پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار (1-2)
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
كىرىش
بۈگۈنكى كۈنلەردە ، جۇڭگو تەرىپىدىن رەسمىي ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ بېرىلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ياشاۋاتقان مەزكۇر زېمىندىن باشقا يەنە چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇر دىئاسپورىسى مەۋجۇت.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە جايلاشقان .ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى قولايلىق شارائىت تۈپەيلىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ جۇمھۇرىيەتكە كۆپرەك تارقالغان .
ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە ئالغاندا، بۈگۈنكى كۈنلەردە قازاقىستان ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتۇر. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىلىدىكى ئىستاتېستىكىسى بويىچە ،بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار 237،532 نەپەر بولغان (1).
ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 2012-يىلىدىكى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك ئىستاتېستىكىسى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار 50 مىڭ نەپەر(2) .
ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2000-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 19،526 نەپەر دەپ ئېيتىلغان .(3)
تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق. 1890-يىلى، 270 ئائىلە، يەنى 1307 نەپەر ئۇيغۇر يەتتەسۇدىن تۈركمەنىستاندىكى مۇرغاب دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇلارنىڭ سانى 1990-يىلى 1392 نەپەر، 2010-يىلى، 2000 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان. 1928-1929-يىلىدا، بايرام -ئالىدا ئىككى ئۇيغۇر كولخوزى قۇرۇلغان ئىدى (4).،
ئەمما ، تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بۇ جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجىكىستاننىڭ 1926-يىلىدىن تاكى 2009-يىلىغىچە بولغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسى تەركىبىگە ئۇيغۇرلار كىرگۈزۈلمىگەن.
لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مەيلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنچ قىلمايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە قاراشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى مەۋجۇت.
ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار جۇغراپىيىلىك ۋە تىل-دىئالېكت ئالاھىدىلىك بويىچە ئىككى ئاساسىي گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى پەرغانە گۇرۇپپىسى، يەنە بىرى يەتتەسۇ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ پەرغانە گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلار رايونىدىن كۆچۈپ چىقىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ شەھەر ھەم دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئورۇنلاشقانلار بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن "قەشقەرلىكلەر" دەپ ئاتالغان ئىدى.
يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان ۋە 1882-يىلى رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرىسى ئايرىلغاندا ئىلى تەۋەسىدىن رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن تارانچىلار ، يەنى ئىلى ئۇيغۇرلىرى شۇنىڭدەك 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ۋە باشقا شىمالىي رايونلاردىن كۆچكەنلەردۇر.
بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تىل جەھەتتىن ئالغاندا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتىغا مەنسۇپ بولۇپ ، پەقەت ئايرىم شىۋىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە خالاس. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ، يەنى بۇرۇنقى قەشقەرلىكلەر قەشقەر شىۋىسىنى ئاساس قىلغان. يەتتە سۇ رايونىدىكىلەر بولسا ئىلى شىۋىسىنى ئاساس قىلغان ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇر تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئىككى نام بىلەن ئاتالغان. ئەلۋەتتە، 1955-1962-يىلىدىكى كۆچۈش نەتىجىسىدە يەتتە سۇ گۇرۇپپىسى تەركىبىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، ئاتۇش ۋە باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلدى. تاشكەنت ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار تەركىبىگە ئىلىدىن تەۋەسىدىن كەلگەن تارانچى ئۇيغۇرلىرىمۇ قوشۇلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، <<سوۋېت ئۇيغۇرلىرى >>، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى << سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>>دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈلگەن بولسا، مۇستەقىللىقتىن كېيىن، ئورتاق سوۋېت ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان بىر گەۋدە يوقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرگە پارچىلىنىپ ئايرىم تەرەققىيات يولىغا مېڭىشقا باشلىدى.
گەرچە، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت جۇمھۇرىيەتكە تارقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم دىئاسپورىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلغان پەرغانە گۇرۇپپىسى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ تۈگىدى ھەمدە بۇ رايوندىكى قالدۇق ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى داۋاملىق تۈردە سىڭىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. ئەمما، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پەقەت 1955-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان تەركىبى ۋە قازاقىستاندىن بۇ جۇمھۇرىيەتكە خىزمەت يۈزىسىدىن بېرىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تاشكەنت شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەۋلادلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بۇ قەدەم-قەدەم ئاجىزلاش ھەم ئۆزبېكلىشىش جەريانلىرىنى باسماقتا.
ئەمما، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى بولسا ئۆز مىللى كىملىكى، مىللىي مەدەنىي-مائارىپى ، ئەدەبىيات-سەنئىتى، مۇزىكىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە ياخشى ساقلاپ قالدى شۇنىڭدەك بۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىر قىسىمىلىق رولىنى ئوينىماقتا. بۇ گۇرۇپپىنىڭ يەرلىك قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىشى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلمىدى.
بىز بۇ ماقالىدە بۈگۈنكى مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئومۇمىي ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ پەقەت پەرغانە گۇرۇپپىسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئاخىرىدا يەرلىك ئاھالىلارغا سىڭىپ كېتىپ، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ ئاساسلىق يادروسى بولغانلىق رولىنى يوقىتىپ قويۇشىغا مۇناسىۋەتلىك جەريانلار ھەم سەۋەب-ئامىللار ھەققىدە توختىلىمىز.
پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئەسلىدە نورمال تەرەققىيات بويىچە ئالغاندا، بۇگۈنكى كۈندە بىر قانچە مىليون نوپۇسلۇق خەلققە ئايلىنىش لازىم ئىدى. بىراق، ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي جەريانلاردا قەدەممۇ-قەدەم يەرلىك ئۆزبەكلەرگە سىڭىپ، ئۆزبەكلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى ھەم ئاقىۋەتتە پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقاپ كەتكەن خەلققە ئايلاندى. بىراق، ئۆزبەكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئېتنىك، تىل ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرى ئاساسىدا بۇ ھادىسىنى يوقاپ كەتكەن دېگەننىڭ ئورنىغا سىڭىپ كەتكەن دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتىم، شۇنىڭدەك ئاسسىمىلياتسىيە ئىبارىسىنىمۇ ئىشلەتمىدىم. چۈنكى، ئىككى ئوخشاش خەلق ئىچىدە سىڭىشىش مەۋجۇت، بىراق، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەممۇ-قەدەم سىڭىشىش جەريانى بىر پۇتۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشتا يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر. مەن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ماقالەمنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇدۇم. 2012-يىلى، 23-26-ماي كۈنلىرى ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، ئامېرىكا، رۇسىيە، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى، جۇڭگو،ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 90 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس قاتنىشىپ، يوقىلىش تەھلىكىسىدىكى تۈركىي تىللار، جۈملىدىن نوپۇسى ئاز بولغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىنىڭ تەقدىرى ۋە مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى. مەلۇم بولدىكى، بىر قىسىم كىچىك تۈركىي تىللار ۋە توپلۇقلار تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا قەدەممۇ-قەدەم يوقاش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئالىملار بىردەك ھالدا بىر قىسىم كىچىك تۈركىي تىللارنىڭ ھامان يوقىلىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ چارىلىرىنى قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مېنىڭ تېمام پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەسلىدە كۆپ سانلىق خەلق بولۇشقا تېگىشلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بولۇپ يېقىنقى ئىككى ئەسىردە سىڭىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئانالىز قىلدىم. مەن بۇ قېتىم تېخىمۇ تەپسىلىيرەك ھالدا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتىنى ئوقۇرمەنلىرىمگە سۇنۇش قارارىغا كەلدىم.
1. پەرغانە ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ تارىخى باغلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي ھەم شەرقىي قىرغاقلىرىدىكى بوستانلىق بەلۋاغ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ماكانى. بۇ تۇپراقلاردىكى ئاھالىلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ غەربىي تەرىپى، قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ، جۈملىدىن پەرغانە ۋادىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
پەرغانە ۋادىسى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ھازىرقى ئۆزبەكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئارىسىغا جايلاشقان مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ مۇنبەت بوستانلىق زېمىندۇر. پەرغانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆزبەكىستانغا تەۋە.
جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن ئالغاندا، تارىم ۋادىسى بىلەن پەرغانە ۋادىسىنى پامىر-ئالاي تاغلىرى ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى رايون ئارىسىنى ئېگىز تاغ-داۋانلار ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئىككى رايوننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان نۇرغۇن تاغ ئۆتكەللىرى ، كارۋان يوللىرى قەدىمدىن تارتىپ ئىككى رايون ئاھالىسىنى بىر-بىرى بىلەن باغلاشتا مۇھىم جۇغراپىيىلىك قولايلىق ئامىل بولغان ئىدى. قاراسۇ ، ئەركەشتام، تورغات، بەدەل-ئارت ئېغىزى قاتارلىق پامىر -ئالاي تاغلىرى ۋە تەڭرى تاغلىرىنىڭ مەزكۇر ئېغىزلىرى ئىككى رايون ئاھالىسىنىڭ بىر-بىرى تەرەپكە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشىدىمۇ قولايلىق شارائىت ياراتقان ئىدى. بۇ ئۆتكەللەر قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆتۈشمىلىرى بولۇپ، ھەر قانداق سودا كارۋانلىرى ۋە كۆچۈشلەر مەزكۇر ئۆتكەللەردىن ئۆتەتتى.
تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى قەدىمدىن تارتىپ ئولتۇراق ھاياتتا ياشىغانلىق ۋە تۈركىلىشىش، ئۇيغۇرلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈشىنىڭ، شىمالىي تەرەپلەردىن كەلگەن چارۋىچى -كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ قەدەممۇ-قەدەم ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈش جەريانلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان پەرغانە ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسى ھەمدە شىمالدا ئىلى ۋادىسى بىلەن قوشنا قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايونى قەدىمدىن تارتىپ قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.
