ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 483 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار (5)
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-20 12:25

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار (5)

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار (5)



نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


6 .  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلققە  سىڭىپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر   ۋە ئامىللار

مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  18-19-20-ئەسىردە ئىزچىل تۈردە قەشقەرىيىدىن پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاساسلىق ئاھالە ئۆزبېكلەر تەركىبىگە سىڭىپ كەتتى. بۇ خىل سىڭىشىشى ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل داۋاملاشتى.  ئەگەر ئۇنداق بولماي، قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار، ئىزچىل ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ، تەرەققى قىلغان بولسا، ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا خۇددى ئۆزبېكلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى قوغدالغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاساسلىق ئاھالە ھەم ئېتنىك  گۇرۇپپا  بولۇپ قېلىشى تەبىئىي ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىڭىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ۋە ئامىللارنى تۆۋەندىكى تۆت  ئاساسىي نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن، بىراق مەزكۇر  سەۋەب-ئامىللارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق  تەكشۈرۈپ، باشقا  نۇقتىلارنىمۇ  تېپىپ چىقىپ ، پەرەزلىرىمىز ۋە تەھلىلىرىمىزنى ھەم يەكۈنلىرىمىزنى چوڭقۇرلىتىش مۇمكىن.

1) تارىخىي ۋە ئېتنىك  مۇناسىۋەت

ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان 40 ئەتراپىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئېتنىك تەرەققىياتى تارىخى جەيانلىرىدا  زور ئورتاقلىقلار  ۋە باغلىنىشلار مەۋجۇت.  جۇغراپىيىلىك نۇقتىدىن ئالغاندا،    ئۇيغۇر دىيارى، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە باشقا جايلار قەدىمدىن تارتىپلا تۈركىي خەلقلەر ۋە تۈركىي خەلقلەر بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە خەلقلەر ياشىغان زېمىنلاردۇر.  بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ۋە ئېتنىك باغلىنىشى زىچ  بولۇپ، ئېنىق بولغان تارىخىي مەنبەلەر بويىچە ئالغاندا، 5-9-ئەسىرلەردىلا بۇ تۇپراقلاردا تۈركىي -ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كەڭ تارقىلىپ ئورۇنلاشقان. بولۇپمۇ، تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر-تۈركىي قەبىلىلىرى  بىلەن پەرغانە ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل بويىدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا زىچ باغلىنىشلار بولغان.  قانقىل خانلىقى ،  كۆك تۈركلەر دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئورخۇن قالغانلىقى ھەمدە قاراخانىلار سۇلالىسىغىچە بولغان كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا  پەرغانە ۋادىسى، ئىسسىق كۆل بويلىرى ۋە تارىم ۋادىلىرى تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي  ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولۇپ، بۇ تۇپراقلار ئىلگىرى كېيىن مەزكۇر خاندانلىقلارنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىدارە قىلىش مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.  بۇ خىل ئۇزۇن مەزگىللىك  تارىخىي جەريانلاردا تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدىكى ، يەنى ئولتۇراقلاشقان  شەھەر مەدەنىيىتى بىلەن چارۋىچىلىق -كۆچمەن  ئىجتىمائىي ھايات تۈزۈلمىسىدىكى  پەرقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا  ئۇلاردا  ئايرىم ئېتنىك كىملىك  بولمىغان ئىدى. تۈركىي قەبىلەر ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيانىڭ قەدىمكى ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلىرىدە كۆپ ۋاقىت ئورتاق دۆلەتچىلىك رامكىسى ئاستىدا ،  مەسىلەن  ھۇن ئىمپېرىيىسى، كۆك تۈركلەر  ۋە شەرقىي ھەم غەربىي تۈرك قالغانلىقى، ئۇيغۇر ئورخۇن قالغانلىقى ۋە  قاراخانىلار سۇلالىسى قاتارلىق قۇدرەتلىك خاندانلىقلارنىڭ  سىياسىي  خەرىتىسى ئىچىدە ياشىدى.  بۇ خىل رامكا  11-ئەسىردە  ماھمۇت  كاشىغەرى دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ماھمۇت كاشىغەرىينىڭ  ئورتاق  سىياسىي ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئىپادىسى بولغان  << تۈرك>>  نۇقتىئىينەزەرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى شۇنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ماھمۇت كاشىغەرىينىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا قاراخانىلار دەۋرىدە پەرغانە ۋە تارىم  ھەم ئىسسىق كۆل ۋادىسىدىكى شەھەر ۋە چارۋىچىلىق ھاياتتىكى  ئاھالىلارنىڭ  ھەممىسى تۈرك خەلقى بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا  ئېتنىك كىملىكى  پەرقى ۋە ئايرىم تۈركىي  مىللىي  تىللىق پەرقى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا  ئەينى ۋاقىتتىكى  20 دىن ئارتۇق  ھەر خىل تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى  تۈرك خەلقى ۋە ياكى تۈرك مىللىتىدىن ئىبارەتتۇر.

   تارىم، يەتتە سۇ ۋە  پەرغانە ۋادىسىدا ياشىغان  تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ  كۆپىنچىسى 8-9-ئەسىرلەردە  ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە  ئۇيغۇر مىللىي ۋە سىياسىي كىملىكى رامكىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئىسسىق كۆل ۋە پەرغانە ۋادىلىرىغىچە يېتىپ كەلدى شۇنىڭدەك   9-ئەسىردە ئۇيغۇر قالغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربكە كۆچكەن  ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىمى  ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىمۇ كىرىپ يەرلەشكەن ئىدى.    جۇڭگو   مەنبەلىرىدە   يەنە 13-ئەسىردە  ئىسسىق كۆل، پەرغانە  ھەتتا سەمەرقەنتكە بولغان جايلاردا ياشىغان خەلقلەر ئۇيغۇر، يەنى خەنسۇچە << خۇيخۇ>> ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىلىپ؛ ئۇلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى  بايان قىلىنغان. ئىدى.

كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە  چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ زېمىنلارنى ئىدارە قىلىشى ۋە  چاغاتاي خانلىقى ھەمدە كېيىن، تۆمۈرىلەر  دەۋرى ۋە  سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋىرلىرىدىمۇ  پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تارىم ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ  ئېتنىك  تەرەققىياتىدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، بۇ تۇپراقلارغا موڭغۇل تىللىق قەبىلىلەر كۆچۈپ كەلىپ يەرلىشىپ، قەدەم-قەدەمۇ مۇسۇلمانلىشىش ۋە تۈركلىشىش ھەم ئۇيغۇرلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرىشى بىلەن رايوننىڭ ئېتنىك تەركىبىگە يېڭى ئېلېمېنتلار قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا  ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەقلەر ئارىسىدا ئېتنىك زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئايرىم ئېتنىك كىملىك چۈشەنچىلىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.  بولۇپمۇ، ئولتۇراق ھاياتتىكى پەرغانە ئاھالىسى بىلەن تارىم ۋادىسى ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدا ئېتنىك كىملىك پەرقى مەۋجۇت  ئەمەس ئىدى.

بۇ ۋاقىتلاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېتنىك  پەرقلەر  تۈركىي قەبىلىلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى  تۈركىي خەلقلەر بىلەن  پارس تىللىق خەلقلەر ۋە موڭغۇل تىللىق موڭغۇل قەبىلىلىرى ھەم جۇڭغارلار ئارىسىدا ئىپادىلىنەتتى. ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  ئولتۇراق   ھاياتتىكى  تۈركىي خەلقلىرى بىر-بىرى بىلەن ياشىغان شەھەر ۋە ماكانلىرى ئارقىلىق پەرقلىنەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى شەھەرلەردە ياشىغۇچى ئاھالە  بىلەن پەرغانە ۋادىسىدىكى شەھەرلەردە ياشىغۇچى ئاھالە بىر-بىرىنى ئايرىم مىللەت ئەمەس بەلكى ئايرىم شەھەرلەردە ۋە ماكانلاردا ياشىغۇچى سۈپىتىدە چۈشەنگەن ئىدى. مەسىلەن، قەشقەرلىق، ئەنجانلىق، سەمەرقەنتلىك، قوقانلىق ۋە  باشقىلار.

ئولتۇراق ھاياتتىكى تۈركىي خەلقلەر بولسا، قەبىلە تۈزۈلمىسى مەۋجۇت تۈركىي خەلقلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەبىلەن نامى بىلەن ئاتايتتى خالاس ! ھازىرقى قازاقلار ۋە قىرغىزلار ئىچىدىمۇ  نۇرغۇن قەبىلىلەر  ۋە ئۇرۇغلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلاردىمۇ  ئورتاق قازاق ۋە ياكى قىرغىز مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى يوق ئىدى.

ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بىر-بىرلىرى بىلەن ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە ئايرىلماي كەلگەن  ھەر خىل تۈركىي خەلقلەر ۋە قەبىلىلەر 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كەلگەندە ھازىرقى زامان مىللەت كاتېگورىيىسى  ۋە نەزەرىيىلىرى  بويىچە سۇنئىي يوسۇندا بىر -بىرلىرىدىن ئايرىۋېتىلدى. مەزكۇر سۇنئىي ئېتنىك چېگرا ئايرىمىسى نەتىجىسىدە  تۈركىي خەلقلەر بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەخمىنەن 40قا  يېقىن ئايرىم تۈركىي مىللەتكە ئايرىلدى. ئايرىم مىللىي  ۋە ئايرىم مىللىي سىياسىي كىملىك تەرەققىيات يولى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن مەيدانغا كېلىپ، ئۈزلۈكسىز  راۋاجلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە لېنىنىزم ۋە ستالىنىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىبارەتتۇر.

مەيلى، قانداق بولۇشتىن قەتىي نەزەر بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن بۈگۈنكى ئۆزبېكلەرنىڭ  ئۇزۇن مۇساپىلىق تارىخى ۋە ئېتنىك باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرى  18-ئەسىردىن ئېتىبارەن  پەرغانە ۋادىسىدىغا كۆچۈپ يەرلەشكەن قەشقەرىيلىكلەر ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ   ھەر قەدەمدە يەرلىك خەلقلەرگە، يەنى بۈگۈنكى ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر.  ئەگەردە بۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىق تارىخىي ۋە ئېتنىك ئورتاقلىقلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى بولمىغان بولسا، مۇنداق سىڭىشىشمۇ ئاسانغا چۈشمەيتتى.


2)تىل، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق مەدەنىيەت  ھادىسىسىدىكى ئورتاقلىق  ۋە يېقىنلىق


  18-19-ئەسىردە پەرغانە ۋادىسىغا  كۆچۈپ  چىققان ئۇيغۇرلار قەدەم-قەدەم يەرلىك خەلقلەرگە، بولۇپمۇ ئۆزبېكلەرگە  سىڭىپ كېتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىشىدىكى ئاكتۇئال ئامىللار  ئالدى بىلەن بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئېتنىك، ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، دىن، تىل  جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىن ۋە زور دەرىجىدە ئوخشاشلىقلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىل جەھەتتىن ئالغاندا ، رۇسىيە تۈركولوگلىرى  ئۆزبېك تىلى  بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر گۇرۇپپىغا، يەنى تۈركىي تىللارنىڭ  ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى تىلنىڭ قىسمەن فونېتىكىلىق  ۋە مورفولوگىيىلىك  تەرەپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىنتاكسىس ، لۇغەت تەركىبى  ھەتتا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت زور دەرىجىدە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.  ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئارىسىدىكى پەرقلىق تەرەپلەرنىڭ كۈچىيىشى 20-ئەسىرگە مەنسۇپ بولۇپ،  20-ئەسىردە ئۆزبېك مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ  جاۋاجلىنىشىغا  ئەگىشىپ، ئۆزبېك تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىگە رۇسچە ئىبارىلەر  ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى كۆپلەپ كىرىپ ئۆزلەشتى.

