ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 955 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەكبەر ئىمام(كۆك بۆرە)
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 213
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
تۆھپىسى: 99
پۇلى: 414 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 201
ياخشى باھا: 414
توردا: 91(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-11-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-11 18:49

ئەكبەر ئىمام(كۆك بۆرە)


ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە 1970- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى بورتالا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1991- يىلىغىچە بورتالا شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق مەكتىپىدە بۇغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1993- يىلىدىن 2010-يىلغىچە بورتالا شەھەر ئۇتۇبۇلاق بازارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىدا، 2011-يىلدىن كېيىن ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. 2002- يىلى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى تاماملىغان.
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1993- يىل 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، «چىرايلىق تەقدىر»، «ئۆزۈمگە بېغىشلاپ» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى، 50 پارچىغا يېقىن ھېكايە-پوۋستلىرى ئېلان قىلىنغان. <<ئوتلۇق تىلەكلەر >> قاتارلىق 4 پارچە شېئىرى مۈنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «يۈرەكسىز سۆيگۈ» ناملىق توپلامغا كىرگۈزىلگەن. 2000- يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن  «ئاخىرقى پۇرسەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 2007- يىلى تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن تۆھپە مۇكاپاتىغا؛ 2011-يىلى مۈنەۋەر ئەدىپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2011 - يىلى << 536 ـ بېكەتتىكى قار ناخشىسى>> ناملىق ھېكايىسى 18 ـ نۆۋەتلىك << خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>غا ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردا <<پەرىشتە ئانا>>، <<كۈلرەڭ قۇياش>>، <<پىشانىگە پۈتۈلگەن ئازاب>>، <<ئەزرائىلنىڭ سەھىرى>> قاتارلىق سىنارىيەلىرى تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ خەلىق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە بورتالا ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە: يازغۇچىلار تورى
[ بۇ يازمىنىچۆل~ئوغلى 2012-05-17 00:09قايتا تەھرىرلى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-11 19:02

كۆك بۆرىنىڭ سېھرى رىيالىزىم ۋە رومانتىك تۇيغۇغا باي قەلبىدىن يەنە نۇرغۇن ئىزتىراپلىق كۈي ۋە پىغانلارنىڭ فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن ،شەرەپ زەپەر قۇچقۇچىلارغا مەنسۇپ!