ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 224 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلچىلىك مەدىنىيىتى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 164
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە164دانە
تۆھپىسى: 40
پۇلى: 297 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 237
توردا: 28(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-08-10
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 14:49

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلچىلىك مەدىنىيىتى

 
 
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلچىلىك مەدىنىيىتى
 
 
ئابدۇۋەلى  تۇرسۇن ئەر تۇرا
 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ  گۈلچىلىك مەدىنىيىتى ، ھويلا ـ ئارام مەدىنىيىتىمىزنىڭ  بىر تارمىقى بولۇش بىلەن بىرگە ،   ئۇزاق تارىخقا  ئىگە بولۇپ ، بۇ ھال ئەلمىساقتىن بۇيان  خەلقىمىزنىڭ ئىستىتىك ـ گۈزەللىك  قاراشلىرى ، ئىجتىمايى  تۇرمۇشى ، مەنىۋىي ۋە   ماددىي ھاياتى بىلەن زىچ جىپىسلىشىپ  كەتكەن  دىيىشكە بولىدۇ  . ئەمەلىيەتتىمۇ   شەھەرلەردە  ياكى  يېزا  ـ قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان  ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ  ئۆيىگە كىرگەن كىشى ،  ئۇلارنىڭ  باي ياكى نامىرات  بولۇشىدىن قەتتى نەزەر  ، ياز ئايلىرىدا   ھەر خىل مىۋىلىك باغلار  بىلەن بىزەلگەن  جەننەتتەك  ساپ ھاۋالىق  ھويلىدا  ،    دەرىزە تەكچىللىرىدىكى  گۈل تەشتەكلىرىدە ، رەڭگا ـ رەڭ گۈللەرنى ئۆستۈرگەنلىكىنى  كۆرمەي قالمايدۇ ... خەلىقىمىز  بۇ گۈللەرنى خۇددى كۆز قارچۇقلىرىنى ئايىغاندەك  ئاسرىشىدۇ . بىزنىڭ  ھويلا ـ ئاراملىرىمىزدا    ئۆستۈرۈلىدىغان   گۈللەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ  ، ئادەتتە ئەڭ ئومۇملاشقىنى ئەتىر گۈل ، ئانار گۈل ،  قىزىل گۈل ، مودەن گۈل ، زەپە گۈل ، توپ نازۇك ، رەيھان گۈل ،  تاش گۈل ، ناماششام گۈل ، سېرىق سەبدە ، لەيلى گۈل ، تامچە گۈل  ...قاتارلىقلاردۇر . قىش كۈنلىرى ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرىلىدىغان گۈللەرنىڭ تۈرى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ...

باش باھاردىن  باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ سەھرا ۋە شەھەر ئەتراپلىرىدىكى  ھويلا ئاراملىرى ، گۈل  ۋە مىۋە چىچەكلىرىنىڭ ھىدىگە تويۇنغان بولۇدۇ ، باراقسان ئۆسكەن مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ،  ئۈرۈك چىچەكلىرىنىڭ خۇش پۇرىقى  ئەتىراپنى بىر ئالىدۇ . ھېيىت ـ  بايراملاردا  قىز ـ جۇۋانلار گۈلدەك ياسىنىشىپ ، گۈل چۈشۈرۈلگەن ئەتلەس ... چىمەن دوپپىللىرىنى كىيىشىدۇ . دىمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈل مەدىنىيىتىنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى بۇلاردىن ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ  .  