ئۇيغۇر تىلىغا بولسا، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن  خەن تىلىنىڭ تەسىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە مەجبۇرىي يوسۇندا، ئۇنىڭدىن كېيىن  زامان ۋەزىيىتىگە لايىق ھالدا سىڭدى.

لۇغەت فوندىدىكى بۇ خىل ئوخشىماسلىقلارمۇ ئىككى خەلق تىلىنىڭ پەرقلىق  تەرەپلىرىنى  كۆرسىتىدۇ. بىراق، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ، يەنى سوۋېت رۇسىيىسى ھاكىمىيىتى تېخى مۇستەھكەملەنمىگىچە  بولغان ئارىلىقتا ئايرىم ئېتنىك نام ئاستىدىكى زامانىۋى  تۈركىي تىللار ، جۈملىدىن  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە  ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى دەيدىغان  تىلشۇناسلىق  ئۇقۇملىرى  تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە پەرغانە ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسى، بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى  ھەم ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىدە زور ئورتاقلىقلار مەۋجۇت بولۇپ ۋە ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىككى تۇپراقتىكى ئاھالىلار بىر-بىرىگە كەلگەندە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات تۈزۈلمىسىدە غەيرىلىك ھېس قىلمىغان.

ئەلۋەتتە، بۇ زېمىندا مەنچىڭ ۋە رۇسىيە ھۆكۈمرانلىرى  ئايرىم ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ھاياتىدا پەرقلىق ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا ۋە  روشەنلىشىشكە باشلىدى. قەشقەرىيىنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، دەھقانچىلىق مەدەنىيىتى پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ خىل مەدەنىيەت بىلەن ئورتاقلىق ۋە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن كۆچمەن قەشقەرىيىلىكلەر يەرلىك ئاھالىلارنىڭ بۇ خىل ھايات قاتلاملىرىغا تېز ماسلاشتى ھەمدە ئۆزلەشتى.

دىنى جەھەتتە بۇ ئىككى ۋادا ئىلگىرى -كېيىن ئىسلاملاشتى ھەمدە ئوخشاشلا مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ يەردىكى تۈركىي قەبىلىلەرمۇ قەدەم-قەدەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلار ئوخشاشلا ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ بولدى. بۇنداق بىر خىل مەزھەپتە بولۇشمۇ ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدە  ۋە چۈشەنچىلەر جەھەتتە بىرلىكنى ساقلىشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە  18-19-ئەسىرلەردە قەشقەرىيىدىن  كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئاق تاغلىقلار گۇرۇپپىسىغا  مەنسۇپ بولۇپ،  ئۇلار پەرغانە ۋادىسىدا يەرلىك خەلقلەر بىلەن خۇددى ئۆز ۋەتىنىدىكىگە ئوخشاش ئىككى خىل مەزھەپ زىددىيىتىگە  دۇچ كەلمەي ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق  زىددىيىتىدىن خالى قالدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ،  ئۇلار يەرلىك قەرىنداش تۈركىي تىللىق ئاھالىلار بىلەن ئوخشاش دىنىي مەزھەپگە مەنسۇپ بولۇش بىلەن ئۇلار ئارىسىدا قىلچە ئايرىمىچىلىقى خاھىشلىرى كۆرۈلمىدى.  بۇ ھالمۇ ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

يەنە بىر نۇقتا شۇكى، پەرغانىلىقلار بىلەن قەشقەرىيىلىك تۈركىي ئاھالىلار يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ  چىراي تۇرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانتروپولوگىيىلىك تۈزۈلۈشلىرىمۇ  ئاساسەن بىردەك بولغانلىقى ئۈچۈن  چىراي-قىياپەتتىكى بۇ خىل ئوخشاشلىقلارمۇ  ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ، ئۆزلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.  چۈنكى، ئانتروپولوگىيىلىك تۈزۈلۇش نۇقتىسىدىن ئالغاندا،  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا روشەن پەرقلەر گەۋدىلىك ئەمەستۇر. مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىككى  تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا  چىراي-تۇرقى جەھەتتە  بىلەن ئەڭ ئوخشاش ئىككى خەلق -ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇ خىل ئوخشاشلىق پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە   گەۋدىلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ھازىرقى زامان ئۆزبېكلىرى ئارىسىدا تاجىك-ئىران  تىپىنىڭ تەسىرلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا گەۋدىلىكرەك  بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال ئۆزبېكىستاننىڭ   تاجىكلار كۆپرەك ئورۇنلاشقان رايونلىرى، مەسىلەن سەمەرقەنت ۋە بۇخارا رايونلىرىدا ئالاھىدە روشەن بولسىمۇ، بىراق پەرغانە ۋادىسى، بولۇپمۇ ئەندىجان ۋە مەرغىلان ھەم ئوش ئەتراپلىرىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ قەشقەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى  چىراي تۇرقى جەھەتتىن  بىر-بىرىدىن ئالاھىدە گەۋدىلىك پەرقلەرگە ئىگە ئەمەس.

يۇقىرىقىدەك  كۆپ  خىل ئوخشاشلىق  ۋە ئورتاقلىقلار  مۇھاجىر قەشقەرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن  يەرلىك ئاھالىلار ئارىسىدا قەدەم-قەدەم سىڭىشىپ، ئۇلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .   بۇ  بىر خىل تەبىئىي يۇغۇرۇلۇش ياكى ئىنتىگراتسىيە ھادىسىسى ئىدى.  

شۇنىڭغا ماس ھالدا يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈركى، 1877-1882-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن تۇڭگانلار  يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەت، تىل، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن يەرلىك ئاھالىلاردىن كۆپ پەرقلىق بولغاچقا ئۇلاردا يەرلىك ئاھالىلارغا سىڭىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. تۇڭگانلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى ۋە ياكى يەتتە سۇدىكى ئاھالىلارغا  خۇددى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئومۇمىي يۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش  مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ،  19-ئەسىردە كۆچۈپ كەلگەن تۇڭگانلار ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ  سوقۇلۇق، ئالېكساندروپكا، ئىۋانوفكا قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتا كېلىپ ئورۇنلاشقان يېزىلىرىدا 130 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىللىقنى ساقلاپ ، دەسلەپكى بىر قانچە مىڭ ئادەمدىن كۆپىيىپ بۈگۈنكى كۈنلەردە 60مىڭغا يەتكەن. تۇڭگانلار مەيلى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بولسۇن، ۋە ياكى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى بولسۇن ، بۇ دەۋرلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا  ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتمىگەن ۋە ياكى باشقا يەرلىك خەلقلەر تەركىبىگە قوشۇلۇش يولىنى تۇتمىغان.  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتە سۇدىكى تۇڭگانلارنىڭ باشقا يەرلىك  خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە   ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر  بەكرەك زىچ بولغان ئىدى.

19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا   شەنشى-گەنسۇ رايونلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ،  بۇ جايلار ئارقىلىق  ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەلگەن  بەي ياڭخۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، ۋە ياكى 1882-1883-يىللىرىدا ئىلىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە كۆچكەن  تۇڭگان ئاھالىسى بولسۇن ۋە ياكى 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ چىققان تۇڭگانلار بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان، ئېتنىك ، تىل، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۇمۇش تۈزۈلمىسى ۋە باشقا بەزى تەرەپلەردىن يەرلىك ئاھالىلاردىن  پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن  يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمىدى. ئاسسىمىلياتسىيە ئەھۋالى كۆرۈلدى دېگەندىمۇ،  بۇ قىسمەن ئائىلىۋى خاراكتېرلىك بولۇپ ھېچقاچان ئومۇمىي ئېقىم بولمىغان ئىدى.

شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە، مەزكۇر تەكىتلەنگەن تەرەپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كېتىشىدىكى ھەل قىلغۇچ فاكتورلار ھېسابلىنىدۇ.


3)    تەبىئىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك  مۇھىت ۋە شارائىت


   بۇ نۇقتىنى ئىككى خىل جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا يەنى، تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە مۇھىت  ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئايرىش كېرەك. بىرىنچىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى  قەشقەرىيە بىلەن پەرغانە ۋادىسىنى پامىر-ئالاينىڭ ئېگىز تاغ-داۋانلىرى ئايرىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، قىش مەزگىلىدە بۇ رايونلار قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ، دائىم  قار بوران  چىقىپ، ئىقلىمى  قاتتىق سوغۇق بولىدۇ.  قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلاردىن كېيىن  كۆپلەپ پەرغانىغا كۆچۈپ چىقىشى ئەينى ۋاقىتلاردا  ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئېگىز تاغلار، داۋانلار ۋە قار-بورانلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ، مىڭ بىر جاپادا پەرغانەنىڭ  بوستانقلىقلىرىغا يەرلىشىپ قالغان ھەمدە ئۇ يەردە نورمال تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشكەن ئاھاللارنىڭ يەنە ئائىلىلىرىنى  ئېلىپ،  ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشى قىيىن ئىدى. بۇ خىل تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتمۇ مۇساپىرلارنىڭ ، بولۇپمۇ ئائىلىلىكلەرنىڭ قايتىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا كۆچۈپ بېرىشىنى توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللارنىڭ  بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

قەشقەرلىكلەرنىڭ مۇنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ كوللېكتىپ قېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قىش ۋاقىتلىرىغا توغرا كەلگەنلىرى بۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن  ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى قالدۇرغان ئىدى. مەسىلەن، 1847-يىلى، يەتتە غوجا قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندا يۈزبەرگەن  كەڭ كۆلەملىك قېچىش 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا توغرا كەلگەن بولۇپ،   بۇ قېچىشتا مىڭلىغان ئادەملەر ، بالىلار، ئاياللار، بوۋاي-مومايلار پامىرنىڭ ئېگىز  قار  بورانلىق تاغ-جىلغىلىرىدا قاتتىق سوغۇق ھەم قار شىۋىرغان ۋە ئاچارچىلىق دەستىدىن قىرىلىپ كەتكەن ئىدى.  بۇ كۆچۈش  مەنچىڭ سۇلالىسى قەشقەرىيىنى ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىنكى تارىخىي جەريانلاردىكى كۆچۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىق  ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقە  ھېسابلىناتتى. ئەنە شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە ساق-سالامەت پامىر-ئالاي تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، پەرغانە ۋادىسىغا يېتىپ كېلەلىگەن ئادەملەرنىڭ قايتىدىن يەنە مۇنداق قىيىن كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پەرغانە ۋادىسى بىلەن  قەشقەر ۋادىلىرىنىڭ كىلىماتى، يەر شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئوخشاشلىقى ، ھەتتا پەرغانە ۋادىسىنىڭ ھۆل -يېغىن مىقدارىنىڭ قەشقەرگە قارىغاندا  مولراق، يەرلىرىنىڭ بەكرەك مۇنبەت ھەم سۇ زاپىسىنىڭ كۆپرەك بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكلىرىمۇ قەشقەرىيىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن  خۇشاللىنارلىق  تەرەپلەر ھېسابلىناتتى.  مانا بۇلارمۇ  كۆچمەن ئاھالىلارنىڭ بۇ يەرلەرگە تېز يەرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار بولۇپ، بۇمۇ  كۆچمەن قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ يەرلىك ئاھالىلار بىلەن بىرلىشىشىغا پايدىلىق رول ئوينىدى.

