ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 931 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەۋرىزە:،سىز تۇرمۇشقا چىقتىڭىز...
دوستلىشىش
نەۋرىزە
تۆھپىكار باغۋەن
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 37
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 136 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 86
توردا: 21(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-02-06
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 01:43

نەۋرىزە:،سىز تۇرمۇشقا چىقتىڭىز...

      سىزتۇرمۇشقا چىقتىڭىز.....

ئائىلە بولسا جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى. ئوخشىمىغان ئائىلىلەردە ئوخشىمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بولىدۇ. بىر خىل قېلىپتا بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەملەرمۇ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشى جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى ئادەملەر ياسالمىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئادەملەر خۇددى سۈزۈك ئەينەكتەك ھەممە ئىشتا ئوچۇق ئاشكارە بولىدۇ.شۇڭا باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا زىدىيەتسىز ئائىلە بولمايدۇ. ئائىلىمۇ زىدىيەت ئىچىدە مۇكەممەللىشىدۇ                                 

  توي قىلىش دىگەن سۆزنى چوڭلىرىمىز قىزلارنى بولسا << تۇرمۇشقا چىقتى>> ياكى << تۇرمۇشلۇق بولدى>> دەپ ئادەتلەنگەن . بۇ تولىمۇ پاساھەتلىك ئوخشۇتۇش. بۇ سۆزنىڭ دىيىلىشىدىلا ئۆي ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىنلا  ھەقىقى تۇرمۇشقا قەدەم قويىدۇ دىگەندىن بىشارەت بېرىدۇ . ئەرلەرگە بۇ سۆز ئىشلىتىلمىسىمۇ، ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا شۇ تۇرمۇش قاينىمىدا شۇڭغۇيدۇ. ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن . تۈپتىن ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىككى ئادەم بىر ئۆيدە ياشاشقا باشلايدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە ھەر ئىككىلىسى مۇھەبەتنىڭ كۈچى بىلەن شۇنداقلا يېڭىياچىلىقتا مىھمانلىق مىجەزى بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ. ئەمما بىرەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككىلىسىدە، مەلۇم دەرىجىدە پارتلاش يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭغىمۇ تۇرمۇشنىڭ بېسىمى سەۋەپچى بولىدۇ. بەزى ئادەملەر دەيدىكىن << بىز پەقەتلا سوقۇشۇپ قالمايمىز، بەك ئىناق ئۆتىمىز>> بۇ مۈمكىن ئەمەس، شۇنداقلا ھەم نورمال ئەھۋالمۇ ئەمەس. بۇنى پەقەت يۈزەكى ھادىسە دىيىشكە بولىدۇ.كېسىپ ئېيتىمەن، ئۇرۇش تالاشنىڭ بولماسلىغى ھەرگىزمۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ؟! ئۇرۇش جىدەلنىڭ دەرىجىسىمۇ شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپەرەك گەپ تالىشىپ، ئۇرۇش تالاش قىلىدىغان ئەر- خوتۇنلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئىچى  بەك كۈچلۈك بولۇپ بەزى مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلالمايلا كۆپەرەك تاكالىشىپ قالىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بۇلارنى بەخىتسىز ئەر- خوتۇنلار ياكى كۆڭۈلسىز ئائىلە دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئىناق ئائىلە قۇرۇش، شۇنداقلا ئائىلىنىڭ شات- خۇراملىقى، جانىجان مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان موھىم مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلىش مەسئولىيەتنىڭ بىر قىسمى، يەنى ئائىلىگە مەسئول بولغانلىق دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ ئائىلە ئۈچۈن پايدىلىق ئامىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، تۇرمۇشتا بولىدىغان زىدىيەت ۋە تالاش -تارتىشلارنىڭ ھەممىسى يامان ئىش ئەمەس؟! جەمئىيەتمۇ زىدىيەت بىلەن تەرەققى قىلىدۇ، ئائىلىمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ھۆجەيرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنداق بولىدۇ،  يەنە بىر قىسىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ سوقۇشىدىغانغا ئەمەس بەلكى مۇڭدىشىدىغانغىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدۇ.يەنە بەزىلىرى قېيدىشىپ قالسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ناماقۇل بولىشى بىلەن، تېزلا ئوڭشۇلۇپ سوقۇشۇپ يۈرمەيدۇ، مەسىلىنىڭ نېگىزى ھەل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن يەنە كۆكلەپ چىقىش ئېھتىماللىقى يوقىرى بولىدۇ. يەنە بەزى ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ھېسىياتنىڭ سۇز بولىشى بىلەن، قارشى تەرەپنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقمايدىغان، ھەم مۇڭداشمايدىغان، دائىم زىتلىشىپ، ئۆزىنى بۇرۇقتۇم قىلىپ يۈرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىكە بەك زىيانلىق بولۇپ ،ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. تالاش- تارتىش بولۇپ تۇرۇشىنى ياخشى ئىش دىدۇق، بىراق بۇ تالاش- تارتىشمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە يەنە بولمايدۇ؟! تالاش- تارتىشلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەش مەخسىدىدە ئەمەس، پاكىت سۆزلەپ قايىل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش مەخسىدىدە بولىشى لازىم. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەر خوتۇن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئاداۋەت ساقلىماسلىق، بىر- بىرىنىڭ غورورىغا تېگىدىغان ئەدەپ- ئەخلاققا زىت يامان سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەر   ئىككىسى يەنىلا بىر ئۆيدە ياشايدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنداق قىلغاندىلا، زىدىيەت ئىچىدىن ئورتاقلىقنى ئىزدەپ، ئائىلە تۇرمۇشىدا ئىناق ئۆتكىلى بولىدۇ؟! تۇرمۇشلۇق بولغان ئىكەنسىز ، تۇرمۇشنى تولۇق چۈشىنىشىڭىز. ھايات كۆچۈرىۋاتقان ئاددىي كەپىڭىزنى بوران چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغان  شاختا ياسىماي، مەزمۇت پولات- سىملار بىلەن مۇستەھكەم قورغان  قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ مەسئولىيەت جۈملىسىدىندۇر!!!!

[ نەۋرىزەتەرىپىدىن2011-05-15 02:01قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 472 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 467
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 19:39

ھەدىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك بولسۇن!  ئېيتقان نەسىھەت سۆزلىرى شۇ قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ دىللىرىغا ئورنىسۇن !  شۇ ئېسىل سۈپەتلەر مۇجەسسەملەنگەن قەلىب ئىگىسى قىزلارنى ھەممە ئەركەك تاللايدۇ، قەدىرلەيدۇ، ھۆرمەت كۆزىدە قارايدۇ .
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئائىلەمنى سۆيمەن!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 24
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 182 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 182
توردا: 84(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-02-23
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 19:14

سالام نەۋرۇز ئاپپاي ،بارمۇ سىز ؟ ئۇزاق بولدى مۇنبەردە كۆرۇنمدىڭىز؟؟؟
ئەسەرلىرىڭىزنى سېغىندۇق....
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 250 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 129
ياخشى باھا: 250
توردا: 61(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-03-12
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 07:22

                 سالام نەۋرۇزە خانىم، ئۈگۈتلىرىڭىزدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر بولدى ھەم بولىدۇ دەپ قارايمەن . ئائىلە جەمىيەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنىچلىق ھەم خاتىرجەملىككىمۇ بەلگۈلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئىناق ئائىلە شۇ بىر ئىجتىمائى توپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
                  تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن !