ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 330 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىلى خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىنىڭ قىسمەن  ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-29 12:24

ئىلى خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىنىڭ قىسمەن  ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا

ئىلى خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرىنىڭ قىسمەن  ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا
                  (ماقالە)
قاراخان

          ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئىجاتچان ، خىيالچان ،تىرىشچان ۋە تەلەپچان مېھنەتكەش ئىلى خەلقىنىڭ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغان پىسخىك،ئىتنىك ئۆرۈپ- ئادەت ،ئىنتىلىشلىرىنىڭ يىگانە نامايەندىسى.200نەچچە يىلدىن بېرى ئىلى خەلق ناخشىلىرى خۇددى ئىلى دەرياسىنىڭ مەۋجىدەك ،ئاۋرال شاماللىرىنىڭ ئەۋجىدەك ،بىر كۆتىرىلىپ بىر پەسلەپ ئۆزىنىڭ پارلاپ تۇرغان دەۋر روھىنى ،مىللى خاسلىق ۋە ئۆزگىچە پۇرىقىنى يوقاتماي كەلدى.شىنجاڭنى بىر ناخشا -ئۇسۇل ماكانى دىگۈچىلەرگە ئىلى دەل ناخشا خۇمار خەلقنىڭ بوستانىدەك تۇيۇلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس.چۈنكى بۇ ئاتەش زېمىن ۋادىسىدا <<قۇلاقنى تۇتسا توۋلايدىغان>>،<<سازنى قولغا ئالسىلا چالىدىغان>>   كارامەت خىسلەت بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئارخىپىغا ناخشا ۋە خۇشچاقچاق مەستانىسى دىگەن تەۋەرۈك تامغا بېسىلغان.
         ئەنە شۇ ناخشىلاردا يەرلىك شىۋە،ئاھاڭ،پۇراق ،ئودار،پائۇزا دىگەنلەر مەركەزلىك ئىپادە تاپقان بولغاچقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا ئۇنىڭ سېھرى كۈچى  كىشى قەلبىنى ئويغا سالىدۇ .ھەرگىزمۇ بىر قىسىم رايۇنلارنىڭ تۈگىمەس  ئىشقى مۇھەببەت ناخشىلىرى بىلەن تولغان گەپ خالتىسىغا ئوخشىمايدۇ .بۇ ناخشىلارنى خاس ئۇسلۇپ بويىچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئازاتلىقنىڭ ئالدى- كەينىدىكى غەزەلخان، ھاپىز ،ئۇستازلاردىن ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپ (<<جاراڭلايۇپ>> <<يىللار شۇنداق ئۆتكەن>>دىن، مەمتىمىن ھوشۇر)،پاشا ئىشان، قۇربان ئۆمەر،ئابلىزخان مامۇت،غىياسىدىن بارات، ئابلىز شاكىر ،داۋۇتجان ناسىر،ئابدۇرېھىم ئىمىن،غاپپار ئەخمەتكە ئوخشاش ئاتاقلىق ناخشىچىلار بار ،بۇ يەردە يەنە  ئەينى دەۋر تۇرمۇشىغا مۇناسىپ مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرىدىن زىكرى ئەلپەتتاھ ،ھۈسەنجان جامى ،سەيدۇللام توختى ،مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن،مۇساجان روزى ، سىيىت سارىخان ،قۇربان ئۆمەر،ئابلىكىم ئابدۇللا، ئەبەيدۇللا تۇردى ،ئالىمجان پەرۇخ،ماھىبەدەر ئىبراھىم ، سەنۇبەر تۇرسۇن ،ئابلەت ئىسلاموپ ۋە باشقىلار، ئىجاد قىلغان تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى ،ئىپادىلەش تالانتىنىڭ زىللىقى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ سەنئەتتتىن زوقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن پىشقەدەم كومپىزوتۇرلىرىمىزمۇ بار. دىمەك بۇ نۇقتىدىن ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئىلىدىكى كۈيخۇمار،كۈلكەخۇمار جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋر ۋە ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى ماددى، مەنىۋى تۇرمۇش قىسمەتلىرىنىڭ ئەينەن بەدئى تەسۋىرى سۈپىتىدە بىزگە تارىخى يادىكارلىق ۋە قىممەتلىك ۋەسىقە ئەھمىيىتىگە  ئىگە سەنئەت سەمەرىسى بولۇپ قالغۇسى!
