قىزلار
تۇرسۇنجان ئەمەت (قوشاقچى)
(مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ «بالىلار»ناملىق شېئىرىغا تەقلىد)
سەن كۆيگەندەك كۆيەمدىكىن شۇ قىزلار ،
سېنى سەندەك سۆيەمدىكىن شۇ قىزلار .
كېچە - كۈندۈز پالاقشىدىڭ كەينىدىن ،
سەن دېگەننى بېرەمدىكىن شۇ قىزلار .
قىزلار دېسە بېرىپ كەلدىڭ جىمىنى ،
مودا قوغلاپ ئېلىپ بەردىڭ كىيمىنى .
ھەم خەجلىدىڭ مائاشىڭنىڭ تېڭىنى ،
خەجلىگەننى بىلەمدىكىن شۇ قىزلار .
گاداي كۆرۈپ ساڭا كۈلۈپ باقمىسا ،
گەپ - سۆزلىرىڭ قۇلىقىغا ياقمىسا .
سېنىڭ بىلەن بىر ئېرىقتا ئاقمىسا ،
سېنى تاشلاپ كېتەمدىكىن شۇ قىزلار .
ياشاپ كەلدىڭ مىڭ تىرىلىپ ، مىڭ ئۆلۈپ ،
نەچچە قىزنىڭ ئوتلىرىدا تەڭ كۆيۈپ .
ئۆتتى كۈنىڭ خام خىيالنى سەن سۈرۈپ ،
خىيالىڭنى بىلەمدىكىن شۇ قىزلار .
سۇغارماستىن سايە بەرگەن سېدىنى ،
ئويلىماستىن سەندەك باغرى زېدىنى .
ئېلىپ قالسا ئەمما پۇلنىڭ ھېدىنى ،
ئەتراپىڭغا ئۈنەمدىكىن شۇ قىزلار .
ھايا -نۇمۇس بولمىغاچقا سېنىڭدە ،
شەھۋانىلىق چىقىپ تۇرار كۆزۈڭدە .
پۇلغا زورلاپ ھەر ئىشىڭدا ، گېپىڭدە ،
ئازدۇرغاننى بىلەمدىكىن شۇ قىزلار .
ئۆيدە ئالداپ خوتۇن بىلەن بالىنى ،
دەستەك قىلىپ ھوقۇق بىلەن پۇلىنى .
ھەمرا قىلىپ ھېسىياتنىڭ قۇلىنى ،
ئالدىغاننى بىلەمدىكىن شۇ قىزلار .
ھايۋان كەبى ياشاۋاتقان ئەي يىگىت ،
ۋىجدانىڭغا ئۇرۇلمامدۇ قارا چېكىت .
لەنەت ساڭا ، يىگىتلىكىڭ ۋاي ئېسىت ،
پۇشايماندا يىغلامدىكىن شۇ قىزلار .
تاپ ھوشۇڭنى ئەمدى كۆڭۈل ئالىسى ،
ئولتۇرغىنىڭ بىلسەڭ شەيتان چانىسى .
ئۈزۈلمىسۇن چىن مۇھاببەت تانىسى ،
مۇھاببەتنى بىلەمدىكىن شۇ قىزلار .
قىزلار دېگەن بىلسەڭ مىللەت ئانىسى ،
شەرمى - ھايا ھەم قىزلارنىڭ تاجىسى .
يىگىت ئۈچۈن ساداقەتتۇر لىباسى ،
قىز يىگىتكە يەتكەي پېقىر نىداسى .
يەتتى كۆككە نارىسىدە ساداسى ،
تاپ ھوشۇڭنى ئەمدى كۆڭۈل سەۋداسى .
تەگسۇن ساڭا ۋىجدان سوراق قامچىسى ،
توغرا يولنى تاپامدىكىن شۇ قىزلار .