تارقىيا (داخىيەنزى) ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى(تولۇقلانغان قىسمى)
نۇرمۇھەممەت توختى( مەرگەن )
مەزكۇر ئەسلىمەمنى تارقىيا، ۋە يۈنجىخو، ئۇرۇشىدا قۇربان بۇلغان ھەر مىللەت ئوفىتسىر جەڭچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققان قەۋمى-قېرىنداشلىرىغا بىغىشلايمەن.
1943-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرى بولۇپ، بۇ دەل بورتالانىڭ تالقان تۆكتى پەسلىنىڭ باشلىرى ئىدى.كىرىمبەگنىڭ (كىرىمبەگ خەنزۇ تىلغا ئۇستا ئادەم بۇلۇپ،بورتالا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شۇسىڭتاۋنىڭ تەرجىمانى ئىدى ) ئۆيىگە يىراقتىن شەھەر ئاتلاپ بىر ياش مىھمان كەلدى- دە،ئۇنىڭ ئىشىكنى ئاستا چەكتى،ئاڭغىچە كىرىمبەگمۇ ئۈلگۇرۇپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىى خۇددى قەدىناس دوستلاردەك چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرىشىپ كەتتى. مېھمان ئۆي ئىگىسىى تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى مىھمان قىلىنپ ئوبدان كۈتىۋىلىنغاندىن كىيىن، ئەتىسى كىرىمبەگ مېھماننى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە باشلاپ بىرىپ ئۇنىڭغا بۇ مېھماننى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ: مۇنداق دىدى.
-بۇ مىھمان ئىلگىرى ئۈرىمچىدە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشىم ئابدىكىرىم ئابباسۇپ بولىدۇ.سادىق خۇيجاڭمۇ ئوخشاشلا (خۇيجاڭ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسىى)مېھماننى قەدىرلەپ، بىر ئاخشام ئۈيىدە ئوبدان مىھمان قىلىپ ئەتىسى سادىق خۇيجاڭ ئابدىكىرىم ئابباسۇپنى بورتالادىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن،يۇرت-جامائەت بۇ ئىزىز مېھماننى خۇددى سادىق خۇيجاڭدەك قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئىزىز مېھمان قاتارىدا3 كۈن مېھمان قىلىپ كۈتىۋالغاندىن كىيىن ئابدىكىرىم ئابباسۇپ ، ئۆي ئىگىلىرىگە رەھمەت-تەشەككۈر بىلدۈرۈپ،ئۈرۈمچىدە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشى كىرىمبەگنىڭ ئۆيىدە يەنە بىر قونۇپ ئەتىسى ئېتىغا مىنىپ ئارشاڭ ناھىيىسىگە يۈرۈپ كەتتى...
شۇ چاغدا مەن سادىق خۇيجاڭ ئارقىلىق سوۋىت ئېتىپاقى بىلەن شىڭشىسەي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، ۋە ئۈرۈمچى،ئالتاي، (1943-يىلى ئالتايدىكى قازاق خەلقى ئوسماننىڭ يىتەكچىلىگىدە گومىىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن) غۇلجىدا بولىۋاتقان بەزى ئىشلاردىن ئازتۇلا خەۋەر تاپقان ئىدىم، 1943- يىلى 12- ئايدا سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۆيىدە ھەم ئۇنىڭ تەشكىللىشى بىلەن،مەمتىمىن باي،بارات پالۋان، قادىرەم، كىرىمبەگ،ئابدىرھىم ياغاچچى، تۇراربەگ، ئابلىزقارى، مەخمۇت سۇپى، روزى مىراپ ، سىڭگە(مۇڭغۇل) قاتارلىق ياشلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن بورىتالادا تۇنجى قېتىم «بورتالا يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى» قۇرىلدى.ھەم بۇ تەشكىلات قۇرۇلۇپ 10 ئاي ئىچىدە تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولغان ئادەم سانى كۈپىيىپ 46 كىشىگە يەتتى ،بۇ چاغدا بورتالا يەرئاستى مەخپىي تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن سادىق خۇيجاڭ،بارات پالىۋان ئىككىنچى قېتىم تەشكىلات ئەزالىرىنى يەنە بىر يەرگە جەم قىلىپ،1944-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بورتالانىڭ قاراتۇرۇق دىگەن يىرىدە مەخپى يىغىن ئېچىپ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىنى سايلاپ چىقىش،پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سايلام نەتىجىسىدە سادىق خۇيجاڭغا قول كۆتۈرگەن ئەزالارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ بولدى . بىراق سادىق خۇيجاڭ سايلامدىن ئىستىپا بېرىپ مېنىڭ ئورنىمغا بارات چىقسۇن دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى