تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلار ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۇ
بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تورغا چىقىش ئۇسۇلىغا نەزەر سالايلى. ھازىر دىيارىمىزدا تورغا چىقىش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئۈچ چوڭ ئالاقە شىركىتى (كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف)دىن بىرەرسىدىن تورغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىسىز. تورخانىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. رەسمىيەت بېجىرگەن ئىكەنسىز، ئەلۋەتتە، سىزنىڭ مۇناسىپ ئۇچۇرلىرىڭىز ئالاقە شىركىتىنىڭ ساندانىغا خاتىرىلىنىدۇ. ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق.
ئەمدى سىزنىڭ ئۇچۇر يوللاش ۋاسىتىڭىزغا نەزەر سالايلى. تور دۇنياسىدا سىز ئۇچۇر يولللىيالايدىغان ۋاسىتىلەر ئاساسەن پاراڭلىشىش دېتاللىرى(QQ, MSN Messenger, Yahoo Messenger...)، ئېلخەت، تور بېكەت(مۇنبەر، سەينا، بلوگ، شەخسىي تور بەت،BBS)لەردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل بولغان، ئۇچۇر يوللىغۇچىنىڭ IP ئادرىسىنى خاتىرىلەيدىغان ئىقتىدارى بار. IP ئادرىسى بار بولدى دېگەنلىك، سىز تۇرۇۋاتقان جاي تېپىلدى دىگەنلىكتۇر.
ئەمدى ئۇچۇرنىڭ يوللىنىش جەريانىغا نەزەر سالايلى. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كونۇپكا تاختىلىرىنى بېسىپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئېكراندىكى «يوللاش» كونۇپكىسىنى بېسىش. سىز شۇ كونۇپكىنى باسقان ھامان، ئۇچۇرلىرىڭىز دەرھال ئىككىلىك سىستېمىسى بويىچە كودلىنىپ، كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىدىن ئۆتۈپ، تور سىمى(نۇر كابېل، سىمسىز ئالاقە دولقۇنى) ئارقىلىق، سىزگە تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئالاقە شىركىتىنىڭ باش مۇلازىمېتىرگە بارىدۇ، (دېمەك، ئۇچۇرلىرىڭىزنى مۇشۇ يەردىلا تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ.) ئاندىن تور نام يەشكۈچ مۇلازىمېتىر سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا ئاساسەن، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى سىز يوللىغان مەنزىل (تور بەت، ئېلخەت ساندۇقى، پاراڭلىشىش دېتالى)نىڭ مۇلازىمىتېرىگە يوللاپ بېرىدۇ، (مۇشۇ يەردىمۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ) ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلدىكى مۇلازىمېتىر ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئەگەر تور بەت(مۇنبەر،سەينا....) بولسا مۇناسىپ تور بەت كودىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساندانغا ساقلايدۇ، ئەگەر ئېلخەت مۇلازىمېتىرى بولسا ھۆججەت شەكلىدە مۇلازىمېتىرغا ساقلايدۇ، ئەگەر پاراڭلىشىش دېتالى بولسا قارشى تەرەپكە ئەۋەتىپ بېرىدۇ(مانا بۇ يەردىمۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تۇتۇپ قېلىش تامامەن مۇمكىن). بۇ جەريانلار پەقەت نەچچە مىللىسېكۇنتتىلا تاماملانغاچقا، بىزدە خۇددى ئۆيدە ئولتۇرۇپ خەت يازساق، بىۋاسىتە قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىغا يوللىنىپ كۆرۈنگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئالدىنقى يىلى قايسى بىر تور بېكەتتە QQ ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تېما يوللىنىپ، كۆپچىلىك بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ كەتكەن، بەزىلەر ھەتتا QQ دىن ۋاز كېچىپ، باشقا پاراڭلىشىش دېتاللىرىنى ئىشلەتمەكچىمۇ بولۇشقان ئىدى، ئەمما شۇنىسى ئېنىق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەيلى سىز قانداق پاراڭلىشىش دېتالى ئىشلەتمەڭ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك، سىزنىڭ ھەربىر ئېغىز يوللىغان ئۇچۇرىڭىز ھەر ۋاقىت بىر نەچچە مۇلازىمېتىردىن ئۆتىدۇ.
ئۇنداقتا، ئەگەر سىز بىرەر قالايمىقان سۆز-سۈرەتلەرنى تورغا يوللىسىڭىز، ج خ ئورگانلىرى سىزنى قانداق تاپىدۇ؟ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇچۇرلىرىڭىز ھامان بىرەر جايغا ساقلانغان بولغاندىن كېيىن، سىزنى تېپىش ئىنتايىن ئاسان. ئالدى بىلەن سىز ئۇچۇر يوللىغان تور بەت(مۇنبەر، سەينا...)نىڭ ساندانىدىن سىزنىڭ IP ئادرىسىڭىز ئىزدەپ تېپىلىدۇ. ئاندىن IP ئادرىسىغا ئاساسەن سىزنى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ئالاقە شىركىتى تېپىپ چىقىلىدۇ، ئاندىن يەنە شۇ IP ئادرىسىغا ئاساسەن سىزنىڭ رەسمىيەت بېجىرگەن تېلېفون نومۇرىڭىز تېپىپ چىقىلىدۇ، تېلېفون نومۇرىڭىزغا ئاساسەن، ئالاقە شىركىتىدىن سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىز تېپىپ چىقىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى-ئۈچ ساقچى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئىشىكىڭىز ئالدىغا پەيدا بولىدۇ، بۇ جەريانغا پەقەت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا يېرىم سائەت، بولمىسا بەش-ئون مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ.
يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ بەزىلەر يەنە، ھەممە نەرسە ئاشۇ IP ئادرىسىغا باغلىق بولغاندىن كېيىن، IP ئادرىسى ئۆزگەرتىدىغان دېتاللار ئارقىلىق IP ئادرىسىمىزنى ئۆزگەرتىپ يوللىساق بولىۋېرىكەنغۇ؟ دەپمۇ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، سىز دېتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋالغان IP ئادرىسى بېكەت پروگراممىلىرىنى ئالدىيالىغىنى بىلەن، ئۇچۇر ئۆتۈۋاتقان مۇلازىمېتىرنى ھەرگىز ئالدىيالمايدۇ، شۇڭا ھەرگىز بۇنداق خام-خىياللاردا بولماڭ.
قىسقىسى، پۇل خەجلەپ تورغا چىقىۋاتقان ھەربىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئىسراپ قىلماي، كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىڭ. تېما-ئىنكاسلىرىڭىزدا ۋە تور ئالاقىسىدە كۆپىرەك دېققەت قىلىڭ، سىز كومپىيۇتېرىڭىزنى تورغا چاتقاندىن باشلاپ ھەرگىز يالغۇز قالمايسىز، قانۇن بىلەن ئويناشماڭ!!!
مەنبە:
http://www.karahijran.com/bbs/read.php?tid=2239