ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2401 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بۆرە ،ئوغوزخاننىڭ يۈزىنى قىل
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
تۆھپىسى: 155
پۇلى: 903 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 211
ياخشى باھا: 482
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-05-27
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-27 01:06

بۆرە ،ئوغوزخاننىڭ يۈزىنى قىل

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-05-27)
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،ساق سالامەت تۇرۇشقاندۇق ،30نىڭ قارىسىنى ئالغانچە  تۇرمۇش ،خىزمەت بېسىمى يەلكىمىزنى  بېسىپ باشقا ئوي خىياللارغا تازا يېقىن كېلەلمەس قىلىپ قويىدىكەن ،مانا شۇ تۈپەيلى يا قوشاق يوق ،يا كۆرگىلى چۈش يوق يۈرگەن بىسەرەمجان يۈردۈم . 7كۈننىڭ پەرقى يوق،چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەپ  ئىشلەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە خىزمەت ھاردۇقى يەتكەچكە ھەتتا چۈشۈمگىمۇ باشقا نەرسە ئەمەس توك ،دىلگىرام ،ئېگىزدە ئىشلەش ....قاتارلىق نەرسىلەر كىرىپ كۈنلەر ئۆتكەن ئىدى.  تۈنۈگۈن كەچ ئاخىرى بۇ كەسپى چۈشلەردىن قۇتۇلۇپ ئاجايىپ غارايىپ چۈشلەرنى كۆرۈپتىمەن .
   تۈنۈگۈن دوستۇم بىلەن بىللە كىنوخانىغا كىرىپ يېڭىدىن قويۇلۇۋاتقان  "ئادەم ۋە بۆرە جېڭى "دېگەن كاتتا  فىلىمنى كۆرۈپ كەچ 10دا ئۆيگە قايتتۇق ، فىلىم ئىشلىگۈچى باش پېرسوناژنىڭ بۆرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ قالغان ئاخىرقى پەيتتە ئۆلۈپ كەتكەن سەپداشلىرىنىڭ پۇلقاپلىرىنى بىرمۇ بىر ئېلىپ  ،پۇلقاپ ئىچىدىكى رەسىملەرنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ سىيلاپ چىققاندىن كىيىن يەرگە تىزىپ بولغاندىن كىيىن  بىر قولىغا  پىچاقنى مەھكەم باغلاپ ،يەنە بىر قولىغا 3دانە كىچىك دورا بۇتۇلكىسىنى مەھكەم باغلاپ بولۇپ بۇتۇلكىنى چېقىپ "بۈگۈن ----ئۆلۈم يا كۆرۈم "دەپ ئاتامان بۆرىگە  نەپرەت بىلەن قادالغان كۆزلىرىدە  فىلىم ئاقىۋىتىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىياسىغا قالدۇرۇپ تولىمۇ ئېسىل ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى .
ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۆلۈم ،ھادىسە ،قەھرىمانلىق ،بۆرىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقى ،ئىتتىپاقلىقى ،گوروھچانلىقى قاتارلىقلارنى مۇلاھىزە قىلدۇق  .ئۆيگە كېلىپمۇ بۆرە ،ئادەم ،جەڭ ،قان ،ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن  قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىم ،فىلىم ئاخىرىدىكى ياۋۇز بۆرە بىلەن باش رولچىنىڭ "بۈگۈن ---ئۆلۈم يا كۆرۈم "دەپ بىر بىرىگە نەپرەت بىلەن تىكىلگەن ھالىتى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى . قان ،بۆرە ،نەپرەت ،ئۆلۈم ...لەرنى ئەسلىگەنچە بىر چاغلاردا  ئۇيقىغا كېتىپتىمەن .
مەنمۇ نەق مەيداندا تۇرغۇدەكمەن ،ئادەملەردىن ئىككىمىزلا قالغان ،قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەن ئىدى ،باش پېرسوناژ يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ بۆرىگە ئېتىلىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى ،بۆرىلەر توپى غەلىبىنى تەبرىكلەپ  ھۇۋلايتى مەن  قورقۇنۇچتىن دىر دىر تىترەيتىم .
بۆرە شاھى مېنى  جەڭگە ئۈندەپ يەردىكى پىچاقنى پۇتى بىلەن تېپىپ مېنىڭ ئالدىمغا تېپىپ بەرگۈدەك .
