ز
ئنسانلار يارالغىنىدىن بۇيان ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلدى ،لېكىن ھىچقاچان مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى!ئادەملەردىكى مەلۇم نوقسانلار ،كەتكۈزۈپ قۇيۇشلار مەغلۇبىيەت دائىرسىگە كىرمەسلىكى لازىم . مەغلۇبىيەت ئۆزىدىلا مەنىسىنى ئۇچۇق –ئاشكارە ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ ،ئۆلۈم ئىنسان ۋە ھايۋانلار ھاياتىدىكى مەغلۇبىيەت.
مەغلۇبىيەت –كۆرەش نىشانىڭىزدىكى تۇمان باسقان يول... سىز دەل ۋاقتىدا نىشانىڭىزغا يېتىپ بىرىش ئۈچۈن نۇرلۇق يولغا تەبئيلا مۇھتاج بۇلىسىز .مەغلۇبىيەت تېگى يوق ھاڭ ،ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ساق قالغان بىرەر ھايۋاننىڭمۇ خەۋرىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق،
غەلبە –خەتنىڭ تۈزۈلىشىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ ،غەلبە ھامان غەلبە ! غەلبە ،ئۇيغۇرلارنى باشلاپ ماڭغۇچى ھەم تۈرلۈك توسالغۇلارنى يەڭگۈچى ھەم ئۇيغۇر ئىدىقۇت خاندانلىقىنى قۇرغۇچى قارخانىلارغا ھاملدار بولغۇچى پانتېكىن،غەلبە خەنزۇلارنى يىڭى جۇڭگۇغا ئېرىشتۈرگۈچى سۇڭجۇڭسەن، غەلبە دۇنيادىكى 6مىليارد ئادەمنىڭ 2مىليارد مۇسۇلماننى تەشكىل قىلغۇچى مۇھەممەت پەيغەمبەر ،غەلبە ، 8دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يەڭگۈچى مۇستاپا كامال! غەلبە دۇنيانى بىر مەھەلىگە ئايلاندۇرغۇچى بىل گايتىس ،ئىشقىلىپ غەلبىنىڭ مەرھەمىتىنى دەپ كەلسەك بىر ئاخشام يەتمەسلىكى مۇمكىن. پېقىرنىڭ بۇنداق يىزىشتىكى مەقسىدىم تۇرمۇشىمىزغا بىلىندۈرمەي سىڭىپ كىرگەن زەھەرلىك سۆزلەرنى دەڭسەپ بىقىشىڭلارغا سۇندۇم . مىنىڭ مۇشۇ ئادەتتىكى يازمامنى يىزىپ تۈگۈتىشىمدىكى روھمۇ غەلبىنىڭ شاپائىتى،ئەگەر يازمام تورداشلارنىڭ پاكىتلىق قارشىلىقىغا ئۇچىرىسا بۇ مىنىڭ مەغلۇبىيىتىم ئەمەس بەلكى نوقسانلىرىم .