ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 312 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگو ئۇيغۇر تىبەت تورلىرىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلماقچى (1)
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-16 10:39

جۇڭگو ئۇيغۇر تىبەت تورلىرىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلماقچى (1)

جۇڭگو ئۇيغۇر تىبەت تورلىرىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلماقچى (1)

تىبەت تورچىلىقى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا تىبەت يېزىقىدىكى مىكرو بلوگ ئېچىش ئويىدىن ۋاز كەچتى. تور بەتنىڭ تىبەت تەھرىرى ناكې مۇخبىرغا دېيىشىچە، مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش جەھەتتە بېسىم بولغاچقا، تىبەت يېزىقىدىكى مىكرو بلوگ چوقۇم ئالدى بىلەن تەستىقلاپ ئاندىن ئېلان قىلىشتەك باشقۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشى كېرەك، ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا ياكى بىر تەرەپ قىلىش ياخشى بولمىسا، تورداشلارنىڭ قاتتىق پىكىرى چىقىدۇ. نۆۋەتتە، تىبەت يېزىقىدىكى تور بەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش ئادەم كۈچىنى ئاساس قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، تىبەت يېزىقىدىكى مىكرو بىلوگ ئېچىشقا ناھايىتى زور ئادەم كۈچى تەننەرخى كېتىدۇ. ئۇنۋېرسال ئويلاشقاندىن كېيىن، تىبەت تورچىلىقى پىلانىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تورى ھەم جۇڭگودىكى تىبەتلەرگە ئائىت ئەڭ چوڭ تور بەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىبەت تورىنىڭ ئەندىشىسى ئارتۇقچە ئەمەس. 2012-يىلى 2-ئايدىن بۇيان، تىبەتلەرنىڭ بىر قاتار ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، جۇڭگودىكى بىر قىسىم تەسىرى چوڭ تىبەت يېزىقىدىكى بلوگلار تاقاپ تاشلاندى. چىڭخەي كۆلى تورىنىڭ تىبەت يېزىدىكى بلوگى:«قىسمەن بلوگىرلار تور بەتنىڭ بەلگىلىمىىسى بويىچە يازما ئېلان قىلمىغانلىقتىن، بلوگنى ۋاقتىنچە تاقاپ قويدۇق، تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى بىر مەھەل چىقىرىپ قويغان ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى چەتئەللەردىكى ئاخباراتلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، داڭلىق تىبەت بلوگ تورى sangdhor تاقاپ تاشلانغان، «سەۋەبى بۇ تور بەتتتە ئېلان قىلىنغان "ھەسرەت ناخشىسى" دا تىبەت رايونىدىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسى تەسۋىرلەنگەن».

نۆۋەتتە، جۇڭگودا خەنزۇ يېزىقىنى ئاساس قىلغان ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى نىسبەتەن پىشىپ يېتىلگەن تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن، ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنى ئۇچۇرلاشقان بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيىسى پۈتكۈل جەھەتتىن قالاق بولغانلىقتىن، باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىلللەتلەر يېزىقىدىكى تور بەتلەردىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلالايدىغان يۇمشاق دېتالى تېخى يوق، شۇڭا، بىر قىسىم سەزگۈر ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، تور بەتلەرنى تاقاپ تاشلاش ئارقىلىق كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورگانلار تەتقىق قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر، تىبەت تورلىرىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك بايقاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تېخنىكىسى» تەتقىقات تېمىسى ئېھتىمال مەلۇم دەرىجىدە بۇ خىل ئاددىي باشقۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشى، ناكېدەك تور بەت تەھرىرلىرىنىڭ مەزمۇننى نازارەت قىلىش جەھەتتە ئۇچرىغان خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر، تىبەت يېزىقىدىكى تور بەتلەر باشقۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا

جۇڭگو ئېنتىرنېت ئۇچۇر مەركىزى ئېلان قىلغان «28-قېتىملىق جۇڭگو ئېنتىرنېت تەرەققىيات ئەھۋالى سىستاتىستىكا دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگودىكى تور ئابونتلىرىنىڭ سانى 485 مىليونغا يەتكەن. ئاممىنىڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى تورنى ئىشلىشىتى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى تور بەتلەرمۇ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.

