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان جۇڭگولۇقلارنى  ئامېرىكىدىن كېتىشكە يول قويمىغان، ئەكسىچە، جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگودا قاماق جازاسى بېرىلگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان.

دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى بولغان شىزاڭ مەسىلىسىدىمۇ، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئارىلىشىپ، چاتاق تۇغدۇرغان. 1949-يىلى بىر ئامېرىكىلىق شىزاڭغا مۇخبىر سالاھىيىتىدە كېلىپ، ۋاشىنگتون شىزاڭغا ياردەم بەرمەكچى، دېگەندەك گەپلەرنى تارقاتقان، 1950-يىللىرى ئامېرىكا گېزىتلىرىدە ئامېرىكا شىزاڭنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلماقچى، دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالغان. شىزاڭ تېنچ ئازات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا شىزاڭدىكى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىگە مەدەت بەرگەن، دالاينى قوللىغان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ب د ت يىغىنىدا: جۇڭگو كومپارتىيىسى شىزاڭلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالدى، مۇستەملىكىچىلىك قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلغان. ئامېرىكا يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ب د ت دا قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگىمۇ توسالغۇ بولماقچى بولغان.

60-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىچە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگونى ئەيىپلەيدىغان ئىشلار بولمىغان، توقۇنۇشمۇ بولمىغان.



(2) 1979-يىلدىن 89-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگىچە

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى يەنە باشلانغان.

1979-يىلى 1-ئايدا دېڭ شياۋپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، كارتېر جۇڭگۇنىڭ كۆچمەنلەرگە ۋە ساياھەتچىلەرگە بولغان چەكلىمىنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ۋېي جىڭشىڭ(ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جازالانغان) ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتىدا بەزىلەر ۋېي جىڭشىڭغا ئۇۋال قىلدى دېيىشكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلغان.

1979-يىلى تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىنى ماقۇللىغان.

1980-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەيىپلەشنى باشلىغان.

1983-يىلى 4-ئايدا جۇڭگولۇق سېتكا توپ ماھىرى خۇناغا ئاتالمىش سىياسىي پاناھلىق بېرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

80-يىللاردا جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدىكى زىددىيىتى بارغانسىرى كەسكىنلەشكەن.

1984-يىلى ئامېرىكىنىڭ 18 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى جۇڭگو دۆلەت رەئىسىگە: جۇڭگۇ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئۈمىت قىلىمىز، دەپ خەت يازغان.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى جۇڭگونىڭ بىر تۈرلۈك دۆلەت سىياسىتى بولۇپ، ئامېرىكا 1986-يىلى 8-ئايدا بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

شىزاڭ مەسىلىسىدە، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، 1987-يىلى 6-ئايدا بىر قارار ماقۇللىغان، دالاينىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

1989-يىلى ئەتىياز-ياز ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي بوران-چاپقۇندا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: تيەنئەنمىندا قان دەريا بولۇپ ئاقتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭغا يېتىدۇ، دەپ گەپ تارقاتقان. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى  مالىمانچىلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن.



(3)   1989-يىلدىن ھازىرغىچە

1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن.

1989-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا جۇڭگۇغا قۇرال سېتىپ بېرىشنى توختىتىش، ھەربىي رەھبەرلەرنىڭ زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سودا تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق جۇڭگونى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەتىنىگە قايتسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ دەپ، جۇڭگو كۆچمەنلىرىگە كەڭچىلىك قىلىش قانۇنى ماقۇللاپ، چەتئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىككى يىل خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن. يەنە ئىقتىساد،  تېخنىكا جەھەتتە بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.

1989-يىلدىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەيىپلىنىپ كەلگەن. 89-يىلدىن كېيىن، تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتقان. ھەر يىللىق دوكلاتىدا جۇڭگونى مۇھىم ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلگەن.





2- جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر



جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقى، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.



