يېڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
داۋراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى- دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى.
ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز. دەۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى....
يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا ئىش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمەلىيلەشتى.
ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈئەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:
-نىكاھ ئوقۇپ، ھارامنى ھالال قىلدىم، ھالاللىقىنىڭ بەدىلى مۇشۇما؟
پاھىشە زىناخوردىن پۇلنى نەق ئالدى، ئاندىن نازلىنىشقا باشلىدى.
دوختۇر ئىنجىقلاپ تۇرغان بىمارنىڭ يانچۇقىدىن پۇلنى ئاۋۋال سۇغۇرۇۋالدى، ئاندىن دىئاگنوز باشلىدى. زوردۇن سابىر ئون بەش يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ «ئانا يۇرت» نى يىزىپ چىقىپ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خۇشى يوق خېنىملارمۇ كىتابخانىلاردا ئۇنىڭ كىتابىنى ساتىدۇ. ئەدىبلار نەشرىيات بوسۇغىسىدا دۈگدىيىپ يۈرۈشكەن يېزىق مەدىكارلىرى. ئۇلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يىزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشىدۇ.
- يېزىقچىلىق بىر پىلسىرات كۆۋرۈكى، ئۇ قەيەرگە ئىلىپ بارىدۇ؟
-يىقىلىپ چۈشسەڭ جەھەننەمگە، يىقىلمساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ؟
-قىيامەت دېگىنىڭ نېمە؟
- زەردابى قەلەم، گادايى ئەلەم دېگەن گەپ.... قاسساپ پۇل ئالماي تۇرۇپ گۆش بەرمەيدۇ، ئاشپەز پۇل ئالماي تۇرۇپ تاماق بەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ قىستاڭ رەستىلىردە پۇل تۆلىمەي تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ. ئەدىب جېنىنى خەجلەپ، نېسىگە يازىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئودغۇرمىشنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن سوردىم:
- ئىدىيەنى نېمىشقا پۇلغا ئالغىلى بولمايدۇ؟
- چۈنكى، ئىدىيەنى يېگىلى بولمايدۇ.
- چۈشەنمىدىم .
- زامانداشلىرىڭ قورساق كويىدا، ئۇلار ئىلىمدىن ئىدىيە ئەمەس، نان سورايدۇ.
- قورسىقى توقلارچۇ؟
- ئۇلار ئىشرەت كويىدا. ئۇلار يېڭى ئىدىيەگە ئەمەس، تازلىق قەغىزىگە موھتاج.
- مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
- سەن سۈكۈت قىل. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارىسىدا بۈيۈك ئىدېئولوگىيە بار.
- ئۇنداقتا...
- جىم تۇر، تەپەككۇر قۇلاقلىرى پاڭ بولدى، جىسمانىي سەزگۈلەر ئويغاندى...
ئاھ، سىنا چۆلى، ئارىلىقىڭ قانچىلىك يىراق؟!
مەنبە:
http://www.karahijran.com/bbs/read.php?tid=2473