كۆكتۈركلەر دەۋرى ( 552- 704) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر دەۋرىدە ( 744-840) يەتتە سۇ، پەرغانە ۋادىسى، تارىم-تۇرپان ۋادىلىرىدا تۈركىي-ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كەڭ يېيىلدى شۇنىڭدەك بۇ رايونلار دائىم دېگۈدەك ئورتاق سىياسىي ھاكىمىيەت ئاستىدا بولۇش دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈردى . دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسا، تارىم ۋادىسى بىلەن پەرغانە ۋادىسى ئوخشاشلا بىر مەھەل قاراخانىلار سۇلالىسى (840-1212)دىن ئىبارەت بىر ئومۇمىي سىياسىي گەۋدە ئىچىدە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قارا خىتايلار ۋە موڭغۇللار دەۋرىدىمۇ تارىم ۋادىسى بىلەن پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلار بىر سىياسىي گەۋدە ئىچىدە بولۇشتىن قالمىدى. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن چىنگىزخان ئەۋلادلىرى ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا بۇ رايونلار چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى كونتروللۇقىدا بولدى. بۇ جەريانلاردا ئوخشاشلا ئىككى رايون ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە قويۇق بولدى. تىمۇرىلەردىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تارىم ۋادىسىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىن ئايرىم سىياسىي گەۋدە بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنسىمۇ، بىراق 16-17-ئەسىرلەردە ياركەنتنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيىلەر خاندانلىقى (1514-1689) ئۆز تەسىر دائىرىسىنى يەتتەسۇ ۋە پەرغانە ۋادىلىرىغا كېڭەيتىشكە دائىم ھەرىكەت قىلغان ئىدى،. ئەمما، 17-ۋە18-ئەسىردە بۇ رايونلار ئالدىدا شىمالدىكى جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ، كېيىن مانجۇرلارنىڭ چىڭ خاندانلىقىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كېلىپ، مەزكۇر رايونلارنىڭ سىياسىي ۋە ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىدا جىددىي ئۆزگىرىش شەكىللەندى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋامىدا ئىككى رايون ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئېتنىك ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى قويۇق بولغان بولسا، 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىم ۋادىسىنى ئىگىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەزكۇر ئىككى رايونى ئارىسىدا رەسمىي ئايرىلىش شەكىللەندى. بۇ رەسمىي تۈردە ۋە بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلار قەدەم-قەدەم بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ياشاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى.
18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، مەركىزى ئاسىيانىڭ سىياسىي تارىخى يېڭى باسقۇچقا كىردى. غەرب تەرەپتە پۈتۈن پەرغانە ۋادىسى قوقان خانلىقى (1709-1876) ،شەرق تەرەپتە تارىم ۋادىسى چىڭ سۇلالىسى (1644-1912) تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىستاننى ئايرىپ ئىدارە قىلىشى بىلەن رايوننىڭ سىياسىي، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ھاياتى بىر-بىرىدىن پەرقلىق تەرەققىيات يولىغا كىردى.
چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتۈن تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىلىرىنى بويسۇندۇرۇشى بۇ رايوندىكى يەرلىك، يەنى شەھەر ۋە دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى يېتىپ كەلمىگەن پەرغانە ۋادىسىغا ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش دولقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە كۆچۈشلەر بولغان بولسىمۇ، پەقەت ئۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە كوللېكتىپ خاراكتېرىگە بولغان ئەمەس، بەلكى قىسمەن ئاھالىلار ئارىسىدىكى باردى-كەلدى قىلىش ھەم ھەربىي يۈرۈش تۈسىنى ئالغان ئىدى.
تارىم ئويمانلىقى ئەتراپى 1759-يىلى، چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تاكى 1878-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىش، ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دەۋرىگە كىردى. ئامېرىكا ئالىمى جېيمىس مىللۋاردنىڭ قارىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتى تىپىك ئىمپېرىيالىزملىق ھۆكۈمرانلىق ئىدى.(5) . ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان باستۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم ھەم ئۇرۇشلار تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ پاناھلىنىش دولقۇنلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى، ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى يەرلىك ئاھالىلەرنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ، ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزى بېسىۋالغان جايلارنىڭ مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. بۇنداق ئۆچ ئېلىش قوزغىلاڭغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان ئاھالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پاناھلىق ئىزدەپ پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇ رايونىغا كوللېكتىپ ھاللاردا قېچىش دولقۇنلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
dawami bar
-------
ئىزاھاتلار
1،قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتەستىكا ئىدارىسى. قازاقىستاننىڭ 2012-يىلى ، 1-يانۋارغىچە بولغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى.(رۇسچە)
2،قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتەستىكا كومىتېتى قازاقىستاننىڭ 2012-يىلى ، 1-يانۋارغىچە بولغان مىللەت تەركىبى (رۇسچە)
.
3. ئۆزبېكىستان مىللەتلەر ئاتلىسى. تاشكەنت. ئۆزبېكىستان،2002-يىلى، 217-بەت ( رۇسچە)
.
4. يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركمەنىستانغا كوچۇشىنىڭ100 يىللىقى، 1890-1990-يىللار،
1890
5.
James A. Millward. Beyond The Pass. Economy, Ethnicity , and Empire in Qing Central Asia, 1759-1864. P.245-249
مەنبە:باغداش مۇنازىرسى
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2012-07-20 12:15قايتا تەھرىرلى ]