2-ئىيۇل كەچ سائەت 9دا، دۇبەيدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ EK308 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش جەريانىدا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا جىددى قوندۇرۇلدى، دەسلەپكى ئانالىزغا قارىغاندا يۈك بۆلۈمچىسىگە ئوت كەتكەن بولۇپ، بەختكە يارىشا يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. قىسمەن يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقى كۆيۈپ كەتكەن، 200 دىن ئارتۇق يولۇچى ئۈرۈمچى ئايرودىرومىدا 13 سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان.
بۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىتىنىڭ بوئىن 777 تىپلىق ئايروپىلانى بولۇپ، 2-چېسلا سائەت 11 دە دۇبەيدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان، شىنجاڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، ئوتتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى سايراپ كەتكەن، ئارقىدىنلا ئايروپىلان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندۇرۇلغان.
بۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرغان بىر يولۇچى 3-چېسلا سەھەردە مىكروبىلوگىدا مۇنداق دېگەن :« ئايروپىلان باشلىقى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئايروپىلاننىڭ يۈك بۆلۈمچىسىدە ئس چىقىپ، ئوت كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئايروپىلاننىڭ جىددىي قوندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ ئايروپىلان (ناھايىتى يېڭى بولغان بوئىن 777-300 تىپىلىق ئايروپىلان) داۋاملىق ئۇچۇشقا ئامالسىز قېلىپ، رېمونت قىلىشنى كۈتمەكتە».
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئۇچۇرنى ئېلان قىلىشنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئايروپورت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى ئانالىزغا قارىغاندا، يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقى ئارىسىدىكى باتارىيە ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كېتىپ، ئوت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەنبە:نۇر تورى