ياق بۆرە ،ياق دەپ غال غال تىترەپ كەتتىم  مەن قورقۇنۇچتىن ، سەن بىلەن ئۇرۇشمايمەن ،مەن سېنى يېقىنىم بىلىمەن ،بىز بىلگەن ،ئۆگەنگەن بۆرە سەندەك ياۋۇز ئەمەس ،بىلەمسەن مەن ئۇيغۇر بالىسى ،ئوغوزخاننىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،بىزنىڭ بىلىشىمىزچە خاقانىمىز ئوغۇز ئۇرۇم )رىم(غا جازا يۈرۈش قىلىپ مۇزتاغقا بارغاندا ئۇنىڭ چېدىرىغا كۈندەك يورۇق بىر نۇر چۈشكەن ،نۇر ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك ،كۆك يايىللىق بىر ئەركەك بۆرە چىققان ۋە ھەي ئوغۇز ،مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن دەپ ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا  ئۇيغۇر قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭغان،شۇڭا ئەجدادلىرىمىز غالىبلىق بايراقلىرىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بۆرە بېشىنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپ بۆرە بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن ،شۇنىڭدىن كىيىن كۆك بۆرە بىزگە توتېم بولغان .مەن ئوغوزخاننىڭ ئەۋلادى ،سەن كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادى ،شۇڭا مېنى يېمەسلىكىڭنى ئۆتۈنىمەن ،بىلەمسەن مېنىڭ ئاتا ئانام ،قېرىنداشلىرىم ،ئائىلەم ۋە بالام بار .مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمىگىن ،مەن ئۆلۈمدىن قورقىمەن .....
مەن تىترەيتىم ،بۆرىلەر ھۇۋلايتى .مەن يىغلايتىم ،بۆرىلەر ھۇۋلايتى .
ئاتامان بۆرە ماڭا قاراپ خىتاب قىلدى -
---ياق ،سەن  ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ئەمەس ،ئوغۇزخان ئۆلۈمدىن قورقمايتى ،قىئاتنى ئۆلتۈردى ،خەتەردىن قورقمايتى ،يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇردى ،سەن ھېچ ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسىگە ئوخشىمايسەن ،قارا ئەپتىڭگە :
-قېنى بۇقىنىڭكىدەك پۇت ؟
-قېنى بۆرىنىڭكىدەك بەل؟
-قېنى ئېيىقنىڭ كۆكسىدەك مەيدە؟
-قېنى يىلپىزنىڭ مۈرىسىدە مۈرە ؟
-قېنى ئۆلۈمدىن قورقماس روھ ۋە جاسارەت !
-ياق ،سەن ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ئەمەس ،
-راس ،مەن ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ،مەن ئۇيغۇر بالىسى ،ئىسمىم ۋاپادارىم 912 ؛
-نېمە سەن كىمگە ۋاپادار ؟
-مەن ئانامغا ،دادامغا ،قېرىنداشلىرىمغا ،ئايالىمغا ،بالامغا ،دوسىتلىرىمغا ،خەلقىمگە ۋاپادار ،ناۋادا مېنى ئۆلتۈرمەي ئۆيۈمگە كەتكىلى قويساڭ ساڭىمۇ ۋاپادار بولىمەن بۆرە ؟
مېنى كەتكىلى قوي ،مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمە ،
-ئورنۇڭدىن تۇرنىجىس دەپ تىللىدى  ئۇ مېنى ، ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى دەيسەنۇ تىزىڭ يەردە ،ئوغۇزخان كۆك تەڭرىدىن باشقىغا تىزلانمىغان ،تۇر ئورنۇڭدىن ،ئوغوزخاننىڭ يۈزى ،ئەركەك كۆك بۆرە يول باشلاپ ماڭغان،قەدىناس بولۇپ ئۆتكەن    ئوغۇز خاقاننىڭ يۈزى  ،مەن سېنى يېمەيمەن .بىز سېنى يېمەيمىز .
ھۇۋ -----بۆرىلەر توپى تەڭلا ھۇۋلاپ كېتىشتى ،ئۇف دەپ ئورنۇمدىن تۇرغۇدەكمەن ،رەھمەت ، رەھمەت خاقانىم ،ئوغۇز خاقانىم ،سەن نەچچىلىگەن  ئەسىرلەر ئىلگىرى بىزنىڭ روھىمىزنى قۇتقۇزۇپ بىر بايراق ئاستىغا يىغقان ئىدىڭ  ،بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ قارلىق دالىدا مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ،رەھمەت ساڭا ئوغۇز خاقان ،رەھمەت ساڭا  ئاتامان بۆرە ...مېنى كەتكىلى قوي ،مەن ئەتە  ئىشقا بارمىسام بولمايدۇ ...
بولمايدۇ دېدى ئاتامان بۆرە مېنىڭ يولۇمنى توسۇپ ،سەن كەتسەڭ بولمايدۇ ،سەن بىز بىلەن قىلىشىڭ كېرەك ،ئوغۇزخان ۋە كۆك بۆرە روھى خۇشھال بولىدۇ ،سەن بىز بىلەن قىلىشىڭ كېرەك
،سەن بۇ  قارلىق دالىدىن  ھەرگىزمۇ چىقىپ كېتەلمەيسەن ،ئوغۇزخان يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇرغاندا سىلەر كۆپ ئىدىڭلار ،بىز بىر تاللا  ئىدۇق ،ھازىر ،بۇ قارلىق دالىدا سەن يالغۇزسەن ،بىز كۆپ ،بۇ دالىدا بۆرە ،قار ،جۇدۇندىن باشقا نەرسە يوق .شۇڭا سەن ئۆيۈڭگە قايتىش نىيىتىڭدىن يېنىپ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلىپ بۆرە بولۇپ كەت !
ھۇۋ......بۆرىلەر توپى  جاھاننى لەرزىگە سالغۇدەك ھۇۋلاپ "بۆرە بولۇپ كەت "دەپ مارش توۋلايتتى ...

