خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى
مەنبە: باغداش تورى
تۈمۈر ھەسەن
خەنزۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى بولغان يەندى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىلىرى ئەسلىدە ھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان چياڭ دىگەن بىر قەبىلىدە شەكىللەنگەن.كىيىنچە يەندى قەنىلىسى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىسى ئوتتۇرسىدا ناھايتى كەسكىن ئۇرۇشلار يۈز بىرىپ،يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.خۇاڭدى قەبىلىسى ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بىر مۇنچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش ھىسابىغا كىيىنچە خۇاشىيا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن.خۇاشيا سۆزى گۈللەنگەن ئەل،ئېچىلغان يۇرت دىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.خۇاشىيالار بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى بولغان خۇاڭدى قەبىلىسى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى شيا،شاڭ،جۇدىن ئىبارەت ئۈچ سۇلالە دەۋرىدە تازا تەرەققىي قىلىپ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىگە بارغاندا خۇاشىيا نامى بىلەن ئاتالغان.جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇ سۇلالىسى ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەر جۇ سۇلالىسى كىشىلىرىنى خۇاشىيا دەپ ئاتىغان.يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە يەتتە چوڭ زومىگەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ خۇاشىيالىقلار دەپ ئاتىغان.چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن پۈتۈن خۇاشىيا مىللىتىنىڭ يېزىقىنى،پۇللىرىنى،ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى،قاتناش يوللىرىنى،ھەر قايسى بەگلىكلەر چىگىرسىغا ياسالغان سېپىل توساقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خۇاشىيالىقلارنى ئورتاق تۈزۈم،ئورتاق مەدىنيەتكە ئىگە بۇلۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى.چىن سۇلالىسى دەۋرىدە خۇاشىيالىقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى چىنلىقلار دىگەن نام ئىگىللىدى.ھازىرقى بىر قىسىم ماتىرىياللاردا جۇڭگۇلۇقلارنى چىنلىقلار دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چىن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەنلىكى ئىنىق.خەنزۇ مىللىتى خەنزۇلار قۇرغان خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە،ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىن قۇدرەت تېپىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا قىتئەسىدىكى قۇدرەتلىك بىر ئىمپىرىيىگە ئايلىنىپ ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەر قايسى سۇلالە خەلىقلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشاۋاتقان خەلىقلەرنى خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر دەپ ئاتاشقا باشلىغان.‹‹تارىخ-مەدىنىيەت بىلىملىرى›› ژورنىلىنىڭ 1984- يىللىق 8-سانىدا ليۇباڭ خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن خەن سۇلالىسىگە قوشنا بەگلىك ياكى مىللەتلەر ‹‹خەنلىكلەر›› دىگەن نامنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ‹‹خەنلىكلەر›› دىگەن نامنىڭ خەن سۇلالىسى كىشىلىرى دىگەن مەنانى بىلدۇردىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.دىمەك: بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا،بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجدىمائىي مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان،ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بۇلۇپ قالغان.
خەنزۇ مىللىتىنىڭ كۆپىيىپ ئىلىمىزدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇپۇسى كۆپ چوڭ بىر مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىشىدە ئىلىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.
دۆلىتىمىز تارىخىدىكى 1-قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە،يېغىلىق دەۋرلىرىدە يۈز بەرگەن.ھەممىمىزگە مەلۇمكى ‹‹خۇاشيا›› قەبىلىسى جۇڭگۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە كىرگەن بىر قەبىلە بۇلۇپ،بۇ قەبىلە جۇڭگۇدا شيا،شاڭ،جۇ سۇلالىسىدىن ئىبارەت قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنى قۇرغان.ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بىرىلغان.‹‹خۇاشيا›› قەبىلىسى ئۆز ئەتىراپىدىكى دى،چياڭ،يى،مەن قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەدرىجىي ھالدا ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قۇشۇۋالغان.نەتىجىدە خۇاشيا قەبىلىسى ئەينى زاماندىكى جۇڭگۇ زىمىنىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ سانلىق بىر قەبىلىگە ئايلىنىپ،ھازىرقى زامان خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان.
2-قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ۋېي،جىن،جەنۇب،شىمال سۇلالىلەر دەۋرىدە يۈز بەرگەن.بۇ دەۋردە جۇڭگۇ جەمىيىتى تۆت ئەسرگە يېقىن داۋالغۇش، بۈلۈنۈش،تىنىچسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن.بىر قىسىم خەنزۇلار دۆلىتىمىزنىڭ چىگرا رايۇنلىرىغا ئولتۇراقلاشقان،چىگرا رايۇنلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرا تۈززلەڭلىك رايۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ مىللەتلەر خەنزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ،ئىشلەپچىقىرىش شەكلى،تۇرمۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇ مەدىنيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ،ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
3-قېتىملىق زور قۇشۇلۇش ئىلىمىزنىڭ لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن. بۇ دەۋردە ئىلىمىزدىكى قىتان،جۇرجىت،موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇر تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىدا لياۋ،جى،يۈەن قاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان،بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان،مەدىنيىتى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىرگەندىن كېيىن،خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنيىتىنى قۇبۇل قىلىپ،بارا-بارا ئۇلارغا سىڭىشىپ ئاخىرىدا كۆپ قىسمى خەنزۇ مىللىتىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن.
4-قېتىملىق چوڭ قۇشۇلۇش مىڭ،چىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن،بۇ دەۋردە ئىلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ناھايتى كۈچەيگەن.مەسىلەن، مانجۇلار مەنچىڭ خانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ،بىراق خەنزۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن.چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدە كۆپلىگەن ئەمەلدار –تۆرىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى خەنزۇلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان ۋە خەنزۇلاشقان.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا دۇنيادا ساپ مىللەت يوق.خەنزۇلارمۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كىچىك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن چوڭ، كۈچلۈك قەبىلە ئىتتىپاقىغا،نۇپۇسى ئاز مىللەتتىن،نۇپۇسى كۆپ مىللەتكە ئايلانغان.
شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2001-يىل 1-سان