ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 843 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەر
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-22 16:46

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار تەرىپىدىن نادىرلىقتىن قالدۇرۇلدى(2012-05-23)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يەنە دېسەك، يەنە شۇ گەپ. ئۆزىمىزنىڭ بىباھا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى. تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلۇپ، ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىلغان يازمىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، يازمىنىڭ جەلپكارلىقى ئاشىدۇ، شۇنداقلا شۇ يازما ئىگىسىنىڭ سەۋىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا قوللىنىدىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىچە:


1. چېكىت ( . )


    (1) خەۋەر جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بۈگۈن ئەلكۈيى مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ.
    (2) يېنىك ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئىملانى توغرىلىغايسىز.
    (3) قىسقارتىپ يېزىلغان خاس ئىسىملارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئا.ئۆتكۈر
    م.ھوشۇر
    (4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبەر تۈزۈملىرى:
    1. ساغلام تېما يوللاش؛
    2. ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىش؛
    3. مەنبەسى ئېنىق بولۇش؛
    ..........
    (5) بەزىدە چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى بويىچە مۇنبەر مەسئۇلى، نازارەتچى، باشقۇرغۇچى، سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.
    مۇنبەر مەسئۇلى. مۇنبەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ....
    نازارەتچى. مۇنبەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ...
    باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى بارلىق تېما ۋە سەھىپىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....
    سەھىپە باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى مەلۇم بىر سەھىپىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....

    ئەسكەرتىش: تېما ماۋزۇسىنىڭ ئارقىغا چېكىت قويۇلمايدۇ.  


2. سوئال بەلگىسى(؟)

    (1) سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    سىز مۇنبەرگە قانداق تېما يوللاپ باقتىڭىز؟
    ئادەتتە ئىنكاسنى پۇچەك يازامسىز ياكى خېلى جېنى بار يازامسىز؟

    بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ① بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئومۇمىي ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىسە، سوئال بەلگىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    دېمەكچى بولغىنىمنى تېمامدىن ئۇققانسىز، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز، كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ؟
   ② بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەرنىڭ ھەربىرى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل بولسا ياكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېيتىلسا، مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ مۇشۇنداق ئاممىۋىي سورۇندىمۇ ئادەم تىللاپ ئىنكاس يازامسىز؟ تېما ئىگىسى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟
    (2) قايتۇرما سوراق جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئەجەبا بۇنداق يازغىنىم خاتامۇ؟
    بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟


3. ئۈندەش بەلگىسى(!)

    (1) ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پاھ، پاھ، بۇ بېزەكلەر ئەجەب چىرايلىقكەن!
    (2) كۆتۈرەڭگۈ ياكى قاتتىق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    قولۇڭنى تارت!
    (3) شوئارنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبىرىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن!
    (4) ھۆكۈم ياكى كېسىم مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ئىنتۇناتسىيىسى كۈچلۈك بولغان بەزى جۈملىلەردىن كېيىنمۇ ئۇندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مېنى قانداقمۇ سىزگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!
    (5) ھەم ئۈندەش، ھەم سوئال مەنىسىنى ئاڭلاتقان جۈملىلەردىن كېيىن، ئۈندەش بەلگىسى بىلەن سوئال بەلگىسى تەڭ قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۈندەش مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال ئۈندەش، ئاندىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
    « نېمە داستان، نېمە ئىجات، تەپەككۇر،
    نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۇر!؟»
    (ئا.ئۆتكۈر)
    ئەگەر سوئال مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال سوئال، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
    «ياپراقسىز دەرەخ بولمىغاندەكلا،
    دەرەخسىز ياپراق تۇغۇلار نەدىن؟!»
    (ئا. خۇجا)

4. پەش( ، )


