ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 226 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ‹ھايۋان› دەپ تىللاش توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم
olumni untigan,ga nasahat kilma
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1164
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 96
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 125 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 125
توردا: 22(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2012-11-09
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-17 13:17

‹ھايۋان› دەپ تىللاش توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم

‹ھايۋان› دەپ تىللاش توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم
ئەسقەت ھوشۇر
ئادەتتە بالىللار دائىم قىزىقىپ ئوقۇيدىغان،چوڭلار زوق-زوق بىلەن ئېيتىپ بېرىدىغان‹ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى› ناملىق چۆچەكلەر توپلىمىدا ھايۋانلارنىڭ ئىنتايىن ۋاپادار،ئەقىللىق،ئاق كۆڭۈل،مېھرىبان،ياخشىلىققا-ياخشىلىق قىلىدىغان ئىسىل تەرەپىلىرى كۆپلەپ بايان قىلىنىپ ئىنسانلارنى ھايۋانلارنى ئاسىراش،قوغداشتىن ئىبارەت ئىدىيەلەر ئالغا سۈرۈلگەن ھەتتا،‹ۋاپادار ئىت›،‹ۋاپادار ئات›...قاتارلىق چەت ئەل سىنارىيەلىرىدىمۇ بۇ خىل ئىدىيە تەشەبۇس قىلىنغان بولىدۇ.ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسلىلىردىمۇ ھايۋانلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلارمۇ ئاز ئەمەس.ئىپتىدائىي جەمىيەتتىن تارتىپ ھازىرقى تەرەققى تاپقان  جەمىيەتكىچە بولغان بىر قاتار جەمىيەت فورماتسىيەلىرىدىمۇ،ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىش قەدەملىرى توختاپ قالغىنى يوق.ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى بەلكىم ئىنسانلار ئىچىدىكى بەزى بىر ئاز ساندىكى تەييارتاپ،ۋىجدانسىز،ئىتىقادسىز،ھورۇن،كىشلىرىمىزنىڭ تۆپىلىرىدىن چوڭ ۋە ئۇلۇغ دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز.
ئىلگىركى قاتناش قوراللىرى تەرەققىي تاپمىغان جەمىيەتلەردە ئىنسانلار سودا-تىجارەت،قاتناش،يېزا-ئىگىلىك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي ھايۋانلارغا تايىنىپ كەلگەن.ھەتتا يىمەك –ئىچمەك،كىيىم –كېچەك ئىشلىرىدىمۇ تا-ھازىرغا قەدەر ھايۋانلاردىن بىر قەدەم،بىرەر كۈن ئايرىلىپ باققان ئەمەس.ئۇنداقتا،ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەشۇ ساندىكى تەييارتاپ،ۋىجدانسىز،ئىتىقادسىز،ھورۇن،كىشلىرىمىزنى ھايۋانغا ئوخشىتىپ تىللاش،بىز ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنچە كۆپ بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان،بىز تىلىنى بىلمەيدىغان،ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا خوتۇن،قىز-ئوغۇل پەرزەنتىلىرىمىزدىنمۇ ئۆتەررەك ۋاپادارلىق كۆرسىتىۋاتقان ھايۋانلارنى ھاقارەت قىلغانلىق بولماي نىمە-؟!،ئەگەر شۇنداق دەپ تىللاش توغرا بولىدىغان بولسا،ئۇنداقتا بىز ئەشۇ ھايۋانلارنىڭ نەزىرىدە نىمە-؟!
ئەلۋەتتە،ئىنسانلار ئارسىدا ناچار ئەخلاققا ئىگە،ئىنسانىي پەزىلەتتىن كۆپ يىراقلىشىپ كەتكەن بەزى بىر ئاز ساندىكى كىشلىرىمىز بولغانغا ئوخشاش،ھاۋانلار ئارسىدىمۇ بەزى بىر ئەسكى مىجەز خۇلۇققا ئىگە ھايۋانلارمۇ بولىدۇ.ئەمما ئەشۇ ئاز ساندىكى ھايۋانلارنىلا كۆزدە تۇتۇپ،بارچە ھايۋانلارنى ھاقارەتلەش خۇددى ئىنسانلار ئارسىدىكى ئەشۇ ئاش ساندىكى ،بىز نەپىرەت بىلەن قارايدىغان كىشلەرنىلا نەزەردە تۇتۇپ ،بارىلىق ئىنسانلارنى ھاقارەتلىگەنگە ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇ-؟!...
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، يىرگىنىشلىك ناچار ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە كىشلىرىمىزنى ‹ھايۋان› دەپ تىللاش بىز ئۇيغۇرلار جمىيىتىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن ناچار پىسخىك ئادەت.ئىلىم-پەن ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالىنقى قاتارىدا كېتىۋاتقان ياپونىيە،ئامرىكا،گىرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلاردە ھايۋانلارنى خارلاش-خورلاش قىلمىشلىرىغا قارتا بىر قىسىم نامىشلار كۆپلەپ يۈز بەرگەنلىكتىن،ئەشۇ دۆلەتلەر ھايۋانلارنى قوغداش-ئاسىراشنى دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە كىرگۈزىۋاتىدۇ ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ھايۋاناتشۇناس ئالىملار مەخسۇس پەن-تەتقىقات تۈرلىرى تەسىس قىلىپ،ھايۋانلار ئۈستىدە مەخسۇس پەن-تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك يېڭىلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە،تۆۋەندە بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق تەپەككۇر قىلىپ باقماقچىمىز:
