ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى مەكتەب كاشىغەرىيەدە بارلىققا كەلگەن
نوپۇزلۇق ئىلىم مۇتەخەسسىسى، مىسىرلىق ئالىم ئەھمەد ئەمىن يازغان ‹‹ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى››ناملىق ئەسەرنىڭ 3-توم 48-، 49-بەتلىرىدە (خەنزۇچە نەشرى بولسا كېرەك__ تەرجىمان بارلاستىن) :« ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە تېخى مەكتەب(مەدرىس) يوق ئىدى. دەسلەپتە دىن تارقاتقانلار ۋە كېيىنچە دىن تارقاتقۇچىلاردىن مەكتەبنى (مەدرىسنى) بىلىدىغانلار يوق ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن 400 يىللارچە كېيىنلا مەكتەب بارلىققا كەلگەن. مەكتەبنى دەسلەپتە بىنا قىلغۇچىلار نىشاپۇرلۇقلاردۇر. ئۇلار ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى مەكتەب (مەدرىس) بولمىش بەھگىيە مەكتىبىنى بىنا قىلغان»، «تۇنجى مەكتەبنى 1027-يىلى ۋاپات بولغان ئەبۇ ئىسھاق ئىسفەرەئىي دېگەن زادنىڭ بىنا قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئالىملار ھىجىرىيە 456-يىلىدىن 485-يىلىغىچە (مىلادى 1065-يىلىدىن 1094-يىلىغىچە) سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ(سەلجۇق تۈركلىرى قۇرغان) ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك تۇنجى مەكتەب بىنا قىلغان كىشىدۇر، ئۇ باغداد، بەلخ، نىشاپۇر، ھىرات قاتارلىق جايلاردا مەكتەب بىنا قىلغان، دەپ دەلىللەشمەكتە»دەپ ئېنىق يازغان(يەنە شۇ كىتاب 206-بەت، خەنزۇچە نەشرى بولسا كېرەك__ تەرجىمان بارلاستىن).
ناجۇڭ دېگەن تۇنگان تەتقىقاتچى يازغان‹‹ ئەرەب ئومۇمىي تارىخى››دېگەن كىتابنىڭ 1-توم 625-بېتىدە (خەنزۇچە) :«نىزامۇلمۈلك سالدۇرغان نۇرغۇن مەكتەبلەر بىردەك دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ ئىچىدە باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسى ھەممىدىن مەشھۇردۇر»دەيدۇ. مەزكۇر كىتابنىڭ 236-بېتىدە يەنە مىلادى 1010-يىلى باغدادتا بەيتھېكمەت دارىلئۇلۇمى (ئالىي بىلىم يۇرتى) قۇرۇلغانلىقى، سەل كېيىن قاھىرەدە دارىلئۇلۇم قۇرۇلغانلىقى نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ. مانا شۇلاردىن ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ‹‹جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئىسلام دىنى تارىخى››(خەنزۇچە) نىڭ 1-توم 117-بېتىدە خاتىرىلەنگەن تارىخىي پاكىتتا قاراخانىيلار ھۆكۈمرانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان( مىلادى 910-يىل__ 955/956-يىل)دەۋران سۈرگەن مەزگىللەردە كاشىغەردە ساچىيە مەدرىسىنىڭ بارلىقى يېزىلىدۇ. مانا بۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى ، يەنى ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخىدىكى تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى(ئۇنىۋېرسىتېت) بولۇشقا مۇناسىپ. ساچىيە مەدرىسى نىزامۇلمۈلكنىڭ مىلادى 1065-يىلى بىلەن 1094-يىلى ئارىلىقىدا سالدۇرغان باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسىدىن يۈزيىلدىن كۆپرەك بۇرۇندۇر ؛ ئەبۇ ئىسھاق ئىسفەرەئىي (مىلادى1027-يىلى ۋاپات بولغان ) سالدۇرغان مەدرىسلەردىنمۇ يېرىم يۈزيىلچە بۇرۇندۇر.
مەنبە:ozdiyar.com