ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 343 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەھمەد ئەل زۇبەيرى سەنۇسى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-14 12:37

ئەھمەد ئەل زۇبەيرى سەنۇسى

ئەھمەد ئەل زۇبەيرى سەنۇسى لىۋىيەدىكى ئۇمۇملاشقان دىنى ستېتىك گۇرۇھ سەنۇسىلارنىڭ داھىسى شۇنداقلا كازافى 1969-يىلى ئاغدۇرىۋەتكەن سابىق لىبىيە ئىدرىس پادىشاھلىقىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى.
ئەھمەد ئەلزۇبەيرى 1933-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ چاغلار لىبىيە ئىتالىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ تۇرىۋاتقان، لىبىيەدىكى سەنۇسى ھەركىتىنىڭ ئاخىرقى تەرەپدارلىرى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ سەنۇسىلارنىڭ رەھبەرلىرى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ برىۋاتقان چاغ ئىدى. ئەھمەد ئەلزۇبەيرى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپنى مىسىردا تۈگەتكەندىن كېيىن 1951-يىلىدىن1958-يىلىغىچە ئىراقتىكى ھەربى مەكتەپتە ئوقۇغان، لىبىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىدرىس پادىشاھلىقىنىڭ ئارمىيە مەكتىپى قۇرۇلۇشى پىلانىغا يېتەكچىلىك قىلغان. 1969-يىلى كازافى ئىدرىس ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىۋەتكەندە ئۇ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كازافىنى يېنچ ھالدا پادىشاھلىق ئاساسى قانۇننى قوبۇل قىلىشقا كۆندۈرمەكچى بولغان ئەمما 1970-يىلى بارلىق سەنۇسى جەمەتىدىكىلەر بىراقلا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، ئەھمەد ئەلزۇبەيرىمۇ قامىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما سەنۇسى جەمەتىنىڭ لىبىيە ئاممىسى ئارىسىدىكى تەسىرى ، شۇنداقلا كازافى ھاكىمىيىىتنىڭ قوراللىق سىياسى ئۆزگۈرۈشىگە قارىتا قان تۆكۈشتىن ساقلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقتىن كازافى ئەھمەد ئەلزۇبەيرىگە بېرىلىدىغان جازانى كېچىكتۈرۈپ 1988-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن 13يىلللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
   ئەھمەد ئەلزۇبەيرى كازافىنىڭ تۈرمىسىدىكى ۋاقىتتا ئايالى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزى تۈرلۈك ۋەھشى قىيناقلارغا دۇچ كېلىپ سالامەتلىكىدىن ئاساسەن ئايرىلغان بولسىمۇ كازافىىنى سەنۇسىلارنىڭ قانۇنى شەرىئىتى بىلەن  ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن.
   2001-يىلى ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن كازافى غەرپ ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنى ئورۇنلاپ ئىمبارگودىن قۇتۇلۇش مەقسىدىدە ئېلىپ بارغان ھەركەتلەر قاتارىدا قاماق مۇددىتى توشقان ئەھمەد ئەلزۇبەيرىنى قويۇۋەتكەن، ئەھمەد ئەلزۇبەيرى يېرىم نازارەت ئاستىدا بىر نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىغا ئېرىشكەن.
ئەھمەد ئەلزۇبەيرى 31 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقى بىلەن كازافى دەۋرىدە تۈرمىدە ئەڭ ئۇزۇن ياتقانلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.
2011-يىلى ئەرەب باھارىنىڭ شاماللىرى لىبىيەگە تۇتاشقاندىن كېيىن ئەھمەد ئەلزۇبەيرى كازافىغا قارشى دىموكراتىيە تەلەپ قىلىنغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋە تېزلا لىبىيە قارشىلىق كۆرسىتىس كۈچلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ۋە سىتراسبورگدىكى ياۋروپا پارلامنېتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان 50مىڭ دوللارلىق ساخاروۋ ئەركىنلىك ھەركىتى تەرەپدارلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
   2012-يىلى شىرىف ئەھمەد ئەلزۇبەيرى سەنۇسى لىبىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى نېفىت بايلىقى مول بولغان، ئىككى مىلىيۇن نوپۇسى بار سرېنايكا رايونىنىڭ «دىن ۋە تارىخ، ئەل رايى ۋە مەنپەئەت ھوقۇقى» نۇقتىسىدىن لىبىيەدنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئادىل ۋە ھەققانى جەمىيەت قۇرۇشى ئۈچۈن ئەدلىيە، بايلىق تەقسىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ئاپتونومىيە ئەمىرلىكىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ لىبىيە ئەرەب فىدىراتىسىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سرېنايكا ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لىبىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇستافا ئابدۇجەلىل سەنۇسىنىڭ بۇ ھەركىتىنى لىبىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ دەپ قاراپ ئۇنى  مەملىكەتلىك كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ، ئەگەر سەنۇسى يەنىلا ئۆز پىكرىدىن قالمىسا لىبىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلايدىغانلىقىنى جاكارلاپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىللە سەنۇسىنىڭ ئەتراپىغا لىبىيەدە باش كۆتەرمەكچى بولۇۋاتقان بازا تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ۋە ھەتتا كازافىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ سۇقۇنىۋالغانلىقىدىن، سەنۇسىنىڭ پەقەت ئۇلار پايدىلىنىۋاتقان قورال ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لىبىيەنىڭ كەلگۈسى قاتمۇ-قات سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

مەنبە:qamus.okyan.com
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-14 13:31

ئاجايىپ تەقدىرلەر  ئىنسانلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ...
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-07-14 16:26قايتا تەھرىرلىدى ]