 خەلىقىمىزنىڭ   گۈل مەدىنىيىتى   ، ئۇلارنىڭ ھويلا ئاراملىرىدىكى  ئەمەلىي باغ مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشكەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشتىن سىرىت يەنە ، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ھەرقانداق ئائىلە سايمان ۋە  بىزەكلىرىدىمۇ  ، سەنئەتلەشكەن شەكىلدە ئەكىس ئېتىپ تۇرۇدۇ   : كونكىرىتنى دىگەندە ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىكى   ئىشىك دەرىزىلەرگە ، مېھراپنىڭ گىرۋەكلىرىگە ، تەكچە ئەتىراپىغا ، ئۆينىڭ  ئۈستىدىكى خادا ياغاچ ( لىم ) ، بالا بېشى  ، ئايۋان ـ ساراي ، پىشايۋان ، تۈۋرۈك ، تام ... قاتارلىقلاردىمۇ  گۈل نۇسخىللىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ  . ئۇندىن باشقا  بىناكارلىقىمىزدا كۆپ  ئىشلىتىلىدىغان  كاھىشلارغىمۇ گۈللەر چېكىلىدۇ ، بۇنداق  كاھىشلار  كۆپۈنچە  مەسچىت ، جامە ، قەۋرە  گۈمبەزلىرى  ۋە بۈيۈك زاتلارنىڭ مازارلىرىغا ئىشلىتىلىپ ئاڭا  گۈل ئويۇلىدۇ  .

   ياغاچتىن ياسالغان تۈرلۈك  ئۆي جاپدۇقلاردىمۇ  ، ھەتتا ئاياللار كەيگەن كىيىم ـ كىچەك ، زىبۇ ـ زىننەتلەردىن تارتىپ   ،  تۆرگە سېلىنغان ئوتقاشتەك گىلەملەرگىچە  ،  زەدىۋال  ، كىگىز ... قىز ئوغۇللار كىيىدىغان  چىمەن دوپپا ۋە   بادام دوپپىلاردىمۇ  ، تام ـ تورۇسلارغا  چۈشۈرۈلگەن ھەر خىل نۇسخىلاردىمۇ ... چاي ئىچىدىغان چىنە ـ پىيالە ، دەستۇرخان ، يەيدىغان ناندىمۇ ... ئۇيغۇرلارنىڭ گۈل مەدىنىيىتىنىڭ  ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ .  

بىزدە قەدىمدىن تارتىپ ،  رەخلەرگە  گۈل باسىدىغان ئادەت  ئەنئەنىگە ئايلانغان . ئادەتتە   سەرگەز ، ھەمزەك ، زەدىۋاللارغا   ئاق ماتاغا سەرگەزچىلەر گۈل باسىدۇ . گۈللەرنىڭ ياغاچ ئويمىلىق نەقىشلىرىنىڭ نۇسخىسى شاخچا گۈل ،چارچە گۈلدىن ئىبارەت بولۇپ ،  جەيناماز ، مەرەپ ياپقۇچلىرغا ، قۇببە شەكىللىك مېھراپلارغا ، مەسچىت دەرۋازىسى  ياكى مۇنارلارغىمۇ  گۈل چېكىلىدۇ ، ياكى ئويۇلىدۇ  ...

ئۇيغۇرلاردا  كەشتىچىلىكمۇ  گۈل چېكىشنى ئاساس قىلىدىغان  بولۇپ  ، كەشتىچى  قىز ـ ئاياللار   قول ، باش ياغلىقنىڭ بۇرجەكلىرىگە پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان  رەڭگا رەڭ گۈل چىچەكلەرنىڭ نۇسخىللىرىنى كەشتىلەپ  چىقىدۇ . خەلىقىمىز   شۇڭلاشقىمۇ : ‹‹ گۈل ئەڭ گۈزەل نەرسە ، بىزگە بەخىت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ ›› دەپ قارايدۇ ...  

  قول ھۈنەرۋەنچىلىك   بۇيۇملىرىمىزدىمۇ  بۇ ھال قويۇق ئىپادىلەنگەن ، يەنى پىچاقنىڭ ساپلىرى ، قەلەمتۇراش ... تىن تارتىپ ھەرقانداق شۇنىڭغا ئوخشىغان  نەرسىدە  گۈل شەكلى ئەكىس ئېتىپ تۇرۇدۇ  . شۇڭلاشقىمۇ قەلبىمۇ گۈلدەك گۈزەل ، ئىنسانپەرىۋەرلىك ئىدىيەسى  بىلەن تويۇنغان ، بۇ گۈلخۇمار  خەلىقنىڭ ئۆيىگە  مېھمان كەلسە ،ئۇلارنىڭ قەلبى چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ شادلىققا تولۇدۇ   ...