  ئىككىنچى، سىياسىي جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا،   19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ ئىككى  جۇغراپىيىلىك رايون چار رۇسىيە ۋە  چىڭ سۇلالىسى  تەرىپىدىن ئايرىپ ئىدارە قىلىنىپ، ئوتتۇرا  ئاسىيا رايونىدا چار رۇسىيە ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ، جۈملىدىن رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ  ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت دەۋرى باشلاندى. 1878-يىلى چار رۇسىيە  قوقەنت  خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنىڭ بىر ئوبلاستىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن قەشقەرىيە بىلەن بولغان چېگرىلارغا چار رۇسىيە قوشۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.  نەتىجىدە،  چىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرسىدىكى  ئىككى تەرەپ ئارىسىدا چېگرىلار  دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى. چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرەپمۇ ياقۇپ بەگ ھۆكۈمىتىنى يوقىتىپ، قەشقەرىيىنى قايتا ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن،  چېگرىلارغا بولغان قوغداش ھەم  قامال قىلىشنى كۈچەيتتى.

1881-يىلى، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مەنچىڭ ھۆكۈمىتى سانكتپېتېربۇرگدا << ئىلى >> شەرتنامىسىنى ئىمازالاپ، 10 يىل چار رۇسىيە كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئىلى ۋادىسى  نۇرغۇن ئىقتىسادىي پايدا مەنپەئەتلىرى بەدىلىگە چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بېرىلدى ھەمدە  ئىلى تەۋەسىدە چىڭ سۇلالىسى بىلەن چار رۇسىيىنىڭ چېگرىلىرىنى ئايرىپ چىقىلدى.  بۇنىڭ بىلەن شىمالدىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرنىڭ كەڭ كۆلەمدە رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچۈپ كېتىش  ھەرىكىتى يۈز بېرىش بىلەن بۇ كۆچمەن ئۇيغۇرلار چار رۇسىيە پۇقرالىرىغا ئايلاندى. بۇ مەزگىلدىكى چار رۇسىيىنىڭ  مەركىزىي ئاسىيا سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ  مۇستەقىل دۆلەتچىلىك يولىغا مېڭىشىغا يول قويماسلىق ھەم ئۇنى قوللىماسلىق ، ئۇنىڭ ئەكسىچە  ئۇيغۇر ئېلىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا قالدۇرۇپ، پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىدى.

پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇن قوقەنت  خانلىقىغا تەۋە بولغان بولسا،  مانا ئەمدى چار رۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلاندى.  بۇ خىل يېڭى مۇناسىۋەت پەرغانە ۋادىسىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  يەنە بىر قەدەم بۇ جايلارغا سىڭىپ كېتىشىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەشكىل قىلدى.

ئىچكى سىياسىي جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا، چار رۇسىيىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تىكلىنىشى ھەم  20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېتنىك كىملىكلەر  ئايرىلىپ، جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندا، پەرغانە ۋادىسى ئۈچ جۇمھۇرىيەتكە ئايرىپ بېرىلىپ، بىر پۈتۈن كۆچمەن ئۇيغۇرلار يەنە ئۈچ سىياسىي  جۇغراپىيىلىك بوشلۇققا پارچىلاندى.

ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پەرغانەنىڭ ئۆزبېكىستان قىسىمىنىڭ قەشقەر بىلەن ( شىنجاڭ بىلەن بولغان) چېگرا رايونلىرى  قىرغىزىستانغا ئايرىپ بېرىلىش بىلەن پەرغانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  قەشقەرىيە بىلەن بولغان بىۋاسىتە  باغلىنىشىمۇ  ئۈزۈپ تاشلىنىپ، بۇرۇنقى بىۋاسىتە باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت ئاخىرلاشتى.

  كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ  بۇ زېمىنگە  كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىشى تارىخىي جەريانىدا باشتا  قوقەنت  خانلىقى، ئارقىدىن چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن  سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ، يەنە ئارقىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ   ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن  ئىبارەت تۈرلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ   ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولدى.  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇشى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ياشىغان جايلارنىڭ   ئۈچ سىياسىي جۇغراپىيىگە پارچىلىنىشى  ئۇلارنىڭ  پارچىلىنىشى، بىر يەرگە توپلىشىپ  ياشاپ، شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئېتنىك توپلۇققا ئايلىنىش مۇمكىنچىكىنى ئازلاتتى.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كەلگەن  مۇنداق تەبىئىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك شارائىت ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ، مۇھىمى دەھقان، ئولتۇراق ھاياتتىكى ئۆزبېكلەر جەمىيىتىگە سىڭىشىپ كېتىشىدىكى ئامىلدۇر.


4)    ئېتنىك سىياسىي ئىستراتېگىيە .


ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى  سىياسىي تۈس ئالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  ئۆزگەرتىشنى تاللىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قوقەنت خانلىقى چار رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، پەرغانىدا چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى  تىكلەنگەندە بىرىنچى قېتىم باشلاندى.  چىڭ سۇلالىسى بىلەن چار رۇسىيىنىڭ بۇ ۋاقىتتا بىر قاتار دىپلوماتىك ئالاقىلاردا بولۇشى  پەرغانىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، بۇرۇنقى قەشقەرلىك پەرقىنى تاشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى، چىڭ ئىمپېرىيىسى  ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، پۈتۈن قەشقەرىيىنى ئىگىلىگەندىن كېين، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن كۆپ قېتىم   بەي ياڭخۇ، بەك قۇلىبەك قاتارلىقلارنى ۋە  باشقا قاچقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرەپنىڭ  قەشقەردىن قاچقانلارنى  رۇسىيە تەرەپتىن  تەلەپ قىلىشى  پەقەت پەرغانىغا  يېڭىدىن قېچىپ كەلگەن ئاھالىلارنىلا ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىلا  چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭلارغا قاتنىشىپ،  پەرغانىغا قېچىپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغان قەشقەرلىكلەرنىمۇ ئەندىشىگە سالدى. گەرچە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى قاچاقلارنى  قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما  بۇ يەردىكى   مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن  قەشقەرلىك ئاھالىلارنىڭ يېڭىدىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان   چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسى  تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى.  

چۈنكى، زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، چار رۇسىيە بىلەن  چىڭ ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا  پامىر رايونىدىكى بىر قىسىم زېمىنلەرنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى جىددىي تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان  بولۇپ،  1881-يىلى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا <<ئىلى شەرتنامىسى>> تۈزۈلۈپ،  چار رۇسىيە ئىلىنى  چىڭ ئىمپېرىيىسىگە  قايتۇرۇپ بەردى. پامىر رايونىدىكى چېگرا پاسىلى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە چىڭ ئىمپېرىيىسىمۇ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن  چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل  ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەك قۇلىبەككە ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قوراللاندۇرۇپ،  چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى سالماقچى بولدى. ھەتتا  قەشقەرىيە ئاھالىلىرى ئارىسىدا ھاكىمخان تۆرە ۋە بەك قۇلىبەك قاتارلىقلارنىڭ قايتا قوشۇن تارتىپ كېلىپ  مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى خەۋىرى تارقالدى.

  بىراق، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن  چىڭ ئىمپەرىيىسى 1884-يىلى،   يېڭى مەرغىلان شەھىرىدە << قەشقەر كېلىشىمى>>نى ئىمزالاپ،   تەڭرى تاغلىرىدىكى  بەدەل ئارتتىن تاكى  پامىردىكى  ئۇزبېل ئېغىزىغىچە بولغان جايلاردىكى چېگرىلارنى ئايرىپ چىقتى. رۇسىيە  پامىرنىڭ غەربىي جەنۇبىنى، چىڭ ئىمپەرىيىسى جەنۇبى قىسىملىرىنى ئىگىلەيدىغان بولدى[103].   لېكىن، 1891-يىلىغا كەلگەندە چىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇلۇغ بېرىتانىيە  ئارىسىدا پامىرنىڭ بىر قىسىم چېگرىسى ئېنىق بولمىغان رايونلىرى ئايرىش مەسىلىسىدە سۆھبەت  بولغاندىن كېيىن،   چار رۇسىيە  پامىرنىڭ شەرقىغىچە، يەنى، سېرىق قول رايونىغىچە    بولغان بىر قىسىم جايلارغا قوشۇن كىرگۈزگەندىن كېيىن  ئىككى دۆلەت  چېگرا مەسىلىسى يەنە  جىددىيلەشتى. چىڭ ئىمپېرىيىسى ئۆز مەيدانىدا  چىڭ تۇرۇپ  بۇ جايلارنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكى بىلەن ئۇنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .   مانا مۇشۇ بىر قاتار ۋەقەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا   رۇسىيە تەرەپ بەك قۇلىبەك قاتارلىقلارغا ياردەم كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئىدى.  ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي، 1892- ۋە 1893-يىللىرى  ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن،  چىڭ ئىمپېرىيىسى قاتتىق  مەيدانىنى بوشاتتى. رۇسىيە بولسا   بەك قۇلىبەكنىڭ  ھەرىكەتلىرىنىمۇ چەكلەپ قويدى.  

مانا بۇ بىر  قاتار سەۋەبلەرمۇ پەرغانىدىكى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چىڭ ئىمپەرىيىسى تەۋەسىدىكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن  كىملىكىنى يوشۇرۇش  خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن.  ئەنە شۇنىڭ سەۋەبىدىن  1897-يىلىدىكى پەرغانىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن.

قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ چار رۇسىيە دەۋرىدە ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە يوشۇرۇشقا   يەنە 1898-يىلى  قەشقەرلىك  ئۇيغۇرلاردىن مەدەلىخان خەلىفە  باشلامچىلىقىدا ئەنجان قوزغىلىڭى يۈز بەرگەنلىكىمۇ بىر سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.   قوقان خانلىقى بويسۇندۇرۇلۇپ، 22 يىل ئۆتكەندىن  كېيىن پەرغانە ۋادىسىدا چار رۇسىيىگە قارشى  كۆتۈرۈلگەن  كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭنىڭ بېشىدا قەشقەرىيىلىكلەردىن مۇھەممەد ئەلى خەلىفە (  ئىشان مەدەلى خەلىفە) تۇرغان ئىدى.  بۇ قوزغىلاڭ 1898-يىلى، ماي ئەيىدا ئەندىجان يېنىدىكى ئەسلى كېلىپ چىقىشى قەشقەرلىك كۆپرەك بولغان  مىڭ تۆپە دېگەن جايدا پارتلاپ، نامەنگان ۋە  ئەندىجان قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن ئىدى.  بۇ قوزغىلاڭ  ئاخىرىدا رۇس ئارمىيىسى تەرىدىن باستۇرۇلۇپ، مەدەلىخان باشلىق 17 ئادەم قولغا چۈشۈپ  چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن چار رۇسىيە دائىرىلىرى پەرغانىدىكى قەشقەرلىكلەرگە قاراتقان كونتروللۇق ۋە نازارەتنى كۈچەيتكەن .

