ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 255 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بالىلىقتىكى ھېلىقى قۇش
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
تۆھپىسى: 53
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 86
ياخشى باھا: 306
توردا: 39(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-24 18:41

بالىلىقتىكى ھېلىقى قۇش

بالىلىقتىكى ھېلىقى قۇش
ھېكايە
ئۇنىڭ خىيالىغا تۇساتتىن بالىلىق چاغلىرىدا ئېرىق بويىدىكى چىمدا يېتىپ، بىر قۇشنىڭ مۇڭلۇق سايراشلىرىنى ئاڭلىغانلىقى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى شۇ قۇشنىڭ مۇڭلۇق سايرىشىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاش ئىستىكى چىرمىۋالدى. ئۇ كوچىغا چىقتى، ئەمما قاياققا بېرىشىنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. ئاخىرى ئۇنىڭ روھىدىكى بىرخىل ئېچىرقاش ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنى مەلۇم تەرەپكە ئاتلاندۇردى.

ئۇنىڭ ئاشۇ قۇشنىڭ ئاۋازغا بولغان تەشنالىقى ئالدىدا ئېگىز بىنالار، ئاۋات كوچىلار، ياشاش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان چۆمۈلىدەك ئادەملەر ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان ئىدى. ئۇ ئېرىق بويىغا كەلگەندە، قاغجىراپ كەتكەن ئېرىقنىڭ قوينىغا لىققىدە تولغان ئەخلەتلەرنىڭ چىرگەن ھىدى ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى. ئەتىراپتا نە يېشىل چىم، نە دەرەخ بولسۇن؟ پەقەت سانجاق ـ سانجاق بىنالار ئەرۋاھلاردەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تەۋرىنەتتى .

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزدىگەن نەرسىسىنىڭ بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرغان پەيىتتە، توساتتىن ئۇنىڭ قۇلىقىغا بالىلىقىدا ئاڭلىغان ھېلىقى قۇشنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ قۇشنىڭ سايرىغان ئاۋازىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى بىر قۇش دۇكىنىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، دەرھال قۇش ئاۋازى چىققان دۇكانغا قاراپ قەدەم ئالدى. ئۇ دۇكانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بالىلىقىدا ئاڭلىغانغا ئوخشاش سايرايدىغان بىر قۇش سولانغان قەپەسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا تەپسىلى قارىغاچ: ‹‹بۇ قانچە پۇل؟››دەپ دۇكانداردىن سورىدى. دۇكاندار ئۇنىڭ سۇئالىغا خوش ياقمىغان ھالدا: ‹‹ئۇ مېنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق قۇشۇم، ئۇ ئادەملەرنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ. ئۇنى مەن ساتمايمەن››دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ دۇكاندار دىققەت قىلمىغان پەيىتتىن پايدىلىنىپ، قەپەس يېنىدىكى بىر ئۇچلۇق تاياق بىلەن ھېلىقى قۇشنى قەپەس تېمىغا قىسىپ ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغىنىچە دۇكاندىن ئاستا چىقىپ قاياقلارغىدۇر غايىب بولدى.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-25 16:23

ئېھ ! گۈزەل بالىلىق،
ئۇھ! زاماندىكى غېرىپلىق...
نە قىلاي دۇنيانىڭ رەپتارىسى بۇ _
يوشۇرۇش نە قىلسۇن،
ئەبلەخ! شۇ قىلىق...