ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3362 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/7     Go
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 14:24

مۇراجىئەت!؟

                                                             مۇراجىئەت!؟

سۈكۈت قىلىش ،ۋىجدانسىزلىقنىڭ ئالامىتى.
                                     - ۋ،ئى.لېنىن
سۈكۈت،سۈكۈت، سۈكۈت ئىچىدە پارتىلاپ چىقمىغانلار  سۈكۈت ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ. 
                                       -   لۇشۈن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى،
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت رەھبەرلىگى،
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرىتارى،
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەت باشلىقى
جىڭ ناھىيەلىك پارتكوم سېكرىتارى،
جىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت  ھاكىمى،
داخىيەنزى بازارلىق پارتكوم سېكرىتارى،
داخىيەنزى بازارلىق خەلق ھۆكۈمەت باشلىقى،
شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسى تارماقلىرى                                        گە:

                بىزكى مۇراجىئەت قىلغۇچى  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيە داخىيەنزى بازىرىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى ،شۇ توغرىلىق ئىلتىماس قىلىمىزكى بازىرىمىز 40نەچچە مىڭ نوپۇسقا ئىگە،مەملىكەتتىكى 500چوڭ بازارنىڭ بىرى .بۇ بازاردا 6مىللەتتىن تەركىپ تاپقان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە خەنزۇلار  بار.    
               يېقىنقى يىللاردىن بېرى سىياسەت شەھەردىن كۆرە، يېزىدا كۆپرەك ئەمىلىلىشىپ پۇقرالارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ،يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى ،توۋار ئۆي قۇرۇلۇشى ،يول قۇرۇلىشى ،سۇ ئىنشائات ۋە باشقا ساھەدىكى ئونۋېرسال  قۇرۇلۇشلار  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە  باشلىنىپ  ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى بارلىققا كەلتۇردى ،جۈملىدىن بۇخىل ئىللىقلىق قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ مەيىن  شامىلى پۇقرالارغا دۆلەت سىياسىتى ۋە قانۇنىنىڭ مۇقەددەسلىگىنى بىۋاستە ھېس قىلدۇدى .داخيەنزى بازىرىمىزغا 1980-يىللاردىن بۇيان ،پۇتۇن مەملىكەتكە ،ئاپتونوم رايۇنغا ،ئاپتونوم ئوبلاستقا،ۋە ناھىيىگە تونۇلغان پىشقەدەم ۋە ئۇتتۇرا ياش خەنزۇ ،ئۇيغۇر ،موڭغۇل ،قازاق ،خۇيزۇ قاتارلىق ئىخىتىساسلىق رەھبەرلەر باش بولغان ۋە بولىۋاتىدۇ.
              بۇ رەھبەرلەر پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ يېزا-بازار سىياسىتىنى،مىللى سىياسىتىنى داخىيەنزى خەلقىنىڭ دېھقانچىلىق ،ئورمانچىلىق ،چارۋىچىلىق ،سۇچىلىق ، پاختا -كەندىر توقۇمىچىلىق سىياسىتىنى ئەل رايى قۇرۇلۇشى  بويىچە ئۆلچەملىك ئېلىپ بارغان ، بارالىغان ۋە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى  ھەل قىلغان  قىلالىغان   بولسىمۇ ،ئەپسۇسكى  ھەممە مىللەتكە ئورتاق پايدىسى تېگىدىغان ناھىيىتى ئاددى ئەمما تەسىر دائىرسى خېلى چوڭ بولغان بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشنى30-40 يىلدىن بېرى  ئېلىپ بارالمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا قىلغان ئەمگەكلىرى كۆزگە  كۆرۈنمەي،تىلغا ئېلىنماي  كېلىۋاتىدۇ.
               ئۇ بولسىمۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ چوشقا گۆشى ساتىدىغان ۋە سويىدىغان بىر يۈرۈش دۇكان،زامانىۋى  <<قۇشخانا>>قۇرۇلۇشىنىڭ  ھازىرغىچە سېلىنماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى ئاممىغا كەلتۈرۈپ بېرىۋاتقان نارازىلىق پىكىرىنىڭ ھەل بولماسلىقى!