    پەرغانە ۋادىسىدىكى   قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا باشقا خەلقلەرگە تىزىملىتىش، ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ، ئېتنىك  كىملىكلەر ئايرىلىپ، مىللىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغاندا يۈز بەردى. پۈتۈن  تۈركىستاندا  1924-يىلىدىن كېيىن ئىككى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ۋە ئىككى  ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى. پەرغانە ئۈچ  مەمۇرىي جەھەتتىن ئايرىلدى. سوۋەت ھۆكۈمىتى  پانتۈركىزمغا، ئىسلامىي ئىدىيىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئايرىم ئېتنىك كىملىك، ۋە مىللەت ئېڭىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پروگراممىسىنى يولغا قويغان بولۇپ،  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىلدا  سۆزلىشىدىغان يەرلىك ئاھالە سارتلار، ئۆزبېك نامى ئاستىغا يىغىلىپ، ئۆزبېك مىللىتى شەكىللەندۈرىلدى. ئۆزبېكلەر جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى .  بۇنىڭ نەتىجىسىدە زور ساندىكى قەشقەرلىكلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئۆزبېك تەركىبىگە قوشتى، چۈنكى،  ئۇنىڭ ئالدىدىكى  ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ پەرقى پەقەت قەشقەرلىك ۋە ياكى ئاخۇن دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىككى خەلق پەقەت يەرلىرى بىلەن پەرقلىنەتتى.

    سوۋېت ھۆكۈمىتى پۈتۈن تۈركىستان تەۋەسىدىكى  ئايرىم-ئايرىم  ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارازىم خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،  بۇلارنى موسكۋانىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا تۇتۇش  ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئورتاق تۈرك دۆلىتى قۇرۇش ئىدىيىلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن  بۇ زېمىندا  بۇ يەرلەردىكى خەلقلەرنى ئايرىم مىللەتلەرگە پارچىلاپ ھەم ئۇلارغا ئايرىم مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بېرىش سىياسىتى قوللىنىپ، مەزكۇر زېمىنلاردا ئالدى بىلەن  ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ چىقتى.  ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە تاجىكىستان ئاتونوم  جۇممھۇرىيىتى ، رۇسىيە سوتسىيالىستىك  فېدېراتىپ  جۇمھۇرىيىتى  تەركىبىدە قازاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە  قارا قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى.  بىراق،  ئابدۇللا روزىباقىيېف باشلىق  ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش   ئاپتونومىيىگە ئېرىشىش   ئارزۇسى   چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارغا مۇنداق سالاھىيەت بېرىلمىدى.  بۇ ئەھۋالمۇ   پەرغانە ۋادىسىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئۆزبېككە بېكىتىش تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان  بىر ئامىلغا ئايلاندى. چۈنكى،   قەشقەرلىك ۋە تارانچىلار دەپ ئاتالغان ئىككى گۇرۇپپا  ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم 1921-يىلى، تاشكەنتكە جەم بولۇپ، قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئورتاق ئېتنىك نامى قىلىپ بېكىتىش بىلەن  بىرگە   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي پلاتفورما  بەلگىلەپ، 3- ئىنتېرناتسىيونالغا ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.  ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، 1919-يىلى، رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ   كوممۇنىزم ئىنقىلابىنى پۈتۈن شەرققە كېڭەيتىش شۇئارى بويىچە   3- ئىنتېرناتسىيونال   ئۇيغۇر ئېلىدە  مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغاشنى قارار قىلغان شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى تۈركىستان  بىيوروسىنىڭ رەئىسى  لاتىش مىللىتىدىن كېلىپ چىققان  ئېرنىست يان رۇدزۇتاك  قەشقەرىيە ۋە جۇنغارىيىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش ھەمدە  شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا قەشقەرىيە جۇمھۇرىيىتى  ۋە شىمالىدا جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىدىن  ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پروگراممىسى تەشەببۇس قىلغان ئىدى[104].  1921-يىلى، 4-ئىيۇن كۈنى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ مەسىلىنى  مۇزاكىرە قىلىپ،   مۇنداق ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پروگراممىسىنى بىكار قىلغان شۇنىڭدەك ئارقىدىنلا ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى <<قوشچىلار ئىتتىپاقى>>غا قېتىۋەتكەن  ھەمدە تۈركىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى سېكسىيىسى قۇرۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ  ئۇيغۇر دىيارىدا  ياڭ زېڭشىننىڭ  مىلىتارىست ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ،  سوتسىيالىستىك <<ئۇيغۇرىستان  جۇمھۇرىيىتى>> قۇرۇش ئارزۇسى  يوققا چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت  رۇسىيىسى تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئېلىش ئارزۇلىرى پەيدا بولغان ئىدى.  بىراق، 1924-يىلى   ۋە  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى.   ئۇيغۇرلار  بىلەن   تۇڭگانلار  سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەرلىك خەلقى ئەمەس، بەلكى كۆچمەن سۈپىتىدە  بېكىتىلدى .  بۇ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى  چاغلاردىلا ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىشىدىكى ئامىللارغا ئايلاندى.

   سوۋېت  ھۆكۈمىتى  يەنە ئۇيغۇرلارغا  ئاپتونومىيە ھوقۇقى  بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۇلارنى   ئۆزبېكلەرگە قوشۇۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نوپۇس تەركىبىنى ئازلىتىش  ئۇسۇلىنىمۇ قوللاندى.

يەنە بىر مۇھىم  نۇقتا شۇكى،  دەسلەپكى چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئىدىيىسىمۇ تېخى كۈچلۈك بولمىغان ئىدى.  1921-يىلىدىكى تاشكەنت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى بويىچە  پەرغانە ۋادىسى ۋە  يەتتەسۇدىكى  پۈتۈن قەشقەرلىكلەر ۋە تارانچىلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ دېگەن ئىدىيە قارارلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر نامى بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئورتاق ئېتنىك نامى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن  ھەم تەرغىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ  ئىككى  گۇرۇپپىنىڭ  زىيالىيلىرى ۋە ئاۋاملىرى ئارىسىدا مەزكۇر ئىدىيىنى قوبۇل قىلمايدىغانلارمۇ  كۆرۈلدى.  بىر قىسىم  قەشقەرلىكلەر ئۆزلىرىنى تارانچىلاردىن  ئايرىم مىللەت، ئۇنىڭ ئەكسىچە يەنە بىر قىسىم  تارانچىلار ئۆزلىرىنى قەشقەرلىكلەردىن ئايرىم مىللەت دەپ  ھېسابلاپ، مەزكۇر ئىدىيىنى تەرغىپ قىلدى.   ئەسلى قەشقەردىن پەرغانە ۋادىسىغا  كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ  زىيالىيلىرى قاتلىمىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى  قادىر ھاجىنى يادرو قىلىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋادىسىدىن  يەتتەسۇغا كۆچۈپ چىققان تارانچى ( ئىلى ئۇيغۇرلىرى) ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىيالىيلىرى بىلەن   تاكى 1930-يىللارغىچە  تارانچى-قەشقەرلىك كۆرۈشىنى داۋاملاشتۇردى . قادىر  ھاجى باشچىلىقىدىكى  قەشقەرلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن  <<تارانچىلار ئۇيغۇر ئەمەس، ھەتتا ئۇلار تۈركىي خەلق ئەمەس،  ئۇلار موڭغۇل نەسلىدىن كېلىپ چىققان>>(105) دېگەن  كۆز قاراشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە  << تارانچىلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ھېسابلاپ  بارلىق جايلاردىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كىرىۋالدى. ئوقۇشنى تۈگىتىپ  خىزمەتلەرگە  جايلىشىۋېلىشقا باشلاپتۇ. دېمەك، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلىرىنى ھەم ئالىي مەكتەپلەردە ، ھەم خىزمەت جايلىرىدا شۇلار ئېلىۋاپتۇ، ھەقىقىي ئۇيغۇر چەتتە  قالدى>>(106) دېگەن پىكىرلەرنى تارقاتقان. قادىر باشچىلىقىدىكى بۇ بىر قىسىم زىيالىيلار يەنە  ئىلى شىۋىسىنى ئاساس قىلغان ئەدەبىي تىل شەكىللەندۈرۈشكىمۇ قارشى چىققان بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف ۋە باشقىلار بۇ خىل ئىدىيىگە  قاتتىق قارشى تۇرۇپ،  بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىككى يەرلىك تارمىقى ئىكەنلىكىنى  چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما  قادىر باشلىق گۇرۇپپا < قۇتۇلۇش>> گېزىتىنى نەشىر قىلىپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ تىلىنى  قەشقەر شىۋىسىنى ئاساس قىلىپ،  ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار مەسئۇل بولۇپ چىقارغان ئىلى شىۋىسى ئاساس قىلىنغان  << كەمبەغەللەر ئاۋازى>> گېزىتى بىلەن رىقابەتكە چۈشتى. مەزكۇر ئىككى خىل ئىدىيىنى يورۇتىدىغان ھەمدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى دەلىللەيدىغان ماقالىلار بۇ ئىككى گېزىتتە  ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلان قىلىنىپ تۇردى.  <<كەمغەبەللەر ئاۋازى>> ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئىدىيىسىنى، <<قۇتۇلۇش>> گېزىتى قادىر ھاجىچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ياقىلىدى.

ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرنىڭ شاھىدلىرىدىن بىرى، 1935-1937-يىللىرى موسكۋا تەرىپىدىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ بىرى  مەنسۇر ئەپەندى  ئۆز ئەسلىمىسىدە تارانچى-قەشقەرلىك كۈرىشىنى ئەسلەپ << بۇ،  1920-يىللاردا  تاشكەنتتە ستۇدېنتلار ، ھەتتا ئايرىم ئاۋام -پۇقرالار ئىچىدە ئەۋجى ئالدى. تالاش-تارتىشلار، تىللاش-ھاقارەتلەشلەر، كوچىلاردا مۇشتلىشىش، كالتەكلىشىشكە ئوخشاش توقۇنۇشلار دەرىجىسىگە يەتتى>دەپ يازىدۇ (107).

قادىر ھاجى يەنە دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، يەنى ئۇيغۇر نامى بېكىتىلگەن چاغلاردا << ئۇيغۇر دېگەن مىللەت يوق، قەشقەرلىك ، تارانچى دېگەن ئىككى خىل مىللەت بار. تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قەشقەرلىك، تارانچىلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىكەنلىكى نامەلۇم>>(108) دەيدىغان ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىپ، پەرغانە ۋە يەتتەسۇدىكى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كۆچۈپ چىققان ئىككى گۇرۇپپىنىڭ  ، يەنى قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلارنىڭ مەزكۇر رايون خاراكتېرلىك ناملىرىنى تاشلاپ بىر ئورتاق ئۇيغۇر نامى ئاستىغا يىغىلىش ۋە بۇ نامنى ئورتاق ئىشلىتىش ئىدىيىلىرىگە قارشى چىققان ئىدى.

