ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 664 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلاردىكى سۇ ۋە ئوتنى ئۇلۇغلاش
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 213
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
تۆھپىسى: 99
پۇلى: 414 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 201
ياخشى باھا: 414
توردا: 91(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-11-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 20:27

ئۇيغۇرلاردىكى سۇ ۋە ئوتنى ئۇلۇغلاش

           سۇنى ئۇلۇغلاش چوڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇشنىڭ ئومۇملاشقان ئىپتىدائىي شەكىللىرىدىن بىرىدۇر.
        سۇنىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئورنى ۋە ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ سىرلىق بولۇشى ئىپتىدائىي ئىنسان چۈشەنچىسىدە «سۇ ئىلاھى»نىڭ كارامىتى، دەپ قارالغان. نەتىجىدە، سۇنى مۇقەددەس بىلىپ، دېڭىز، دەريا، كۆل، بۇلاق، يامغۇر قاتارلىقلارنى ئىلاھىيلاشتۇرغان. بۇنداق ئەھۋال قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قويۇق ئەكس ئەتكەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى تارىخى قەھرىمانلىق داستانى «ئوغۇزنامە» دەپ ئوغۇزخاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغلىغا «تېڭىز» دەپ ئات قويغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن رىۋايەت-چۆچەكلەردە «سىرلىق سۇ» ئېتىقادى تۈپەيلىدىن، «سىرلىق سۇ» نى ئىچىپ قويۇپ ھايۋان سىياقىغا كىرىپ قالغانلىقىدەك سىرلىق ھادىسىلەر ھېكايە قىلىنىدۇ ياكى ھالقىلىق مىنۇتلاردا «سۇ ئىلاھى» نىڭ ياردىمىدە خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. شىنجاڭ قۇرغاق رايون بولغاچقا، قەدىمدىن باشلاپ سۇنى ئۇلۇغلاش-ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتلەر ۋە ئەقىدىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي شەكىل بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن«زاراخەتمە» ئۆتكۈزۈش ئادىتىمۇ «سۇ ئىلاھى»دىن مەدەت تىلەشنى مەزمۇن قىلغان. بەزى رايونلاردا تۇيۇقسىز قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، زىرائەتلەر سۇسىراپ كەتكەن مەزگىللەردە يۇرت جامائەتلىرى قۇرۇپ كەتكەن دەريا-كۆللەرنىڭ بويىغا توپلىنىپ بىرەر مالنى قان قىلىدۇ ھەمدە ئاللادىن سۇ تىلەپ دۇئا-تەكبىر قىلىدۇ. بۇ «زاراخەتمە» دەپ ئاتىلىدۇ.
        ئۇيغۇرلار يەنە سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسە، شۇ ئادەمنىڭ گۇناھى يۇيۇلىدۇ ۋە بەختلىك بولىدۇ، «سۇ يەتتە يۇمىلانسا ھالال»، «سۇغا تۈكۈرسە گۇناھ بولىدۇ»، «سۇغا تەرەت قىلىش ئەڭ ئېغىر گۇناھ»، «ئايىغى چىقمايدىغان توختام سۇنى ئىچكىلى بولمايدۇ»، «ھالال ھايۋانلاردىن كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلار قىش ۋاقىتلىرىدا دەريا-كۆللەرگە چۆكۈپ كېتىپ، مۇز ئېرىگەندىن كېيىن تېپىلىپ قالسا، گېلىغا پىچاق سۈرگەندىن كېيىن قان چىقسىلا يېيىشكە بولىدۇ»، «ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەردە كىر يۇيۇش گۇناھ بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن پەرھىزلەر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. سۇنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلاردىن تارىخىدا ئۆتكەن كۆپلىگەن خانلار ۋە قەھرىمانلار ئۆزلىرىنى «سۇ ئىلاھىنىڭ پەرزەنتلىرى» دەپ بىلىپ، ئىسىمنىڭ بېشىغا «كۆل» (سۇ) سۆزىنى قوشۇپ ئاتاشقانىدى. مەسىلەن«كۆل ئەركىن»، «ئۇيغۇر قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان»، «كۆلتېكىن»، «بىلگە كۆل قىدىرخان»، «كۆل تارقان» قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، «يېتىمبۇلاق»، «ئويمانبۇلاق»،"ئۇتتۇبۇلاق"، «شوربۇلاق»، «يانبۇلاق»، «بايىنبۇلاق»، «مارجانبۇلاق»، «نورۇزبۇلاق»، «قىزىلسۇ»، «ئاقسۇ»، «توقسۇ»، «يەتتىسۇ»، «ئونسۇ»، «يامانسۇ» قاتارلىق يەر-جاي ناملىرى ئەنە شۇ سۇ ئېتىقادىنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى ئىنكاسلىرىدۇر.
