باھار چىللايمەن
ئا.ئۆتكۈر
زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن،
جانۇجانىمدىن باھار چىللايمەن.
تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك،
ئاھ-پىغانىمدىن باھار چىللايمەن.
نە تاقىتىم بار،نە سەۋرىم ئەمدى،
قايناق بىر قازان يۈرۈكۈم ئەمدى.
گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى،
شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن.
ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق،
مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق؟
خائىنلار ئىشى باش ئېگىپ تۇرماق،
پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن.
شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ،
تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ.
كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،
ئىسسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن.
ئۈمۈدۈم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك،
ئۈمۈد باغىدا ئاچتى كۆپ چېچەك.
خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك.
كۈرەشچان تاڭدىن باھار چىللايمەن.
باھار چىللايمەن،باھار چىللايمەن،
خەلق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن.
ئارزۇيۇم باھار،ئۈمۈدۈم باھار،
ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن..