قاناتلىق تۇيغۇ
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
پىيادىمەن
كېتىپ بارىمەن
خىياللىرىم ئەگىپ كۆكتە.
كېزىپ ساھىللارنى...
يېتەرمەنمۇ ئەشۇ چېكىتتەك كەڭلىكلەرگە!
دوقال يولنىڭ ۋەزىنىگە بېقىپ،
تاڭ بىلەن تەڭ
بەسلەشتىم بەش ۋاق...!
تۈن كېچە _
يىراق كەڭلىكلەرگە ئاقماقتىمەن،
تىنىقلىرىم كەتتى بىراق،
شامال ئىلكىدە.
تىمتاس ئاققان دەريالارنىڭ سىردىشى بولۇپ،
كۈي - كۈيلەيدۇ چۈشلۈرۈم،
ئۆز پەيزىدە !
تومۇزغىنىڭ چىر-چىر ئۈنلۈشى،
ئەكىلىدۇ كۆيۈك ئاپتاپنى،
سۈبھىي-تاڭدا
پارلىغان چولپان
ئويغاتماقتا يېشىل سەھەرنى.
مەنبە؛ كونا خاتىرەم. 1985.4
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-08-06 13:57قايتا تەھرىرلىدى ]