ئۇنىڭ ئەكسىچە ئابدۇللا روزىباقىيېف بولسا بۇنىنغا قارشى چىقىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:  ئالتىشەھەر ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا سوغۇقچىلىق سالماق مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى ئىككى تۈرلۈك مىللەتكە ئايرىۋەتمەك مۈمكىن ئەمەس>>،  << ئالتىشەھەرلىك>>، <<قەشقەرلىك>>، <<تارانچى >> دېگەن ئايرىم مىللەتلەر  يوق، بەلكى ئۇيغۇر دېگەن بىرلا مىللەت بار، ھەممىگە ئومۇمى بولغان <<ئۇيغۇر تىلى>> دېگەن بىرلا تىل بار(109).

ئەمما،  1926-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا،  يەتتەسۇدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى  تارانچى دەپ تىزىمغا ئالغۇزغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكىنى تاللىغانلار تارانچى نامىنى تاللىغانلاردىن  ئاز بولغان.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزبېكىستاندا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بېكىتكەنلەر قەشقەرلىك دەپ بېكىتكەندىن كۆپ بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر نامىنى تاللىغانلارنىڭ مۇتلەق زور قىسىمى  ئۆزبېكىستانغا جايلاشقان.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر نامىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش   تارانچىلارغا قارىغاندا  قەشقەرلىكلەر ئارىسىدا  كۈچلۈك بولغان. لېكىن ، قەشقەرلىك ئايرىم  تارانچى ئايرىم مىللەت دەيدىغان خاھىش ۋە تالاش-تارتىش تاكى 1930-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ،  1930-يىلى ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا يىغىنىدا تارانچى ۋە قەشقەرلىكلەرنىڭ تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىككى خىل شىۋىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى ئىملا قائىدىسى بېكىتىلگەنگە قەدەر  تارانچى-قەشقەرلىك جېدىلى داۋاملىشىۋەرگەن ئىدى. بۇ خىل تالاش-تارتىشلاردا ئاكتىپ ماقالە يازغانلار ئابدۇللا روزىباقىيېف،  قادىر ھاجى، لاتىپ ئەنسارى، سابىرجان شاكىرجانوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، بۇرھان قاسىموف، ئۇچقۇن ۋە باشقىلار ئىدى.

تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېخى ئۇيغۇر دېگەن ئېتنىك نام ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى شەكىللەنمىگەن، ئۇيغۇر نامى ئاستىدىكى  ئورتاق ئېتنىك كىملىك ۋە ئېتنىك مىللەتچىلىك ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي بىرلىك  خاھىشلىرى ئىنتايىن ئاجىز بىر ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئاتالمىش تارانچى-قەشقەرلىك جېدىلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى.

قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىگە ھەم لېنىن ۋە ستالىننىڭ مىللىي سىياسەتلىرىگە قارشى  ھەر قانداق ئىدىئولوگىيە ۋە پىكىرنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى خالىمايدىغان سوۋېت ھۆكۈمىتى  ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇ خىل تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلىگە تاكى ئون نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت يول قويدى. ھەتتا موسكۋا  شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈلگىسى بويىچە ئوخشاش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئايرىپ،  تارانچىلارنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى تارانچى مىللىتى قىلىپ بېكىتىشىگە يول قويدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مىللەت تەركىبىنى ئايرىپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىدە 14 مىللەتنى رەسمىيلەشتۈرۈشمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  تۈركچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا  ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت باش كونسۇلىنى ئاساس قىلغان سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

سوۋېت رۇسىيىسى تەۋەسىدىكى تارانچى-قەشقەرلىك جېدىلى، 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاساسەن سۇسلاشتى ھەمدە 1937-يىلىدىكى ئالمۇتىدا ئېچىلغان  ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا يىغىنى ئورتاق لايىھە قارار قىلىندى ھەمدە شۇ يىلدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش  جەدۋىلىدە قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ناملار ئۆچۈرۈلۈپ ،  پەقەت بىرلا ئۇيغۇر نامى رەسمىيلەشتۈرۈلدى.  قىسقىسى سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ ۋاقىتتا تارانچى ۋە قەشقەرلىك دەيدىغان ئىككى مىللەت يوقلۇقى، پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى قانۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا تارانچى مىللىتى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويۇلۇش داۋاملىشىۋەردى. ئون نەچچە يىل ۋاقىت تارانچى-قەشقەرلىك كۇرىشىگە سۈكۈت قىلىپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بىر-بىرى بىلەن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشىنى كۆزىتىپ تۇرغان سوۋېت رۇسىيىسى ئاخىرى 1937-1938-يىللىرىدا مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپىدىكى زىيالىيلار ۋە ئاكتىپلار ھەتتا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېف ھەمدە قەشقەرلىك ئايرىم مىللەت دەپ ئۆزلىرىنى تارانچىلاردىن  ئاخىرىغىچە ئايرىپ كەلگەن قادىر ھاجىنىمۇ ئوخشاشلا <<خەلق دۈشمىنى>> دېگەن جىنايەت بىلەن ئېتىپ تاشلىدى.  ستالىننىڭ رەھىمسىز جازاسىدىن تارانچى ۋە قەشقەرلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە تارانچى-قاشقارلىق كۈرىشى تولۇق ئاخىرلىشىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر دېگەن نام  ئاخىرقى قېتىم رەسمىيلەشتۈرۈلدى شۇنىڭدەك  ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق زەربە بېرىش ئوبېكتىغا ئايلاندى.

دېمەك، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ، بولۇپمۇ  ئاۋام خەلقى ئارىسىدا مۇنداق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى  ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا قوبۇل قىلماسلىقتەك مىللىي كىملىك تۇيغۇلىرىدىكى  ئاجىزلىق  خاھىشلىرىمۇ پەرغانە ۋە باشقا رايونلاردىكى  خېلى كۆپ ساندىكى  قەشقەرىيە كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆز  كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىشىدىكى  ئىچكى ئامىلغا ئايلانغان ئىدى. بىراق، تارانچىلار ئارىسىدا بولسا ئۆزبېك كىملىكىنى تاللاش  ئەھۋالى يوق دېيەرلىك ئىدى.

بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك ۋە قىرغىز تارىخشۇناسلىرى ئارىسىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي كىملىك ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەت چېگرىلىرى ئايرىلىش جەريانىدا  سوۋېت ھۆكۈمىتى  مەجبۇرىي يوسۇندا  بىر قىسىم  قىپچاق، قازاق، تاجىك ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالغانلىقىنى، بۇنداق سۈنئىي يوسۇندا ئۆزبېكلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ھەمدە ئۆزبېك مىللىتىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى  قەيت قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەنە شۇنداق مەجبۇرىي تىزىملاش نەتىجىسىدە زور ساندىكى باشقا خەلقلەر ئۆزبېك تەركىبىگە كىرىپ كەتكەن. بۇ دەل ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە كېرەك بولۇپ،  چۈنكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىللىق زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئورتاق تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدىيىلىرى  مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارازم خەلق جۇمھۇرىيىتى نامىدىكى دۆلەتچىلىكلەر  مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتلەر تاشكەنتنى مەركەز قىلغان كوممۇنىستلارنىڭ تۈركىستان ئاپتونوم، جۇمھۇرىيىتىگە بويسۇنمايتتى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 1917-يىلى مۇستاپا چوقاي قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئورتاق تۈرك ئىدىيىسىدىكى  قوقەنت  ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، تاشكەنتكە بويسۇنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار  سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن جىددىي خەۋپلەرنى تۇغدۇرغان ئىدى.

موسكۋا مانا مۇشۇ بىر قاتار ئەھۋاللار ئاساسىدا مەزكۇر ھاكىمىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا   ئايرىم مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى  سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە قوشۇش قارارىغا كەلگەن ئىدى.  بۇنىڭ ئۈچۈن  ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدى بىلەن ئەڭ چوڭ تۈركىي خەلق ئۆزبېكلەرنى  يارىتىپ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا تۈركمەن مىللىتىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇش ئىمزاسىنى قويدۇردى.

موسكۋا بۇ ئىدىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخى ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتىمىغان ھەمدە ئۆزبېكلەردىن پەرقلىنىپ چۈشەنگەن  سارتلار، قەشقەرلىكلەر ، قىپچاقلار ۋە بىر قىسىم تاجىكلار ھەم باشقا قەبىلىلەرنى  ئۆزبېك مىللىي كىملىكىگە قوشۇۋەتتى. بۇ ھەتتا مەجبۇرىي تۈس ئالغان ئىدى.  بۇ مەسىلىدە  ھازىرقى زامان تاجىك، قىرغىز ۋە قازاق مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا شۇنداق قاراش مەۋجۇت.

شۇنداق بولغاندا،   پەرغانە ۋادىسىدىكى، بولۇپمۇ ئەنجان ئەتراپىدىكى  مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا   ئۆزبېك مىللىي كىملىكىگە قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇنى  پەقەت ھۆكۈمەتنىڭلا تاللاش ۋە بېكىتىش ھوقۇقى بار ئىدى

   1924-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ،  پەرغانىنىڭ  بىر قىسىمى ، يەنى ئوش ۋە جالال ئاباد ۋىلايەتلىرى قىرغىزىستانغا قوشۇپ بېرىلگەندىن كېيىن،  بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ( قەشقەرلىكلەر) نىڭ زور بىر قىسىمى قىرغىزىستانغا بۆلۈپ بېرىلگەن.  مەسىلەن، 1925-يىلىل  <<كەمبەغەللەر ئاۋازى>> گېزىتى  ئوشنىڭ يېنىدىكى قەشقەر قىشلاقتا 2000 ئۇيگۇر بارلىقىنى يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ  ئۆز تىللىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان، ھەتتا بىر قىسىم جايلار قىرغىزىستان غا ئايرىلغاندا ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەت مۇنازىرىسىدە،  بۇ يەرلەردىكى 120 مىڭ ئۆزبېك دەپ ئاتالغان ئادەملەرنىڭ يېرىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە قەشقەرلىكلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.  ئوش  ۋە جالال ئاباد ، ئۆزگەند قاتارلىق جايلاردىكى قەشقەرلىكلەر ئەنە شۇنداق پارچىلىنىش جەريانلىرىدا  ئۆزبېك كىملىكىگە ئۆزگەرتىلىپ، تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سوۋېت سىياسىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا،  قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان چېگرىسىنىڭ قىرغىزىستان تەۋەسىدىمۇ زور ساندا ئۆزبېكلەرنى پەيدا قىلىش ھەمدە ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە يەنە ئوخشاشلا مەلۇم ساندا قىرغىزلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ، بۇ ئىككى مىللەت ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت ئارىسىدا  تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلىش  تاكتىكىسى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك ئىدى . 2009-يىلىدىكى قىرغىزىستان دۆلەت ئىستاتېستىكىسى بويىچە ئالغاندا ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 308 مىڭ، ئوش شەھىرىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 112 مىڭ، جالال ئاباد ۋىلايىتىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 257 مىڭ، جالال ئاباد شەھىرىدىكى نوپۇسى 38 مىڭ بولۇپ، مەزكۇر  ئىككى ئوبلاستتا قىرغىزلار ئۆزبېكلەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ ھېسابلىنىدۇ.  لېكىن، يەرلىك ئۆزبېكلەر  بولسا، قىرغىزىستان  ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانىنى قەستەن ئاز كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشىدۇ. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ جايلاردا يەرلىك ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش  ھەرىكەتلىرى مەۋجۇت ئىدى. مەزكۇر ئۆزبېك نوپۇسى نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرى ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە بولۇپ، موسكۋا بۇ مەسىلىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا كۆرۈپ بولغان ئىدى.  موكسۋانىڭ بۇ تاكتىكىنىڭ نەتىجىسى 1990-يىلى ۋە 2010-يىلىدىكى  ئوش ۋە جالال ئاباد ۋەقەلىرىدە نامايەن بولدى.   بۈگۈنكى كۈنلەردە پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىدا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشىماقتا. پەقەت ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىدە  2مىليون 67مىڭ ئادەم، پەرغانە ۋىلايىتىدە 3 مىليون 229 مىڭ ئادەم ياشايدۇ. پەرغانە ۋىلايىتىگە قوقەنت، مەرغىلان قاتارلىق شەھەرلەر  تەۋە بولۇپ، مەرغىلانى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا  200 مىڭ ئادەم ياشايدۇ.