     كۆپنى كۆرگەن  ئاپپاق ساقال  بوۋىلارنىڭ دىيىشىچە ، قەدىمدە جەڭگە ماڭغان يىگىتلەر مىنگەن ئاتلارنىڭ  چۇچۇلىسىمۇ گۈل شەكىللىك بولۇپ ، قىزلار ئەشۇ يىگىتلىرىگە ساپ  مۇھاببىتىنىڭ يالدامىسى سۈپۈتىدە  گۈل نۇسخىسى  چۈشۈرۈلگەن ، گۈل جىيەكلىك قول ياغلىقلارنى سوۋغا قىلار ئىكەندۇق   ... ئەلۋەتتە جەڭگىۋار  ناخشىلارنى  توۋلاپ ، خان تەڭرى  تاغلىرىنى كەزگەن  سادىر بوۋىمىز  مىنگەن قاشقا ئاتنىڭ ئىگىرىدىمۇ ، قامچا  دەستىسىدىمۇ  ، ئات ئۈزەڭگىسىدىمۇ ، سۆيگەن يارى شەرۋانىخان بەرگەن قول ياغلىقتىمۇ ، سادىر  كەيگەن كۆڭلەكنىڭ گىرۋەكلىرىدىمۇ ...،  گۈلنىڭ ئىزناسى بار ئىدى  ...  گۈلدەك ياسانغان ئۇيغۇر قىزلىرى گۈل چىمەنگە پۈركەنگەن ساپ ھاۋالىق باغلاردا ، يىگىتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ، ئۇلارغا گۈل نۇسخا چۈشۈرۈلگەن قول ياغلىقلارنى سوۋغا قىلىدىغان ئەنئەنىۋى   ئادەت ، خەلىقىمىزدە ھازىرگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە  ...  

گۈل مەدىنىيىتى خەلىقىمىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ  قالماي ، يەنە  ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىمۇ كاتتا  روللارنى ئويناپ كەلگەن  ئىدى . داڭلىق شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر  ‹‹ئاچىل ›› دىگەن شېئىرىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىق قاراشلىرىنىڭ سىموۋۇللۇق ئىپادىسى  بولغان  ، ‹‹ قىزىل گۈل›› نى تىمسال قىلىپ تۇرۇپ  يازغان ئىدى ... 17 ـ ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن  ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ  داڭلىق  نامايەندىللىرىدىن بىرى ، ‹‹ گۈل ۋە بۇلبۇل ›› ، ‹‹ مۇھاببەتنامە مېھنەتكام ›› قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى  ، مۇھەممەت ئىمىن خىرىقتىمۇ ئۆز دەۋرىدە  گۈلچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان  ، بۇ زات 1636ـ يىلى قەشقەر شەھىرى تازغۇن ‹‹ باغچى ›› يېزىسىدا  تۇغۇلغان بولۇپ ... 30 يېشىدا ئاتىسى غوجامقۇلى بىلەن ئاپپاق خوجىنىڭ  ئوردىسىنىڭ  چار  بېغىدا ، باغۋەنچىلىك  ۋە  گۈلچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم   . ئۇنىڭ يۇقارىقى ئەسەرلىرىدىكى  ،  گۈل ۋە بۇلبۇل  ئوبىرازلىرى ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك  قاراشلىرىدىكى  ئىستىتىكىلىق ئىلمىنىت  ئاشىق ـ مەشۇقلارغا ، چىن   گۈزەللىككە ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا  گۈل  ھەقىقەتكە ، بۇلبۇل   ھەقىقەت ئاشىقلىرىغا  تىمسال قىلىنغان ...   ‹‹ گۈل ۋە بۇلبۇل›› داستانىدا   ، گۈل ۋە بۇلبۇلنىڭ مۇنازىرىسى مەركىزى نۇقتا قىلىنىپ ، ئىلغار پەلسەپەۋىي ، ئىستىتىكىلىق ۋە ئىنسانپەرىۋەرلىك  ئىدىيەلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى ...

