داڭلىق چاخچاقچى ئوغلاندىن ئايرىلدۇق
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
(خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇنغا مەرسىيە)
تۈنۈگۈن 22:01 چىقىرىشچۈشۈرۈش (15.36 KB)
يامانلارغا يامان كۈن،«ياخشىلارغا روزا» بار،
شادلىق يېشى ئوينىغان چاناقلارغا ياغدى قار.
كۈلدۈرگەنلەر قېپقېلىپ،يىغلاتقانلار يۈتسىدى،
ئەپسۇس، پەلەك ئەكسىچە قىلدى بىزنى ھازىدار.
كۈلكە بەرگەن باغلارغا،كۈلكە بەرگەن تاغلارغا،
ئەل بېشىدا چۈشكۈنلۈك ھۆكۈم سۈرگەن چاغلارغا.
ئىلى دەريا قايغۇسى، شاۋقۇنىدا ئۈنى بار،
مەلھەم ئىدى چاقچىقى كۆرگەن ئەلەم-داغلارغا.
ئەل بالىسى قازاغا ئۇچرىغان بۇ شۇم خەۋەر،
ئېزىۋەتتى جۇدالىق، قولنى ئىشتىن توختاتتى.
تۇداخۇننى كۆرگەندە كۈلەر ئىدى چېھرىمىز،
ئۈمىدۋار شۇ سىماسى يۈرەكلەرنى يىغلاتتى.
ھېسامكامنىڭ كۆزى نەم،ياقۇپ،ھېبى بەزلەيدۇ،
بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق، كۆزياش ھامان پەسلەيدۇ.
تېنى مېيىپ بولسىمۇ روھىي باي شۇ تۇداخۇن،
ئۇنۇتمايدۇ خەلقىمىز سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ!
تۇداخۇن پاكار كىم؟
خەلقىنىڭ روھىنى چۈشۈرمەي،ئىشەنچىسىنى يوقاتماي ،قايغۇ ئىچىدىن خوشاللىق تاپالايدىغان،تەمكىن كۈلگۈنچەك ،خۇشچاقچاق ،باتۇر ،ئەمگەكچان خەلىقىنىڭ كۆڭلىنى خوشال قىلايدىغان-----تۇداخۇن پاكار.
تەمسىللەردە<<يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر>>دىيىلىدۇ،باتۇرلار ئەزەلدىن مەرد،سېخىي،ھالال،لەۋزىدە تۇرىدىغان،پەسلىك،نامەرتلىك ،ھىلە-نەيرەڭدىن خالى ئاق -يىلىك،ئاق ئۇستىخان كىلىدۇ.مۇنداقلارنىڭ ناخشىسىمۇ،كۈلكىسىمۇ، يىغىسىمۇ ئوخشاشلا <<گۈلگە-گۈل>> قويغاندەك شۇنداق چىرايلىق كۆرىنىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىگە تۇداخۇن روزى ئىسىملىك يېڭى بىر چولپان كىرىپ كەلدى.چاقچاقچىمىزنىڭ بويى بىر گەز ،ئويى مىڭ گەز كىلەتتى.كىشىلەر باشتا ئۇنىڭ يۇمۇرستتىك خۇسۇسىيىتىگە ئانچە دىققەت قىلمىدى.ئۆز ۋاقتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمى <<ئىلى مەشرىپى>> ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات -سەنئەت كىچىلىكىدە ئوينالغان<< ھەممە ئادەم باراۋەر>>،<<بالىسىنى يوقلاش>> قا ئوخشاش ئىتوت -كۈلدۈرگىلەرنى ئويناپ چىققاندا تاماشىبىنلار يەڭگىل تەسىراتلاردا بولدى.
كىيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيىتى كىشىلەرگە تېز يۇمۇرۇستىك ئىنكاسى بىلەن نامايەن قىلىپ ئۈلگۈردى.
ئۇنىڭ بويى 90 سانتېمىتىر ،ئېغىرلىقى تەخمىنەن 45 كىلوگىرام كىلىدۇ.
تۈنۈگۈن 21:53 چىقىرىشچۈشۈرۈش (45.9 KB)
تۈنۈگۈن 21:53 چىقىرىشچۈشۈرۈش (39.09 KB)
تۇداخۇن ئايالى بىلەن بىللە
تۈنۈگۈن 21:53 چىقىرىشچۈشۈرۈش (26.91 KB)
تۇداخۇن ئايالى ،پەرزەنتى، دوستلىرى بىلەن بىللە
تۈنۈگۈن 21:53 چىقىرىشچۈشۈرۈش (49.21 KB)
تۇداخۇننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى
تۈنۈگۈن 21:55 چىقىرىشچۈشۈرۈش (56.43 KB)
مەنبە: مىسرانىم
مەرھۇم چاقچاقچىمىز 42 يېشىدا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ۋاپات بولدى... ئالمىزاردىن يۆتكەلدى
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-07-29 12:31قايتا تەھرىرلىدى ]