           بىزنىڭ بۇ ناخشىلارنى بىرلا ئاڭلاپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشىمىز ئۇنىڭدىكى زامان ،ماكان چىنلىقىنىڭ تولۇق ئەكس ئېتەلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.خۇددى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىز يازغان <<ناخشا ھەققىدە غەزەل>> دىگەن شېئىردىكى:
<<ناخشا تارىخ ،ناخشا قىسسە ،ناخشا ئەلنىڭ دىلبىرى،
ناخشا يۈكسەكتۇر جىمىدىن ،ناخشا ئەلنىڭ مۇنبىرى.>>  دىگىنىگە ئوخشاش.
           يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلى بوستانلىقىدا يەنە بىر تۈركۈم ئۆلمەس ناخشىچىلار مەيدانغا كېلىپ بىزنىڭ ئىلى خەلق   ناخشىلىرىغا بولغان <<ئىشتىھا>>يىمىز يەنە ئۆرلىدى.مەسىلەن ئابدۇۋېلى داۋۇت،ئەنۋەر ئابدۇكېرىم ، تاشمۇھەممەت تۇرسۇن ،شەمشىدىن مىجىت،يالقۇن ياقۇپ،ئۆمەرجان ئالىم ،ئەنۋەر ھاكىم،كامىلجان تۇرسۇن،تاشمۇھەممەت باتۇر ،پاشا ئىشان ،گۈزەلنۇر ئۆمەر،ئايشىىگۈل مۇھەممەت ،زۆھرەگۈل ھېلاخۇن ۋە باشقىلار،بۇلار ئېيتقان ناخشىلار ھەم يېقىشلىق ھەم بەلگىلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغاچقا كىشىلەر بەس-بەستە پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇنى ئاڭلايدۇ ھەم قەدىرلەپ يېنىدا ساقلايدۇ. مانا بۇ ناخشىلاردا تۆۋەندىكىچە ئالاھىدىلىكلەر نىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىگىنى جەزىملەشتۈرۈش تەس ئەمەس.
           بىرىنچى ئالاھىدىلىگى:
           ئۇنىڭدا خەلقىمىزنىڭ تىل سەنئىتى،مۇزىكا سەنئىتى،ئۇسۇل سەنئىتىگە دائىر تەركىپلەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەچكە،مۇنتىزىم ئونۋېرساللىق تەبئى شەكىللەنگەن.مەسىلەن :<<ئەلقەمبىرى>>،<<چىمبۇلاق>>،<<تاڭ سەيلىسى>><<ئاي زوھرە>> ،<<ئۆرگىلەي>>،<<جانان>>، <<جانەي>> قاتارلىقلار.بۇلاردا ئەدەبىيات- تېكىست،مۇقام -نەغمە ،سەنەم ياكى ۋەقەلىك ئۈسۈل تۈرلىرىنىڭ ھەممە ۋارىيانتلىرى گىرەلىشىپ كەتكەندەك كەيپىيات پەيدا قىلىنىدۇ. گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ گېگىلنىڭ(1770-1831) مۇزىكىنى روھى ھېسسىيات سەنئىتى دەپ ئاتىشىنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس..
