مىنىڭ ئانام بۇغداي ئۆڭلۈك ،پاكار كەلگەن سېمىز ئايال ئىدى. مىنىڭ ئانام تولىمۇ مىھرىبان،كۇيۇمچان،ئېغىر-
بېسىق ،كەم سۆز، چىقىشقاق مۇلايىم ئايال. ئانام مەن ئەقلىمنى بىلىگەندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھارىماي-تالماي
ئەمگەك بىلەن مەشغۇل ئىدى.ئانام تۇگمەس ئۆي ئشىلىرىنى ھەتتا بەزىدە دادامغا ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق
ئشىلىرىنىمۇ قىلاتتى . ئانام ھەركۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا-ئاراملارنى پاكىز سۈپۇرۇپ تازىلايتى.ئانام ھەر
كۈنى مېنى تاتلىق ئەركىلتىپ ئورنۇمدىن تۇرغۇزاتتى .ئاندىن يۇز-كۆزلىرىمنى يۇيغۇزاتتى،ئاندىن قايىماقلىق قىلىپ
دەمىلەنگەن بىر چىنە ئسسىق چاينى ئالدىمغا ئەكىلەتتى. ئانام مېنى خۇددى كۆز-قارىچۇقىنى ئاسىرىغاندەك
ئاسىرايتتى، پەپىلەپ باقاتتى. ئەگەر مەن خاتالىق ئۆتكۈزۇپ قويسام ئورونسىز خاپا بولماي سىلىق مۇئامىلە قىلىپ،چىرايىلىق نەسھەت قىلىپ خاتالىقىمنى تۇزۇتەتتى .ئانام ھەر دائىم ماڭا يالغان سۆزلىمەسلىك، قالايمىقان گەپ قىلماسلىق باشقلارنىڭ نەرسىسنى رۇخسەتسىز ئالماسلىق ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ، خاتالىق ئۆتكۇزگەندە دادىللىق بىلەن تۇزىتىش توغرسىدا تەربىيەلەرنى بېرىدۇ.ئانام مېنىڭ ئۈگۈنىشىمگىمۇ ناھايىتى كۆڭۇل بۆلىدۇ . ئانام مېنى توغۇپ ،بېقىپ چوڭ قىلغۇچە نۇرغۇن جەبىر - جاپالارنى چەككەن بولسىمۇ ،لېكىن قىلچىمۇ ۋايسىمايتتى.
ئانام مېنىڭ قەلبىمدە ئۆچمەس بىر گۈلخان. مەن ئانامنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن ھەم ھۆرمەتلەيمەن. مەن ئانامنى دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان ، مېھنەتكەش، سۈيۈملۈك ئانا دەپ ئويلايمەن.
مىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئاكا - ئۇكا ،ئاچا- سىڭللىرىمغا شۇنداق دىگىم كېلىدۇكى: سىلەر ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىڭلار، ئۇلار بىز ئۇچۇن تالاي كېچىلەرنى- كۇندۇزگە ئۇلاپ مۇشۇ كۇنگە ئىرشتۇردى. بىز ئۇلارغا چامىمىز يەتكۇدەك ئىشلارنى قىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ يۇكىنى بىر ئاز بولسىمۇ يىنىكلىتەيلى.ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۈگىنەيلى .قالايمىقان يوللاردا ماڭمايلى ، ئۇلارنىڭ قولىغا- قول ، پۇتىغا -پۇت بولايلى.
ئەي مىھرىبان ،سۈيۈملۈك ئانا سىز ئۆز مىھنەت-ئەجىرىڭىز بىلەن مەڭگۇ گۈللەپ ياشىنىغايىسىز .
ئۇتبولاق مەركىزى مەكتەپ . باشلانغۇچ 5- يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۆجىدە
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:37قايتا تەھرىرلەندى ]