ئوغۇز سەنلەرگە بولغانتى خاقان ،
ئىچىشتىڭ سەنلەر ئۇنى دەپ تالقان .
زەئىپ بەدەنگە قۇۋۋەت دېيىشتىڭ  ،
ساختا ئەر بولدۇڭ ،ساختا پەھلىۋان ...

ھىچكىم شاھىنى سەندەك خارلىماس ،
شۇڭا سەنلەرگە بەخىت پارلىماس !

ئوغۇزخاقاننىڭ يۈزىنى قىلدۇق ،
ئۇيغۇرنى يېيىش بىزگە نومۇس، سەت .
ئۇيغۇر بولغۇدەك نېمەڭ بار سېنىڭ ،
بولدى بىز بىلەن بۆرە بولۇپ كەت ......


ئەركەك روھىڭنى  تاپقىن قان پۇراپ ،
بولدى بىز بىلەن بۆرە بولۇپ كەت !

ياق ...مەن بۆرە بولمايمەن ،مەن ئادەم ،مېنى شاڭيۈن شاۋچۈگە ئاپىرىپ قويۇڭلار دەپ چاچراپ ئويغاندىم ....ئۇف ،شۈكرى ،بۇ چۈشۈم ئىكەن ،مەن تېخى ھايات ئىكەنمەن ...يانفوننى ئېچىپ سائەتكە قارىۋىدىم ئۈچ بوپتۇ ،يانفۇن تەگلىكىدىكى ئاسمانغا قاراپ ھۇۋلاۋاتقان كۆك بۆرە رەسىمى ۋە "بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت "دېگەن مىسرالارغا قاراپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن شۈكرى ئاللاھ دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .
ئاھ بىسەرەمجان چۈشلەر ،ئاھ بىسەرەمجان ۋاپادارىم .....
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-27, 06:46
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+50(ئۈمىديار)
  • چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
    دوستلىشىش
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 646
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
    تۆھپىسى: 114
    پۇلى: 994 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 174
    ياخشى باھا: 890
    توردا: 321(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-05-08
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-27 20:17