     (1) جۈملىلەردىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     بۈگۈن شېئىر، رەسىم، تىل ئۆگىنىش، جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىلىرىگە ئۆزگىچە تېمىلار يوللاندى.
     (2) قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىلىقىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     ئۇ بىر توردىشىنى ئىزدەپ، مۇنبەرگە تىزىملىتىپتۇ.
     (3) جۈملە تەركىبىدىكى قاراتما سۆزدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     كۈنقىز، بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپسىز-دە؟  
     «خوش ئاتا، مېھرىبانىم،
     غەمگۇزارىم، ياخشى قال.»
     (نۇزۇگۇم قوشاقلىرىدىن)
     (4) جۈملىدىكى قىستۇرما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     «بەس، دوستۇم، تەبىئەت يولى شۇنداقتۇر،
     ئۇنچىۋالا ئېچىنىپ بۇزما كۆڭلۈڭنى.»
        (ئا.خۇجا)
     (5) تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەر لېكىن، ئەمما، بىراق، شۇڭا، چۈنكى، ھالبۇكى، ۋاھالەنكى قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلانغان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، بۇ باغلىغۇچىلار كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئېيتىلسا، ئۇلارنىڭ كەينىگە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مەن ئۇنىڭ تېمىسىغا راۋۇرۇس ئىنكاستىن بىرنى يازدىم، لېكىن، يەنىلا جىلى بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
     (6) تەڭداش بۆلەكلەر ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر «ۋە، ھەم، ياكى، يا، نە، گاھ» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ كەلسە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلمايدۇ. لېكىن، بۇ باغلىغۇچىلار تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ياكى قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا تەكرارلىنىپ كەلسە، ئۇ ھالدا بۇ باغلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار خىزمەتتە ھەم يۈرەكلىك بولۇشى، ھەم تەدبىرلىك بولۇشى لازىم.
     مەن تېمامنى يا ئەتە، يا ئۆگۈن يوللاي.
     (7) ئادەتتە ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ، لېكىن پەش قويۇلمىسا ئۇقۇم مۈجمەللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     بۇ، ئادەم بالىسى ئەمەس.
    بۇ جۇملىدە ئەگەر «بۇ» دېگەن ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمىسا، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس»دېگەن جۈملىگە ئايلىنىپ قېلىپ، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس، باشقا نەرسىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
     (8) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسۇناژ سۆزىدىن كېيىن، سىزىقتىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
« _ ئەركىن، _ قىز جىددىي ھالدا ئەركىنگە تىكىلدى، _ مېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزگە نېمىشكە قىزىقمىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ سىز بەك ياسىما. نېمىشكە ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئالىجاناپ كۆرسىتىسىز؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياسىما مىجەزلىرىڭىزگە ئۆچ!»
     (بەرگىيە «ئېھ، ناتونۇش يوللار»دىن)


5. چېكىتلىك پەش ( ؛ )


     (1) مەزمۇن جەھەتتىن ھەم مۇستەقىل، ھەم بىر–بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئوي–پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان، ئاددىي جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولغان قوشما جۈملىلەردە چېكىتلىك پەش قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:
بېغىررەڭ، ھال ئەتىرگۈللەر خۇش-پۇراق چاچماقتا؛ ئېرىقتىكى سۈزۈك شۇلار شىلدىرلاپ ئۈن چىقارماقتا؛ ئەتىيازنىڭ شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتمەكتە.
    (2) چوڭ تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن كىچىك تەڭداش بۆلەكلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەردە، كىچىك تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش، چوڭ تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    شىنجاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، قاشتېشى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ؛ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ.
     چېكىتلىك پەشنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ئومۇمەن چېكىتتىن كىچىك، پەشتىن چوڭ بولىدۇ.


6. قوش چېكىت( : )


    (1) ئاپتور سۆزى بىلەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە پېرسۇناژ سۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مۇنبەر مەسئۇلى: « باشقۇرغۇچىلار ئۆز تەرجىمھالىڭلارنى يوللاپ بەرگەيسىلەر»،_ دېدى.
    (2) ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز ۋە جۈملىلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پېرسۇناژلار ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئىجابىي پېرسۇناژ، يەنە بىرى سەلبىي پېرسۇناژ.
    (3) قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ھۆرمەتلىك تورداشلار:
    ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ كۈنلىرىڭلارنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
    (4) ئەسكەرتمىلىك سۆزلەردە قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     ......
     ئالاقىلاشقۇچى: ئەركىن
     تېلىفون نومۇرى: 0991....


7. قوش تىرناق («»)


     (1) جۈملە ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ناملىرى ۋە ماقالە–ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇلىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
     مېنىڭ « مەن قانداق قىلاي؟» ناملىق ئەسىرىم تورنىڭ تاقىلىشى بىلەن غايىپ بولدى.
     خەنجەر ماڭا: «مۇشۇ كۈنلەردە سەل ئالدىراش بوپقالدىم» دېدى.
     (2) بەزى تەنە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
     ئەتىگەن ئۇچۇر يازسام ئەمدى جاۋاب يېزىپسىز، بەك «چاققان» جۇمۇ سىز!
     (3) باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن نۇقتىلىق سۆزلەر ياكى ئالاھىدە مەنىگە ئىگە سۆزلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
      سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىز «تار مەنىدىكى گرامماتىكا»، مېنىڭ ئېيتقىنىم «كەڭ مەنىدىكى گرامماتىكا».