          ئىككىنچى بىر ئالاھىدىلىگى: 
     داستان تۈسىدىكى ناخشىلاردا رۇشەن ئېيتىشىش،مۇشائىرە ،بەسلىشىش ،يۇمۇرلۇق ،ئوبرازلىق كۈلدۈرگە ھەركەت شەكىللىرىگىچە ئاھاڭ كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.مەسىلەن :ھەر تۈرلۈك مەشرەپ سورۇنلىرىدىكى لەپەر ۋە ئېيتىشىشلار ،مىللى ئۇسلۇپتىكى،ئاممىۋى ئۇسلۇپتىكى،ئىلمى ئاۋازلاردىكى ناخشا ئېيتىشىشلاردا ئەسلىمە،تەسەۋۋۇر،ئېھتىراس ۋە شادلىق ھېسسىيات ئالمىشىش تۇيغۇلىرى كۆتىرىلىدۇ.
          ئۈچىنچى ئالاھىدىلىگى:
      ئۇنىڭدا شەكىل ۋە مەزمۇن گارمونىك بىرگەۋدىگە ئايلانغان بولغاچقا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى خىلمۇ خىل كەسپ ساھەلىرىنىڭ رىئالنى ئەھۋالى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ.مەسىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى سادىر ناخشىلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئالۋاڭ ھوسۇل ،زۇلۇم ،سەپەر سەرگۈزەشتلىرى ئۇنىڭدىن باشقا ئەمگەك ، ئوۋ ،ۋە ياخشى -يامان ئادەت،كەسپلەر گە دائىر ناخشىلار ؟
         تۆتىنچى ئالاھىدىلىگى :
       ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ناخشىچى،تاماشىبىن ،شائىر ،كومپىزوتور، ۋە ئانا تەبىئەت بىلەن بىر تەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن.ئۇنىڭ باش-ئاخىرى مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈش،ماددى مەنىۋى تەييارلىق ئاساسىغا ئىگە بولغان بولغاچقا خەلق ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى دۈنياسىغا ئاسان سىڭدۈرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
مەسىلەن:<<جۇنۇن>>،<<باغۋەن>>،<<بىۋاپا>>،<<ئەدەپ رىشتى>>،<<ئەۋرىشىم>><<ۋادەرىخا>> <<تەنلىرىم ياپراق>.،<<قاينام ئۆركىشى >>،<< سەرسان روھ>>قاتارلىقلار...
          بەشىنچى ئالاھىدىلىگى:
       ئۇنى ئورۇندۇغۇچىغا ياكى ئورۇنداشقا سەھنە ،گىرىم ، مىمكا، كىيىم-كىچەك ،دىكوراتسىيە،ۋە باشقا شەرت-شارائىتنىڭ بولىشى زۆرۈر ئەمەس.مەسىلەن <<قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ>>نى ،<<قۇي پىيالىگە چاينى>><<بىزنىڭ ناخىشىمىز>>نى،<<دوستۇم>>،<<دوست>>،<<تۆھمەتخور>><<ھە دەپ قوي>>دىگەندەك ناخشىلارنى ئاۋات شەھەردە ياكى ئەسكى تاملىقتا توۋلىسىمۇ يەنىلا زىيادە ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى، ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.
ئالتىنچى ئالاھىدىلىگى:
       خاس ئىجادچانلىقى ،ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ھەم ئېقىمغا ماسلىشىشچانلىقى ،پەۋقۇلادە ئۆزگىرىشچانلىقى بىلەن يەنىلا بىزنى باشقا ھېچقانداق ئورۇن ۋە يەردە ھېس قىلىپ باقمىغان ۋە ھېس قىلىش مۈمكىن بولمىغان پەۋقۇلادە زوقلىنىش پەللىسىگە ئېلىپ چىقالايدۇ<<تۈگىمەس ناخشا>>،<<ئاق بوز ئات>>،<<سېغىندىڭمۇ>><<نىگارىمغا>>،<چىن مودەن>><<ئاقىۋەت>>،<<ئارزىگۈل>>دىگەندەك ناخشىلار...