             چۈنكى بىرقىسىم چوشقا گۆشى ساتىدىغان ۋە  سويىدىغان ئەر -ئايال خەنزۇ قاسساپلار (بۇنىڭ ئىچىدە ئىت ،ئىشەك سويىدىغان پىشقەدەم قاسساپلارمۇ بار) جاندارلىرىنى خالىغان يەردە،خالىغان ۋاقىتتا سويىۋەرگەچكە بازار ئىچىدىكى ‹‹سەرگەردان ئىت ،مۈشۈكلەر››ئۇنىڭ تاشلىۋېتىلگەن ئىچ باغرىنى، بەزلىرىنى خەلق مەيدانى ،چىملىق ۋە يول بويلىرى ،دوختۇرخانا ئەتراپىدا  سۆرەپ يۈرۈپ ،يىگىنىنى يەپ ،يىمىگىنىنى چىۋىنلەرگە تاشلاپ بېرىپ ،چىۋىنلەردىن ئاشقان گۆش -ياغلار ئاپتاپتا تۇرۇپ  چىرىپ ،سېسىق پۇراق بۇ <<مەدەنىيەتلىك بازار>>نىڭ  ھاۋاسىنى ،مۇھىتىنى،پۇقرالارنىڭ نورمال كەيپىياتىنى  بۇلغاپ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا سەۋەپچى بولماقتا. بىزدە<< بىر تال توڭگۇز تۈكى كىرگەن قوراغا قىرىق كۈن پەرىشتە كىرمەيدۇ>> دەيدىغان دىنى ئەقىدە كۈچلۈك بولغاچقا ،بۇ ئىشلارنى دەسلەپ 1985-يىللاردا <<بورتالا گېزىتى>>ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر مۇخبىرىغا ئىنكاس قىلغان ، مۇخبىر  ئۆز ۋاقتىدا  بۇ ئىشقا جىددى قاراپ  <<ئاممىنىڭ ئىنكاسى>> سۈپىتىدە گېزىتكە چىقارغان .ئارىدىن چارەك ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ خەنزۇ يولداشلارغا يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ئازادە ،يورۇق،قولايلىق بىر يۈرۈش چوشقا گۆشى سېتىش ۋە چوشقا سويۇش دۇكىنى(قۇشخانا) سېلىپ بېرىلمىدى ،ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يوللۇق  تەلەپلىرىمۇ ئېتىۋارسىز قارالدى.يولدىن ئۆتكەن قاتناش ۋاستىلىرى،پىيادىلەر،يولۇچىلار بەزىدە بۇ تاشلاندۇق مەرەزلەرگە دەسسەپ قېلىشتىن خالى بولالماي كەلدۇق.
            گەرچە شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر ،قازاق،خۇيزۇ تازىلىقچىلار قوشۇنى بۇ مەينەتچىلىكلەرنى تازىلاپ ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا جىمىقتۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولۇپمۇ ئۆزخان ،ئۆز بەگ قاسساپلىق قىلىۋاتقان خەنزۇ يولداشلارنىڭ  مۇنتىزىم بىر يەردە تۇرۇپ قاسساپلىق قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ بولالمىدى. ئۇلار مۇھىم بولغان قاتناش ئېغىزلىرىنى ،يول بويلىرىنى ئىگەللەپ ھەر تۈرلۈك ئاۋارىچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ.
       بۇ ئىشلار ...
1>.مىللى مۇناسىۋەتنى ،سىياسى-ئىقتىسادى  ،ئىجتىمائى ،قانۇنى ۋە ئەخلاقى شەرت-شارائىت ،مۇھىتقا باغلىق بولغان بىر قاتار  مەسىلىلەرنى مۇشۇ رايۇندا ئىجرا قىلىشقا ، كۈچىنى   كۆرسىتىشكە  كەلگەندە <<بېگىمنىڭ قورسىقى توق ،قۇلى بىلەن ئىشى يوق>> دەيدىغان   بىر قىسىم تەييارتاپ مەمۇرلارنىڭ  <<گاس،گاچا،كور>>بولىۋالغانلىقىنى  چۈشەندۈرىدۇ.بۇ <<گاداي موللىنىڭ ئەزىنىنى جامائەت ئاڭلىماس >>بولىۋالغاندەك  بىر رىئاللىقنى چۈشەندۈرىدۇ.
    بۇ ئىشلار ...
2>.   <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مىللى تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى>> 1984(-يىلى ماقۇللانغان)نىڭ <<ئاساسى قانۇن>>دا بەلگىلەنگەن ھوقۇق -مەجبۇرىيەتلىرىگە ،مىللەتلەر ئالاھىدىلىگى ۋە ئېھتىياجىغا،ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنى ئېتىقاد مەسىلىسىگە  تەشكىلنىڭ ،رەھبەرلەرنىڭ ،ۋە بىر قىسىم خەنزۇ پۇقرالارنىڭ ئەمەلى جەھەتتىن ھەقىقى  ئېتىۋار بېرىپ ئۆزى بىلەن باشقىلارنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ كېتەلمەيۋاتقانلىغىنى،مەنسىتمەسلىك ۋە كەمسىتىش تۇيغۇسىدا بولىۋاتقانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ...
    بۇ ئىشلار ...
3> .  <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى يىمەكلىكلەر تازىلىقى قانۇنى >>1982(-يىلى ماقۇللانغان).<<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى>>غا بولغان تونۇش چۈشەنچە ۋە  <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مۇھىت ئاسراش قانۇنى>>غا،<<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى باج ئېلىش- باشقۇرۇش >>قانۇنىغا  بولغان مەسۇلىيەتنىڭ بىزدە ھەرتەرەپلىمە ئادا بولالمايۋاتقانلىغىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ .

