سالام ئەي ۋەتەننىڭ جەسۇر شۇڭقارى
(ئارمىيە بايرىمىغا بېغىشلايمەن )
ئەي ئۇلۇغ مۇقەددەس بۈيۈك ئارمىيەم،
يوللايمەن يۈرەكتىن ئوتلۇق سالامنى.
چېگرادا تىك تۇرۇپ خۇددى قارغايدەك،
ساقلايسەن دۈشمەندىن ۋەتەن، ئاۋامنى.
سەن بولغاچ ياشىدۇق گويا جەننەتتە،
چېچەكلەپ خۇش پۇراق چاچتۇق ۋەتەندە.
يېڭىلمەس پەلۋانلار كۈرەشتە -جەڭدە،
ھەر مىنۇت ياشايسەن ئەلنىڭ غېمىدە.
دەريالار سالام دەر، تاغلار سالام دەر،
قان پىدا قىلىشتۇر جەڭچى خىسلىتى ،
بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئوغۇل -قىزىنىڭ
سەن بىلەن ئاشىدۇ شانۇ-شۆھرىتى.
سالام ئەي ۋەتەننىڭ جەسۇر شۇڭقارى،
يار بولسۇن سىلەرگە مۇبارەك تىلەك.
سىلەرسىز نە قىلسۇن بىزدە بۇ بەخت،
ۋەتەننىڭ تۈۋرۈكى بىر سىلەر دېمەك .
قەلەمدە:ئۆزەم