ئەگەردە چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلگەن 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى  ئەنجان، قاراسۇ ، شەھرىخان ۋە باشقا جايلاردىكى 300 مىڭ قەشقەرلىك ھەمدە باشقا رايونلاردىكى قەشقەرلىكلەر ئىزچىل ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ كۆپەيدى ۋە  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىگە ئايلاندى دەپ قارالسا، ئۇ چاغدا، مەزكۇر 300 مىڭ نوپۇس  150 يىل جەريانىدا كەم دېگەندە 7-8 ھەسسە كۆپىيىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا،  شۇنداق ھېسابلىغاندا پەرغانە ۋادىسىدا، بولۇپمۇ ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ  ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاۋاتقان ئاھالىلارنىڭ  مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئەشۇ قەشقەرلىكلەر، يەنى ئۇيغۇرلار  تەشكىل قىلغان بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، قازاق مۇتەخەسسىسى   ئەرمەك نارىمباينىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىدىكى  بىر يېرىم مىليون پاسپورتىدا ئۆزبېك دەپ يېزىلغان  نوپۇسنىڭ 65%-80% ئى ئەمەلىيەتتە ئېتنىك ئۇيغۇرلاردۇر (110).

ئەمما، ھازىرغىچە ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ئېنىق ئەمەس مەسىلە، مەيلى  19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى 300 مىڭ ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئاز رەقەمدىكى قەشقەرلىكلەر ئاھالىسى بۈگۈنكى كۈندە كۆپىيىپ بىر قانچە مىليوندىن ئاشتى دېگەندە دېيىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەرىبىر ئاللىقاچان ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزبېك مىللىي كىملىكىنى قوبۇل قىلىپ بولغان.

ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ،پروفېسسور ئەخەت خوجايوف ئەپەندى بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى مۇئەللىپكە ئۆزبېكىستاندا تەخمىنەن 500 مىڭ ئۇيغۇر بار دېگەن بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، ئۆزبېكىستاندا 250 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  ئەمما، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ سانلىق ئۇچۇرلىرىنى  تەخمىنەن ھېساباتلارغا تايىنىپ ئېيتقانلىقىدا شەك يوق.  ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بولسا، 2009-يىلى، پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى قەيت قىلدى.بەلكى مەزكۇر 60 مىڭ دېگەن سان ھازىر يەنە ئازراق كۆپەيگەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر 60 مىڭ دېگەن رەقەمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى  ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىگە  20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى  كۆرسەتسە كېرەك.

پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېك كىملىكىگە سىڭىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا   ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاپتونومىيە ھەرىكىتى مەۋجۇت بولۇپ، سوۋېت  ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مۇنداق سالاھىيەتنى بەرمىدى ھەمدە بۇنى بەرمەسلىك ئۈچۈن  ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان پەرغانە ۋادىسىدىكى  توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنى   ئۆزبېكلەرگە قوشۇۋېتىشقا  ھەمدە دەسلەپتە رۇسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە بولغان  قىرغىز  ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە كېيىنكى قىرغىز  جۇمھۇرىيىتىگە   تەقسىم قىلىۋېتىشى  توغرا كېلەتتى. قىرغىزلار 1936-يىلى، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزبېكىستان بىلەن تەڭ دەرىجىگە ئىگە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىمۇ كۈچەيتىلگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان ۋە  قىرغىزىستاندا  ئۈچىنچى قېتىملىق سىڭىشىش دولقۇنى 1937-يىلىدىن كېيىن يۈز بەردى. 1937-يىلىدىكى ستالىننىڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ۋە  كىملىك كىنىشكىسى تۇرغۇزۇش  سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، تىياتىرلىرى ھەتتا كولخوزلىرى بىراقلا تاقالدى.  كولخوزلار ناملىرىنى ئۆزگەرتتى. نۇرغۇن ئۇيگۇر زىيالىيلىرى  ياپون ئىشپىيونى، پان تۈركىست دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىندى. ئەنە شۇ قېتىملىق كەڭ رېپرېتسىيىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار كىملىك تۇرغۇزۇش سىياسىتىگە ماسلىشىپ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتتى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى  ۋە  ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىراقلا تولۇق ئۆزبېكلىشىش دەۋرىنى باشتىن كەچۇردى. بۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە ئىنتىگراتسىيە بولۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى.

1937-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستان، جۈملىدىن  تاشكەنت   ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە  ماراپ مەركىزى بولغان  بولسا، 1937-يىلىدىن كېيىن بۇ مەركەز بارا قازاقىستانغا يۆتكىلىپ، ئاخىرىدا ئالمۇتا سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلدى.

تاشكەنت 1944-1950-يىللىرىغىچە يەنە بىر قېتىم موسكۋانىڭ پلانى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، بىر قىسىم زىيالىيلار بۇ يەرگە توپلىنىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئىدىيىۋى ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان << شەرق ھەقىقىتى>> جۇرنىلى ۋە  كېيىنچە << شەرق ھەقىقىتى نەشىرىياتى>>نىڭ خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.  بۇ نەشىرىيات ئورگانلىرى 1949-يىلىدىن كېيىن  نۇرغۇن كىتابلارنى نەشىر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتكەن ھەمدە ئارىلىقتا بىر مەزگىل پاسسىپلاشقاندىن بولسىمۇ، بىراق  1960-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەندىن كېيىن،   موسكۋانىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ تەركىبى قىسىمى سۈپىتىدە  تاشكەنت قايتىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلدى. بۇ يەردە  ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىش يولغا قويۇلدى. ئۇيغۇر ناخشا ئۇسۇل ئانسامبىلى قۇرۇلۇپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلغىچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. تاشكەنتكە خېلى زور ساندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى، سەنئەتكارلىرى، ئەدىبلىرى توپلاندى.  ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، تاشكەنت قايتىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى رولىنى ۋە ئورنىنى يوقاتتى.

خۇلاسە.


پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئىككى ئەسىرلىك مۇساپىنى باشتىن كەچۇرۇپ،  بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمى ئۆزىنى ھەتتا ئۇيغۇر دەپ ئاتىسىمۇ بىراق ئوز تىلىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇنتۇپ، ئۆزبېك تىلىنى ئوز تىلى قىلىپ بېكىتىش ھەمدە داۋاملىق تۈردە سىڭىشىش دەۋرىنى  باشتىن كەچۈرمەكتە.

  خۇلاسىلىغاندا، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە  يوقۇلۇپ  كەتكەن دىئاسپورىغا ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار يەنىلا ئالدى بىلەن  مەدەنىيىتى، ئېتنىك كېلىپ چىقىش ۋە ئېتنىك تارىخى ئوخشاش بولغان، تىلى ۋە ئورپ-ئادەتلىرى ئىنتايىن يېقىن بولۇشىدۇر.  ئەگەردە بۇ خىل شارائىت بولمىغان بولسا،  ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆزبېكلەرگە  مۇنچە ئاسان سىڭىپ كېتىشى بولمىغان بولار ئىدى.  ھەر قانداق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ياكى يۇغۇرۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەبىئىي مۇناسىۋەتلەر كېرەك  بولۇپ ،  بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇشى ئىنتايىن قىيىن.  

پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، ھازىرقى زامان ئۆزبېك  خەلقىنىڭ  بىر قىسىمىغا ئايلىنىشى  ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، تەبىئىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ياكى تەبىئىي يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر.  بۇنداق ئەھۋال ئەينى شەكىلدە   قەشقەر ، يەركەنت، قاغىلىق، غۇلجا  ۋە باشقا شىنجاڭ ( ئۇيغۇر ئېلى )شەھەرلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەرغانە ۋادىسىدىن  ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ئۆزبېكلەر ئۆزلىكىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ،  ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى. پەرغانە ۋادىسىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  قىسمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى  ئۆزبېكلەرنىڭ قىسمىتى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولدى.

يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ( ئەسلىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ) ئۆزبېكلەرگە  سىڭىپ كېتىشى، قەرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزارا يۇغۇرۇلۇشى ۋە  ئورتاق ئېتنىك گەۋدىگە ئايلىنىشىنىڭ  بىر ئۈلگىسى ۋە مودېلى بولۇپ، بۇ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى مۇنداق سىڭىشىش، يۇغۇرۇلۇش ۋە بىرلىشىش ئالدى بىلەن ئۇلار ئىچىدىكى تىل، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەڭ يېقىن بولغانلىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى،  تىل ۋە تۇرمۇش شەكلى جەھەتتىن  يېقىنلار  ئالدى بىلەن بىرلىشىش يولىنى تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  ، جۈملىدىن فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ شەكىللىنىش شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن قەدەم-قەدەم پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاھالىلار تەركىبىگە  سىڭىپ كېتىشى  جەريانى مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى تەرەققىيات ھەمدە جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك توقۇنۇشلار بىلەن باغلىنىش مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتتى.  

نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قالدۇق ئۇيغۇر دىئاسپورىنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى  ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟،   ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر يادرولۇق  گەۋدىسىدىن ئايرىم ھالدا   تولۇق ساقلاپ قالالامدۇ  ۋە ياكى قازاقىستان ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىمۇ خۇددى پەرغانە گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش  قەدەم-قەدەم يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىش تەقدىرىگە دۇچ كېلەمدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەر جەمىيەتشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق،  ئانتروپلوگىيىلىك ۋە باشقا نۇقتىلاردىن ئانالىز قىلىنىشى كېرەك.

------------

ئىزاھاتلار ۋە پايدىلانغان ئەسەرلەر

([1] .   Агентство Республики Казахстан по статистике. Численность населения Республики Казахстан по отдельным этносам на 1 января 2012 года.