          1985 -يىللاردا ئۇيغۇر قاسساپلارغا مۇنتىزىم بىر يۈرۈش قوي ،كالا سويۇش دۇكانلىرى سېلىپ بېرىلدى ۋە ئاقچى مەيدان بىلەن داخىيەنزى بازار پاسىلىغا300نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق قۇشخانا سېلىپ بېرىلىپ تارقاق ۋە چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى قاسساپلىق قىلمىشىغا خاتىمە بېرىلدى .نەتىجىدە بىر پۈتۈن بازارنىڭ مۇھىم بولغان يىمەكلىك بازىسى تەرتىپكە چۈشتى .بىراق خەنزۇ قاسساپلار مۇشۇنداق ئەۋزەل مۇھىتتىن بەھرىمەن بولالمىغاچقا ئۇلار سەييارە ۋە كۆچمەن ھالەتتە قاسساپلىق قىلىپ بازار مۇھىتىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزدى.بىز بۇخىل قۇرۇلۇشنى قىلىشقا توسالغۇ بولىۋاتقان  ئوبىكتىپ- سوبىكتىپ سەۋەپلەرنى مۇنداق يەكۈنلەپ باقتۇق:
<1>.بۇ خىل قۇرۇلۇشنى سېلىشتا  پۇقرالارنىڭ شۇنچە كۆپ تۇرالغۇ زېمىنلىرىنى مۇۋاپىق باھالاپ سېىتىۋىلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ  ئاتالمىش<< يەر >>قىيىنچىلىقى يوق !
<2>.شۇنچە كۆپ قۇرۇلۇشلارنى بولۇپمۇ  بىر قىسىم ئىشلىتىش مۇددىتى توشمىغان يېڭى  قۇرۇلۇشلارنىمۇ  چېقىپ قايتا سېلىۋاتقان ئىدارە جەمئىيەت  ئورگانلارنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقى ،ۋاقىت قىيىنچىلىقىمۇ يوق!
<3>. بۇنىڭدا پەقەتلا بىر قىسىم رەھبەرلەرگە مەزكۇر قۇرۇلۇشتىن تېگىدىغان پايدا -مەنپەئەت ئاز نىسبەتنى ئىگەللىگەچكە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك قۇرۇلۇش بۈگۈنگىچە سۆرىلىپ كەلمەكتە . دەپ چۈشىنىپ كەلدۇق .
<4>. مىللى مەسىلىنى،دىنى مەسىلىنى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەپ تەكىتلىگەن بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ،كىشىلىك ئىززەت -ئابرويىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئېتىۋار بېرىش ، ئەھمىيەت بېرىش خىزمىتىنىڭ ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.
<5>.داخېيەنزى بازىرىدىكى ئاتالمىش <<ساغلاملىق كوچا>>سىنىڭ ئەمەلىيەتتە چوشقا گۆشى سېتىش ۋە مۇھىتنى بۇلغاش كوچىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ.
          نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىقتىسادى تەرەققىيات ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ، ئاممىغا ھەرتەرەپلىمە قولايلىق شەرت-شارائىتنى   تۈزەش، ئوڭشاش ، تەرتىپكە سېلىش ،مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،كېسەللىك ۋە يۇقۇملىنىشقا قارىتا ئەتراپلىق مۇلازىمەت  قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ .
           بولۇپمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ،ئەنئەنىسىگە ،ئىززەت-ئابروي ،غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ بىر مەزمۇنى دەپ قاراۋاتىدۇ.       بۇ خىل سىياسى قاراش  يولداش   جاڭ زېمىن تەكىتلىگەن << جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ غورۇرى>>غا ھۆرمەت قىلىش قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە دەپ قارايمىز .  بۇ ئىشلارغا ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىغا خەلق قۇرۇلتىيى ،سىياسى قانۇن ساھەسى،دىنى بىرلىكسەپ تارماقلىرى بىپەرۋا  قارىماي ئالاھىدە مەسىلە سۈپىتىدە قاراپ ۋاقتىدا ،ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ خەنزۇ <<قېرىنداش>> قاسساپلىرىمىزنىڭ مەدەنى ،پاكىزە مۇھىتتا قاسساپلىق قىلىش شارائىتىنى ياخشىلاپ بازىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تۇر قۇرۇلىشى قاتارىدا  بۇ ئىشنى چوقۇم  بالدۇرراق  ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى كۆپچىلىك بىردەك مۇراجىئەت قىلدۇق ؟
             باھانە- سەۋەپلەر كۆرسىتىلمەي يېڭى دەۋردىكى بىر زامانىۋى  چوشقا گۆشى سېتىش ۋە سويۇش دۇكىنى ياكى قۇشخانىسىنىڭ  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،مۇۋاپىق ئورۇنغا  سېلىپ بېرىلىشىنى بىردەك تەكلىپ  ۋە  تەلەپ قىلىمىز؟!

