ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 246 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى
دوستلىشىش
ئەلتۈزەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 634
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 21 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 21
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-10 04:36

نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى

ئالدىنقى كالتە يازمىمىزدا نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا، ئاندىن ئۇنىڭ 5 تۈرلۈك رولى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. مەزكۇر يازمىمىزدا مۇكەممەل بولغان نەسەبنامىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 7 چوڭ مەزمۇن توغرىسىدا قىسىقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.



1. كىرىشمە ( باش سۆز )

بۇ بۆلەكتە مەزكۇر جەمەتنىڭ نەسلىي مەنبەسى، ئومۇمىي تارىخىي، مىللىي كىملىكى، يۇرتى، كۆچۈش يۆنىلىشى ، تەگئاتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى ئىنتايىن ئىخچام ھالدا شەرھىيلىنىپ ئۆتۈلۈشى كېرەك. بۇندىن باشقا مەزكۇر جەمەتنىڭ نەسەبنامىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپ كىم تەرىپىدىن  قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە كېيىن كىم تەرىپىدىن، قاچان، نېمە ۋەجىدىن تۈزىتىلگەنلىكى ھەمدە مەزكۇر نەسەبنامىنىڭ ھازىرغىچە قانچە ئەۋلاد داۋام قىلغانلىقى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.



2. جەمەت ئەزالىرى شەجەرە سېخمىسى

بارلىق جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىمى – شەرىپى بىرمۇ – بىر خاتىرىلەنگەن ۋە شەجەرە سېخمىسى تۈزۈش قائىدىسى بويىچە تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن شەجەرە سېخمىسى بولۇشى كېرەك. شەجەرە سېخمىسى دەرەخ شەكىللىك، قوياشسىمان، ھىلالئايسىمان سېخما قاتارلىق بىرقانچە خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ. سېخما تۈزگۈچى ئۆزى مۇۋاپىق قارىغىنى بويىچە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. مەزكۇر سېخمىنىڭ باش قىسىمى نەسەب يىلتىزى ياكى باش ئۇرۇقتىن باشلىنىپ نۆۋەتتىكى ئەۋلادقىچە بىرمۇ – بىر تەپسىلىي خاتىرىلىنىشى، ئېنىقىسز ئۇرۇنلار سۇئال بەلگىسى بىلەن بوش قالدۇرۇلۇشى كېرەك.



3. ئاساسىي بايان قىسىمى

مەزكۇر بۆلەكتە، مەزكۇر جەمەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ نامى – شەرىپى، تۇغۇمى ۋە ئۆلۈمى، ياشىغان ئولتۇرۇقى، كۆچمىشى، ئەۋلادلىرى ، كەسپى قاتارلىقلار تەپسىلىي، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئىش – ئىزلىرى ، ئەمەل – مەنسەپلىرى تېگىشلىكلىرىنىڭ قىسقا ئىخچام بايان قىلىنىشى كېرەك. بۇ قىسىمنى يېزىشتا باشتىن ئاخىرى تەپسىلىي يېزىپ مېڭىشقىمۇ، ياكى نەسەبنامە دەرىخىدىكى ھەبىر غولغا بىر سەھىپە ئاجرىتىپ ، سەھىپىلەر بويىچە ئايرىم  – ئايرىم بايان قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.



4. ئاتىلار سۆزى ( جەمەت يۇسۇنى )

ئاتىلار سۆزى نەسەبنامىدىكى ئاساسىي مۇھىم مەزمۇنلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ بۆلەكتە، شۇ جەمەت ئەجدادلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قىلغان تەربىيە – ۋەسىيەتلىرى ، ئاتىلارنىڭ دىنىي ئىتىقاد، ۋەتەن سۆيەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق، كىشىلىك ، ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق، جەمەت نەسلىنى ئۈزۈپ قويماسلىق، جەمەت روھىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرمەسلىك قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلىرىدىكى ئۆگۈت – نەسىھەتلىرى ئىخچام خاتىرىلىنىشى كېرەك.



5. جەمەت يۇلتۇزلىرى

بۇ بۆلەكتە نۇقتىلىق قىلىپ مەزكۇر جەمەت ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم – ئۆلىما، تۆھپىسى مەشھۇر ، تونۇقلۇق كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخي تۆھپىسىى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.بۇ بۆلەكنى يېزىشتا جەمەت كۆكىدە ئالاھىدە پارلىغان ھەربىر يۇلتۇز يەنى مەشھۇر كىشىگە ئايرىم بىر سەھىپە ئاجرىتىپ ، تەپسىلىي بايان بېرىش كېرەك.

6. تۆھپىلەر بايانى

مەزكۇر بۆلەكتە ئەگەر مەزكۇر جەمەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىخترا ئېتىلگەن كەشپىيات، يېزىپ قالدۇرۇلغان تىلغا ئېلىشقا ئەرزگۈدەك ئەسەر قاتارلىق تارىخي تۆھپىلەر بولسا ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي ياكى قىسقىچە مەلۇمات بېرىش كېرەك. ئەگەر بولمىسا مەزكۇر بۆلەك قالدۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.



7. تۈگەنچە ( ئاخىرقى سۆز )

مەزكۇر بۆلەكتە ئەجدادلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلاردىن كۈتكەن ئۈمۈدى ۋە مەزكۇر نەسەبنامىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى ھەققىدىكى ئۈمىدى – تىلەكلىرى بايان ئەيلىنىپ، نۆۋەتتىكى نەسەبنامە پۈتۈشنىڭ تاماملانغان ۋاقتى ۋە قەلەم تۇتقۇچىنىڭ ئىسمى – شەرىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلىنىپ قالدۇرۇلىشى كېرەك.

يۇقىرىقىلار پېقىرنىڭ نەسەبنامىدە چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارىغان مەزمۇنلار بولۇپ، نەسەبنامە يېزىشتا ھەربىر يازغۇچى ئۆز جەمەتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىىغا ئاساسەن ئىجادىي يېزىپ چىقىشقا بولىدۇ. زۆرۈر ئەمەس بۆلەكلىرىنى چقىرىىپ تاشلاپ ، تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك بۆلەكلەرنى يېڭىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىش كېرەك. ئومۇمەن، نەسەبنامە يېزىشتا ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوچۇق شەرھىيلەشكە دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ئىجادىي قەلەم تەۋرىتىشكە تامامەن بولىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۈمىديار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-11, 03:58
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-11 12:34

نادىر ئەسەرلەر بوزقىرنى ئاۋات قىلغۇسى؟!