 ئەجداتلىرىمىز گۈل ئۆستۈرۈشكە ئۇزاق زاماندىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن   ، شۇڭلاشقىمۇ ھەر بىر يۇرىتتا ، مەھەللە ، شەھەر ـ بالىقلاردا مەخسۇس باغۋەن ۋە گۈل  ئۆستۈرگۈچى گۈلچىلەر  بولغانلىقى  مەلۇم  . تارىخى ماتىرىياللاردىن مەلۇمكى ،  قەدىمىقى خانلارنىڭ ئوردىللىرىغا  مۇشۇنداق ‹‹ گۈلچى ›› لەر تەكلىپ قىلىنىپ ، ‹‹ چار باغلار›› دا  گۈل ئۆستۈرۈش ۋە  گۈل ئىشلەپچىقىرىشقا مەسۇل قىلىناتتىكەن   ... فولىكلورشۇناس ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى ›› ناملىق كىتاۋىدا يېزىشىغا ئاساسلانغاندا  ، قەشقەر شەھىرىدە گۈلچىلىك بىلەن داڭ چىقارغان پايامەت سوپى  دىگەن كىشى نەچچە ئەۋلات گۈلچىلىك  بىلەن شۇغۇللىنىپ ، خەلىق ئارسىدا داڭ چىقارغانىكەن ...

خەلىقىمىز ئارسىدا ‹‹ قىزىل گۈل ›› ھەقىقي‹‹  ئالىي  گۈزەللىك›› نىڭ ،‹‹  ھۆرلۈك›› نىڭ  ... سىموۋۇلى سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كەلگەن بولسا  ، بۇلبۇل‹‹  چىن  ئاشىق›› نىڭ ...، تىكەن ‹‹ گۈزەللىك دۈشمەنلىرى›› نىڭ ،‹‹  رەزىل كۈچلەر›› نىڭ سىموۋۇلى قىلىپ تەرىپلەنگەن  . ئۇندىن باشقا بىزدە  ‹‹ گۈل غۇنچە ›› نى يۈزى ئېچىلمىغان  نارەسىدە قىزلارغا ، ‹‹ گۈل›› نى بويىغا يەتكەن قىزلارغا سىموۋۇل قىلىدىغان ئادەتمۇ بار . شۇڭلاشقىمۇ ئانىلارنى ‹‹ ئايىقىدىن گۈل ئۈنىدۇ ››دەپ   مەدھىيەلىسەك  ، يامان ئادەملەرنى ‹‹ ئايىقىدىن تىكەن ئۈنىدىغان ›› دەپ ھاقارەتلەيمىز  ... لىۋەن ، گۈزەل قىزلارنى بولسا ‹‹ غۇنچە بوي ›› ، ‹‹ غۇنچە لەۋ ›› ... دىگەندەك گۈزەل  سۈپەتلەر ، سىموۋۇللۇق سۆزلەر بىلەن تەرىپلەيمىز  . پورەكلەپ ئېچىلغان  گۈل بەخىتكە ، ئاشىق مەشۇقلارنىڭ بىر بىرىگە قوشۇلۇشى ، مىرادىغا يېتىشىگە سىموۋۇل قىلىنغان ...  شۇ سەۋەپلىك  يېڭى توي قىلغان قىز يىگىتلەرنىڭ  ، يېڭىدىن كۆچۈپ كىرگەن ھوجۇرلىرىغا  ، ئۇلارغا بەخىت تىلەش يۈزىسىدىن ،  گۈل چېكىلگەن ياستۇقلار تىزىلىپ   ، گۈللۈك رەخلەردىن قىلىنغان  يوتقان ـ كۆرپىلەر  سېلىنىدۇ    ...