ئوتنى ئۇلۇغلاش
          ئوتقا بولغان سېغىنىش ئىنسانلار ئارىسىدا نىسبەتەن كەڭ يېيىلغان ئىپتىدائىي ئېتىقاد ئادەتلىرىنىڭ بىرى. مەلۇمكى ئوتنىڭ ئىنسان تۇرمۇشى بىلەن زىچ ئالاقىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ ياۋايىلىق باسقۇچتىن مەدەنىيلىك باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئوتنىڭ دەسلەپكى بايقىلىشى ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتى سىرلىق تۇيۇلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ساددا چۈشەنچىسىدە ئوتمۇ مۇئەييەن بىر ئىلاھىي كۈچنىڭ قۇدرىتى، دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن ئوتقا چوقۇنۇشنى تۈپ مەزمۇن قىلغان ئوتپەرەسلىك دىنى بارلىققا كەلگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ دىننىڭ تەسىرى قويۇق بولغان. ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئوت ئېتىقادىنىڭ بەزى تەسىرلىرى ئادەتكە ئايلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملاشقان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن ئادەتلىرىدە قىزنى كۆچۈرۈش ۋاقتىدا ھويلىغا ياكى ئىشىك ئالدىغا ئوت يېقىلىدۇ، قىزنى كۆرپىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى كىشى كۆرپىنىڭ ئىككى بېشىنى تۇتۇپ ئوت ئۈستىدىن ئايلاندۇرىدۇ، قىزنى كۆچۈرۈپ ماڭىدىغان يولغىمۇ بىر قانچە ئورۇندا گۈلخان يېقىلىدۇ، گۈلخان ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنى ياققان كىشىگە قىز تەرەپ بەزى سوۋغا-سالاملارنى بېرىپ، قىزنى گۈلخاندىن ئاتلىتىپ ئۆتكۈزۈش شەرت قىلىنىدۇ. قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەكەلگەندە، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا قىزىل تاۋاردىن پايانداز سېلىپ، قىزنى شۇ پاياندازغا دەسسىتىپ ئۆيگە ئەكىرىدۇ ۋە بۇ تاۋارنى تويغا قاتناشقان يىگىت-قىزلار تەرەپ-تەرەپتىن تارتىشىپ، پارچە-پارچە يىرتىپ ئېلىشىدۇ، قولىغا چىققان بۇ پارچە تاۋارنى توي تەۋەررۈكى قىلىپ ساقلايدۇ ياكى قولىنىڭ بېشىغا چىگىۋالىدۇ. بۇ قىزىل تاۋار ئەنە شۇ ئوتنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىل رەڭنى ئەتىۋارلىشىمۇ ئوتقا بولغان ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى رايونلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپلەر (دولان مەشرىپى، قۇمۇل تاغلىقلار مەشرىپى قاتارلىقلار) دىمۇ ئوچۇق سورۇنغا گۈلخان يېقىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا چەمبەر ياساپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئادەتلەر بار. بارات ئېيىدا ئۇزۇن ياغاچنىڭ ئۇچىغا ياغ قاپىقىنى ئورنىتىپ ئۇنىڭغا ئوت ياققاندىن كېيىن ئېگىز تام ياكى ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ناخشا-قوشاقلار بىلەن «ۋەششەمسى» توۋلاش (بۇ ئادەتتە «قاپاق كۆيدۈرۈش مۇراسىمى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئادىتىمۇ ئوتقا بولغان ئېتىقادنىڭ بىر خىل ئالامىتىدۇر. بەزى چەت رايونلاردا ۋە يېزا-قىشلاقلاردا «ئوت كۆچۈرۈش» دەپ ئاتىلىدىغان دىنىي خۇراپىي ئادەتلەرمۇ ساقلانغان. بۇ بىر خىل ئېرەملىك ئادەت بولۇپ، يەتتە ئۆيدىن يورۇڭ (پاختا) تىلەپ ئۇنى كۆيدۈرۈپ، تاسادىپىي قورسىقى ئاغرىپ قالغان ياكى سانجىق تۇتۇپ قالغان بالىلارنىڭ بېشىدىن ئۆرۈيدۇ. بۇنى «ئوت كۆچۈرۈش» نى ئادەت قىلغان ئۇدۇملۇق مومايلار ئىشلەيدۇ.ئوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتلەر خەلق ئارىسىدا خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتنى ئۇلۇغلاش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

                                                  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 20:37

دېمەك ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان بۈيۈك ئادەملەر توپىغا ئالاھىدە ھەسسە قۇشۇپ كەلگەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ سۇنى ئۇلۇغلىشى ۋە ئوتنى ئۇلۇغلىشى بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولغان ،ھەم باشقا مىللەتلەرگىمۇ زور تەسىر قىلغان ...
ئۆرلە ۋەتەن!