(1) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

ئامېرىكا دەيدۇ:

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىدە: كىشىلەرنىڭ ئەركىن كۆچۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بار، كىشىلەر ھەرقانداق دۆلەتتىن، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىش، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ، جۇڭگۇنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت تۈزۈمى ماھىيەتتە شەخسنىڭ ئولتۇراق ئورنىنى چەكلەيدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان تۈزۈم. بەزى جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا يول قويماي، تۈرمىدە قېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ دۆلەت ئىچىدە سۈرگۈن قىلغانغا باراۋەر. بولۇپمۇ، سىياسىي سەۋەب بىلەن جازالانغانلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جىسمانىي ئەركىنلىكى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بەزىلىرى رېجىم ھالىتىدە تۇرىدۇ.

جۇڭگو دەيدۇ:

پۇقرالارنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە نوپۇس ئەھۋالىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، مەلۇم دەۋردە جۇڭگو پۇقرالارنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكىگە بەزى چەكلىمىلەرنى قويمىسا بولمايدۇ. جۇڭگودا يولغا قويۇلغان ئاھالىلەر سالاھىيەت تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەر سالاھىيەت تۈزۈمى پەيدىن-پەي ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، بەزى شەھەرلەردە شەھەر-يېزا پەرقى تۈگىتىلدى. ھازىر جۇڭگودا پۇقرالار دۆلەت ئىچىدە ھەرقانداق جايدىن ئۆي سېتىۋالسا، مەلۇم كەسپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى، ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى دەۋردە تۇرىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جىنايى جازا ئۆتەپ چىققانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلارنى كەمسىتمەيدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، قايتىپ كەتمەي قېلىشنى ئىختىيار قىلغانلارنى ئەسلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ شەخسىي سىرىغا چېقىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى دەخلىگە ئۇچرايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دائىم تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەر بىلەن پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرىدۇ، چەتئەللىكلەر، سودىگەر، مۇخبىر، دېپلومات، ساياھەتچى ۋە باشقىچە كۆز-قاراشتىكىلەرنىڭ تېلېفۇن، فاكس، ئىلىكتىرونلۇق ئالاقىلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا خەت-ئالاقىلەرنى ئېچىپ تەكشۈرىدۇ، پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەزى چەتئەللىكلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقىچە كۆز-قاراشتىكىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بەزى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى نازارەت قىلىدۇ، چەكلەيدۇ، باشقىچە كۆز-قاراشتىكىلەرنى چەتئەللىكلەر بىلەن، بولۇپمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سۆزلەشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ پروگراممىسىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسىنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ.

جۇڭگو دەيدۇ:

ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. قانۇندا پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. جۇڭگونىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇنسىز ئاختۇرغان ياكى باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش بەلگىلەنگەن. جۇڭگونىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايەت پاكىتى ۋە جىنايەتچىنى  قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ج خ ئورگىنى جاۋابكارنىڭ يېنىنى ياكى تۇرالغۇسىنى ئاقتۇرسا بولىدۇ، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بېجىرىدۇ. جۇڭگۇدا پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت-ئالاقە مەخپىيىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش يۈزىسىدىن ج خ ئورگىنى ياكى تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە خەت-ئالاقىلەرنى تەكشۈرگەندىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىگە ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا بولمايدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا: باشقىلارنىڭ خەت-چەكلىرىنى تىقىۋالغان، يىرتىۋەتكەن ياكى قانۇنسىز ئېچىۋەتكەن، پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بىر يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.