    بىزدە  ‹‹ ئانار ئۇرۇقى بىلەن ، گۈل پۇرىقى بىلەن ›› دىگەن گەپمۇ بار . قەدىمىقى كىلاسسىك داستانلىرىمىزدىن ‹‹ تاھىر زۆھرە ›› دە ، تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ مۇھاببىتى بىرجۈپ قىزىل گۈلگە سىموۋۇل قىلىنسا  ، رەزىللىكنىڭ سىموۋۇلى بولغان  قارىخان كاپىر ‹‹ تىكەن ›› گە سىموۋۇل قىلىنغان   . ‹‹غېرىپ سەنەم ›› داستانىدا  غېرىپنىڭ ئىشقى پىراقىدا  ، قەلبى دەرىتتە ئۆرتەنگەن سەنەمجان ، ئوردىدىكى گۈلچىلەر ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن ، بىر دەستە گۈلنى پۇراپ قايتا ھۇشۇغا  كېلىدۇ ...  

بۇلاردىن گۈل مەدىنىيىتىمىزنىڭ  ،  ئەجداتلىرىمىزنىڭ ۋە ھازىرقى  كىشىللىرىمىزنىڭ روھىيىتى ،  دۇنيا قاراشلىرى  بىلەنمۇ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيمىز . شۇڭلاشقىمۇ خەلىقىمىزدە ‹‹ گۈل كۆپ ئۆستۈرۈلگەن  ئۆيلەرگە بەركەت ياغىدۇ ›› دەيدىغان قاراشلار ساقلانغان . ئەكسىنچە گۈل بولمىغان ، ياكى ئۆستۈرۈلمىگەن ئۆي ، ھويلا ئارام ‹‹ شۇملۇقنىڭ بىشارىتى ›› دەپ قارىلىدۇ  .

  ئۇيغۇرلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدىمۇ  گۈلگە ئائىت  ئاتالغۇلار كۆپ ئۇچىرايدۇ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا  قەشقەر ، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى  ئارسىدا  ئىسمىدا ‹‹ گۈل ›› كەلگەن ئاياللار   %60  نى ئىگەللەيدىكەن . يەنى گۈلگە ئائىت گۈلنار ، گۈلشەن ، گۈلچىمەن ، ...دىگەندەك ئىسىملارمۇ بار . ئۇيغۇر ئاياللىرىدا چېكىسىگە چىرايلىق گۈللەرنى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلەرمۇ بولۇپ ، ئادەتتە چىرايى خۇش پىچىم يېقىشلىق قىزـ ئاياللارنى ‹‹ چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كېتىپتۇ ›› دەيدىغان  سۈپەتلەشنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز  .

 

 گۈل ھەققىدىكى ئاتالغۇلار تارىخى يازمىللىرىمىزدىمۇ  كۆپ ئۇچۇرايدۇ  ، مەسىلەن : ‹‹ ئىدىقۇت مەھكىمە سۆزلىكى ›› ناملىق كىتاپنىڭ 38 ـ بېتىدە  ، ‹‹ قادىمېز  چىچەك ›› ، ‹‹ لىنخۇئا ›› ، ‹‹شولدۇرقا ›› ، ‹‹ چەچەك ›› ... قاتارلىق قەدىمىي ئۇيغۇرلار ئۆستۈرگەن گۈللەرنىڭ ئىسىملىكى بېرىلگەن .

ئۇندىن باشقا قەدىمدە بىزدە :  ‹‹ يىپۈن   ـ توق قىزىل رەڭلىك بىر خىل گۈل ››(  ‹‹ قەدىمىقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى ›› ، 538 ـ بەت ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى )  دىگەن بىر خىل گۈلنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم

 

ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەخمۇد كاشىگەرىنىڭ دۇنياۋىي ئەسىرى ،  ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىمۇ ، گۈلگە ئائىت شېئىرىي تەسۋىرلەر بولۇپ ، بۇلاردىن  مىڭ يىل ئاۋالقى خەلىقىمىزنىڭ  ئىستىتىكىلىق  چۈشەنچىللىرىنى  بىلىپ يېتەلەيمىز :

 

                قىزىل سارىغ ئارقا شىپ ،

                يىپكىن  ياشىل يۈز كەشىپ .

                بىر ـ بىر كەرۇ  يۈرگەشىپ .

                يالىڭۇق ئانى تاڭلاشتۇق  .

