ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 284 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تەرمىلەر
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-22 20:06

ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تەرمىلەر

ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تەرمىلەر



تارىخىنى غالىپلار مەغلۇپلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ. لېكىن دۈمبىسىنى تۇتۇپ بەرمىگەنلەر مەغلۇپ ھېساپلانمايدۇ. «تارىخ دەرسى»
ياشاش رەھىمسىزلىكنىڭ گىردابىدا تۇرىدىغان نەرسە؛ رەھىمسىزلىك بار يەردە – كۈرەش بولىدۇ. «تارىخ دەرسى»


--------------------------------------------------------------------------------
تارىخ ھامان تەدبىرلىك ئادەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مېھنەتكەش ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىلگىرلەپ كەلگەن. «بۇرۇت كاشىلىسى»  

ئوت ئادەتتەك نەرسىدەك كۈرۈنگەن بىلەن، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتكە قەدەم قۇيۇشىنىڭ كاتتا بەلگىسى بولدى. «بۇرۇت كاشىلىسى»
تۇرمۇشتىكى كىچىك كۆرۈنۈشلەر ناھايتى كەڭ ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشتىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. «بۇرۇت كاشىلىسى» .
ئىگىپ يىيىش ئېھتىياجى بولمىغان بولسا ئىلمەك، قىسىپ يېيىش ئېھتىياجى بولمىغان بولسا، چۇكا ئىجات بولمىغان بولاتتى «بۇرۇت كاشىلىسى»
بىر مىللەتنىڭ جىسمانى ساپاسى ئۇنىڭ تەبىئى جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك: «مۇھىتمۇ بىر خىل مەكتەپ»
مىللەتنىڭ تىلى، ئىپتىدائى دىنى، ئۆرۈپ ئادىتى، مىجەزى، تەپەككۈر ئادىتى، تارىخى رولى، ئىجتىمائى تەقدىرى قاتارلىقلار شۇ مىللەت ياشاۋاتقان مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. «مۇھىتمۇ بىر خىل مەكتەپ»
نامراتلىق كىشىلەرنى خاتا ئىشلارغا باشلايدۇ – سىنكا

--------------------------------------------------------------------------------
بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تاپقانلىرى-ياشاش زۆرۈرىيىتىدىن نېرىغا ئاشمايدۇ «تىلەمچىلىكنىڭ يىلتىزى»  
تىلەش روشەنكى گۈزەل خۇلق ئەمەس. «تىلەمچىلىكنىڭ پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس – شېكىسپىر
قۇشلار ئىنسانلار مۇيەسسەر بولالمىغان بەختتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇلاردا پاسپورت دېگەن نەرسە بولمايدۇ. پاسپورت ئۈچۈن پارا بېرىدىغان ۋە يول ماڭىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. ئۇلاردا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆزى قانۇن تۈزۈپ ئۆزى خىلاپلىق قىلىدىغان، ئۆزى پاسىل بەلگىلەپ، ئۆزى سىقىلىدىغان ئادەت يوق. ئۇلاردا تەڭرى بەلگىلەپ بەرگەن بىرلا قانۇن بار «جىبران خېلىل جىبران»
نامراتلىقتىن – مۇزىكا چىقىدۇ <<دېئېل كارنىگ>> پاسپورتى يوق ئادەم دۇنيانى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئارقىلىق چۈشىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. پاسپورت دۇنيادا تېخى سىياسى قىمارنىڭ ئاياقلاشمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە: «دۇنيادىن يىراق» مەن ئافىنا پۇقراسى ئەمەس، بەلكى دۇنيا پۇقراسى «سۇقرات»
بىزئۆزىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىشىنى بەك ئارزۇ قىلىمىز. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايمىز. «دۇنيادىن يىراق»
گېرمان مىللىتى باشقىلاردىن خەيرى ساخاۋەت كۈتۈشكە ئىنتايىن ئۆچ.
يوقالسۇن ئاجىزلار – گېرمان پەيلاسۇفى نېتزى