يەتتىنچى ئالاھىدىلىگى:
         ناخشىنىڭ تېكىست -مەزمۇنى ، تۈزۈلۈش-شەكلى ،رولى ،ھەم ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى ئورنى بولغىنىدەك، ناخشىچىنىڭمۇ بەلگىلىك ئىدىيىۋا ساپاسى، نەپەس -ئاۋاز تالانتى،شۇ تېكىست ۋە ئاھاڭغا مۇناسىپ دىت،ساپا  ۋە چام  بولىشى ،ئىلمى ۋە نەزىريە،تارىخ  چۈشەنچىسى بولىشى كېرەك. بىر ناخشا ياكى ئاھاڭنى  بىرنەچچە ۋارىئانتى بويىچە ئېيتىش باشقا گەپ ،ئۇنىڭ تېكىست ،ئاھاڭىنى  تولۇق بىلمەي  قارىسىغا توۋلاش باشقا گەپ.
سەككىزىنچى ئالاھىدىلىگى؛
     <<مۇقامغا خۇشتارلىق روھىڭغا دەرمان>> (سەيپىدىن ئەزىزى) دىگەندەك، ئىلى خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىنىڭ  مۇقامسىز ئېيتىلمايدىغان بىر ئۆزگىچىلىگى.قانداقلىكى بىر سورۇن ،مەرىكە،ياكى مەشرەپ يىغىلىشى بولسۇن ئۇيەردە پارلاشقان بىر يۈرۈش دۇتتار،تەمبۇر ،ئىسكىرىپكا ياكى غىجەك ،ساتار چالىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئالدى -كەينىدە<<رۇخسارى>>،<<ئىراق>>،<<چارىگاھ>>,<<چەبىيات>>,<<مۇشاۋىرەك>>,<<راك>>مۇقاملىرىنىڭ داستان, مەرغۇل ھەتتا چۈشۈرگىلىرىغىچە چېلىپ , توۋلاپ سورۇن ۋە سورۇن  مۇھىتىنى باشقىچە جانلاندۇرىۋېتىدىغان خاسلىقى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.مەسىلەن :<<مەھمۇد تەمبۇر>>,<<、ئابدۇۋېلى داۋۇت>>,<<داۋۇتجان ناسىر>>,<<ئابلىز شاكىر >> قاتارلىقلار,بۇ يەردە خەلقىمىز سۆيۈپ كەلگەن ۋە ئەل ئارىسىدا<<كۆڭۈل لۇغىتى >>دەپ تەرىپلەنگەن <<ئابدۇۋېلى داۋۇت>>ئاكىنڭ ناخشا-مۇزىكا,مۇقام ئېيتىش تالانتى ۋە كەمتەرلىگى ئىلى سەنئەت تارىخى ۋە كەسپ بابىدا  بىر يېڭى بۆسۈش، نەمۇنە تىكلىيەلىگەن دەپ قارايمەن. بۇ جەھەتتە ئۇلار  ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىكىنىڭ جەۋھىرى،ئۇيغۇر مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ بىر مەزمۇنى بولغان مۇقامغا ئەنە ئاشۈنداق رىشتە باغلىغان دىيىشكە ھەقلىقمىز. 
       بىلىش كېرەككى ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئىلىدىكى ئەلنەغمە سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ قوينىدا تەدىرجى ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەڭگۈشتەر بولۇپ ئۇ ئاساسەن ئېغىز ئەدەبىياتقا ،خەلق ئارىسىدىكى كونىچە ناخشىلارغا،مۇزىكا،ئۇسۇل ۋە تۈرلۈك قىزىقارلىق ئويۇنلارغا كىرىشىپ كەتكەن.شۇڭا ئىلى خەلق ناخشىلىرى خەلقىمىز ھەرقاچان ئىستىتىك زوق ئالىدىغان تەربىيىۋى ئىبرەت ۋە ساۋاققا تولغان ئونۋېرسال سەنئەت بايلىقى بولۇپ ئۇ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە ،ئورۇندىلىشتىن تارتىپ، ئەمەلى ئىستىمالغا ئايلىنىشقىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى،دىنى ئېتىقاد،ئۆرپ-ئادەت،ۋە مىللى خاراكتىر خۇسۇسىيىتنى،ئىتنىك ئەخلاقى ،گۈزەللىك قاراشلىرىنى،ئىپادە  قىلىشقا ئەرزىگۈدەك خاسلىققا ئىگە سەنئەت جەۋھىرىدىن ئىبارەت.ئۇ مىللىتىمىزنى مەلۇم مەنىدىن كەڭ دائىرىلىك چۈشىنىشكە،ۋە ئۆزىمىزدە بار بولغان مەدەنىيەت ئەندىزىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە دالالەت قىلىدىغان دىلكۈيىنىڭ ئۆڭمەس قامۇسىدىن ئىبارەت. 
          يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىر يۈرۈشلىكى ،تىلىنىڭ تۈز ،سىپايە،دەللىكى ،قاراتمىلىقىمۇ بىزنى سۆيۈندىرىدىغان بىر نۇقتا. مەلۇمكى تىل تەپەككۇرنىڭ بىۋاستە جۇلاسى،مەنىۋى تۇيغۇ -تەسىراتنىڭ نازۇك ھامىلىسى،بىز ئىلى خەلقىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى،قايغۇ، ھەسرەت، مۇڭ زارىنى ،قايناپ تۇرغان جۇشقۇن شاتلىق نەپرىتىنى   ئىلى تىلىسىز ، ئىلى ناخشىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.چۈنكى بۇ تىل ،بۇ ناخشىلار ئەمگەكچان ئىلى  خەلقنىڭ روھى ھەم قەلب ساداسى،قايغۇ-شاتلىققا ئەسىر بولغان كۆڭۈللىرىنىڭ تەسەللى داۋاسى،ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىنىقىنىڭ ئۆزىلا بىر ئودار ،بىر كۈي ئەلۋەتتە.شۇبھىسىزكى ئانا تىلىمىزنىڭ خاسلىقى ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىكى بەدئى تىل ھەم مۇزىكىلىق تىل رېتىمىغا شۇنداق جىپسىلاشقانكى ئۇنى مۇڭ  مىلودىيە تىڭشاش جەريانىغا ئىشتىراك قىلغانلار سەزمەي قالمايدۇ.  ناخشا-مۇزىكا ئىلى خەلقىنى ئەگىپ يۈرگەچكە ئۇلارنىڭ يادقا ئېلىش  ۋە ناخشا مۇزىكىنىڭ ئورامىغا قارىتا ئىجادى باھا بېرىش دىتى ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن.شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن ئۆلمەس كۈيلەرنى يارىتالىغان.بۇ ناخشىلار ئەل ئارىسىغا تەدىرجى سىڭىشىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىنىپ تارىخ،ئەنئەنە،ئەدەپ-ئەخلاق ،قەھىرمانلىق ،باتۇرلۇق ،ئېزگۈلۈك،رەزىللىك توغرىسىدىكى بىر يۇرۈش تەربىيەلەش دەستۇرى ياكى ئىستىتىك گۈزەللىك بەخش ئېتىش سالونىغا ئايلانغان.