بىز تالاش-تارتىش قىلىپ بورتالايەرئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە بارات پالىۋاننى، پەخىرى رەئىسلىككە سادىق خۇيجاڭنى، ئورۇنباسار رەئىسلىككە ئابدۇريىم ياغاچچىنى سايلاپ چىقتۇق. سادىق خۇيجاڭ،شۇ كۈنى نەق مەيداندىلا ئۆزىنىڭ ھەرۋاقىت شەرىت -شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە تەشكىلاتنىڭ ئارقا سەپ قۇرال- ياراق ئوزۇق- تۈلۈك كىيىم-كىچەك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى تەشكىلات رەھبەرلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئالدى بىلەن غۇلجىدىكى ئابدېكىرىم ئابباسۇپ بىلەن ئالاقىلىشىپ،شەرىت-شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە بىراقلا قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى بىكىتتى.بارات پالىۋان كىرىمبەگنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ئۇن تارتىۋاتقان ئىمىناخۇنىڭ تۈگمىنىنى قۇغداش سالاھىتى بىلەن تۈگىمەنگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ئىلگىرى تۈگىمەننى ساقلاشقا ئەۋەتىلگەن5 ئەسكەرنىڭ بىرسىنى خىزمەت ئىشلەپ ئۈزىگە مايىل قىلغاندىن كىيىن ئىككىسىى بىرلىشىپ شەھەردىن چەتىرەك تۈگىمەنلەرنى چارىلاپ چىقىپ ئىمىناخۇننىڭ تۈگىمىنىدە قۇنۇپ قالغان بىر ئىزۋۇت(بىرپەي) دۈشمەننىڭ بىر قول پىلىمۇتى بىلەن11 مىلتىغىنى تۇيدۇرماي ئېلىۋىلىپ، تۈگىمەندىن غايىپ بۇلىدۇ. بارات پالىۋان ھېلىقى ئەسكەر بالا بىلەن تۈگىمەندىن قۇراللىق قېچىپ چىققاندىن كىيىن،غۇلجىدىكى‹‹ئازاتلىق تەشكىلاتى››نىڭ ئادەملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن 1944-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى تەشكىلات ئەزالىرىدىن تۇراربىك، توقسۇنبىكلەرنى تاغ يولى ئارقىلىق ئىلىغا ماڭدىرىدۇ. بىراق ئالاقىچىلار يىرىم يولغا بارغاندا چارلاپ چىققان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە تۇتۇلۇپ قىلىپ،1944- يىلى10- ئاينىڭ2-كۈنى تۇراربىك،بىلەن توقسۇنبىكلەرنى ئارشاڭغا ھەيدەپ ئاپىرىپ جىڭلىق جۇگىچى مەسۇم تاران، تۇيجە(مۇڭغۇل)،جىڭلىق ياقۇپ تۈمۈرچى،ساۋۇت ناۋاي،ئارشاڭلىق ھاشىم سۇلتان، مۇراتېك(قازاق)، ئۆمەرباي، قوسمان (قازاق)، مۇزاقان، تۇرسۇن، قۇربان غالى (قازاق)، بۇرغاسىن (مۇڭغۇل)، قۇربان ئەلى (قازاق) قاتارلىق ھەرمىللەت ياشلىرى بىلەن قۇشۇپ 1944-يىلى 10 –ئاينىڭ 2- كۈنى ئارشاڭ تۈرمىسىگە ئاپىرىپ قامايدۇ، ئارشاڭلىق ھاشىم سۇلتاننى، شۇ جايدىكى جامائەت بۇ ئادەم ئېلىشىپ قالغان <ساراڭغا سوت يوق> دەپ سورىۋىلىپ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ . ئارشاڭدا تۇرىۋاتقان گومىنداڭ قىسىملىرى تۇراربەك بىلەن نوقسۇن بەگنى ئاكوپ پوتەي ياساش ئىشلىرىغا سىلىپ1944-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى(گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئارشاڭنى تاشلاپ بورتالاغا قاچقان كۈنى) ئارشاڭ تۈرمىسىدىكى تۇراربېگ،توقسۇنبېگلەرنى ئۈز ئىچىگە ئالغان 13بالىنى ئارشاڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن جۈجاڭى لۇپۇتەت، بالىلارنىڭ ئىسمىنى بىردىن چاقىرىپ سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتۇمات بىلەن ھەممىنى ئىتىپ تاشلايدۇ.شۇ كۈنى لۇپۇتەي، ئاتقان بىر پاي ئوق،بىر قازاق بالىغا چالا تەككەنلىگى ئۈچۈن ئۆلۈمدىن`ئامان`قالىدۇ. 1944-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى (بورتالا يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى) نىڭ رەھبەرلىرىدىن بارات پالىۋان،ئابدىرىيىم ياغاچچى، ئىمىن پەرەڭ،ئابلىز قارى ، نۇراخۇن زەيدىنلەر مەسلەھەتلىشىپ تەشكىلاتنىڭ مەخپى نامىنى قىسقارتىپ، ‹‹ ب ئى ت›› ، غا ئۈزگەرىتتى،بۇ قېتىملىق يىغىلىشتا سادىق خۇيجاڭ، سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى:
-بۇلتۇر8 –ئايدا مېنىڭ ئۆيىمگە ۋە باشقا دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىدە مىھمان بولۇپ كەتكەن ھىلىقى يىگىت ئىسىڭلاردا بارمۇ-؟دەپ سورىدى.
ھەممىمىز بىردەك ئىسىمىزدە بار دىدۇق.ئۇ:
-ئەشۇ يىگىتنىڭ بورتالاغا نېمە سەۋەپتىن كەلگەنلىگىنى سىلەرگە دىمىگەن ئىدىم.ئەمدى سىلەرگە سۈزلەپ بىرەي، ئەسلى ئۇ يىگىت غۇلجىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان « غۇلجا يەر ئاستى ئازاتلىق تەشكىلاتى›› نى تۇنجى قىتىم قۇرغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئابدىكىرىم ئابباسۇپ، بولىدۇ. ئۇ شۇ قىتىم بورتالاغا گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلاپ ئۇرىقىىنى چاچقىلى كەپتىكەن، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاخشام سۈھبەتلىشىپ شۇ چاغدىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە مەملىكەت ئىچىدە بۇلۇۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەردىن تولۇق خەۋەردار بۇلغان ئىدىم. ئەتىسىى ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنىم مەمتىمىننىڭ (مەمتىمىن، سادىق خۇيجاڭنىڭ بىرتۇققان ئىنىسى بۇلۇپ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بورتالادىكى يۇرت-جامائەت ئىچىدە يۈز ئابرويى يۇقۇرى ئادەملەر ئىدى) ئۆيىگە، ۋە بىزگە ئوخشاش ئىنقىلاپقا تەشنا دوستلارنىڭ ئۆيىگىمۇ ئاپارغان ئىدىم.ئۇ ئارشاڭغا ماڭىدىغان چاغدا، ماڭا غۇلجىدا قۇرۇلغان «ئازاتلىق تەشكىلاتى» نىڭ مەقسەت مۇددىئاسىنى ئىچكى جەھەتتىن تەشۋىق قىلىشىمنى تاپشۇرۇپ كەتكەن ئىدى، ئەمما شۇپىتى ئۇنىڭدىن خەۋەر كەلمىگەن، بۈگۈن بىر خەۋەرچى ئۇنىڭدىن جىددىي مەلۇمات ئىلىپ كەلدى-دىدى.
بۇگەپنى ئاڭلاپ يىغىندىكىلەر غۇلغۇلا قىلىشىپ:
ئۇ بالىنى ھەجەپ ئۇقماپتۇق- ھە؟! ئەسلى ئۇ ئابدىكىرىمكەن ئەمەسمۇ-؟، ئۇ بىزنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىنقىلاپ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنكەن ئەمەسمۇ - دىيىشىپ كەتتى.
-خەپشۈك،مۆھتىرەم قېرىنداشلار تەشكىلاتىمىز قۇرۇلغاندىن بىرى ئىنقىلاۋىي پائالىيەتلىرىمىزگە بىردەك ئۇيۇشۇپ،ئىنقىلاپ مەشئىلىنى بالدۇرراق تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەشنا ئىكەنلىكىڭلارغا بارىكاللا ئېيىتماي تۇرالمايمەن، ئەمما شەرت-شارائىت تۇلۇق پىششىپ يېتىلمەي تۇرۇپ ئالدىراپ ھەركەت قىلىپ قويساق، خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك بىر ئىش قىلىپ قويىمىزخالاس. ھازىر مەن غۇلجىدىكى رەخبىرىمىز ،ئابدىكىرىم ئابباسۇپ،ئالاقىچىدىن ئىۋەتكەن خەتىنى،ئوقۇپ بىرەي-دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى سادىق خۇيجاڭ ھەمدە خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى،خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى،‹-مۇھتىرەم قېرىنداشلار سىزلەرگە كۈپتىن-كۈپ سالام ، بۇلتۇرمەن 9-ئايدا غۇلجىدىكى ‹‹ئازاتلىق تەشكىلاتى››نىڭ خىزمىتىنى`ئىشلەۋاتقىنىمدا ئىشپىيۇنلارتەرىپىدىن`سالاھىيتىم`پاشبۇلۇپ`قىلىپ،ھاياتىم`خەۋىپ ئىچىدە قالغاندا،ئامالسىزلىقتىن،ۋاقتىنچە پاناھلىنىش،ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقىگە چىقىپ كەتكەن ئىدىم. ھازىر غۇلجىدىكى ئىنقىلاپقا قاتنىشىۋاتىمەن، پات يىقىندا ئىلى پارتىزانلىرى بورتالاغا يېتىپ بارىدۇ.....› .