[2] .Национальный статистический комитет Кыргызской Республики. Национальный состав населения (оценка 1 января 2012 года)

[3] . Этнический атлас Узбекистана. . Институт “Открытое Общество” - Фонд содействия - Узбекистан, 2002. Стр.217

[4] . К СТОЛЕТИЮ ПЕРЕСЕЛЕНИЯ УЙГУРОВ ИЗ СЕМИРЕЧЬЯ В ТУРКМЕНИСТАН

1890 - 1990гг. http://hamrajan.narod.ru/Bayram-Ali.html

[5] . James A. Millward. Beyond The Pass. Economy, Ethnicity , and Empire in Qing Central Asia, 1759-1864. P.245-249

(6) seyfidin Ezizi. Omur dastani.

[7] . Аблажей Н.Н. Репатрианты из КНР в районах освоения целинных и залежных земель (1954-1962). // Гуманитарные науки в Сибири. 2008. № 2. С. 105-106.

[8] .Li Danxui.  Xinjiang  Sulian qiaomin wentide lishi kaocha(1945-1965) // lishi yanjiu . 2003. № 3. С. 90.

(9).  We Changhui Chen Xianlin. Lun Erzhan houqi Zhongsu Guanyui Xinjiang suqiaode  jiaoshe  //  Xiyu Yanjiu. 2000. № 4. С. 44-45.\

(10). Tokon Yusubakun Yusubakunov. Delo mumber  geziti, Qirghizistan .

[11] . Румянцев , П . П . Уезды Жетысу.-Алматы:Жалын баспасы. Уезды Жетысу.-2000.- st.222.   Румянцев , П . П.  Таранчи. St.223.

[12] . Румянцев , П . П  Shu eser.223-225-betler

[13] . Gaozong, zhuan 761 6-7 ye Qianlong 31nian 5 yue.

[14] .shu eser.

[15] . Xinjiang Jianshi ( Shinjangning qisqiche tarixi). 1-tom. Xinjiang Renmin Chubanshe. Urumchi. 312-bet.

[16] . Liu Fengwu. Hui Jiaotu yu Qingdaide Guanxi. ( Musulmanlarning Ching dewri bilen bolghan munasiwiti)-/ Xing Yaxiya. 1936. 12 toplam , 1-san.-Xibei Minzu Zongjiao Shiliao WenZhai. Gansu Sheng Tushuguan.1985. 2-tom .800-bet.

[17] . James a.Millward. Beyond The Pass. P.124

[18] . Seng Menwu. 332-bet.

19).   Qing Shilu Musilin Ziliao Ji lu.  zhong zhuan.  Ma Saibei.  Ningxia Renmin Chubanshe.1988.248.-bet.   ZHUAN 115. 33-35   .236-bet

20. Qing Shilu Musilin Ziliao Ji lu.  zhong zhuan.  Ma Saibei.  Ningxia Renmin Chubanshe.1988.248.-bet.

ching shilu. zhuan 118. 13-14 ye.

[21] موللا مۇسا سايرامى. تارىخىي ئەمىنىيە. نەشىرگە تەييارلىغۇچى .مۇھەممەد زۇنۇن. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۈرۈمچى.

(22] . موللا مۇسا سايرامى، تارىخىي ئەمىنىيە، شۇ ئەسەر.

[23] . تارىخىي كاشغەر. 296-بەت.مۇھەممەد ئاتىف. ئىستانبۇل. 1355 ھىجرە. مىلادىيە 1934-يىلى،

[24] . Choqan Walikhanov. 165-bet.

[25] .Choqan Welikhanov . 165-bet.

[26] . А . Ходжаев . “ Цинская империя , Джунгария и Восточный Туркестан ”. 1979. издательство наука.   Москва .

< [27] .Guo Yingde.  Wei Wuer Shilue. Shanghai. 1952. 49-bet.

[28] .A.Kamalov.  Uyghur Studies in Kazakhstan: Tradition and Innovation. 2006. Almaty. Nash Mir. 96-bet.

[29] . Qing Ding Pingding Shan Gan Xinjiang Huifei fanlue .Beijing 1896. 309 ji. L.14.

[30] . Wei Guantao. Kandin Xinjiang Ji.-Huiminji. 4-tom. 376-380-bet. Liu Jintang. Liu Xianqin Gong Zuogao, 1-tom. 1968.Taibei. 162-bet.

[31] . Tarixiy Bedekhshan.   46-49-betler

[32] . ] О некоторых событиях в Бухаре, Хоканде и Кашгаре. Записки Мирзы-Шемса Бухари, изданные В.В. Григорьевым. Казань, 1861. С. 36.

[33] . Валиханов Ч.Ч. О состоянии Алтышара. С. 156; Григорьев В.В. Комментарии // О некоторых событиях в Бухаре, Хоканде и Кашгаре. С. 106

[34] . Liu Fengwu. Hui Jiaotu yu Qing Daide Guanxi. Xing Yaxiya. 1936. 12 zhuan. 1 qi. Xibei Minzu Zongjiao Shiliao Wen zhai. GansuSheng Tushuguan. Lanzhou. 1985. 303-bet.

[35] . Валиханов Ч.Ч .  c.106

[36] Куропаткин А.Н. Историко-географический очерк страны, ее военные силы, промышленность и торговля. СПб., 1879. С. 121

[37] . Seng Menwu, ZhongGu Jingying ShiYu Shi. 1937. 1986-yili qayta neshiri. 346-bet.

[38] .kropatkin .qeshqeriye. Куропаткин А.Н. Историко-географический очерк страны, ее военные силы, промышленность и торговля. СПб., 1879. С. 121

[39] Korpatkin, qeshqeriye. Куропаткин А.Н. Историко-географический очерк страны, ее военные силы, промышленность и торговля. СПб., 1879. С. 121

[40] . Tarixiy Kashgher. Shu eser.

[41] .V.Nalivkin. Kratkaya istoria Kokandskogo Khanstvo. Kazan, Tipigrafia Imperatorskogo universiteta.1886. s.185

[42] .Liu Fengwu. Shu eser.304-bet

[43] .Liu Zishaw. Uyghur Tarixi. 36-70-betler, 2003. shinjang xelq neshiriyati,

[44] .Seng Menwu. 338-bet

[45] .Seng Menmu. Zhong Guo Jing Ying ShiYu Shi. 1937. 1986-yili, qayta neshiri 348-bet.

[46] . Наливкин В. Указ. соч. С. 185; Куропаткин А.Н. Указ. соч. С. 125-126.

[47] . Центр. гос. архив Республики Узбекистан (ЦГА РУ). Ф. 1. On. 11. Д. 205. Л. 16..

[48] . Рапорт Начальника ошского Уезда Ферганской Долины. No2958 ,1877.23-dekabir. SGIA UZ. ( Özbékistan döletlik merkiziy tarixi arxipi).fond.276.delo1, l-d.57-60.. Камалов.А.К . Миграция Населения Кашгарии в Ферганскую Долину   После Падения Кашгарского Эмирата в Конце 19 век. Uyghur Studies in Kazakhstan: Tradition and Innovation. Almaty, Nash Mir. 92-

[49] .A.Kamalov. Shu eser. 93-bet.

[50] . Qing Ding Pingding Shan Gan Xinjiang Huifei fanlue .Beijing 1896. 309 ji. L.14.

[51] . Конопко С.Р. Туркестанский край. -Ташкент. 1912. -2-е изд. -С.115.

[52 ]Абытов Байболот Капарович .Город Ош в начале ХХ века (по материалам русскоязычных источников). http://www.eurasica.ru/articles.

[53] . Owen Lattimore. "Return to China's Northern Frontier." The Geographical Journal, Vol. 139, No. 2 (Jun., 1973), p. 237.

[54] .Sobelev L.N. Geograficheskie I Staticheskie Svedenia o Zerafshanskom Okruge ( S Prilozheniem Spiska Nasiyolennikh mest okruga )// Zap. IPGO po otdeleniyu statistika .SPb, 1874, t.4, c.299 prim,1.

[55] . Bronnikova O.M. Sarty v etnicheskoy istorii Sredney Azii ( K Postoanovke problem)// Etnosy o Etnicheskie prosessy.Moskwa. Vostochnaya Literatura. 1993 , s.153

[56] . Первая Всеобщая перепись населения Российской Империи 1897 г. Распределение населения по родному языку, губерниям и областям ( http:// demoscope.ru//weekly.)

[57] .shu uchur. ( http:// demoscope.ru//weekly)

[58] چوقان ۋالىخانوف تاللانما ئەسەرلىرى. 1986. ئالمۇتا. 190-بەت.

[59] . 59] .ۋالىخانوف. شۇ ئەسەر. 190-بەت.   غوجاخمەت سادۋاقاسوف. چوقان ۋەلىخانوف ئۇيغۇرلار ھەققىدە.  غوجاخمەت سادۋاقاسوف تاللانما ئەسەرلىرى. ئالمۇتا. "ئالەم " نەشىرىياتى. 2000. 55-بەت.

[60 ] .Walixanof. shu eser.  164-bet

[61 . Обозрение Кокандского ханства. С. 196.

[62) . Бабабеков Х.И. Бабабеков Х.И. Народные движения в Кокандском ханстве и их социально-экономические и политические предпосылки (XVIII-XIX вв.). Ташкент, 1990. С.7.

( 63) Губаева С.С. Уйгуры и дунгане Ферганской долины // Современное развитие этнических групп Средней Азии и Казахстана. Ч. 2. М., 1992. S.121

[64] . Izbrannie trudy Gojaxmeta sadvakasova. Almaty ,Alem, 2000. 55-bet.

[65] . Захарова И.В. Указ. соч. С. 223-224.

[66] . Кайдаров А. Уйгурский литературный язык и вопросы разработки научных принципов терминотворчества // Исследования по уйгурскому языку. Алма-Ата, 1965. Т. 1. С. 23.

[67] . Исхаков Г.М., Решетов A.M., Седловская А.Н. Современные этнические процессы у советских уйгуров // Этнические процессы у национальных групп Средней Азии и Казахстана. М., 1980. С. 75.

[68] . Никольская  Г.В. Выходцы из Синьцзяна в Туркестане в конце XIX - начале XX вв. (материалы к истории народов Средней Азии): Автореф. дис. канд. ист. наук. Ташкент, 1969. С. 15.

[69] . Маллицкий Н.Г. Ташкентские махалля и мауза // В.В. Бартольду: Туркестанские друзья. С. 113; Решетов A.M. Уйгуры в Таджикистане // Этническая история и традиционная культура народов Средней Азии и Казахстана. Нукус, 1989. С. 195;

[70] . ЦГА РУ. Ф. 23. Oп. 1. Д. 532. Л. 221-241. ( ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مەركىزىي ئارخىپى )

[71]. Верховский Н . П . Рабочий вопрос и Туркестанском крае // Экономист России, - 32, 14 aвгуста 1910. С, 4

(72] ., Владимир Дацыше.   Ф ормирование китайской общины в российской империи ( второй половине 19-го века‏- ). www.mion.isu.ru.

[73]   . И. С. Сологубов  .   иностранные коммунисты в туркестане. ташкент. 1961.


