سەن كۈيۈملۇك ئاتىمۇ؟
كۆيەلمىسەڭ بالىغا سەن كۆيۈملۈك ئاتىمۇ؟،
سۆيەلمىسەڭ بالىنى سەن سۆيۈملۈك ئاتىمۇ؟،
ياخىشىلارنىڭ ئالدىدا سەن ئۈلگۈلۈك ئاتىمۇ؟،
مېھرىڭ ئاتەش ئوت بولماي سەن كۆيۈشلۈك ئاتىمۇ؟،
ياخشى بىلەن ياماننى ھەق كۆرۈشلۈك ئاتىمۇ؟.
بالاڭ تىنەپ باشقىنىڭ ئىشىكىدە يۈرمەكتە،
بويۇن قىسسىپ دەرت تارتىپ قاباھەتتە ئۆتمەكتە،
ئاتام قاچان كېلەر دەپ ئىنتىزاردا كۈتمەكتە،
كىچىك تۇرۇپ بېشىغا سەۋدا ئازاپ چۈشمەكتە،
مېۋە بەرمەي تال تۇرۇپ سەن ئۈزۈملۈك ئاتىمۇ؟.
سەھەر كەچتە يېنىدا تەربىيەنى بەرمىسەڭ،
ئۆگۈنىشى قانداقراق تاپشۇرۇقنى كۆرمىسەڭ،
ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگۈتۈپ ئەدەپلىك بول دېمىسەڭ،
كارىڭ بولماي بالىغا قىلغىنىنى سەزمىسەڭ،
بالىسىغا مېھرىبان سەن مەڭگۈلۈك ئاتىمۇ؟.
خانىمىڭدىن بىر سوراق كۆرەلمەيسەن بالاڭنى،
بالاڭ كەلسە دالدىغا ئەپ قاچىسەن قاراڭنى،
قاچانغىچە يوشۇرۇپ ئۆتەلەيسەن ياراڭنى،
بولدى ئەمدى بۇزمىغىن قاپاق چۈشكەن باراڭنى،
سەن بالاڭغا يول ئاچقان يۆلەنچۈكلۈك ئاتىمۇ؟.
چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز
ئاپتورنىڭ ئىجازىتى ئېلىپ يوللانغان .
[ بۇ يازمىنىتىمتاس 2012-07-30 12:01قايتا تەھرىرلىدى ]