--------------------------------------------------------------------------------
20-ئەسىردىكى ئىشخانا مەدەنىيىتى ئەرلەرنى ۋۇجۇدىدىكى ئەركەك تۈكىدىن مەھرۇم قالدۇردى. «ئەزىمەتلەرنى نەدىن تاپىمىز»
روھى ئاجىزلىق – بارلىق مۇنقەرزلىكنىڭ ئانىسى. شۇڭا ئىنسان ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بۈيۈك قۇرلۇشى خارەكتىر تەربىيەسىدىن باشلىشى كېرەك. «ئەزىمەتلىرىمىزنى نەدىن تاپىمىز»

--------------------------------------------------------------------------------

ئادەمنىڭ ئۆزى ئەيىبلىك ئەمەس، ئۇنىڭ قىلمىشى ئەيىبلىك.-رىم مۇتەپەككۈرى سېسرۇ
قۇياش ھەر كۈنى يېڭى «ئەنئەنە ۋە تارىخ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»
ئەنئەنە تەرەققىياتقا ئوخشاش مەنىداش سۆز بۇلۇپ، ئۇ «تۈنۈگۈن»گە ئايلىنىۋاتقان «بۆگۈن»، «بۆگۈن»گە ئايلىنىۋاتقان ئەتە » «ئەنئەنە ۋە تارىخ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»
روھى جەھەتتىكى گاسلىق – گاچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. – دانىيەتلىك بىراندىس.
ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مۇنەك بۇلۇپ كەتكەن تەدبىرلەرنى بالىلارنىڭ ئېڭىغا تاڭىمىز. ئۇلار ئۆگىتىپ قۇيۇشتەك بىر تەرەپلىمە مىتودولوگىيەنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئۆزىگە خاس تەپەككۈر شەكلىنى يوقىتىدۇ. جەمىيەت يېڭىلىققا مۇھتاج بولغانسېرى، يېتىشىپ چىققان كۈچلەر كونا رامكا ئىچىدە تېپىرلايدۇ؛ «ئەنئەنە ۋە تارىخ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»  

--------------------------------------------------------------------------------
نېمىس مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئارمىيەدىن بەكرەك مۇھىم – كارىل ياسسپرېس (گېرمانىيە پەيلاسۇپى)
ئىنسانلارنىڭ خاتالىشىش تارىخى – ئوينىلىپ تېخىى        ئاياغلاشمىغان كومىدىيەدۇر- ئاندىرو توماس

--------------------------------------------------------------------------------
خاتالىقنى تونۇپ يېتىش ھەرگىزمۇ كەينىگە قايتش، پۇشايمان ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىش ئەمەس، بەلكى داۋاملىق ئالدىغا مېڭىش، ساغلام ھايات ئىمكانىيەتلىرىنى، جىنايەتسىز ئەقىل يۈرۈشلىرىنى، ئەندىزىلەرنىڭ مۇۋازىنەتلىك ئۆتمۈشلىرىنى چەكسىزلىك پەللىسىگە يەتكۈزۈشتۇر؛ «مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ياتلىشىشى»
يەھۇدىلار نېمىگە تاينىپ ياشايدۇ؟ مانا بۇ ھەقىقى يەھۇدىلار مەسلىسى –يەھۇدى يازغۇچىسى شولوم ئاليھىم

--------------------------------------------------------------------------------
يەھۇدى ئالىملىرى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ %17 تىنى، ئامېرىكىدىكى مىليونىرلارنىڭ %20 تىنى ئىگەللىدى. ئامېرىكىدىكى ھەر بەش سىتودىنتنىڭ بىرى يەھۇدى. بىز ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بەرسەكلا، ئۆز مەسلىمىزگە جاۋاپ تاپالايمىز. ئېدىيە بىلەن ھەركەتنىڭ ئارىلىقى يىراق ئەمەس. «مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ياتلىشىشى»
دېھقانلار ھەربى قۇشۇننىڭ مەنبەسى – ناپالىئون
--------------------------------------------------------------------------------

