ئويلىسام
قاراخان
شاھ سەنەم دەپ سۆيگىنىم بىر پەس ئىكەنغۇ ئويلىسام ،
ئىسمى <<گۈل>>قەلبى تىكەنلىك خەس ئىكەنغە ئويلىسام .
تاشلىسا قاسراق دىلى <<قۇت>>دەپ ئۇنى جۇغلاپتىمەن ،
يىغقىنىم قۇت -شان ئەمەس،نەس ئىكىنغۇ ئويلىسام .
باي تۇرۇپ بولدۇم دىۋانە شۇل سەۋەپتىن نەس بىسىپ ،
قەلبىدىن دۇر سۈزمىگىم بەك تەس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
<<مىڭ بۇلۇپ ياشناپ كېتەتتى ،شەپقىتىمدىن بىر جېنىڭ>>
_ئاشۇ سۆزنى ئۇ دېگەندە ،مەس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
مېھىر -شەپقەت ھەققىدە بەرگەن ماڭا ئۆز ۋەدىسىن ،
جىن -شاياتۇن سۆزلىگەن ۋەز-دەرس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
يايرىدى توۋا يىقىلسام ،شان قازانسام كارى يوق ،
<<قۇت >>بىلەن پۇتلاشقان زەپ چەبدەس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
باغرىدا بىلمەي بۇلارنى يايراپ-كۈلۈپ ئويناپتىمەن ،
سۆيگۈسى ئەپيۇنسىمان ئەتكەس ئىكەنغۇ ئويىلسام .
<<ئاي زاتىنى >>ئىزلە ئەندى تاپ تەسەللى ئەي نادان ،
<<گۈل>>مېنى ،<<ئاي >>باشقىنى سۆيمەس ئىكەنغۇ ئويىسام .
2001-يىلى6-ئاي
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-06-22 20:01قايتا تەھرىرلىدى ]