چوڭ شاقىراتمىنىڭ دەپنە مۇراسىمى
1986-يىلى 9-ئايدا،لاتىن ئامېركىسىدىكى پارنا دەرياسى بويىدا بىر قېتىملىق ئۆزگىچە دەپىنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.ئەينى چاغدا،برازېلىيە زوڭتۇڭى فىگرېت ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بولۇپ،بۇ ئۆزگىچە دەپنە مۇراسىمىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغاىدى.بۇ دەپنە مۇراسىمى سېتكاسېس شاقىراتمىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن.
ئەسلى ئىش مۇنداق؛
لاتىن ئامېركىسىدىكى برازىلىيە بىلەن پراگىۋاي تۇتاشقان چېگرىدا پارنا دەرياسى بولۇپ،ئۇ دەريادا دۇنياغا مەشھۇر سېتكاسېس شاقىراتمىسى بار ئىدى.بۇ شاقىراتما ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئېقىن مىقدارى ئەڭ زور شاقىراتما بولۇپ،ئۆركەشلەپ تۇرغان دەريا سۈيى ئۈزلۈكسىز تۈردە تىك قىيانى بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ شىددەت بىلەن چۈشۈپ يىراق-يىراقلارغا ئېقىپ كېتەتتى.بولۇپمۇ ھەر يىلى تاشقىن مەزگىلىدە،شاقىراتما تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈس ئالاتتى.سېكىنوتىغا 10 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىن تۆۋەنگە شىددەت بىلەن چۈشۈپ،سان-ساناقسىز سۇ لەيلىلىرىنى پەيدا قىلاتتى.سۇنىڭ چاچرىشىدىن ھاسىل بولغان تۇمان ۋە قۇلاقنى يارغۇدەك كۈچلۇك ئاۋاز ئەترەپنى قاپلايتتى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،شاقىراتمىنىڭ غايەت كۈچلۈك ئاۋازى 30 كىلومېتىر دائىرە سىرتىدىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن.
ئۇزاقتىن بۇيان،سېتكاسېس شاقىراتمىسى برازىلىيە ۋە پراگۋاي خەلقنىڭ پەخرى بولۇپ كەلگەنىدى.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئايغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئاسمان - پەلەك سۇ پەردىسى ئالدىدا سۇ تۇمانلىرىغا چۆمۈپ،بۇ گۈزەل ماكاننىڭ ساپ ھاۋسىدىن ھوزۇرلانغىنىدا داۋمى ئىنكاستا...