    بۆرىلەر ھەرھالدا ئوغۇزخاننىڭ يۈزىنى قىپتۇ،  بولمسا بىچارە ۋاپادارىم....

    چۈشلەرگە بەرىكەت بەرسۇن!!!!!!!!!!!
    ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 1560
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
    تۆھپىسى: 225
    پۇلى: 2160 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 430
    ياخشى باھا: 2040
    توردا: 486(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-27 21:07

    بۆرە بولۇپ كېتەيلى پەقەت ،
    بۆرە بىزگە باش بولسۇن ئەبەد!
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2552
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
    تۆھپىسى: 157
    پۇلى: 2979 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 315
    ياخشى باھا: 2898
    توردا: 480(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-28 09:28

      كۆك يايىلىق بۆرە بىزگە يول باشلايدۇ،..

                               _ ئوغۇزخان
      
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1017
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
    تۆھپىسى: 136
    پۇلى: 1293 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 279
    ياخشى باھا: 1293
    توردا: 126(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-03-22
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-28 11:26

    مەيلى ئىنسان قايسى ئەقىدىدە بولسۇن ،ئۇنىڭ نىيەت -ئىقبالى خۇداغىلا باغلانغان بولسا ئۇلۇغ پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارغا ھەر زامان قۇت ئاتا قىلماي قويمايدىكەن . ئۇلار سۈرگەن سەلتەنەت ،ئۇلار سۈرگەن باياشات ، ئۇلار سۈرگەن ئىناقلىق -ئىتاپاقلىق دەل خۇداغا باغلانغان ئىتقادىنىڭ توغرىلىغىدىندۇر.
    دوستلىشىش
    سالمان888
    تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 1077
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
    تۆھپىسى: 287
    پۇلى: 1765 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 564
    ياخشى باھا: 1659
    توردا: 242(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-19
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-28 12:04

    مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان
    ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان
    تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان
    كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئوران
    تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان
    ئوۋلۇقتا يۈرسۇن مال – ۋاران
    ھەم ئاقسۇن دەريا – ئېقىن
    قۇياش تۇغ بولسۇن
    ئاسمان قورغان
    <<ئوغۇزنامە>>دىن
    خەلقېم مەن بىلەن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1489
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 15
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 15 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 15
    توردا: 1(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-30
    ئاخىرقى: 2012-09-13
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-29 11:54

    ئۇغۇز خاننىڭ سەرگۈزەشتىللىرى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر نىڭكىگە ئوخشىشىپ كىتىدىكەن.
    دوستلىشىش
    سالمان888
    تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 1077
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
    تۆھپىسى: 287
    پۇلى: 1765 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 564
    ياخشى باھا: 1659
    توردا: 242(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-19
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-29 12:19

    ئەسلى بىر بولغاچقا ئوخشاپ كىتىشى كىرەك گېتلىر بۇرادەر.
    خەلقېم مەن بىلەن
    urtak itikat  urtak  nixan ???tirixayli
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 621
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 16
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 16 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 16
    توردا: 3(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-29
    ئاخىرقى: 2012-10-14
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-01 07:35

    خۇداغا  شۇكرى  ھىلىمۇ  ئۇخۇنۇپ  كىتىپسىز   ..بۇلمىسا   ..............
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1489
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 15
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 15 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 15
    توردا: 1(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-30
    ئاخىرقى: 2012-09-13
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-02 00:32

    سالمان بۇرادەر ،مەنمۇ شۇنداقمىكىن دىگەنتىم.رەھمەت سىزگە!