بۇ خوش-خەۋەرنى ئاڭلاپ پارتىزانلار خوشاللىقىدىن ھۇررا !توۋلاشتى سادىق خۇيجاڭ:
-خەپشۈك قېرىنداشلار، ئابدىكىرىم ئابباسۇپ، بىزگە:‹ئىلى پارتىزانلىرى ئارشاڭغا يىتىپ بارمۇغۇچە سىلەر پۇرسەت كۆتۈپ ئورنىڭلاردا جىم تۇرۇڭلار›-دەپتۇ ھەم ئالاقىچىغا مۇشۇ سۈزنى جىكىلەپ قايتا-قايتا تاپىلاپتۇ دىدى.
.بۇ گەپلەرنى ھەممىمىز ئاڭلاپ خوشللىقىمىزنى باسالماي يەنە ھۇررا ! ھۇررا ! دەپ توۋلاشتۇق.
1945-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى سادىق خۇيجاڭ،لەڭتەيدىكى نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئۆيىگە بارات پالىۋان،ئابدىريىم ياغاچچى، ئىمىن پەرەڭ، ئابلىز قارىى،بالاجى قاسىم قاتارلىق بارلىق‹‹ ب ئى ت›› نىڭ ئەرالىرىنى چاقىرتىپ،ھەممەيلەن بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرىشكەندىن كېيىن،سالماقلىق بلەن سۈز باشلىدى،:
- ئۆتكەندە مەن سىلەرنىڭ ئوتتورىغا قويغان قوزغىلااڭ كۈتىرىشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىرادەڭلەرگە قايىل بولغان ئىدىم، مانا بۈگۈن پۇرسەت پىششپ يىتىلدى، سىلەرگە مانا بۈگۈن مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزگىلى كەلدىم،ھازىر سوۋىت ئىتتىپاقى ئارقىلىق قورغاس چىگىرىسىدىن ياردەمگە كىرىدىغان ئىسھاقبەك مونونوۋپنىڭ قۇراللىق ئادەملىرى،غۇلجىغا كىرىپ ھەرەمباغدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ئۇلارغا شىددەت بىلەن زەربە بېرىۋېتىپتۇ،ئىلىدىن بوتالاغا كېلىدىغان پارتىزانلامۇ بۈگۈن كەش ئارشاڭغا تېگىش قىلىدىكەن،بىزنى بۈگۈنلا سانتەيگە يېتىپ بېرىپ ئۇيەردىكى ئىلى پارتىزانلىرىگە ماسلىشىپ گومىنداڭنىڭ جىڭدىن غۇلجىغا ئەسكەر يۆتكەۋاتقان ئاپتومۇبىللىرىغا زەربە بىرىشنى تاپشۇرۇپتۇ.ھازىر ئۇرۇشقا ئاتلىنىسىلەر-دىدى.
سادىق خۇيجاڭ 46 پارتىزاننىڭ ھەممىسىگە بىردىن چەكمەن چاپان تارقىتىپ بېرىپ، جىڭ ۋە بورتالادا‹‹بالا مەرگەن››دەپ داڭقىسى چىققان ئاتاغلىق مەرگەن نۇراخۇن زەيدىنگە مەخسۇس تەييارلانغان بىر گىرمانكا مىلتىقنى ۋە 500 تال ئوقى بىلەن ساندۇقتىن ئېلىپ تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:
- ئەمدى سىاڭا پۇرسەت كەلدى، قېرىندىشىم‹‹ ناۋادا ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى بۇلۇپ قالسا غانجۇبېغىدا كۈرىشەرمىز››-دىدى دە پارتزانلارغا قاراپ- مۇھتەرەم قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللادىن نۈسىرەت تىلەيمەن قەدىمىڭلار خەيىرلىك بولسۇن دەپ دۇئاغا قول كۈتىردى. – دە بىز بىلەن خوشلاشتى.
.بىزمۇ بۇ سۆيۈملۈك رەھبىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا،ئاتلىرىمىزغا مىنىپ سانتەي تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق.
