ئالداندىم ...
(ساتىرا)
قاراخان
نىتەي بۈگۈن ئىچى ئالۋۇن، تېشى ئالۋاستىغا ئالداندىم،
سۆزى مايمۇن،ئۆزى مەلئۇن، ئېشى<< قاپقان>>غا ئالداندىم،
تېشى گۈلگۈن،دىلى ئەپسۇن ،يېشى يالغانغا ئالداندىم،
ئۆزۈمنى بەك زىرەك چاغلاپ، بېشى <<قايغان>> غا ئالداندىم،
نوقۇپ تۇرسا ساۋاق ھەردەم، <<چىشى >>ھىڭگانغا ئالداندىم.
بوسۇغامدىن نېرى كەتمەي تۇتسا<< تومۇر>>نى ئەركىلەپ،
چىقسا تۆرگە ئاياغ سالماي قويدۇم تېگىنى كۆرپىلەپ.
ئىت ،مۈشۈكنى پەش،چاغ دىدىم سېنى يېنىمدا پەپىلەپ،
ئەسلى كاززاپ بۇ كۆڭۈلگە كىرىپ-چىقىپسەن پەتھىلەپ،
بىر ئەمەس ،بىرنەچچە رەت نېسى <<ئالقان>>غا ئالداندىم.
<<پۇل تاپا>> دەپ گەپكە قالماي، <<مۇستاپا>>نى ئويلۇدۇم،
ھاجەتمەننى <<مۇھتاج >>دىدىم ، نائۈمۈددە قويمۇدۇم،
ساناپ ئەمەس ،ساۋاپ ئۈچۈن پۇشايمان يەپ تويمۇدۇم،
مۇناپىقلىق چىقىپ تۇرغان كۆزىڭدىن خەپ ! تۇيمۇدۇم،
بەز ئەمەس ، يا گۆش ئەمەس خۇيى <<تالقان>>غا ئالداندىم.
ئۆزدە يوق ئالەمدە يوق شۇ پۇلنى خەقتىن سورىماي،
<<يوق>>دىسەم بولماسمىدى سېخى ھاتەمنى دورىماي،
ئۆزرە قويسام بولماسمىدى يوق پۇلغا ئەسلا جورىماي،
خەقتىن ئېلىپ خەققە بەردىم ،پىشقان ئورمامنى ئورۇماي،
سۆزۈم تۇرماق ،ئۆزۈم ئۆلدۈم مېنى <<چالغان>>غا ئالداندىم.
زاكات دىمە ساڭا بەرگەن خىجالەتتىكى پۇلنى،
بىسات دىمە ساڭا بەرگەن ئامانەتتىكى پۇلنى،
پاسات دىمە ساڭا تاپقان شەرىئەتتىكى يولنى،
ئۇيات دىمە سۆيۈپ قويساڭ پېقىر پۇل بەرگەن بۇ قولنى،
<<غورىگۈل>> ياق <<سېرىقتال>>دا مېنى <<قويغان>>غا ئالداندىم.
ئىبلىسنى مەن نومۇسسىزدىن قورقىدۇ دەپ ئاڭلىغان،
ئەمما سېنى مەرت يىگىت دەپ ئەل كۆزىدە داڭلىغان.
ئەپسۇس ئاختا ئىشەككەنسەن، ئۇسۇل ئويناپ ھاڭرىغان،
ئۆزگىلەرنىڭ تەخىيىنى قۇيرۇققا چىڭ باغلىغان.
ئادەم سۈپەت مەخلۇققا ياق! پىرى شەيتانغا ئالداندىم.
چېكەڭ گۈل قىسقۇدەك توۋا؟ قوڭۇڭنىڭ يوق سۆلى بۇدەم،
كۆرسەڭ پارچە بۇلۇت قويماي تېرىپ يۈردۇڭ تېخى بىنەم،
خوتۇن تۇرماق بالاڭنىڭمۇ غېمىدىن سەن نېرى بىغەم،
ئاچا-سىڭىل،ئايالىڭنى شېرىك دىسەڭ قەرزگە ھەم!
