نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان يۇرت بۆرتالا شۇنداق قىلىپ بۆرتالاغا كەلدىم. _ قەلبىڭ بەك ئېتىلىپ مۇتەسسىپلىشىپ كېتىپسەن، قەلبىڭنى ئاچمىساڭ خەق بىلەن مۇناسىۋەت قىلالمايسەن _، دېدى كىشىلەر مېنىڭ تاماكا چەككەنلەرنى كاپىرغا چىقارغىنىمنى كۆرۈپ، _، كېيىن بىر كۈنلەردە ھاراق ئىچىپ تاماكا چېكىپ قالساڭ مۇشۇ گەپلەرنى يازغىنىڭغا پۇشايمان قىلىسەن. _ ئاللاھنىڭ مېنى كاپىر قىلىۋەتكىنىدىن بالدۇرراق جېنىمنى ئالغىنى ياخشى دېدىممەن ئاچچىقىم بىلەن.مەنچە بەندە ئاللاھتىن قورققان ھالىتىدە ئاللاھ ياخشى كۆرمىگەن ھىچ ئىشنى قىلمايتتى، ھالبۇكى بەندە ئاللاھتىن قورقمىسا كاپىر بولاتتى. مېنىڭ ماقالەمدىن، گەپلىرىمدىن باشقىلار قورقۇپ كېتەتتى دېگەن گەپلىرىمنىڭ ھەقلىقىدىن قورقۇپ كېتەتتى. چۈنكى مۇسۇلمان ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلاتتى. تاماكا چەكسە ھاراق ئىچسە ئاللاھنىڭ ياىشى كۆرمەيدىغىنى ئېنىق. ھارام دەيتتىيۇ لېكىن ئىچەتتى چېكەتتى، «دەردىم جىق» دەيتتى. ئۇلار قورقۇنچاق ئىدى، ئۆزگەرتىشنى خالىمايتتى جۈمەگە چىققىلى قويمايدۇ دەپ ناماز ئوقۇمايتتى چۈنكى ئۇلارنىڭ سۇس ئىمانى مۇشۇنداق باھانىگە موھتاج ئىدى. ئىمانى مۇستەھكەم مۇسۇلمانلاردىن قورقۇپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى، ئامال بار دىننىڭ گېپىنى قىلمايتتى چۈنكى قورقاتتى. ئۆزىدىن قورقاتتى. يوتىن بار قىلغان، ئاسمان-زىمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ بولغىچە چىرايلىرى ئۆزگىرىپ «سەن كاللاڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ بولمىغىدەك» دەپ قوپاتتى. ئۇلارچە مەنمۇ ھاراق ئىچسەم ئۇلار خوش بولاتتى چۈنكى ئۇلار شۇندىلا ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولاتتى، شۈكرىكى، قارىغاندا ئۇلار كىچىككىنە بولسىمۇ ھەقتىن قورقاتتى. مۇشۇنداق ئويلاردىن، مۇھىتتىن زېرىكىپ سايرامغا كەلدىم سايرام چىرايلىق ئىدى لېكىن مۇھىتى، ياتىقى قاناسقا يەتمىسىمۇ كۆز يەتكۈسىز كەتكەن كۆپكۆپ دەرياسى قېشىدا ئوراپ تۇرغان تۆت چوڭ تاغ ئادەمگە مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ مۇنۇ شېئىرىنى ئەسلىتەتتى: سايرام كۆلى ئۆزۈڭ كىچىك دەردىڭ تولا داۋالغۇيسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەنئەتراپىڭنى ئورىۋالغان تۆت تاغ تۈپەيلى تىرىشىسەن مۇرادىڭغا ھىچ يېتەلمەيسەن. سايرامنىڭ سوغۇق شاماللىرى، ئىيۇننىڭ ئاخرىدىمۇ پۇت تەگسىلا توڭلاپ قېتىپ قالىدىغان سوغۇق سۇلىرى، كۆز يەتكۈسىز تاغلىرىدىن ھوزۇرلىنىش مەقسىتىدە ئۆزۈم يالغۇز شامغا يېقىن تالاغا چىقتىم. تالا سوغۇق ئىدى. ماڭدىم ئويلاندىم بىر نەرسىنىڭ جاۋابىنى ئىزدىدىم لېكىن سوئالنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمىدىم. بەلكىم بۆرتالادا، چۆچەكتە كۆرگەن بەڭگى زىيالىلار مۇھەببەت دېسىلا ئۆزىنى ئاتىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئېتىقادسىز ياشاپ ئۆلۈپ كېتىپ بارغان قېرىلىرى مېنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان ئىدى. دۇنيانى تىترەتكىم كېلەتتىيۇ قەدەمنى نەدىن ئېلىشنى بىلمەيتتىم. بىر ئىشلارنى قىلىشقا نىيەت قىلماقچى بولاتتىميۇ ئۇنى قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتىم. خەقلەر بىلەن كۆرۈشەتتىم، لېكىن ھېچقانداق يېڭىلىق ھېس قىلمايتتىم ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش گەپ قىلاتتى، ئويلايدىغىنى ئوخشاش ئىدى. ئۆزۈمنى بىر خىل قېلىپقا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم قەپەسكە كىرىپ قالغاندەك ئۆزۈمنى ھەرياققا ئۇراتتىم، لېكىن ئىشىكنىڭ نەدىلىكىنى تاپالمايتتىم. ئۆزۈمنى، ئىقتىدارىم ياكى تەپەككۈرۈمنى قۇلۇپلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم، كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئازاپلىناتتىم چۈنكى مۇشۇ ئۆتۈۋاتقان ھىسابلىق كۈنلەرنىڭ مېنىڭ غايەمگە قانداق پايدىسى بار؟ غايەمگە يېتىدىغان پەلەمپەيلەرنى توغرا بېسىۋاتامدىم؟ بەلكىم مۇشۇ سوئاللار ئىدى مېنىڭ جاۋاپ ئىزدەۋاتقىنىم. ئويلىغانسىرى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنەتتىم چۈنكى بۇ كۈنلىرىمنى غايەمگە ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى. تېشىمدا جەسۇر كۆرۈنەتتىم، كۈلەتتىم لېكىن ئىچىمنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالغان ئىدى. گويا قەۋمى بۇتقا چوقۇنۇۋاتقان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك تاغدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلاتتىم، تۇغۇلىشىمدا ماڭا يۈكلەنگەن بۇ بۇرچ مەندىن ئايرىلمايتتى. نەگە قاچسام شۇ يەرگە قوغلاپ باراتتى قانداق ئادا قىلىشنى ئۇقمايتتىم. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالماي قىينىلاتتىم. ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىم مەن ئۈچۈن ئازاپلىق ئىدى چۈنكى بۇ كۈنلەر ئەتىسىلا ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى چۈنكى بۈگۈن كەلگۈسىمگە بىر پەلەمپەينى ئارتۇق باسمىغان ئىدىم. مۇشۇ غايىسىز ئېتىقاتسىز ، ئۈمىدسىز ۋە ھەتتا ھەركەتسىز ئادەملەرگە ئوخشاپ قېلىشتىن قورقاتتىم. چۈنكى بۇلارغا ئوخشاپ قېلىش مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسىلىرىمنىڭ بەرباد بولغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. كەلگۈسۈمنى كۆرەلمەيتتىم بەلكى غۇۋا چىراغ يورۇقىنى كۆرەتتىم. مانا شۇ مەن قارلىق شىۋىرغانلىق يوللاردا شۇ چىراققا يېتىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشاتتىم، لېكىن مەن قانچىلىك ماڭغانسىرى ئۇمۇ شۇنچە يىراقلايتتى. كۆڭلۈمنى تۇيۇقسىز تۇمان بېسىپ قىلىۋاتقاندەك ئىشلىرىمغا بىسبەتەن گۇمان پەيدان بولاتتى ئىككىلىنەتتىم چۈنكى نېمىنىڭ توغرا نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايتتىم كۈنلىرىم بىكارغا ئۆتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم لېكىن قانداق قىلسام ئەھمىيەتلىك ئۆتىدىغانلىقىنى ئۇخمايتتىم مۇشۇنداق گاڭگىرايتتىم جاۋاپ ئىزدەيتتىم لېكىن دائىم مۇشۇ سوئاللىرىم ماڭا جاۋابىنى بەرمەيتتى بەلكى يۈرىكىمدە تېخىمۇ يوغان داغنى قويۇپ قوياتتى مانا ئۇ داغلارمۇ چوڭىيىپ تارتۇق بولىۋاتاتتى. ئېھ ئاللاھ، مەندەك ئاجىز بەندىڭىزگە تۇمانلىق يوللاردا بىر چىراغ ئاتا قىلايسىز. ماڭا مۇشۇنداق چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنى ئاتا قىلدىڭىز، ئەمدى ماڭا شۇنىڭغا چۇشلۇق كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسىز، مېنى تېخىمۇ تۇمانلىق، گاڭگىراتما تۇيۇق يولدا ھەق ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلالماي ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىغايسز. چۈنكى قەلبىمدىكى بۇ داغلار ھەقىقەتەن بارا-بارا چوڭىيىپ يۈرىكىمنى ئاغرىتىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۇ ئاغرىقتىن تىنالماي قېلىۋاتىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ مەندەك بىر ئاجىز بەندىڭىزگە ياردەم قىلغايسىز چۈنكى ئۇ بەندىڭىز قەلبىنىڭ نۇرلىنىشىغا تەشنا بولۇۋاتىدۇ...
تورداشلارغا :
مانىڭ يۇرتىمىزنى ئايلىنىش سەپىرىم غۇلجىغا قەدەم قويدى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي، چۆچەك، قاراماي، شىخۇ، بۆرتالالارنى ئايلىنىپ بولدۇم. غۇلجىدا كۆپرەك تۇرۇپ قېلىشىم مۈمكىن. ھىس قىلغانلىرىمنىڭ يەنىمۇ مول بولۇشى ئۈچۈن غۇلجىدىن نارات ئارقىلىق، كۇچار، ئاقسۇ، مارالبېشى، يەركەن، چەرچەن چارقىلىق تەۋەسىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغانلار ئوكيانغا بىۋاستە ئەسەر يوللىساڭلار، ياكى تېلفون قىلساڭلار بولىدۇ.
مەن كۇرشاد، 13899970383
بۆرتالدا قېتىلغان سەپەردىشىم يۈسۈف ئەھمەد : 18999923240
ئاللاھ بىزنى ئەڭ ياخشى يولغا مۇيەسسەر قىلسۇن