8. يالاڭ تىرناق ( )

     قوش تىرناق ئىچىگە يەنە تىرناق كېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، يالاڭ تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
     سەركەردە ماڭا: «مەن ئاپئاق ئاينىڭ (مەن ۋە سەن) دېگەن تېمىسىنىڭ ئاخىرىنى ساقلاپ ھېرىپ قالدىم» دېدى.

9. تىرناق ( () )

    (1) جۈملىدە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك سۆز–جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 7يېرىمدا، پاي بازىرى ئېچىلىدۇ.
    (2) كۆچۈرگەن ياكى نەقىل ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئاپتورى ياكى ئەسەر نامى تىرناق ئىچىگە يېزىپ كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن:
    «موڭغۇللار دەسلەپكى دەۋرلەردە مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان، يېزىقنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن» (ش.سامى «قامۇسۇل ئەئىلەم» 1876–بەت).
    (3) دراما ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ھەركىتىنى كۆرسىتىدىغان جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    زورىخان: (ئاڭلىماسلىققا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا (نۇرۇم باغقاچىقىدۇ).
     (4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
     تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قويۇلغان يۇقىرىقى «(1)... (2)... (3)... (4)...» دىكى تىرناقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

10. سىزىقچە ( - )

    (1) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    كېچە-كۈندۈز، ئېگىز-پەس، ئويمان-چوڭقۇر، دەلىل-ئىسپات قاتارلىقلار.
    (2) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    1-سىنىپ،  6-ئاي.
    (3) سۆزلەردە قۇردىن قۇرغا كۆچۈرۈشتە سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پارچە ئىل-
مىي ماقالەمنى ئوقۇدۇم.»
    (4) ئۆز ئارا يېقىن بولغان ئىككى ساننىڭ يانداش كېلىشىدىن تۈزۈلگەن مۆلچەر سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    چوڭ ئۆيدە بەش-ئالتە كۈن تۇرۇپ قالدىم.
    (5) ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن تەقلىدىي سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئوڭ تەرەپتىن پاڭ-پۇڭ قىلغان ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى.
    (6) تەكرار سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.

11. سىزىق ( _ )

     (1) ئىگىمۇ، خەۋەرمۇ باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولسا، ئىگىدىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «كۆپىنچە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى _ ئىسىم»
    (2) تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن ئۇمۇملاشتۇرغۇچى سۆز كەلسە، تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئوغلۇمنىڭ سىنىپى _ چوڭ يىللىق 2-سىنىپ ئىلغار سىنىپ بولۇپ باھالاندى.
    (3) دىئالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ گېپى باش قۇردىن يېزىلغاندا سىزىق قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    _ ياق، ئەتىدىن باشلاپ ساڭا تېلىفون قىلمايمەن، سەن بىلەن سۆزلەشمەيمەن.
    _ نېمىشقا؟
    _ يەنە نېمىشقا دەيسەنغۇ؟مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم.
     («مۇز تۇتقان دەرىزە»)
    (4) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسوناژ سۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەشنىڭ كەينىگە سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    _ بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،_ دېدى ئۇ باشلىرىنى سىلاشتۇرۇپ.
    (5) بەزىدە چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «چېكىت_ جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى.»

12. كۆپ چېكىت (....)

    (1) ئوي-پىكىرنىڭ تولۇق ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «ئۆزۈم بىلىمەنكى، مەن يازمىساممۇ، كەلگۈسىدە ئۇ قەھرىمانلارنى ئەسلەپ يازىدىغانلار چىقىدۇ؛ ئۇلار ھەققىدە گەپ قىلىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ....»
    (2) سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدىكى قورقۇش، جىددىيلىشىش، دۇدۇقلاش سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۈزۈلۈشلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    _ بايا كوچىدا تۇرۇپ نېمە ئىش قىلدىڭ؟
    _ مەن....
    (3)
    دىئالوگلاردا جاۋابسىز قالغان جايلارغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    دۈشمەن ئەسكەرلىرى بالىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى:
    _ ئېتىڭ نېمە؟
    _ .....
    _ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟
    _ .....