ئۆرە تۇرغان دېھقان – ئولتۇرغان جاناپتىن ئەلا – فرانكلىن

--------------------------------------------------------------------------------

2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى رەھبەرلەردىن چىرچىل، دېگىل، ئىزىنخوۋىرلار دەھشەتلىك ئۇرۇش پەيتلىرىدىمۇ تارىخ، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىدىغان كىتاپلارنى ئوقۇغان.  
رەھبەرلەردىكى بىيۇكىراتلىق ئىستىلى شۇنچىلىك يامرىدىكى، ئۇ بەئەينى يېڭى تىكىلگەن كۆچەتنىڭ ئاستىغا قۇيۇلغان شوردەك ھېچنىمىنى ئاينىتمايدۇ. «تېلېۋىزور ۋە پىكىر قىلىش كېسىلى»
--------------------------------------------------------------------------------
پۇقرانىڭ جەۋھىرى-ئەقىل «ئىسلامجان شېرىپ» ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىنكاس – پىكىر سەزگۈسى بۇلۇپ، ئۇنىڭ نەتىنجىسى – ئەقىلنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. (ئاپتورى مەن) بىراۋ بىر دانىشمەندىن سوراپتۇ:
--------------------------------------------------------------------------------
-قاچان قىيامەت قايىم بولىدۇ؟
-ئېتىقاد يوقالغاندا،  
--------------------------------------------------------------------------------

-ئېتىقاد قانداق ۋاقىتتا يوقالغان بولىدۇ؟ - ئىش شۇ ئىش ئەھلى بولمىغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاندا. پەننى بىلىپ، سەنئەتنى چۈشەنمىگەنلەر يېرىم نادان، سەنئەتنى بىلىپ پەننى چۈشەنمىگەنلەر يېرىم نادان، يۇقارقىلارنى بىلىپ، ئەقىدىنى چۈشەنمىگەنلەر پۈتۈن نادان؛ «كومپىيوتېر، سۈزۈك دۇنيا،بېكىنمە پۇقرا»
ھەر قانداق بىر بىلىش شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھاياتتىن كەلگەن. مائارىپ بىر خىل بىلىش شەكلى ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە، باشقىلارغا، دۇنياغا ئۆزى بىلەن ئۆزگە دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا قانداق دىققەت قىلىپ، قانداق مۇئامىلە قىلىشنى جانلىق ھالدا ھېس قىلدۇرىدىغان پەۋقۇلئاددە تەربىيە شەكلى. «مائارىپ شۇنداق جەريان»

--------------------------------------------------------------------------------

مائارىپ ئالى جاناپ ھاياتنىڭ ماكانى بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ تۇرمۇشتىن يىراقلاپ كەتكەن ئوقۇم ۋە رامكىلارنىڭ ئىسكىلاتى بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك: «مائارىپ شۇنداق جەريان»    
ئۆگىنىش – مەكتەپتە ئەمەس ، بەلكى ھاياتتا. رىم مۇتەپەككۈرى سىنكا

بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ئېدىيەسى نەدىن كېلىدۇ؟ قىسقىچە ئېيتقاندا شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدىن كېلىدۇ؛ «مائارىپ شۇنداق جەريان»
باي پۇقرانى 10 يىلدا ياراتقىلى بولىدۇ. لېكىن روھى كامالەتكە يەتكەن پۇقرانى يارىتىش ئۈچۈن 100 يىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ» «مائارىپ شۇنداق جەريان»
ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇچ كېلىدىغان مەسلىسى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ؛ «مائارىپىمىزدا بىلىم كىرزىسى» ئەگەر سەن ئادەم بولىدىغان بولساڭ ، ئەلنىڭ غېمىنى يېمىگەنلەرنى ئادەم ھېساپلىما – ئەلىشىر نەۋائى
بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ.

http://www.baxkeram.com/kurux.asp?id=476


خەلقېم مەن بىلەن
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-22 20:51

بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ.
..................................................................................كاتتا ئۇستاز
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-23 01:10

يېتىلىۋاتقان ياش پەيلاسوپ...
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-25 15:46

ئالىمى يوق مىللەت زالالەت ئىچىدىكى مىللەت.
خەلقېم مەن بىلەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-26 12:34

يىگىتلىرىم ھاراقنى تاشلاڭلار...
مۇقەددىمە ئورنىدا تۆۋەندىكى يازمىلارنى سىلەرگە تەقدىم قىلاي ....
مىللەتنىڭ خاراپىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالمىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى، كەمبەغەللىك ، جاپا- مۇشەققەت ، كۈچسىزلىك سەۋەپ بولىدۇ.
-ئابدۇقادىر جالالىدىن