شەيتاننىڭ 10 تۈرلۈك دوستى ۋە 20 تۈرلۈك دۈشمىنى
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ لەنەتكە ئۇچرىغان ئىبلىستىن سورىدى : « مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە سېنىڭ قانچىلىك دوستۇڭ بار ؟ » ئىبلىس ئىيتتى :« سېنىڭ ئۈممىتىڭ ئىچىدە 10 تۈرلۈك ئادەم مېنىڭ دوستلىرىمدۇر ، ئۇلار:
1) مۇستەبىت ئەمەلدار
2) ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچى
3) پۇلنى تېپىش ۋە ئىشلىتىش يولىغا دىققەت قىلمايدىغان باي
4) ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرمايلا قالماستىن يەنە ئۇنى قوللاپ بېرىدىغان دىنىي ئۆلىما
5) ئىشەنچىگە يارىمايدىغان سودىگەر
6) بېسىمدار تىجارەتچى
7) پاھىشىۋاز
8) جازانە بىلەن شۇغۇللانغۇچى
9) قانداق پۇل يىغسا ھالال بولىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىغان پىخسىق
10) دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار »
ئىبلىسنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھ يەنە سورىدى:« مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە سېنىڭ قانچىلىك دۈشمىنىڭ بار ؟ » ئىبلىس جاۋاپ بەردى :« سېنىڭ ئۈممىتىڭ ئىچىدە 20 تۈرلۈك ئادەم مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر ،
1) ئى مۇھەممەد ، سەن ئۇلارنىڭ بىرىنجىسى
2) ئىلمىگە ئەمەل قىلغۇچى ئالىم
3) «قۇرئان»غا ئەمەل قىلغۇچى قارىي
4) بەش ۋاخ ئەزان توۋلىغۇچى
5) نامرات ، مىسكىن ۋە يىتىملەرنى ياقتۇرغۇچى
6) دىلى ئۈزۈك ئادەم
7) ھەقىقەت ئۈچۈن تىز پۈككۈچى
8) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئۆسكەن ياش
9) ھالال يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان ئادەم
10) ئاللاھ ئۈچۈن دوسلىشىدىغان ئىككى ياش
11) جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشقا ئىنتىزار ئادەم
12) كېچىدە خەلق ئۇخلاۋاتقاندا ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى ئادەم
13) ھارامدىن يىراق يۈرگۈچى
14) ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچى (يەنە بىر رىۋايەتتە ، دىنىي قىرىندىشىغا بەخت تىلەپ ، دىلىداشەخسىيەتچىلىك قىلمايدىغان كىشى)
15) ئۇزۇن مەزگىل تاھارەت بىلەن يۈرگەن كىشى
16) سېخىي
17) مىجەزى سالىھ ئادەم
18) ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قەتئىي ئىشەنگۈچى
19) تۇل ئاياللارغا ياخشىلىق قىلغۇچى
20) ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلغۇچى
مەنبە : ئەخلاقنامە (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى -2004يىللىق نەشرى)
************************************
مىسرانىمدىن