ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 390 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بورتالا ئوبلاستىمىز مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەزكىرىخانسىنى  قۇرۇپ چىقىش
دوستلىشىش
ئەلتۈزەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 634
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 21 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 21
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2012-11-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-17 02:01

بورتالا ئوبلاستىمىز مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەزكىرىخانسىنى  قۇرۇپ چىقىش

بورتالا ئوبلاستىمىز مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەزكىرىخانسىنى  قۇرۇپ چىقىش
 



 

ئەلتۈزەردىن كەڭ بورتالا ئوبلاستىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا تەكلىپ :

تەزكىرە : مەلۇم تارىخى شارائىتتكى مۇھىم شەخىسلەرنىڭ تەرجىمالىي ۋە مەلۈم جايدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە ، ھادىسلەر خاتىرلەنگەن ئەدەبىي ئەسەر ؛ يازما خاتىرە : ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە جايلار تەزكىرىسى جىددىي ئىشلەنمەكتە .

تەزكىرىچى : تەزكىرە يېزىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخس ، كشى . (ئۇيغۇر تىلىلىنىڭ ئىزاھلىق  ئىملا لوغىتى(2)  138- بەت )

ئوبلاستىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ئالەمشۇمۇل گۈللەپ ياشنىشى ، تەرەققىياتى مائارىپنىڭ گۈلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، ئەلىۋەتتە ئوبلاستىمىزنىڭ مىللىي مائارىپى ئۇزاق يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە ، ئەنە ئاشۇ مىللىي يېڭىچە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئوبلاستىمىزنى بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇردى ، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ شانلىق سەھىپىلەرنى ھاسىل قىلغۇسى(ئەلىۋەتتە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى سىياسەتلەر بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ) . ئەسىر بويى مائارىپمىز ئۈچۈن ئۆز ياشلىق باھارىنى ، ھەتتاكى ھاياتىنى تەقدىم قىلغان نۇرغۇنلىغان ئوغلانلىرىمىز – قىزلىرىمىز ئۆتكەن ، بۈگۈنكى بۇ مەزمۇت قەدەملەرنىڭ ئۇلىنى ئاشۇ جەسۇرنە ئوغۇل – قىزلىرىمىز ئۇل سېلىپ بەرگەن ،نۆۋەتتە بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى مائارىپمىزغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللار مەكتەپلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى ، ياكى مەكتەپ مودىرلىرى ئالماشقاندا، خادىملارنىڭ ئالمىشىشى تۈپەيلى بەزى ئارخىپ خاراكتىرلىك ماتېرىياللار ئەسكى قەغەز ئورنىدا سېتىۋېتىلگەن، كۆپ قىسىملىرى تاشلىۋېتىلگەن . بار دېگەندىمۇ ئوتتۇرا ، يوقرى قاتلام مەكتەپ كادىرلىرىنىڭ قول يازما خاتىرىلىرى بار بولىشى مۇمكىن . كونىلارنىڭ بىر گېپى بار : « ياڭاق چاققاندا كۆچەت تىككۈچىنى ئۈنۇتما » دەپتىكەن ، ھەر قايسى مەكتەپلەردە مىللىي مائارىپمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان باغۋەنلىرىمىزنىڭ ئۆز مەكتپىدە ماتېرىياللارنى يىغىش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە ، بۇ بىر كۆپچىلىكنىڭ كۈچى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان جاپالىق خىزمەت ، كەڭ باغۋەنلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . شۇڭا  دەسلەپكى قەدەمدە ئوبلاستىمىز تەۋەسىدە بورتلا شەھەرىدە ، جىڭ ناھىيسىدە ، داخېيەنزى بازىرىدا ئۈچ يەردە مىللىي مائارىپ تەزكىرخانسى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەرمەكچى ، ئاساسلىق مەقسەد تۆۋەندىكىچە :

بىرنچىدىن : مىللىي مائارىپمىزنىڭ ئاساسچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ، ئەۋلادلاردا مىننەدارلىق تەربىيەسىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە .

ئىككىنچىدىن  : كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەربىيە بېرەلەيدىغان ، بۇرۇنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلاردىن تېخىمۇ ئىلغار بولغان  « ئىز ئاشار» لارنى  يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدىغان بولۇش مەقسىتىدە.

ئۈچىنچىدىن  : مائارىپمىزدىكى ئىلغارلىقىنى جارى قىلىدۇرۇپ ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ ،مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە .

تۆتىنچىدىن : مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مائارىپنى جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىدۇرۇش .

 بەشىنچىدىن : ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە ماس كېلىدىغان مائارىپ ئەندىزلىرىنى يەكۈنلەش ئارقىلىق جەمئىيىتىمزنىڭ تەرەقىقىياتىنى ھەقىقىي تۈردە ئالغا سىلجىتىش .

ئومومەن قىلىپ ئېيىتقاندا ،تەزكىرەخانا(تەزكىرە سارىيى)نى قۇرۇش ئارقىلىق تەزكىرە خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ تارىخنى ساقلاش، ئادەم تەربىيىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم دەپ قاريمەن .