[74] .ئابدۇللا روزىباقىيېۋ 20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان سىياسىي ۋە جامائەت ئەربابلىرى ھەمدە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار يۇقىر ۋەزىپىلەردە بولغان ئىدى. 1921-يىلى ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، 1920-1922-يىللىرى تۈركىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 1922-يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە تۈركىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان كوممۇنىستلىرى بۆلۈمىنىڭ رەئىسى، 1924-1934-يىللىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى ئايرىش كومىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قازاقىستان قىزىل ئوردا كومپارتىيىسى ۋە پاۋلودار كومپارتىيىسى كومىتېتلىرىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى، قازاقىستان تەمىنات مىنىستىرى، قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، رۇسىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ھەمدە 1922-يىلى، 3-ئىنتەرناتسىيونالنىڭ 3- ۋە 4-قۇرۇلتىيىغا تۈركىستانغا ۋاكالىتەن قاتناشقان. سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ 11-، 13، 16- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان، 1925-1927-يىللىرى موسكۋادىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، 1933-يىلى، موسكۋادىكى لەنىن مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتۇراسىدا ، ئارقىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتەتى قارمىقىدىكى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئۇ، 1937-يىلى ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنىپ، خەلق دۇشمىنى ، مىللەتچى ۋە پانتۇركىست دەگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ 1938-يىلى ئېتىپ تاشلانغان. روزىباقىيېۋ، ئۇيغۇر، قازاق ، رۇس تىللىرىدىكى بىر قانچە گېزىت ۋە جۇرناللارنىڭ باش رېداكتورى ھەمدە كۆپلىگەن ماقالىلارنىڭ ئاپتورى ئىدى. ئا лма-Ата. Энциклопедия / Под ред. М. К. Козыбаева. - Алма-Ата: Гл. ред. Казахской советской энциклопедии ، 1983. - С. 455-456.

[75] .ئا.روزىباقەۋ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋەر پەرزەنتى. ئالمۇتا، 1988،

[76] .بۇرھان قاسىموف. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرگە بۆلۈنۈشى ۋە ئۇيگۇر خەلقلىرى،. كەمبەغەللەر ئاۋازى. 1924-، سەنتەبىر 25، 1924.2

[77] .ئابدۇللا روزىباقىيەۋ. گەزەك مۇئەللىملەرنىڭ ."كەمبەغەللەر ئاۋازى"، 1925-يىلى، 18-ئىيۇل سانى.

[78] .ئابدۇللا روزىباقىيەۋ. بۇرادەر سابىرجاننىڭ تەنقىتىگە جاۋاب. " كەمبەغەللەر ئاۋازى". 1926-يىلى، 8-مارت. ئاپتور بۇ ماقالىسىنى موسكۋادا يازغان بولۇپ، ئۇ بۇ ۋاقىتتا موسكۋادىكى سۋەردلوۋ نامىدىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋەرسىتەتىدا ئوقۇۋاتاتتى.

[79] . ئابدۇللا روزىباقىيەۋ، شۇ ماقالە. 1926-يىلى، 8-مارت.

[80] . Всесоюзная перепись населения 1926 года.

Национальный состав населения по республикам СССР. http://demoscope.ru/weekly/ssp/ussr_nac_26.php

[81] . ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1937-يىلىدىكى نوپۇسى . www.demoscope.ru/weekly

[82] . Всесоюзная перепись населения 1926 года.

Национальный состав населения по регионам РСФСР. http://demoscope.ru/weekly/ssp/rus_nac_26.php?reg=1476

[83] .Поляков Ю.А.  ВСЕСОЮЗНАЯ ПЕРЕПИСЬ НАСЕЛЕНИЯ 1937 ГОДА: ОБЩИЕ ИТОГИ. Сборник документов и материалов. М., РОССПЭН, 2007,  s.108-110

[84] . كەمبەغەللەر ئاۋازى .

[85] . بۇرھان قاسىموف . مۇئەللىملەر كېڭىشى ھەم بىزنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىمىز. <<كەمبەغەللەر ئاۋازى>>. 1925-يىلى، 18-ئىيۇل. ئا.روزىباقىيېۋ. بۇرھان قاسىموۋ. ئالمۇتا. "رائۇئان"، 1992. 29-بەت.

[86] . ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى. قازاقىستان << نائۇكا>> نەشىرىياتى. 1986. ئالمۇتا. 122-بەت.

[87] ئابدۇمەجىت روزىباقىيېف ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى. ئۇ 1930-يىللاردا تاشكەنتتە ئوقۇغان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.1944-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن چىقارغان <<شەرق ھەقىقىتى>> جۇرنىلىدا تەھرىر ۋە كېيىن باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ، 1946-يىلى، موسكۋادىكى پاۋلوۋ تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا بىئولوگىيە ساھەسى بويىچە دوكتور بولغان . ئۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى بىئولوگىيە پەنلىرى ئالىمى ئىدى. ئابمەجىت روزىباقىيېف سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1950-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئارىلاشقان شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ كىشى 1998-يىلى، ئالمۇتىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

[88] . خېلەم خۇدابەردىيېف. خېلەم خۇدابەردىيېف. خېلەم خۇدابەردىيېف . زامان ئىزغىرىنلىرىدا شۇڭغۇپ.( خاتىرەنامە). تاشكەنت. 2003-يىلى، 107-بەت.

[89] . خېلەم خۇدابەردىيېف . زامان ئىزغىرىنلىرىدا شۇڭغۇپ.( خاتىرەنامە). تاشكەنت. 2003-يىلى، 107-بەت.

[90] خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئۇنىڭ ئۆز كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇ ئەسەر. 116-بەت. خېلەم خۇدابەردىيېف 1918-يىلى، تۇغۇلغان. 2004-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان. ئۇ، 1937-يىلى، ئۆزبېكىستان ئوقۇتقۇچى نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئىشلىگەن، 2-جاھان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە 1947-يىلى، ئۆزبېكىستان چەتئەلچە ئاڭلىتىش رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلىگەندىن كەيىن، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ 1-سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوف تەرىپىدىن باشقا 12 كىشى بىلەن بىرگە غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ. 1949-يىلىغىچە غۇلجىدا، باشتا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدا ئېلاخۇن ئىسمى بىلەن مايور ئۇنۋانىدا مەسلىھەتچى، كېيىنرەك ئەخمەتجان قاسىمىغا سىياسىي مەسلىھەتچى بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ يوشۇرۇن ۋەزىپىئە ئۆتىگەن ئىدى. ئەمما 1950-يىللاردا ئاشكارا ۋە رەسمىي يوسۇندا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا مەسلىھەتچى بولغان. ئۇ.،20 يىلغا يېقىن ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. خېلەم خۇدابەردىيېف 1960-1980-يىللاردا سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن چىققان ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي خىزمەت ئۆتىگەن ( مىنىستىر دەرىجىلىك) ئازغىنا شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى. 1960-يىللاردا ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پائالىيەتلىرىھە يېتەكچىلىك قىلغان.

[91] . Nizat Niyazov. www.icc.uz.

[92] . V Шахрихане прошел национальный фестиваль уйгуров 19.09.2011

[93] .   Национальный статистический комитет Кыргызской Республики. Перепись населения и жилищного фонда Кыргызской Республики 2009 года. Книга III(в таблицах). Регионы Кыргызстана. Город Ош. <

[94] . Ермек НАРЫМБАЙ .Задачи внешней политики Казахского государства в Средней Азии (в разрезе казахско-узбекского пограничного вопроса). http://www.zonakz.net/articles/13536

[95] .С. М. Абрамзон. Киргизы и их этногенетические и историко-культурные связи. - Л.: Наука, 1971. 1971. S.42

[96] .С. М. Абрамзон.  shu eser.43-bet

[97] . G.Gozhaxmet Sadvakasov. K Voprosu Ujgursko-Uzbekiskoj Yazykovoj Interferensii- . Izbrannyie Trudy Gozhxmeta Sadvakosova. S. 180. .Almaty. Alem. 2000.

[98] . shu eser.

[99] . غوجاخمەت سادۋاقوسوف. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر تىلى. 66-67-بەتلەر.

[100] . Винников Я . Р . Современное расселения народов и этнографических групп Ферганской долины // СЭС . П . М .,1959. 2-Tom.  468.-bet

[101] . А. К. Боровков. Узбекские говори наманганской области. Языкознание.  Tashkent. 1963. Izbrannie Trudy Gozhaxmeta Sadvakosova. 180-bet.

[102] . غوجاخمەت سادۋاكاسوۋ. شۇ ئەسەر.180-بەت.

[103] .В.А. Моисев . Россия и Китай в Центральной Азии

(вторая половина XIX в. - 1917 гг.). Барнаул: АзБука, 2003. S.224.

[104] . Александр Зиновьев. БОГАТАЯ ПРОВИНЦИЯ СИНЬЦЗЯН, БЕРИЛЛИЙ ДЛЯ СССР <http://nnm.ru/blogs/semiadmin/bogataya_provinciya_sinczyan_berilliy_dlya_sssr/>.

Бармин В.А. Советский Союз и Синьцзян 1918-1941. Барнаул: БГПУ, 1999.

( 105). مەشۇر روزىيوۋ.  ئۇيغۇر زېمىنىدا ( كۆرەش تارىخىدىن يادنامە).2007. ئالمۇتا. 64-بەت.

(106) ، شۇ ئەسەر.  64-65-بەتلەر

(107). شۇ ئەسەر .65-بەت.

(108).  ئابدۇللا روزىباقىيېف. ئۇيغۇر ئەل ئەدەبىياتى.  ( بۇرادەر سابىرجاننىڭ تەنقىدىگە جاۋاب) .كەمبەغەللەر ئاۋازى.1926-يىلى، 28-فېۋرال. بۇ ماقالە   بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. ئابدۇللا روزىباقىيېف، خەلقىم ئۇچۇن كۆيىدۇ يۇرەك. ئالمۇتا. <، جازۇشى>> نەشرىياتى. 1997-يىلى، 88-بەت.

(109). شۇ ماقالە ۋە شۇ كىتاب. 89-بەت.

(110). Ермек НАРЫМБАЙ .Задачи внешней политики Казахского государства в Средней Азии (в разрезе казахско-узбекского пограничного вопроса), http://www.zonakz.net/articles/13536 . موسكۋانىڭ قانداق قىلىپ، ئوزبەك مىللىتىنى ياسىغانلىقى ھەققىدە توۋەندىكى ماقالىدىكى ئۇچۇرلارغا قارالسۇن. Р.Масов (академик): О термине "узбек" ("озбак") встречается множество противоречивых суждений. К вопросу образования Узбекской ССР.   www.centrasia.ru


مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-20 12:36

مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى تەقتىم ئەتكەن نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىگە رەخمىتىمىزنى بىلدۇرمىز، ھەم سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە خىزمەتلىرگە ئۇتۇق تىلەيمىز. بۇ ئەسەرنى كۆرۇشىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلغان ھەر قايسى تور مۇنبەرلىرىگە،باشقۇرغۇچىلارغا شەخسەن رەخمىتىمنى بىلدۇرمەن.
خەلقېم مەن بىلەن
كۆل بىلگە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 231
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 35 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 35
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2012-11-09
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-21 00:39

تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەخمەت، لىكىن بۇنداق نەچچە تېمىگە پارچىلاپ يوللاشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ بولسا يوللۇغۇچىنىڭ ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىلارنى رەتلەپ بىر تېما قىلىشىنى تەكلىپ بىرىمەن ، ئۇنىڭدا ئوقۇشقىمۇ ئاسان بولاتتى ! شۇنداقلا نادىر تېما دەپ باھالانسا !