ئامېرىكا دەيدۇ:

پەرزەنت كۆرۈش مەسىلىسى شەخسنىڭ ئەركىنلىكى، ئائىلىنىڭ خۇسۇسىي ئىشى. پەرزەنت كۆرۈش-كۆرمەسلىكنى تاللاش ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسى ھوقۇقى، ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئائىلە ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ، شەخسنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلغانلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق. جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئىختىيار قىلىش پىرىنىسىپىنى قوللانماي، مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە رۇئايە قىلغانلارغا ئىقتىساد، داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىدۇ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالايدۇ، جەرىمانە قويىدۇ، كەسپىنى توختىتىدۇ، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، خىزمەتتىن ھەيدەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنى پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتۈرگەنلىك. جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرى ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، ھايۋانىي قىلىقلارنى قىلىدۇ، ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، تېخى تۇغۇلمىغان بىگۇناھ بالىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، تۇغۇتىنى مەجبۇرىي چەكلەيدۇ، بېسىم قىلىدۇ. ھامىلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى تەكشۈرۈپ، جىنسىغا قاراپ ھامىلىنى چۈشۈرۈش-چۈشۈرمەسلىكنى تاللايدۇ، قىز-ئوغۇللار نىسبىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق ئېغىر.

جۇڭگو دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە جۇڭگونى ئەيىپلەشتە قىلچە ئاساسى يوق. نوپۇس سىياسىتى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى مەسىلىسى، باشقا دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھەققى يوق. پەرزەنت كۆرۈش مەسىلىسى ھەم شەخسنىڭ ئىشى ھەم جەمئىيەتنىڭ ئىشى، مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنىلا تەكىتلەشكە بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇشى خەلقئارا جەمئىيەت بېكىتكەن روھ ۋە پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن. جۇڭگودا نوپۇس كۆپ، يەر ئاز، جۇڭگونىڭ نوپۇس سىياسىتى دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە دۆلەت يېتەكلەش، ئامما ئىختىيار قىلىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا دېگەندەك ھايۋانىي قىلىقلار مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگو نوپۇسنىڭ كۆپۈيىشىنى تىزگىنلەپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس، بۇنى ئەستايىدىل ئۆزگەرتىمىز، لېكىن بۇنى باھانە قىلىپ بېسىم قىلسا، قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز.



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگۇدا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋالى ئېغىر، جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ جىسماني بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكى كاپالەتسىز، بۇ بىرخىل تەشكىللىك جىنايەت. جۇڭگۇدا پۇقرالار خالىغانچە قامىلىدۇ، قولغا ئېلىنىدۇ، تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدىغانلار كۆپ، ساقچىلار نېمە گۇناھى بارلىقىنى ئېيتماي تۇرۇپ ئىككى ھەپتە قاماپ قويالايدۇ، گۇماندارلار سوت قىلىنىشتىن بۇرۇن نەچچە ئايلاپ قاماپ قويىلىدۇ، جۇڭگۇدا يەنە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش دەيدىغان بىر تۈزۈم بار، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قامالغۇچىنى سوت قىلمايلا مەمۇرىي ۋاسىتە ئارقىلىق بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا قاماپ قويالايدۇ، يەنە بىر يىل ئۇزارتالايدۇ. جىنايەتچىلەرگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلمايدۇ، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرىدۇ، قىيىن-قىستاقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ بولىدۇ. تۈرمىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، جىنايەتچىلەر ۋاقتىدا داۋالىنالماي ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ. بەزى جىنايەتچىلەر تاياق يەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. سىياسىي جىنايەتچىلەرنى خورلايدۇ، جىنايەتچىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدۇ. ئاشكارا، ئادىل سوت قىلمايدۇ، جۇڭگۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ، پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر دېلولارغا ھۆكۈم قىلىشتا سوت مەھكىمىسىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. مەيلى مەركەزدە بولسۇن ياكى يەرلىكتە بولسۇن، پارتىيە ھۆكۈمەت ئەدلىيە تەرتىپىگە ئارىلىشىدۇ، بەزى دېلولارغا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى قارار قىلىپ بېرىدۇ، جۇڭگۇدا جىنايەتسىز دەپ پەرەز قىلىش دەيدىغان گەپ يوق، ھېچ بولمىغاندا سىياسىي دېلولاردا ئۇنداق گەپ يوق. سىياسىي ياكى دىنىي سەۋەب بىلەن ئەيىبلەنگەن جاۋابكارلارنىڭ ئادۋۇكات تاپمىقى قىيىن، دەۋا تەرتىپىدە مەسىلە بار، دەۋا جەريانى ئاممىغا ئاشكارىلانمايدۇ، سەزگۈر دېلولاردا جاۋابكارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ خەۋەردار قىلىنمايدۇ.