ئاۋىستىرالىيە ھايۋانشۇناسلار ئونۋېرسىتېتىنىڭ بۇندىن نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق نەتىجىلەر كۆرسىتىلگەن،(بۇ مەزمۇن ‹ھايۋاناتلار دۇنياسى›پىراگىراممىسىدا نەچچە قېتىم قايتىلاپ كۆرسىتىلگەن)تەتقىقاتچىلار ھايۋانلارنىڭ يارا ئېغىزىنى يالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى شۆلگەي سۇيۇقلىقى تەركىبىدە جاراھەت ساقايتىش تەركىبنىڭ بارلىقنى،ياردار بولغان ھايۋاننىڭ ۋە ئانا ھايۋانلارنىڭ تۆللىگەن مەزگىلدە باشقا يېقىن ھەمراھلىرىنى ياردەمگە چاقىردىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچۇرغاندا باشقا ھايۋانلارنى خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش تاۋۇشلىرىنى چىقىردىغانلىقىنى بايقىغان،يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشچە،(قايسى ماتىريالدىن ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە قالماپتۇ)مەلۇم بىر ھايۋاناتلار تەتقىقات ئورنى ھايۋانلاردىكى نومۇس تۇيغۇسىنى تەتقىق قىلىپ مۇنداق بىر تەجىربە ئىشلىگەن: بىر جۈپ ئەركەك-چىشى ھايۋاننى ئۆزئارا چېتۇشتۇرغاندا يېنىدا تۇرغان باشقا ھەممە ھايۋانلار تەتۈر قاراپ تۇرىۋالغان.بۇنداق مىساللارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە سوزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
قىسقىسى ئەقىل تەپەككۇرىمىز بىلەن ھايۋانلاردىكى ھەر بىر ئىش-ھەركەتلەرنى ئىنچىكلىك بىلەن ئانالىز قىلىپ كۆردىغان بولساق،ھايۋانلاردىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان مۇئايەن دەرجىدىكى ئەقىل ئىدىراكنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلماق ئانچە تەس ئەمەس. ھايۋانلاردىكى كوچا كويلاردا ئانچە مۇنچە چېتىشىپ قالىدىغان ئىشلارنىلا كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنى ھاقارەتلەش توغرا بولىدىغان بولساق،بىز ‹مەدىنيەت›دەپ قاراۋاتقان كوچا كويلاردىكى بەتقىلىقلار،پىنھانلاردىكى نومۇسسىز ئىشلار ھايۋانلار نەزىرىدە قانداق قارىلىدىغاندۇ-!؟...
ئىنسانلاردا ناچار مىجەز-خۇلىق،ناچار ئەدەپ-ئەخلاق،ناچار ئىتقادقا ئىگە كىشلەرنى تىللاپ ئەدەپلەش قەدىمدىن ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان پىسخىك ھالەت.ھاقارەتلەش-تىللاش ئىنساننىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە زادىلا ماس كەلمەيدۇ.بىرەر ناچار مىجەز-خۇلىق،ناچار ئەدەپ-ئەخلاق،ناچار ئىتقادقا ئىگە كىشنى ھاقارەتلەش-تىللاش،ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولمايدۇ.ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگىمۇ قارىغاندا،باشقىلارنى ھاقارەتلەش-تىللاش،ئۇرۇش قىلمىشى قارشى تەرەپتە تېخىمۇ يوشۇرۇن ناچار مىجەز-خۇلىقنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپچى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.ئەكسىچە سەۋىرچانلىق بىلەن ئىنسانىي ئەدەپ-ئەخلاق،ئىنسانىي مەسۇلىيەت ۋە مەجبۇريەتنى كۆپلەپ تەكىتلىگەندە،ناچار ئەدەپ-ئەخلاققا ئىگە كىشلەردە شەرەپ- نومۇس قارشى،توغرا بولغان كىشلىك دۇنيا قارشى يېتىلىپ،ياخشى يوللارغا مېڭىش ھالەتلىرى شەكىللىنىدۇ.شەرىق پەيلاسوپى شەيىخ سەئىدى مۇنداق دىگەن:‹ھايۋاننى ئۇرىۋاتقان،تىللاۋاتقان كىشى دۇنيادىكى ئەڭ نادان كىشى›.دىمەك ئاقىل ئادەم ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،قارشى تەرەپنى ھاقاراتلىمەيدۇ،تىللاش-ھاقارەتلەش مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭلا ئىشى. تىللاش-ھاقارەتلەش نادانلىقتۇر.بولۇپمۇ بىز ئىنسانلارغا تېزەك-سۈيدىگىگىچە پايدىسى تېگىدىغان ھايۋانلارنى ھاقارەتلەش ئىنسانىي خىسلەتكە يات نادانلىق قىلمىشىدۇر.
ئاپتۇر: بورتالا گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇخبىر
ئالاقىلىشىش نومۇرى : 13565516847
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-18, 04:22
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 18:14

<< بېكخام ياخشىمۇ،ئېشەك مۇ!؟>>
            _ يالقۇن روزى

گەر قولۇڭدىن كەلسىگەر مۇلچىغا ئازار بەرمىگىن!
                                   _ ئاتىلار سۆزى
ئىزھات؛مۇلچا_ چۈمىلىدىنمۇ كىچىك جانىۋارمىش