ناخشىچى ئات قوشنام خاتىرسىگە
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
ھەربىر يۇرتنىڭ گۈل-گۈلىستان،بوستانى باردۇر،
چىمەن ئىچرە سايرايدىغان بۇلبۇلى باردۇر.
قۇش كەبىي ئەل ئۈچۈن كۈنۇ ۋە تۈندە،
خۇش ناۋا ياڭراتقان ئەرلىرى باردۇر.
خەلقىمىنىڭ كۈلكىسى مېنىڭ ھەم كۈلكەم،
يېغىسى ئۇلارنىڭ مېنىڭ ھەم يېغام.
ناخشامدا كۈيلەيمەن خەلقنى ئەبەت،
بۇ مېنىڭ ئاداققى بەرگەن چىن ۋەدەم.
ناۋا بىرلە خەندان ئۇراي بوستانىمدا،
سۈرگىن ھوزۇر چاڭىلدايمەن خۇش ئاۋازدا.
داۋۇتجان ۋە جارۇللادەك پىر ئۇستازلاردىن،
قالغان ئۇدۇم كۈي-كۈيلەشكە ۋۇجۇدۇمدا.
سوۋغاقىپ ناخشامنى گۈل تۇتاي ساڭا،
ئەل-يۇرتۇم يۈلەكتۇر تۈنلەردە ماڭا.
بولغاچمەن پەرزەنتىڭ ساڭا ۋاپادار،
تۆلەيمەن قەرزىڭىنى سازلاپ مۇڭ ساڭا.
2012.8.15
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-10-07 10:52قايتا تەھرىرلىدى ]