جۇڭگۇ دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇنى ئەيىپلىشى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىگە بۆھتان قىلغانلىق. جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ئەدلىيە جەھەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگۇدا قانۇنسىز قاماپ قويۇش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش قاتتىق چەكلەنگەن. ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتى قوغدىلىدۇ، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، جىسمانىي ئەركىنىلىكىنى چەكلەش مەنئىي قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. پۇقرالارنى قانۇنسىز قامىغانلار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا: باشقىلارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئەيىپلەش، سوت قىلىش تەرتىپلىرى ناھايىتى قېلىپلاشقان، تەپتىش مەھكىمىسى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت مەخپىيىتىگە ۋە شەخسىي سىرىغا چېتىلغاندىن باشقا دېلولارنى ئوچۇق سوت قىلىدۇ، جاۋابكارلار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىغان بولسا، سوت مەھكمىسى ئاقلىغۇچى بەلگىلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ.  سوت مەھكىمىسى جازا ھۆكۈم قىلغان جىنايەتچىلەر تۈرمىدە جازا ئۆتەيدۇ، كۆپىنچىسى ئۆز رايونىدىكى تۈرمىدە جازا ئۆتەيدۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرىشەلەيدۇ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلاردىن باشقىلىرى سايلام ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدۇ. جىنايەتچىلەر ئەرز قىلىش ھوقۇقى، ئاقلىنىش ھوقۇقى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولىدۇ. تۇرمۇش خىراجىتى ۋە داۋالىنىش چىقىمىنى دۆلەت بېرىدۇ، جىنايەتچىلەرنى خورلايدىغان ئىش جۇڭگۇدا ئەسلا يوق. قانۇندا: ئەمگەك ئىقتىدارى بار جىنايەتچىلەر ئەمگەك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جىنايەتچىنى جازالاش ئەمەس، بەلكى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش جىنايى جازا ئەمەس، مەمۇرىي جازا ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان بەلگىلىمە ئاساسى بار. ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش قارارى قاتتىق تەرتىپلەر ئاساسىدا چىقىرىلىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا كۆپ قېتىم دەخلى يەتكەزگەن ياكى قىلمىشى جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلاردىن ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە تېگىشلىكلىرى يىغىۋېلىنىپ تەربىيەلىنىدۇ. بۇنى قانداقمۇ خالىغانچە قاماپ قويۇش، قولغا ئېلىش دېگىلى بولسۇن؟



(2) پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇپ، سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ۋە سايلام ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇق ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولۇش دەرىجىسى بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى يوق. جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ سۆز، مەتبۇئات، ئاخبارات ئەركىنلىكى بار دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ج ك پ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى بولغانلىقتىن بۇ ھوقۇقلار ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىدىلوگىيەنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ج ك پ نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا مۇخالىپ پىكىرلەرنى قىلىشىغا، ج ك پ نىڭ رەھبەرلىكىدىن، سوتسىيالىزىم تۈزۈمىدىن شۈبھىلىنىشكە يول قويمايدۇ. باشقىچە سىياسىي كۆز-قاراشلىرىنى ۋە دىنىي كۆز-قاراشلىرىنى ئاشكارا دېمەكچى بولغانلار قاتتىق بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ، تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، قامىلىدۇ ياكى رېجىمگە ئېلىنىدۇ، سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.  ئېنتېرنېت تورىدا  ج ك پ نىڭ تەشۋىقات يۆنۈلۈشىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىشقا يول قويمايدۇ. نەشىر قىلىشتا تەكشۈرۈش تۈزۈمى بار بولۇپ، قاتتىق چەكلىمە قويىدۇ.