       جىڭ ناھىيە داخيەنزى بازىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىدىن  ...

2012يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى  
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-09-07 00:25قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 14:46

سىلەرنىڭ ئۆينىڭ بىقىنىغا سەپ قويمىسۇن .ئۇنىمۇ ئېنىق دەپ قويۇڭلا !
ئىجتىھاد
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 15:02

شۇڭا <<مۇۋاپىق >>ئورۇنغا دىگەن سۆزنى ئوقۇپ بېقىڭ ئاندىن كۆرسىتىپ قوياي ! ئەگەر مۇشۇنداق بىر قۇرۇلۇشقا پارتىيە ،ھۆكۈمەت تەرەددۇت قىلسا ئۆيۈمنى كۆچۈرۈپ بېرىشكە رازىمەن ،ئۇنىڭسىزمۇ چوشقا گۆشى ساتىدىغان قاسساپلار بوسۇغىمىزغا نىقتاپ كەلدى...
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 15:56

مېنىڭچە سىلەر؛
ئوبلاستلىق ھۆكۈمۈتكە بۇ ئىلتىماسىڭلارنى كىرگۈزۈڭلار(مەلۇم سۈرۈك بېرىپ)سىلەر بەرگەن سۈرۈك ئىچىدە ھەلقىلىش ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىسە قانۇن بويىچە كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى قىلىمىز _ دەپ ئېنىق ئىپادە بۈلدۈرۈڭلار،ھازىر ھۆكۈمەت تۆت ئادەمنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋېلىشىنى ھەممىدىن بەك يامان كۆرىدۇ...
_ ھېلىقى مەخمۇتجان بارات نېمە قىلىۋاتىدۇ !؟ _ ئۇ شۇ يۇرتنىڭ  ئېگىسىغۇ ۋە ئوبلاس دەرجىلىك دۆلەت مەمۇرىغا...!؟
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 16:19