پايدىلانغان ماتېرىيال: «ئومۇمىي يېزىقچىلىق» ناملىق كىتاب
تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-22, 08:48
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+50(ئۈمىديار)
  • دوستلىشىش
    سالمان888
    تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 1077
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
    تۆھپىسى: 287
    پۇلى: 1765 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 564
    ياخشى باھا: 1659
    توردا: 242(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-19
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-22 17:00

    كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق. دىمىسىمۇ پەش، چىكىتلەر لايىقىدا ئىشلىتىلمىسە بەزەن جۇملىلەردە دىيىلمەكچى بۇلغان مەقسەت توغرا ئىپادىلەنمەي قالىدىكەن. دىققەت قىلساق بولغىدەك، رەخمەت.
    خەلقېم مەن بىلەن
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 1560
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
    تۆھپىسى: 225
    پۇلى: 2160 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 430
    ياخشى باھا: 2040
    توردا: 486(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-22 17:30

    <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى >>ناملىق |،||،||| قىسىم كىتاپلاردىكى مەزمۇن ئاساس قىلىنسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.رەھمەت قەلىمىڭىزگە تىمتاس.بىر ياخشى ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىنى يولىمىزغا قاداپ بەردىڭىز!
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1017
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
    تۆھپىسى: 136
    پۇلى: 1293 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 279
    ياخشى باھا: 1293
    توردا: 126(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-03-22
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-22 17:59

    بوزقىردا تۇرۇپ ،ئەلكۈيىنىڭ گىپى بولسا ھەجەپ تۇرىدىكەن ... ماۋۇ مېنىڭ تىنىش بەلگىللىرىم توغرىما تىمتاستە؟
    ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1198
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
    تۆھپىسى: 126
    پۇلى: 1505 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 252
    ياخشى باھا: 1455
    توردا: 238(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-30
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-22 18:24

    دوستلىشىش
    چىن~مودەن
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1260
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 102
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
    تۆھپىسى: 14
    پۇلى: 130 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 28
    ياخشى باھا: 130
    توردا: 55(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-01
    ئاخىرقى: 2013-05-21
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-22 18:50

    بۇ تېمىنى ئەلكۈيى مۇنبىرىدە كۆرگەن ئېدىم. ھازىر  مەزكۈر مۇنبەردە كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. بىر تېمىنى مۇنبەرگە يوللىماق ئۈچۈن تېما يوللۇغۇچى خېلى ئەجىر سىڭدۇرىدۇ، بۇنى دېمىسەممۇ تېما يوللىغۇچىلارغا ئايان.  شۇ تېمىنى يوللىغۇچىنىڭ ئەجرى ئۈچۈن بولسىمۇ ، باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىغاندا،  يازمىنىڭ  مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويساق، كېيىنكى ئاۋارچىلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    http://bbs.alkuyi.com/thread-2291-1-2.html  
    ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1198
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
    تۆھپىسى: 126
    پۇلى: 1505 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 252
    ياخشى باھا: 1455
    توردا: 238(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-30
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-22 19:14

    «ئومۇمىي يېزىقچىلىق ناملىق كىتاپ»نىڭ 1 توم 2- توم 3- توملىرىدىمۇ  تولۇق ئېلىنغان ، تەپسىلاتىنى شۇ كىتابتىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەر بىر تور مەنبەرلىرىدە يوللانغان تېمىلار «بوز قىر » تورىدا بولۇشى مۈمكىن، بولسا «بوز قىر» تور بېتىدا كۆپرەك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ تۇرساق تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى بۇ تورنى باشقا تورلارغا قارىغاندا قىزىقىپ كۆرۈدىغانلار كۆپرەك.
    [ بۇ يازمىنىتىمتاس 2012-05-22 19:28قايتا تەھرىرلىدى ]
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2552
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
    تۆھپىسى: 157
    پۇلى: 2979 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 315
    ياخشى باھا: 2898
    توردا: 480(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-23 09:56

    ھەممىڭلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئورامى يەنىلا ياخشىلىق  قىلىشتۇر...
    japaning kayni halawatdur
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1185
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 143
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
    تۆھپىسى: 31
    پۇلى: 206 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 62
    ياخشى باھا: 206
    توردا: 12(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-01-19
    ئاخىرقى: 2013-05-26
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-02 16:09

    باشقا تور مۇنبەرلىرىگە بوز قىر تورىغا كىرگەندەك كىرىش پۇرسىتى ئاز بولىدىكەن ، بۇ بوز قىر تورىدا بۇ مۇھىم تېمىنىڭ بولۇشى بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ئىش بوپتۇ ھەم ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنى بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق تېما ئىكەن . ئۈىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن . ئەجرىڭىزگە رەخمەت.