جۇڭگو دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز. جۇڭگودا پۇقرالار سۆز ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولىدۇ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن، جۇڭگودا ئاخبارات تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئامېرىكا تۆھمەت قىپتۇ. گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بەشتىن بىرىلا ج ك پ ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، قالغانلىرى دېموكراتىك پارتىيە گوروھ ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ گېزىتلىرى. جۇڭگو پۇقرالىرى قانداق كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، قانداق ئەسەر يېزىش، قايسى نەشىرىياتنى تاللاش ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. جۇڭگودا ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەتچى» مەۋجۇت ئەمەس. باشقىچە كۆز-قاراش  سەۋەبىدىن جازالىنىدىغان ئىش يوق.  دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك تەرغىپ قىلىدىغان، ج ك پ نىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىدىغان سۆز-ھەركەتلەرگە يول قويۇلمايدۇ. بۇ تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر، شۇنداقلا خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سايلام ئەركىنلىكى ھوقۇقى يوق. سايلام پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كونتروللىقىدا بولىدۇ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تاللاش ۋە ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى يوق.

جۇڭگو دەيدۇ:

پۇقرالارنىڭ  يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سايلام ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن، تولۇق كاپالەتكە ئىگە. جۇڭگودا بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ، خەلق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىدۇ، لاياقەتسىز ۋەكىللەرنى قالدۇرىۋەتسە بولىدۇ.



(3) پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگودا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق. ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار دېيىلگەن بولسىمۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئەمەلدار بولىدىغانلار پارتىيە ئەزاسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلمايدۇ. دىنىي زاتلار زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، دىنىي پائالىيەت چەكلىنىدۇ، دىنىي پائالىيەت ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئورۇندا، تىزىملانغان ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدۇ.

جۇڭگو دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ بۇنداق دەپ ھۇجۇم قىلىشى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك. جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق دۆلەت. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بەلگىلەنگەن. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلەنگەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا دىنىي ئىشلار زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۈزىتىلدى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئەركىنلىكى بار. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو دىن ئىشلىرىدا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىن ئىشلىرىغا چەتئەل كۈچلىرىنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.





(4) ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە

ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگودا مىللەتلەر باراۋەر ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەتلەر كەمسىتىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى خەنلەر قارار قىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، تەرەققىيات بولسا، پايدىنى خەنلەر ئالىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىن، مەدەنىيەت، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. كۆچمەنلەرنى كۆپ يۆتكەيدۇ.

جۇڭگو دەيدۇ:

مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلەش سالاھىيىتى يوق. ئۇنداق ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. جۇڭگودا مىللەتلەر ھەقىقىي باپ-باراۋەر. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنلەر بىلەن ئوخشاش پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ، ئالاھىدە ھوقۇقتىنمۇ بەھرىمان بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلدى. كىرىمى ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ. مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى راۋاجلاندۇرۇلدى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى، مىللىي مائارىپ سېستىمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكى قوغدالدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، توي-تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىدا ئۆرپ ئادەتلىرى قوغدالدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى تۈپتىن خاتا.





(5) ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە

ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگودا ئاياللارنى كەمسىتىش ئېغىر، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سانى ئاز. ئائىلە زوراۋانلىقى ئېغىر، ئاياللار-بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان ئىشلار كۆپ. ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغى قىيىن. بوۋاقلارنى تاشلاپ قويىدىغان ئىشلار بەك كۆپ

جۇڭگو دەيدۇ:

جۇڭگودا ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. قانۇندا ئەر-ئاياللار باراۋەر دەپ بەلگىلەنگەن. ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاياللارنىڭ سانى كۆپۈيىۋاتىدۇ. قىزلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئاياللارنىڭ نىكاھ، ئائىلە ھوقۇقى، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرىلىدۇ، تۇغۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ھاياتلىق، ساغلاملىق ھوقۇقى قوغدىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدا ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت، «تېزىنى باسسا، مېزى چىقىدۇ». ئامېرىكا جۇڭگونى كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىمەي، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەتسە بولىدۇ.