1945-يىلى2-ئاينىك19-كۈنى ( چاغاننىڭ 15-كۈنى) بارات پالۋان،لەڭتەيدىكى نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئۆيىدە،مۇئاۋىن رەھبەر ئابدىريىم ياغاچچى، مۇشاۋىرلاردىن( مەسلىھەتچلەر) ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىنلەر، بىلەن كېڭىشىپ،سادىق خۇيجاڭنىڭ سوۋىت ئىتىپاقىدىن سېتىۋالىدىغان قۇراللارنىڭ(شۇ چاغدا سوۋىت ئىتپاقىگە 80 قوي، ياكى ياراملىق بىر ئات ئۆتكۈزسەك 500 تال ئوقى بىلەن بىر گىرمانكا مىلتىق بىرەتتى )ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن سادىق خۇيجاڭغا ئادەم ئەۋەتەيلى دەپ تۇرساق، تەرجىمان كىرىمبەگ،خەۋەرچىدىن مۇھىم بىر مەلۇماتىنى كىرگۈزدى. ،خەتتە:‹دۈشمەننىڭ مۇنداق بىر پىلانلىغان سۈيقەسىتى يېزىلغان ئىكەن،گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى خۇ 2-ئاينىڭ19-كۈنى بورتالا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شۇسۇڭتاۋنىڭ ئىشخانىسىغا ،مۇئاۋىن ھاكىم خەنشۇسەن، ساخچى باشلىقى ۋۇياڭ، ناھىيىلىك گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ باشلىقلىرىدىن رىۋەن، ھاشىموپ،ساقچى ئىدارىسىنىڭ شۈنگەنى ياسىنلارنى باشلاپ كىرىپ مەخپى يىغىن ئاچتى؛ يىغىننىڭ مەزمۇنى مۇنداق،ئۇلار ئۈزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىپ ھۈڭگىرەپ يىغلىشىپ كەتتى،بۇ مەخپى يىغىنغا قاتناشقان گومىنداڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىدىن ئەنسىرشىپ، ئالدىنقى فېرونت (سەنتەي، سىتەي، ئۇتەي،ئاچال، ) تەرەپتىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى پارتىزانلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىپ جىڭ ناھىيىسىگە چېكىنىپ كەتكەنلىگى،جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى يېقىندا جىڭ پارتىزانلىرى تەرىپىدىن پارتىلىتىۋىتىلگەنلىگى ھەم جىڭ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تېلفون سىم يوللىرىنىڭ ئۈزىلگەنلىگى ۋە جىڭغا بارىدىغان قاتناش يوللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قولايسىز ئىكەنلىگىنى، بۈكە يامۇلىغا قامىلپ قالغان ج پالكوۋنىكنىمۇ، قورشاۋدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ھېچبىر ئۈمۈت قالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىپ بىر-بىرسىگە زارلىنىپ يىغلاشتى.نىجاتلىق يۇلى ئىزدەپ، تالاش-تارتىش قىلىشىپ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ نىجاتلىق يولى جىڭ ياكى تارقىياغا قېچىپ بېرىۋىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قېچىشنىڭ يۇشۇرۇن پىلانىنى تۈزۈشۈپ، بورتالا ناھىيىلىك ھۈكۈمەت ئەمەلدارى لىدۇسەن ئۆزى شەخشەن سۈيقەست پىلانلاپ، ئەل جامائەت ئىچىدە ئالاھىدە يۈز ئابرويى بار گۇمانلىق دەپ قارىغان تۈۋەندىكى كىشىلەرنى ، ھاشىمباي، قوسمانىيە (قازاق) ھېمىتھاجى،ئۇلۇغ شاڭيۇ، قاسىمقان (قازاق)، شىڭگە (مۇڭغۇل) شىرموللا، ئوسمانباي، قاتارلىق12ئادەمنى 2-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت.0 0: 4دە سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە يىغىلىڭلار جىڭدا ئىچىلىدىغان مەجلىس بار دىگىنى يالغان. ئۇلار سىلەرنى سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە يىغىپ جىڭغا ئالداپ ئاپىرىپ ھەممىڭلارنى قەتلى قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ دەرھال قىچىپ قۇتۇلىڭلار››دەپ ئىنىق يازغان ئىكەن.