جاۋ شىيابىڭ (赵小兵) مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇش قۇرۇلۇش ئىنىستۇتىنىڭ پراففىسسورى، بىرلا ۋاقىتتا دۆلەتلىك تىل-يېزىق مەنبەسىنى نازارەت قىلىش ۋە تەتقىقات مەركىزى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنى بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تور بەتلەر كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئاساسلىقى موڭغۇل يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، تىبەت يېزىقى، قازاق يېزىقى، قىرغىز يېزىقى، كورىئان يېزىقى، يىزۇ يېزىقى، جۇڭزۇ يېزىقى، دەيزۇ يېزىقى قاتارلىق 9 مىللەتنىڭ 10 خىل يېزىقى (دەيزۇ يېزىقى يېڭى دەيزۇ يېزىقى ۋە كونا دەيزۇ يېزىقى دەپ ئىككى خىل) بار ئىكەن. مەزكۇر مەركەزنىڭ 2011-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى تور بەتنىڭ ئومۇمىي سانى 389 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بەت 175، تىبەت يېزىقىدىكى تور بەت 109 ئىكەن.

1999-يىلى 12-ئايدا، دۇنيادا تۇنجى تىبەت يېزىقىدىكى تور بەت غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستۇتىدا قۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن تىبەت يېزىقىدىكى تور بەتلەر سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تىبەت يېزىقىدىكى نۇرغۇن مۇنبەر ۋە بلوگلار بارلىققا كەلدى. تىبەت يېزىقىدىكى تور بەت 2009-يىلىدىكى 45 دىن تەرەققىي قىلىپ 2012-يىلى 130 گە يەتكەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تىبەت تور ئابونتلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %86 كە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيىسىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان.

تورنىڭ ئومۇملىشىشى تىبەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتتى. بىر قىسىم تىبەت ئىبادەتخانىلىرىمۇ دۇئا-ئىبادەت قىلىۋاتقان شاگىرتلارغا كومپيۇتىر دەرسى تەسىس قىلدى، خەت بېسىشنى، بەت ياساش ۋە تور بەت لاھىيلەش قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆگەندى ھەمدە ئۆزىنىڭ تور بەتلىرىنى ئاچتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەت ئاممىسىنىڭ تىبەت يېزىقىنى ئىشلىتىشىنى ئويلىشىپ، تىبەت تىل-يېزىقى بىلەن زامانىۋىلاشقان ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەتقىق قىلىشقا ئىزچىل كۈچ چىقاردى. 1997-يىلى، تىبەت يېزىقى ھەرىپى كومپيۇتىر كودى جۇڭگودىكى بىرىنچى خەلقئارا ئۆلچەمگە ئىگە كود بولۇپ،يەر شارى ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا يۈرۈش كىنىشكىسىغا ئېرىشكەن ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بولۇپ قالدى.

1998-يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بەت تەكلىماكان تور بېتى بارلىققا كەلدى، ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بەتلەر بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولدى. ئەمما 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بەتلەر سانى كۆرىنەرلىك ئازلىدى. سەۋەبى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتكۈل رايوندىكى ئەنگە ئالدۇرۇلغان تور بەتلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىغا تېلېفۇن قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق، 2009-يىلى 7-ئايدىن 12-ئايغىچە، «تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان ئېنتىرنېت ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئەنگە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى» غا ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى بولۇپ 4966 تور بەتنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان خاتىرىسىنى بىكار قىلدى.



مەنبە: ئاپتورلىرى «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژورنىلىدىن لى گۇاڭ، جوڭ ياچيوڭ؛ نەپرەت تەرجىمە قىلدى.

پايدىلانغان ماتىرىياللار: جياڭ تاۋ، يۈ خوڭجىنىڭ «تىبەت يېزىقىدىكى تور بەتلەرنى ئاساس قىلغان جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى تەتقىقاتى»، ئازات ئىبراھىمنىڭ «ئۇيغۇر تور بەتلىرى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرلىرى

(نەپرەت تەرجىمەقىلدى، مەنبە ئوكيان تورى دېگەن ئاساستا ھەممە تور بەتلەر ئورتاق پايدىلىنىشقا بولىدۇ.)


خەلقېم مەن بىلەن