مەن بىر قېتىملىق<< نامايىش>>نىڭ دەردىنى تارىتىۋاتقىلى 26يىل بولدى... ..يەنە 26يىللىق ئۆمرۈم بولسا گېپىڭگە چوقۇم جاۋاپ بەرگەن بولاتتىم. شامال؟!بەزىلەر قەستەن  نامايىش قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ قويۇپ پىنگىۋېندەك دالدىغا ئۆتۈۋالسا ياكى يانفۇنىنى  ئېتىۋىلىپ مۆكۈۋالسا كىم بىلەن نامايىش قىلىمەن بورانباي؟ ھازىر بۇرۇنقىدەك ئىستىخيەلىك ھالدا كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىدىغان ھەركەتلەرگە خاتىمە بېرىلىپ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى نامايىش قىلىش نىزامى (قانۇنى)يولغا قويۇلغىلى نەچچە يىل بولدى .نامايىش ۋە كۈچ كۆرسىتىشنى ئاۋۋال جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تەستىقلىتىپ ،نامايىش شۇئارىنى ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن رەتلىك ،تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا نامايىش قىلىش تەرتىپى ئورنىتىلدى ....بولدىلا بۇ  يەردە پوشكالغا يۆگەپ بەرسە ئىت يىمەيدىغان گەپنى قىلىپ ئولتۇرماي  ئاۋۇ قاسساپ ئاغىنىلەرگە سالىدىغان ئۆينىڭ غېمىنى قىلايلى
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-06-14 17:49قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
كوكتوقاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1071
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 53
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2013-05-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 16:37

ھۆكۈمەت  ئورۇنلىرىغا   يېزىلىدىغان   ئىنكاس   دېگەن   مۇنداق  بولمامدۇ،  بۇ  ئىنكاستىن
ھىچكىم   ئۈگەن   تاپالمۇغىدەك،  26 يىللىق    تەجىربە -ساۋاقنىڭ    مەھسۇلىدە -بۇ!
مۇنتىزىم   قۇشخانىدا  سويسا   باج   تۆلەشكە   توغرا   كېلىدۇ،
چوشقا   سويۇلغاندا   بەك   چىرقىرايدۇ  دەپ ئاڭلىغان،  شۇڭلاشقا    بازارلىق  ھۆكۈمەت  زور مەبلەغ
توپلاپ   يۇقۇرنى   ھاڭ-تاڭ   قالدۇرغىدەك   ، ئىچىدىكى   تىۋىش   سىرىتقا   ئاڭلانمايدىغان
يەر  ئاستى    سۇ يوللىرى    راۋان    زامانىۋى  قۇشخانا    سېلىشنى   پىلانلاۋاتامدۇ-تېخى!
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 19:27

ھەر بىر ئورۇندا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتى مەھەللىلەر باشقارمىسى بارغۇ ؟ شۇ يەرگە بېرىپ ئېلتىماس قىلىشى كېرەك ئۇلار يۇقىرىغا ئەرزنى سۇنىدۇ، ئىشلار قاتلاممۇ-قاتلام ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئەھۋاللارنى چوقۇم ھەل قىلىپ بەرسە بولغۇدەك، بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئوقۇپ ئىشلار ئاسانغا چۇشۇپ قالامدۇ تېخى، ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-14 23:41

بۇ ئىشلار مۇقەررەر ھەل قىلىنىدۇ .شۇغىنىسى ئۈنىڭ ۋاقتى خىيانەتكە يەم بولىۋاتىدۇ.بۇ يەردە ياكى ئىجرا ياكى ئىجراچى ئاقساق بولىۋاتقان مەسىلىگە يېشىم بېرىلسە قۇرۇلۇش بىر ئايغا يەتمەيلا تامام بولىدۇ.
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-15 14:48

بۇ ئشلارنى كۆرۇڭ، بۇ <<مۇراجەتنامە>>نى مەسئۇللار قاچان كۆرە، گىزىتقا چىقىرىپ باقسا ئۇنىمى ياخشىراق بولامۇ qarxanئاكا؟ ئەمدى بىكا قالغاندا باشلىقلار ئانچە-مۇنچە گىزىت ۋاراقلاپ قويىدۇ ئەمەسمۇ!!!!
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-15 14:49

  << خان ئاغزى مايمۇن>> دېگەندەك قاچان ھەل بولاركىن...!؟