         ئىلى خەلق ناخشىلىرى يۇقۇرقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مېھنەتكەش  ئىلى خەلقنىڭ مەنىۋى ئالىمىگە مەلھەم ماددى تۇرمۇشىغا ئۆزگىچە رەڭ ،پۇراق ئاتا قىلىپ كەلگەن،ھەتتا ئۇ ھەر بىر ئىلىخولۇقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىگە،تىلى،دىلىغا ،پەلسەپىۋى قاراشلىرىغا سىڭىپ ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان پىسخىك پەيلىنى روياپقا چىقارغان. ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئۇلارنىڭ ھارغىن،سولغۇن،ئىنتىزارلىق ئىچكى دۈنياسىغا مەڭگۈلۈك ھەمرا بولۇپ زامانلاردىن بېرى ئۇلارنىڭ تەبىئەت دۈنياسى بىلەن بولغان ئىچقويۇن -تاشقويۇن سەزگۈ ھېسلىرىنى نامايەندە قىلىپ،ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا تەسۋىرلىگۈسىز مۇھەببەت نەپرەت ئاتا قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەر ساھەدە چوڭ ۋە يۇرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقالىشىغا مەدەت تۈرتكە بولالىدى.9-ئەسىردىكى گۈزەللىك كۈيچىسى ئوبۇلھەسەن روداكى<<ناخشا،مۈزىكا،مۇھەببەت خوشاللىقنىڭ ئۈچ ئامىلىدۇر>> دەپ ئېيتقان .ئىلى خەلقى دەل مۇشۇ ئۈچ خىل خوشاللىقتىن كۆڭلى تەسكىن تەسەللى تاپقان خەلق .مەيلى كەسپى ناخشىچى بولسۇن مەيلى ناخشا مەستانىلىرى بولسۇن ئۇلاردا ناخشىنىڭ جېنى بولغان ناخشا تىلى ۋە مۇزىكا تىلىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نازۇك سېھرى باغلىنىشقا سەگەك ۋە ئىلمى مۇئامىلە قىلىشنى ئۇلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ.
        ئىلى خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرى ئومۇمەن ئۆزلىرىنىڭ مىللى خۇسۇسىيىتنى خۇددى قەشقەر،قۇمۇل  خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدەك مەۋقەدە ساقلاپ كېلەلىگەن. ھازىر گەرچە يۇقۇرى ئاۋازلىق ،تۆۋەن ئاۋازلىق ،ئوتتۇرا ئاۋازلىق ناخشىچىلار،ئەنئەنىۋى،زامانىۋى،ھەم ياۋروپاچە مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈن -تىۋىشى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتسىمۇ،ئۆزبەكچە،تۇركچە ،خەنزۇچە ھەم چەتئەلچە ناخشا مۇزىكىلار نى دوراش،ئۆزلەشتۈرۈش،ۋە مەخسۇس ھەۋەس بىلەن ئېيتىش ،چېلىشقا ئىستىخىيەلىك يۈەزلەنسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىم ئىلى ئۇيغۇرلىرى يەنىلا 7ياشتىن 70ياشقىچە ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت-نەپرەت بىلەن سۇغۇرۇلغان لىرىك،ياڭراق ،تۈگىمەس،  ۋىجدان سادا ،ئۆلمەس ناخشا-مۇزىكا كۈيلىرىنى  ئەنەنىۋى،كىلاسسىك نەغمە ناۋالىرىسىز خەلققە تارتۇق قىلمايدۇ. مانا بۇ ناخشىلار تۈنۈگۈن ئېيتىلغان ،بۈگۈنمۇ ئېيتىلىۋاتىدۇ،كەلگۈسىدىمۇ كېچە-كۈندۈز توختىماي ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسىغا ھەمنەپەس بولۇپ پۈتكۈل تارىم زەرەپشان كۈيلىرىگە ئورتاقلاشقۇسى!ئۇنىڭ بىلەن ئەبەدىلىك ھاياتلىق سىمپونىيەسىنى ياڭراتقۇسى.

1998-يىلى 24-دېكابىر...
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-07-13 10:04قايتا تەھرىرلىدى ]
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-29 15:50

<<ئىلى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى>>نى ياخشى تەھلىل قىپسەن!تەھلىل قىلغان چوقاڭنى ئاللاھ ئامان قىلسۇن...
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-06-29 17:00قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-06-29 18:03

ئامان قىلسۇن چوقامنى ،
تاپقان بارى-يوقامنى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 18 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 18
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2013-03-16
ئاخىرقى: 2013-03-25
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-25 10:56

看了楼主的帖子,让我陷入了严肃的思考中

如何增高http://news.163.com/11/0921/21/7EGN6FUJ0001125P.html