ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 319 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلام(ئاسانەت)
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1219
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1219دانە
تۆھپىسى: 150
پۇلى: 1668 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 280
ياخشى باھا: 1548
توردا: 394(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-08-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 13:51

ئىسلام(ئاسانەت)

غاپىل ئىدىم ،نادان ئىدىم ساڭا كىرمەستە،
يەنە ئاتتا مۇسۇلمانتىم ساڭا چۆكمەستە.
مۇھتاجلاردىن غەمكىن ئىدىم ھەسرەتتە ئىدىم،
دەرتلىرىمگە بىر ئاللاھدىن داۋا كۈتمەستە.



    ئار-نۇمۇسنى جىنىم بىلەن قوغداپ كىلەتتىم،
چاقچاقنىمۇ دوستلۇرۇمغا باشلاپ بىرەتتىم.
ئىچىپ قويۇپ چاچلىرىمنى ،بىلەكلىرىمنى،
ئۆز -ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ مەغرۇر يۈرەتتىم.

تانسىخانا رىستۇراننى تۇراتتىم يوقلاپ،
بەزەن ناماز ئىغىر كىلىپ قالاتتىم ئۇخلاپ.
بارماي دەيتىم شۇ گۇناھقا شىرىك سورۇنغا،
قەدەملىرىم يەنە ئۇندا قالمايتى توختاپ.

ئۇ-بۇنىڭدىن گۇناھ قانداق ئاڭلاپ تۇراتتىم،
شۇ گۇناھقا يەنە قولنى تەڭلەپ تۇراتتىم.
ئازغۇن قەدەم تۇرسىمۇ گەر ھەر بىر قەدىمىم،
ئۆزۈمنى پاك مۇسۇلمان دەپ داڭلاپ تۇراتتىم.

ئىستىقامەت كۇرزىسىدا ساڭا باش قويۇپ،
بۇ يوللارنىڭ ھەقلىغىنى يۈرۈگۈم تۇيۇپ.
ھوزۇرۇڭغا سەۋدالىغىم باشلاندى رەببىم،
كەلدىم شاپائىتىڭ ئىزلەپ، ھەممىگە تويۇپ.

كىتابىڭنىڭ قۇرلىرىدىن نۇرلاندى دىلىم،
يوللىرىڭدا پىدا بولماق شۇدۇر قەسىمىم.
ئۆتمۈشتىكى ئۆز-ئۆزۈمدىن نۇمۇسلىنىمەن،
ئىسىت گۇناھ-كىبىرگە يار بولغان قەدىمىم.

يۈزلىرىمنى نۇرلاندۇردى پەرھىزىڭ ناماز،
ئۇنسىز ئۆتكەن شۇ كۈنلىرىم ئەسلىكەن ئاياز.
ياشلىغىمنى گۈلگە پۈركەپ ئۆتكەن چاغلىرىم،
زىمىستانكەن ،بولماپتىكەن ھاياتىمدا ياز.

ئەخلاق-ھايا، پەردىشەپنى ئەمدى ئۈگەندىم،
ئىھ ئىلاھىم مەغپىرىتىڭ مەن تىلەپ كەلدىم.
ئىسلام دىلغا قۇياش كەبى نۇرىنى چاچقان،
ئازغۇنلۇقتا ئۆتكەن دىلغا خاتىمە بەردىم.

سەجىدەڭگە ياشلىرىمنى تۆكۈپ بارىمەن،
ئىبادەتكە بۇ قەددىمنى پۈكۈپ بارىمەن.
نادانلىقتا چىچەكلىگەن ئەستىلىگىمنى،
نەپرەتلەردە ،لەنەتلەردە سۆكۈپ بارىمەن.

ھەقنى تەرىك ئەتكەن نادان، نادان بەندىمەن،
يوللىرىڭدا ساھىل بولۇپ كىيەي جەندىمەن.
ئۆمرۈمنى خاراپ ئەتكەن گۇناھلىرىمغا،
سەندىن تىلەپ مەغپىرەتلەر كۈن-تۈن غەمدىمەن.

مىنى بىزەپ ئاقلىق بىلەن كۆكلەتتى ئىسلام،
قەدىمىمنى توغرا يولغا يۈزلەتتى ئىسلام.
نامەرتلىكنى، ناكەسلىكنى، مەردانىلىقنى،
ئەجەپ نۇرلۇق تەپەككۇردا كۆرسەتتى ئىسلام.

مىڭ شۈكۈرلەر ھىدايىتىڭ بەرگەنگە رەببىم،
سەن بۇيرىساڭ جىنىم پىدا شۇدۇر قەسىمىم.
شۇنچە يىللار دىل ئىنتىزار بولغان بەخىتنى،
مەن نۇرانە قۇرئان كەرىم ئىچىدىن تاپتىم.

پەزلىڭ بىرلە توسۇپ كەلدىڭ بىزنى ياماندىن،
ھىدايىتىڭ ۋاز كەچتۈردى ئەمدى ناداندىن.
تىگىشمەيمەن ئىمانىمنى، ئىتىقاتىمنى،
بەرسە دۇنياچە جاۋاھىر ،كەچسەممۇ جاندىن.

ياخشىلىقنىڭ دەۋىتىدۇر ئىسلام شۇئارى،
زىيان تارتۇر ئىككى دۇنيا بولمىغان كارى.
مانا ئۇشبۇ ھاياتلىقتا ئىشرەتتە ياشاپ،
دەۋزەخ ئىچرە چەككەن ئازاپ شۇلارنىڭ زارى.

يۈرۈگۈمنى ئىسلام ئۈچۈن يىرىپ كىلىمەن،
ھاياتىمنى بىر دىنىمغا بىرىپ كىلىمەن.
جەينامازنىڭ ھوزۇرىدا بىر قۇلدۇر تىنىم،
”اللە نامىڭ زىكرى قىلىپ ئېرىپ كىلىمەن.

مەنبە:ئەسانەت
يازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز قالايمىقان كۆچۈرمەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەسانەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 12:12
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 13:55

ئىبادەتنىڭ ئەۋزىلى يۇشۇرۇن بولغىنىدۇر...
ۋەدەنامىنىڭ ئەۋەزىلى يۈرەك قېتىدىندۇر...   
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 15:52

مەن بىر كۆچۇرۋالسام بولاتتى، رۇخسەت قىلسىڭىز. ئەمدى يازاممىغاندىن بۇنداق ياخشى
ئەسەرنى كۆچۇرگىسى كىلىدىكەن.
خەلقېم مەن بىلەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: كونا ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 913
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە913دانە
تۆھپىسى: 78
پۇلى: 1124 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 156
ياخشى باھا: 1074
توردا: 189(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-08-17
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-07 11:06

ياخشى يېزىلىپتۇ. ئوقۇغانسېرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان   ياخشى ئەسەر ئىكەن .


دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1219
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1219دانە
تۆھپىسى: 150
پۇلى: 1668 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 280
ياخشى باھا: 1548
توردا: 394(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-08-19
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-08 01:21

سالمان ئەپەندى ،لازىم بولسا كۆچۈرۈۋېلىڭ ،سىزنىڭ ھاجىتىڭىز بىزنىڭ قايغۇمىز...