قوڭىدا سارجا ئىشتان پوق!، ئېتى مارجانغا ئالداندىم.
تۇل خوتۇننىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالدىڭ قەرز سوراپ،
پۇلنى ئېلىپ چىقمىدى، يىللاپ سېنىڭدىن بىر جاۋاپ،
بىلمىدىم سېھرىڭ نىمە ھەقدارغىمۇ قالدىڭ ياراپ ،
ئەمما پۇلنى سۈيلەپ قالسا تۇرىسەن بۇتتەك قاراپ،
ئاشۇ يەڭلىغ قەسەمخورغا، گېپى چانغانغا ئالداندىم.
ئاغزىڭ بىلەن قولۇڭ ئەجەپ يۇمشاق ئىكەن پىلىكتەك،
پۇلدارلارنى ئېرىتىسەن قەرز سوراپ يىلىكتەك،
مىڭ جاپادا تاپقان پۇلغا تىكىلىسەن شېرىكتەك،
پۇلنى ئېلىپ قاراڭنىمۇ كۆرسەتمەيسەن كىيىكتەك،
سۆزى پالۋان،يۈزى يەڭلىك،ئۆزى مىكىيانغا ئالداندىم
ئامانەتكە خىيانەت قىلغاننى دەر مۇناپىق،
ۋەدىسىدە تۇرمىغانمۇ ئاشۇ تىلغا مۇۋاپىق،
ياغاچ قازان دەيدۇ يالغان سۆزلىگەننى خالايىق،
پۇلنى قايتۇر دىسە يوللۇق، ئۈرۈشقانلار ھاراملىق،
كىپەن كىيىپ ،زەھەر يىگەن، يۈزى <<سامان>>غا ئالداندىم.
قانداق كۈنۈڭ ئۆتەركىن ئەلگە قورۇپ سەن توزاق،
ياشلىغىڭدا ھورۇن ئۆتسەڭ قېرىغاندا ئىش چاتاق.
قويمۇچىلىق قىلىپ ئۆتكەن كۆڭۈل ئەينى بىر دوزاق،
ئىشلە سەنمۇ تاپ روناق،بولساڭمۇ دوك يا چولاق.
مېنى خەققە گۆرۆ قويغان ،تۈرى ھايۋانغا ئالداندىم!
نەدە بولساڭ قەرزدارسەن بەرمىگەننى بىر كۆرەي،
تۇغۇلۇپ سەن بۇ دۈنياغا ئۆلمىگەننى بىر كۆرەي،
ئالا بولغان شۇ كۆڭۈلنىڭ كۈلگىنىنى بىر كۆرەي،
ئەلنى ئالداپ ،كۆككە يەتكەن <<گۈل>> بېشىڭنى بىر كۆرەي.
مېنى ساددا چاغلىغان ،گۆرى زىندانغا ئالداندىم.
كۆڭۈل قالدى سېنىڭدەك نەسلى پۈچەك زادىدىن،
قانداق چىقار قىلمىشلىرىڭ ئەل -ئاۋامنىڭ يادىدىن.
ئەسلى شاتراق موزايكەنسەن چۈشۈپ قالغان پادىدىن،
سەندىن ياخشى زۇۋان چىقار بوغۇز يىگەن مادادىن،
ۋىجدانىغا كۈيە چۈشكەن تېگى ۋەيرانغا ئالداندىم.
لەۋزى دىگەن پەششاپ بىلەن ئەمەل تاپار بەندىدە،
سېنىڭ لەۋزىڭ بۆشۈگۈڭدە بۇلغانغانمۇ گەندىدە،
ئادەم گەپتە ،ياغاچ دىگەن تۈزەلمەمدۇ رەندىدە،
بايۋەچچىدەك سۆلىتىڭنى تەڭ قىلمايمەن جەندىگە،
ئۈستۈمگە تاغدەك غۇلىغان نېسى، نىمجانغا ئالداندىم.
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-09-08 09:54قايتا تەھرىرلىدى ]