شائىر ۋە ئۆلۈم
قۇربان بارات
_ شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرسىگە
كۆيگەن ئوت بولىدۇ شەپەق رەڭگىدە،
يالقۇنى-ئېچىلىپ تۇرغان قىزىلگۈل.
ھايات-ئوت،بۇ ئوتنىڭ ئۆچۈشى-ئۆلۈم،
ئوت ئۆچسە ئاستىدا قالار پەقەت كۈل.
شۇنداقمۇ بىر ئوتلار بولىدۇ لېكىن،
ئۇچقۇنى ھەر زامان تۇرىدۇ چاچراپ.
ئۇچقۇنلار بوراندا بولىدۇ يالقۇن،
ۋە شەپەق رەڭگىدە قالىدۇ چاقناپ.
بەزىلەر ئوت بولۇپ شائىرلىقىدا،
مىلىيون دىللاردا ساقلايدۇ قىممەت.
بەزىلەر كۆرۈنۈپ ئوتنىڭ رەڭگىدە،
شاھلارنىڭ تاجىغا بولىدۇ زىننەت.
سەن شائىر ئوت بولدۇڭ ئۆز خەلقنىڭ ئۈچۈن،
قەھرتان يىللاردا بەردىڭ ھارارەت.
قاراڭغۇ يوللاردا بولدۇڭ بىر مەشئەل،
شولاڭدا ئۆرتەندى زۇلۇپ،جاھالەت.
سېنى ئۆچۈرۈشتى ئاخىرى ياۋلار،
سەن ئۆلدۈڭ،دۇنيادىن كەتتىڭ بەكمۇ ياش،
چاچرىغان ئۇچقۇنۇڭ يادىكار قالدى.
تاڭلىرى شەپەقتە يېنىپ ئوت ئوخشاش،
بۇ شەپەق ھەر تاڭدا ئەسلىتەر ماڭا،
رەھىمسىز جادۇدا ئاققان قېنىڭنى.
كۆرۈمەن مەن ئۇنىڭ تاۋلىنىشىدا،
ئوتقاشتەك چاقنىغان ئارزۇلىرىڭنى...
ئۆلمىگەن بولاتتىڭ بەلكىم ئۇنچە ياش،
باش ئېگىپ سۈكۈتتە يۈرسەڭ ئەگەر جىم.
ئۆلمىگەن بولاتتىڭ سەن بورانلاردا_
مەجنۇنتال مىسالى بولساڭ ئەۋرىشىم.
لېكىن سەن خار بولۇپ ئۆتكەن ھاياتتىن،
نومۇسلۇق ئۆلۈمنى بىلدىڭ كۆپ ئەۋزەل.
مۇساپەڭ،مەنزىلىڭ بولدى بەك قىسقا،
ھاياتىڭ ئوت بولدى،ئۆلۈمۈڭ گۈزەل.
مەنبە؛ قۇربان باراتنىڭ <<ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز>>ناملىق داستانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-06-29 15:47قايتا تەھرىرلىدى ]