ئارمىيە بايرىمىغا بېغىشلاپ
پولات نىياز
سىلەر بولغاچ بۇ ماكان،
تېنچ -ئاماندۇر ھەر زامان.
سىلەر بولغاچ ئېلىمگە،
كېرەلمەيدۇ جۇت تۇمان.
سىلەر باتۇر جەڭچىلەر،
بىزگە ھايات، نۇربەرگەن.
پارتىيەگە ئەگىشىپ،
بەخت قۇشى ئېپ كەلگەن .
ئېگىز قارلىق چوققىدا،
چېگرالاردا سىلەر بار.
بوران چاپقۇن قىلالماس ،
يولۇڭلارنى ھەرگىز تار.
قۇربان بېرىش روھىڭلار،
قايىل قىلار ھەممىنى ،
كەسكىن كۈرەش جەڭگاھلار،
تاۋلار گاڭدەك سىلەرنى.
ئەلنىڭ ئوغلى باتۇرلار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
بىز تىلەيمىز سىلەرگە،
بەخت ، زەپەر قوش تىلەك.
[ بۇ يازمىنىتىمتاس 2012-08-07 11:12قايتا تەھرىرلىدى ]