بۇ يالغۇزلا ئەلتۈزەرنىڭ يۈرەك ساداسى  بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى مەرىپەت بۇلىغىدا كەلگۈسى غۇنچىلارنى پەرۋىش قىلىش يولىدا  تەر تۆكۈپ ئىشلەۋاتقان باغۋەنلەرنىڭ يۈرەك ساداسىدۇر .
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-18, 04:22
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 18:29

بۇ ئىشقا قارىتا  ئوبلاستلىق ئۆكۈمەت مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ھۆججەتنى قاچان چىقىرىدىكەن؟ چۈنىكى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا شۇ  خىزمەتنى قول تىقىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ  تىزىملىگى،
باش مەسئۇل ۋە مۇئاۋىن مەسئۇلنىڭ ئىسمى،بېكىتىلگەن ئىشخانا ئورۇنى،ئاجىرتىلغان ئىقتىساد ۋە ماشىنا-ئەسلىھەلەر ۋە شۇ ئەمگەكنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىگەنلەرگە دۆلەت ئاجىراتقان ئىقتىسادى
تارتۇق سوممىسى...ۋاھاكازالار ئېنىق بېكىتىلىپ ئاندىن بۇ خىزمەت مەلۇم يىل چەكلىمىسى ئاساسىدە ئاخىرلاشتۇرىدىغان قىلىنىپ ئاندىن باشلىنىدۇ...
_ قېنى بورتالا ئوبلىسىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى باركىن؟ _ بىز تۆۋەندە مۇشۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنى
كۈتىمىز... ئەل تۈزەرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 324 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 184
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-05-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 23:47

ئەل تۇزەر بۇ خىل تەزكىرە يېزىشقا ئىمام ئىسمائىل ئىپنۇر . نۇرتوختى كاناي ،،، توختاش بەكىرى ،،، قاتارلىق پىشقەدەملەر يارايدۇ .ئۇلار نۇرغۇن تەجىربىلەرنى بېشدىن ئۆتكۈزگەن ھەم يۈرتىمىزنىڭ تارىخى بىلەن ناھايىتى تونۇش .ئۇلار بۇ يولدا ئىزدىنۋاتقىنى خېلى بولدى ...
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-19 00:39

قىرىم؛
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى ئەمەس ئىمامىسەن ياقۇپ دېسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ...
مېنىڭچە بۇ ئىشقا؛
مائارىپچى مەمىتىلى ھېلىم،پىداگوگ ئابدىرشىت قۇربان،رەسسام ن.مەرگەن،قۇربان داۋۇت،
  تالانىتلىق شائىر ۋە مائارىپچى ئەمەتجان ياسىن ئىقبال قاتارلىقلار بورتالا مائارىپىنىڭ تەزكىرە
تۈزۈش كومېتىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى بولالايدۇ...!!!

تەكلىپ قىلىنسا ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى يېقىندىن يارىدەمدە بولالايدۇ.
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-07-19 09:31قايتا تەھرىرلىدى ]
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 324 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 184
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-05-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-19 01:08

مائارىپچى مەمىتىلى ھېلىم بۇ جەھەتتە بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ ئىزدىنىۋاتقىنى ھېكايە ...ئەمما ئاڭلىسام سىز مائاراپ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى يېزىپسىز .شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى بولمدىكەن دېگەن ....تارىخ يېزش تولىمۇ شەرەپلىك ئىش ھازىر يۈرتىمىزدا يازدىغان نەرسىلەر نۇرغۇن مەسىلەن ،،،بورتالانىڭ قانۇنچىلىق تارىخى ،ئاخپىرات تارىخى ، سودا _سانئات تارىخى دېگەندەك ...يەر  ناملىرى تارىخى .... سۇ _ ئىنشاھاتى تارىخى ...ھازىر يۈرتىمىزدا قانداق ھايۋانلارنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تەتقىق قىلىش ھەققىدە ئىزدىنۋاتقانلارمۇ بولىشى زۆرۈر .خوتەنلىك بىر بالا خوتەنلىكلەرنىڭ كىتاپچىلىق تارىخىنى يازدى .... يازدىغان نەرسە بەك كۆپ ،ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىغاندەك تۈرىدۇ
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-19 09:44

قىرىم؛
ئىبنۇرى يازغان ئۇ ماقالىلار  ئون بەش پارچىدىن ئاسسىمۇ(چوڭ-كىچىك بولۇپ)مەزمۇن دائىرسى ئوقۇ-ئوقۇتۇش،ئائىلە تەربىيىسى،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى،ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى...قاتارلىق مەسىلىلەرنى
چۆرىدەپ يازغان مەقالىلار بولۇپ ئۇنىڭدا يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ تارىخى ھەققىدە پايدىلانغىدەك نەرسىلەر يوق.
مېنىڭچە بورتال مائارىپ تەزكىرىسىنى يېزىش بەش يىل ئىچىدە تاماملىنىدىغان شەرەپلىك خىزمەت...
مۇشۇ 100يىلنى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ چىقسا مۇكەممەل بىر تەزكىرە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
سىزنىڭ بۇ تەزكىرە مەشغۇلاتى ھەقتە ئاز-تولا مۇلاھىزە يولىنى ئاچقىنىڭىزغا تەشەككۈر!
بۇ ھەقتە يەنىلا  پىكىرلىشىپ تۇرغايمىز...
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-07-19 12:09قايتا تەھرىرلىدى ]