1945-يىلى2-ئاينىڭ19 -كۈنى. بۇ مۇھىم ئاخباراتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولغان بارات پالىۋان دەرھال تەدبىر قۇللىنىپ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئابدىريىم ياغاچچى، ،ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىن،ئابلىز قارىلار بىلەن كېڭىشىپ ھەركەتكە كىلىدۇ-دە،بورتالادىكى جامال ئاخۇننىڭ تۈگمىنىدە پارتىزانلارغا جىددى يىغىن ئېچىپ، بورتالادىن، تارقىيا، يۈنچىخو، جىڭ، قاتارلىق جايلارغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللاردىكى كۆۋرۈكلەرنى تامامەن پارتلىتىپ(شۇقىتىملىق كۈۋرىك پارتلىتىش ئۇرۇشىغا بايچۇرىننىڭ(تاتار) پارىتلىتىش دورىسى بىلەن نەمىنلىشى ئارقىسىدا، توختى مەرگەن باشچىلىغىدىكى جىڭ پارتىزانلىرى جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى ئوڭۇشلۇق پارىتلىتىۋەتكەن) تىلىفون سىملىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئۆتىدىغان يوللارنى قامال قىلىپ دۈشمەنگە تۇيۇقسىز زەربە بىرىش بۇيرىقىنى چۈشىرىدۇ. شۇ كۈنى تەرجىمان كېرىمبەگ (2-ئاينىڭ19-كۈنى) ئۆزىگە كېلىدىغان خەۋىپ-خەتەرگە قارىماي، يۇشۇرۇن ھالدا تۈن يېرىمدا سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ،ئۇنى ئويغۇتۇپ،‹‹ ئەتە مائاۋىن شىجاڭ خۇنىڭ جىڭغا يىغىنغا بارىمىز دىگىنى يالغان،ئەتە گومىنداڭچىلار بورتالادىن پۈتۈنلەي قاچىدۇ، چۈشتىن كىيىن سائەت تۈتتە سىزنى ھەم ئۆيىڭىزگە چۈشكەن مىھمانلىرىڭىزنى قوشۇپ قەتلى قىلماقچى بولىۋاتىدۇ دەرھال قىچىپ قۇتۇلۇڭلار›› دەپ قۇيۇپلا قورادىن تېز چىقىپ كىتىدۇ.سادىق خۇيجاڭنىڭ سارىيىدا ئەتىكى جىڭدا ئىچىلىدىغان يىغىنغا بارىمىز دەپ ھىچ ئىشتىن خەۋىرى يوق بەخۇزور ئۇخلاۋاتقان ۋەكىللەر ئەتىسى ئەتتىگەندىلا بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ تەرەپ-تەرەپكە قىچىپ،كىتىدۇ. بارات پالىۋانمۇ،شۇ كېچىسى سادىق خۇيجاڭغا ئاتايىن ئادەم ئەۋەتىپ؛قىرىندىشىم دۈشمەنلەر2-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كىيىن ساەت4.00 دە سىزگە ھەم ئۆيىڭىزدىكى بارلىق مېھمانلىرىڭىزغا قەست قىلماقچى بولىۋتپتۇ ، ھازىر بىز جامال ئاخۇننىڭ تۈگىمىنىدە سىزنىڭ قايتىپ كىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز،ئەھۋال خەتەرلىك ئىكەن تېزىراق يېنىپ چىقىڭ،›› -دەپ خەت كىرگۈزگەن بولسىمۇ قانداقتۇر سادىق خۇيجاڭ،بۇ شۇم خەۋەرگە بىپەرۋالىق قىلىپ،-مىنىڭمۇ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم بار سۈيقەستتىن ئاگاھ بۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئويلىشۇپ قويدۇم-دەپ بىپەرۋالىق قىلپ خەۋەرچىنى نائۈمىت قايتۇرىدۇ. 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 5.00 دە بۆرتالادىكى گومىنداڭنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى مۇئاۋىن شىجاڭ خۇنىڭ قۇماندانلىقىدا500 دەك ئەسكەرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىگىدە جىڭغا قاچىدۇ،لېكىن دۈشمەنلەر ئويلىمىغان يەردىن جىڭ كۈۋرىگىنى پارتىزانلار ئاللاقاچان پارىتلىتىۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ ئارقىغا قېچىپ تارقىياغا(داخېيەنزىگە) بېرىۋالىدۇ.ئەتتىگەندىلا خۇ سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ھۇدۇقۇپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سادىق خۇيجاڭ تېخىمۇ` گۇمانلىنىپ،ئۆزىگە كېلىدىغان خەۋىپ-خەتەرنى تۇيۇپ دەرھال ئۆيىنىڭ باغ تەرىپىدىكى ئات ئېغىلىغا يانداش سېلىنغان يەم خەشەك ئۆيىگە كىرىپ تۆمۈر ئارىنى قۇلىغا ئېلىپ كەچ سائەت تۈت يىىرىمغىچە مۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. ئاخىرى ئۇ ھىچ ئىش يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۆيىگە كىرىپ كەتمەكچى بۇلۇپ بېغىدىن ھويلىسىغا كىرگەندە ،رىۋەن دەرۋازىدىن مىلتىق تۇتقان ھالدا ھويلىغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ھەم ئۇنى ئاتماقچى بولىدۇ، سادىق خۇيجاڭ، ئۇنىڭدىن چاققان كىلىپ رىۋەننى ئاستىغا بېسىۋىلىپ، ئۇرىۋاتقاندا ، لىدۇسەن كىرىپ قېلىپ سادىق خۇيجاڭنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ تاشلايدۇ. شۇكۈنى