ئاپتورنىڭ «جۇڭگۇ-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى» ناملىق كىتابىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.
qamus.okyan.com
ئىزاھات: تور تەرەققىياتى ئۇچۇن ئىلمى مۇنازىرە قىلساق.

تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-30, 13:57
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 519
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە519دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 323756 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 626
توردا: 141(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-05-12
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 02:57

:؟.()\.!'.-؛،.
كۆزۇڭنى ئاچ
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 168
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە168دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 299 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 120
ياخشى باھا: 299
توردا: 106(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-05-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 11:14

ئىمران ئەپەندى ناھيتى توغرا دەپتۇ...
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
تۆھپىسى: 23
پۇلى: 294 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 46
ياخشى باھا: 294
توردا: 60(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-05-13
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 11:32

تېما ئېگىسىگە رەھمەت...
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 11:50

ئمران ئەپەندىنىڭ نىمە دىگىنىنى چۇشەنمىدىمغۇ؟ يامەن دۆتمۇ.
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 12:07

ئامېرىكا ئاۋال ئۆزىنى دەڭسەپ باقسۇن، ئىزدەپ كەلسە نۇرغۇن مەسىلە چىقىدۇ، مەسىلەن ؛ دۇنيادا يۇرگىزۋاتقان مەنپەتچى دىپلىماتىيەسى ،پەلەستىن مەسلىسى دىگەندەك...........
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 165
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
تۆھپىسى: 27
پۇلى: 225 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 54
ياخشى باھا: 226
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-05-07
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 12:10

پادىشانىڭ يېىڭى كىيىمى
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
تۆھپىسى: 26
پۇلى: 286 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 42
ياخشى باھا: 251
توردا: 59(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-05-04
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-03 17:57

مەن پەقەت بۇ تىمىنى ئوقۇپ زوق بىلەن كۈلۈپ كەتكىنىمنى ئىيتىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم،ھوقوق مەسلىدە  پىكىر يۈرگۈزگىدەك تەپەككۇرلىرم 0 بولوپ قالغان بولسا كىرەك.ئەمدى 0 دىن 1 گە يۆتكىلىۋاتدۇ ئانچە مۇنچە بىلىم ئىگەللەپ قالغاندىن كىيىن.تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر.
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-03 18:31

ئالدىراپ ئككىلى تەرەپكە باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ئوتۇپ كەتكەن نەيراڭۋازلار بۇلار. تىمىنى ئوقۇپ قۇيساقلا بولىدۇ ،شۇنداقمۇ مەدىنە خانىم ؟ يوقاپلا كەتتىڭىز سالامەت بولۇڭ.
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2012-05-05 09:37قايتا تەھرىرلى ]
خەلقېم مەن بىلەن
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
تۆھپىسى: 26
پۇلى: 286 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 42
ياخشى باھا: 251
توردا: 59(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-05-04
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-03 19:18

مەن بار شۇ،كىرىپ تىمىلارنى كۆرۈپ قويۇپ چىقىپ كىتىۋاتقان،بەزى تىمىلار دىققەت ئىتىۋارىمنى تاتقان بولغاچقا تازا تىتىملىق ئىنكاس يىزىشقا ئىمكانىيەت بولمىسىمۇ،مۇشۇنچىلىك ئىنكاس يىزىپ قويدۇم.ئەمما قىزىقىمەن دەڭ بۇنداق مەزمۇنلارغا،بىلىم ئىگەللەيمىز ئەمەسمۇ؟

بۇ تىما ئىسىل تىما،
بىر كۆرمەي چىقالاملا؟
تىلىڭىز باغلاق بولسىمۇ
خەت ئۇرماي تۇرالاملا؟

قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك
دۇنيا مۇشۇ دەپ تۇرالاملا،
قۇدۇق ئىچىدە بولسىلمۇ
پاقىچىلىك كوكىرالاملا؟