ھىكايە
ئەسقەت ھوشۇر
ئۇزۇن يوللۇق كەچلىك ئابتوبۇسقا چىقتىم،ئۈچ رەت ئىككى قەۋەتلىك تار ياتاقلىق ئاتوبۇس يولۇچىلار بىلەن لىق تولغان ئىدى.بىلەت نومۇرۇمغا ئاساسەن ئوتتۇردىكى كارۋات بولغان ئورنۇمنىمۇ تېپىۋالدىم.ئوڭ يېنىمدا بىر خەنزۇ موماي،سول يېنىمدا شۇنداق كېلىشكەن چىرايلىق، 45 ياشلار چاممىسىدىكى چاچلىرىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بويىۋالغان ، كۆزلىرى ئويناپ تۇردىغان سەدەپتەك سۇزۇك چىراي بىر ئۇيغۇر ئايال ئورۇنلاشقان ئىدى.ئاپتوبۇس قۇزغۇلۇپ ئالاھىزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن،چاپىنىمنىڭ پېشىنى بىرى تارىتقاندەك بولدى قارىسام،ئاستىمدىكى كارۋاتقا ئورۇنلاشقان ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر ئەر ئىكەن،ئۇ قولۇمغا قەغەزدەك بىر نەرسىنى تۇتقۇزۇپ ئورۇنلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇشنى ئۆتۈندى.ئۆزەمنىڭمۇ ئىگىز كارۋاتتا ياتالمايدىغان ئادىتىم بولغاچقا ئانچە كۆپ تالاش-تارتىش قىلمايلا قولۇمدىكى نەرسىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە ئاستىنقى كارۋاتقا ئالماشتىم.چۈشۈپلا ئالقنىمدىكى نەرسىنىڭ 50 يۈئەن پۇل ئىكەنلىكىنى بىلدىم.ھېللقى ئەر ئۈستۈنكى كارۋاتقا ئورۇنلىشىپلا ھېلقى ئايال بىلەن قىزغىن پاراڭغاچۈشۈپ كەتتى.ئۇلارنىڭ قىلىشىۋاتقان پاراڭلىرىدىن ئايالنىڭ كىيىم-كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلىقىنى،بۇ قېتىم مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ماڭغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ بىر ئەردىن ئاجىراشقان ئايال بولۇپ ھازىر بويتاق ئۆتىۋاتقانلىقىنى،ئەرنىڭ مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ كۇرۇسقا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.ئاتوبۇس 2-3 سائەت يول يۇرگەندىن كېيىن يولۇچىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئاستا-ئاستا بېسىلىپ،ئاندا-ساندا ئۇيقۇغا ماڭغان خورەك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدىيۇ،ئەمما ھېلقى ئەر-ئايالنىڭ كۇسۇرلاشقان ئاۋازلىرى توختىمىدى.ئاپوتۇبۇس ئىچىدىكى جىمجىلىق ۋە ئارلىقىمىزنىڭ يېقىنلىقى سەۋەبىدىن،ئۇلارنىڭ قىلىشقان پاراڭلىرى قۇلىغىمغا بەك ئېنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى.ئەر ئالىقاچان يەمچۈك تاشلاشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ،گەپ -سۆزىنى ئاڭلىغىنىمدا،ئايالنى ئەمدى تىللىۋېتىدىغان بولدى دەپ ئويلايتىميۇ، ئايالنىڭ ھىچ ئىش بولمىغاندەك كەيپىياتتا داۋاملىق سۆزلەۋاتقانلىقنى ئاڭلاپ،كېلەر قېتىم چوقۇم تىلىۋېتىدۇ دەيتىم،بۇ خىل ئەھۋال نەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن،تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى بېسىلىپ قالدى،ھە ئەمدى ھەر ئىككىلىسى تولا سۆزلەپ ھاردۇق يەتكەن بولسا ئۇيقىغا مېڭىپتۇ دە-دەپ ئويلىدىم، بىراق ناھايىتى تېزلا كاللامدىكى ھېلقى ‹ تىللىۋېتىدىغان بولدى ›دىگەن تۇيغۇنى يوقاتقان ئىتلارنىڭ يالاق ئىچكەندىكى ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز قۇلاقلىرىمغا ئاڭلىنىشقا باشلىدى...