بارات پالۋاننىڭ 46پارتىرانى داخىيەنزىگە تۇتىشىدىغان بارلىق يوللاردىكى كۆۋرۈكلەرنى پارتلىتىۋىتىپ يولدا يۇشۇرۇنۇپ يېتىپ داخىيەنزىگە قېچىۋاتقان دۈشمەنگە ئالدىدىن تۇيۇقسىز زەربە بىرىپ ئۈچ مىلتىق بلەن30گىرانەتنى ئولجا ئالدۇق، ھەمدە قاچقان دۈشمەننى بورتالانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى تەسىرقايدىكى ھىزىم باينىڭ قۇرىغىغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئاتلارنى دەم ئالدۇرۇپ ئولتۇرساق، داخىيەنزى،تەرەپتىن نۇراخۇن سادىق، ئابدۇقىيۇم، ھاشىم ياغاچچى، تۇرسۇن ياقۇپ، (تۇرپانلىق ساتىراش بالا ئىدى) ئىسمايىل پەتەك، قۇتلۇق قارى (يىتىمچى بالا ئىدى) ، تاجاخۇن ئەمەت،(1) قۇپپاخۇن ، ھېلىم تامچى، مەھەممەت قاراجى، جىڭلىق ئىسمايىل تۈگىمەنچى، قاتارلىق10ئادەم، ئۆزلۈگىدىن پىدائىي بولۇپ سېپىمىزگە قۇشۇلدى. ئۇقۇشىمىزچە ئۇلار 1944-يىلى12 –ئايدىكى قاچ-قاچتا گومىنداڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن سەيسىگە تۇتۇلۇپ قېلىپ،تارقىياردىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىىگە ئوت-سامان، ئوتۇن-ياغاچ تۇشۇش ئىشلىرىغا ساپتۇ،بۈگۈن ئەتتىگەن ئۇلارنى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بۇ جايغا ھەيدەپ كېلىپ، پارتىزانلار كېسىۋەتكەن تېلىفۇن سىملىرىنى ئۇلىتىۋاتقاندا،بىزنى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى يىراقتىن كۈرۈپ قىلىپ تارقىيا تەرەپكە قاچقاندا سىملارنى ئۇلاۋاتقان بالىلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ بىز تەرەپكە قېچىپ كەلگەن ئىكەن. بىز مۇشۇ ‹‹تەسىرقايدا›› 5 كۈن تۇرغاندىن كىيىن`باراتنىڭ`قۇرىغىغا`يۈتكىلىپ`بىرىپ`10كۈندىن`كىيىن`بارات پالىۋان، ئابدىريىم ياغاچچى،ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىپ خەنزۇ تىلىنى ئاز-تۇلا بىلىدىغان تاجاخۇننى، دۈشمەن تەرەپكە ئەلچى قىلىپ ‹‹ بىزگە تەسلىم بۇلۇڭلار››دىگەن مەزمۇندا خەت پۈتۈپ، ماڭدۇردى. لىكىن تاجاخۇن شۇ كىرىپ كەتكەنچە جىم-جىتلا يوقاپ كەتتى.بارات پالىۋان تاجاخۇننىڭ 12كۈنگىچە ئىز-دىرەكسىز يۇقاپ كەتكەنلىگىدىن گۇمانلىنىپ دەر-غەزەپكە كەلدى- دە:-ھۇ ئاناڭنى لومۇدى گۇيلار ‹ ئەلچىگە ئۆلۈم يوق› تۇرسا تاجاخۇننى نىمە قىلدىڭ دەپ-ئۆز ئۆزىگە كايىپ كەتتى.
1945-يىلى3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتتىگەنلىك چىيىمىزنى ئىچىپ بولۇپ تۇرساق، بارات پالىۋان:
–مۇھتەرەم قېرىنداشلار بۈگۈن بىز دۈشمەنگە ئۆزىمىزنى بىر تۇنۇتۇپ قۇيايلى، ئېتىڭلارنى تۇقۇپ تەييار بۇلۇڭلار-دەپ چەبدەسلىك بىلەن ئىككى ماۋزۇرنى بېلىغا قىستۇرغان پىتى ئېتىغا مىندى.پارتىرانلارنىڭ جەڭگىۋار ھالىتىنى كۆرگەن بورتالالىق 70 ياشلىق بوقاخۇن، ئاكا- مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە كىرەي- دەپ ماڭغان ئىدى، بارات پالۋان –بوقاڭكا سىز ياشىنىپ قالغان ئادەم ئۇيەرگە بارماڭ، دىگەن بۇلسىمۇ ئەمما بوقاخۇن، ئاكا بارىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن بىز توسۇپ قالالمىدۇق .شۇ كۈنى بىز بارات پالىۋانغا ئەگىشىپ دۈشمەننىڭ مۇداپىئەدە تۇرىۋاتقان، 2000 دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئارمىيىسىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، تارقىياغا ئاتلىق ھۇجۇم بىلەن كىردۇق.دەسلەپتە گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ھەيۋە كۈرسىتىش مەقسىتىدە ئۇلار كۆرگىدەك يەردىن تارقىيانى ئايلىنىپ ئات چاپتۇردۇق، گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىزگە ئوق چىقارماي جىم تۇرىۋالدى،كەچ بولغاندا بىزگە قارىتىپ پىلىمۇت بىلەن ئوق ئاتقان ئىدى،بىزگە ئەگىشىپ چىققان بوقاخۇن ئاكىنىڭ كارنىيىگە ئوق تېگىپ، شۇيەردىلا ئاتتىن يىقىلدى. شۇ كۈنى بىز كەچلىك چىيىمىزنى ئىچىپ بۇلغاندىن كېيىن بارات پالۋان،تۇيۇقسىزلا بىزگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تارقىيارنى ساقلاپ ياتقان2000دىن ئارتۇق تولۇق قۇراللانغان گومىنداڭ ئارمىيىسىگە يۇشۇرۇن تېگىش قىلىپ كىرىمىز دەپ تۇرىشىغا،خەۋەرچى كېلىپ:
بارات ئاكا جىڭلىق توختى مەرگەن، دىگەن بالا سىزبىلەن كۆرىشىمەن مۇھىم گېپىم بار دەيدۇ-دىدى.
بارات پالىۋان:-كىرسۇن دېگەندىن كېيىن، توختى (مەرگەن)ئىككى ئادىمىنڭ ھەمراھلىقىدا بارات پالىۋان بىلەن كۆرۈشۈپ تېنچ- ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن،ئىككەيلەن قىزغىن سۈھبەتلىشىپ كەتتى، سۈھبەتلىشىش جەريانىدا توختى مەرگەن بارات پالۋاننىڭ بۈگۈن كېچە دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىغا يۇشۇرۇن تىگىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن قىيىن.-بارت ئاكا بۇيەردىكى دۈشمەننى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بۇمايدۇ،يەنە كېلپ دۈشمەننىڭ جىڭدىكى كۈرەشچى ئايرىپىلانلىرى كۈندە بىر قېتىم كېلىپ تارقىيانى چارلاپ تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا بۈگۈن دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىغا تىگىش قىلىش پىلانىڭىزدىن ۋاز كېچىپ، ۋاقتىنچە15-20كۈن تەخىر قىلىڭ ئىپى كەلگەندە ھەممىمىز بىرلىشىپ بىراقلا تىگىش قىلايلى، ‹ئۇرۇشنىڭ بىرى جەڭ، تۇققۇزى رەڭ› دىگەن گەپ بار دەپ مەسلىھەت بەرى. ئەمما بارات پالىۋان ئۆزىنىڭ گىپىدە چىڭ تۇرىۋىلىپ توختى مەرگەننىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق`سالمىدى. توختى مەرگەن ئەمدىلا 27-28 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان قەددى قامىتى كىلىشكەن`چىۋەر-چەبداس بوز يىگىت`بۇلۇپ` تۇرىقىدىن تولۇپ-تاشقان ئەقىل-پاراسىتى ئۇرغۇپ`تۇرىدىغان`بالا`بۇلۇپ`جىڭ`ناھىيىسىدىن`يىتىشىپ`چىققان ئاتاغلىق`مەرگەن`ئىدى.ئۇ`يەنە` كىلىپ ئوقىغان`بالا`بۇلۇپ،ئۇنىڭ`قۇل-ئاستىدا`قۇراللىرى`سەرخىل ئۇيغۇر، مۇڭغۇل، قازاق،تاتار، مەرگەنلەردىن تەركىپ تاپقان 25 نەپەر`خىللانغان` چەبدەس ئادەملىرى بۇلۇپ، بۇلار كىچىگىدىنلا ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ياشلار ئىدى. بۇلۇپمۇ مۇشۇ پارتىزان ئەتىرىتىنى تەشكىللىگەن توختى (مەرگەن)،بىلەن قۇۋان (مەرگەن)،گومىنداڭ ھۈكىمىتى 1944-يلى6- ئايدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ مەركىزىدە تۇنجى قېتىم ئىچىلغان‹‹زىۋىدۈي›› ئۆزىنى-ئۆزى قوغداش خەلىق ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش نامىدىكى ئۈچ ئايلىق ھەربىي تەلىم - تەربىيە كۇرسىغا قاتنىشىپ ھەربىي ئىلىم جەھەتتە ئاز-تۇلا ساۋاتلىق بولغان مەرگەنلەر ئىدى. (بۇ مەرگەنلەر كېيىنكى چاغلاردا تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بۇلغاندىن كىيىنمۇ خەلىق ئىچىدە ئۇلارنىڭ نامى تاكى ھازىرغىچە مەرگەن لەقىمى بۇيىچە ئاتىلىپ`كەلمەكتە.)
داۋامى بار...
[ بۇ يازمىنىئۈمىديار 2012-07-08 19:23قايتا تەھرىرلىد ]