(  قىزىل ـ يېشىل ، سېرىق چېچەكلەر ، قات ـ قات ئېچىلىپ  ، يېشىل رەيھانلار   ، بىر بىرىگە يۆگۈشۈپ كەتتى ، كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ تاڭ قېلىشتى ) .

  ‹‹  تۈركىي تىللار دىۋانى ››( 1ـ توم ، 513 ـ بەت  ) .

 

                

 

 

            تەگمە چەچەك  ئۈگۈلدى  ،

            بۇ قۇقلانىپ  بۈكۈلدى  .

            تۈگسىن  تۈگۈن تۈگۈلدى  ،

            يارغالىمات  يۈرگەشۈر  .

( ھەر خىل  گۈل ـ چىچەكلەر توپلاندى  ، غۇنچىللىرى خۇددى  تۆت بۇرجەكلىك  تۈگۈنلەردەك ، بىر بىرسىگە چىرمىشىپ  كەتتى ۋە ۋە ئېچىلاي دەپ قالدى ) (  ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى ›› 1ـ توم  ، 569 ـ بەت  )

 

ئىلمىي تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى ، گۈل چېڭىنىڭ  تەركىۋىدە ئاقسىل مىقتارى  % 25 ـ   % 30 ئەتىراپىدا  بولۇپ ، بۇنىڭدا ئادەم بەدىنى كېرەك قىلىدىغان ئامىنىو كىسىلتاسى ئون نەچچە خىل ئىكەن   ،  بۇ جەھەتتە ئۇ باشقا يىمەكلىكلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇدىكەن . يەنە ئىسپاتلىنىشىچە گۈل چېڭى تەركىۋىدە  كارۇتىن ، ۋىتامىن  س ، ې ، ك  ...قاتارلىق  14 خىل ۋىتامىن ، تۆمۈر ، مىس ، يود ، مىستىرۇنتىسى  ، مانگان ، ... قاتارلىق 24 خىل ئىلمىنىت  ، فىلاۋۇن  تىپىدىكى خىمىيىلىك بىرىكمىلەر ، ئورگانىك كىسىلتالار ،  ئىنزىم  قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار بار ئىكەن . گۈل چېچىكىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى سۈت ، تۇخۇم ، كالا گۆشى قاتارلىقلاردىن خېلىلا يۇقۇرى بولۇپ ، ئادەم ئورگانىزىمى سېستىمىللىرىنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەپ ، ھەزىمنى ياخشىلاش ، مىڭىنى قۇۋەتلەش دىيابىت كېسىلى ، بۆرەككە تاش چۈشۈش ، ئاشقازان ياللۇغى ، جىگەر ياللۇغى ، چىش ئاجىزلىق ، قان ئازلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، مەزى بېزى ياللۇغى ، ئاياللارنىڭ ھەيىز نۇرمال بولماسلىق ، يۈرەك قان تومۇر قېتىشىش كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەت قىلىدىكەن . ئۇ يەنە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ۋە قۇۋەت دورىسى رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ ، ھازىر نۇرغۇن دۆۋلەتلەر گۈل چېڭىدىن يىمەكلىكلەرنى پىشىقلاپ ئىشلەپ كۆپلەپ بازارغا سالماقتا ئىكەن ...

شۇڭلاشقىمۇ ئەجداتلىرىمىز ، گۈل چاڭلىرىنىڭ   رولىدىن ئىلمىي پايدىلىنىپ ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان  ھەر خىل گۈل بەرگىللىرىدىن ، خىلمۇ خىل   ئۇيغۇر  تىبابەت دورىللىرىنى ياساپ  ۋە ئۇنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلدى ...  ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىزىل گۈل بەرگىسىدىن ياسىلىدىغان ،  ‹‹ گۈلىقەن ›› بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر . 

تارىخى دېرەكلەرگە  نەزەر ئاغدۇرساق  ، ئۇيغۇرلارنىڭ  گۈلگە بولغان تۇتىملاشقان ، مۇھىت قوغداش خاراكتىرىدىكى   ئىخلاسىنىڭ ، ئۇنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرىنىڭ  ناھايىتى قەدىمىقى دەۋىرلەردىن باشلانغانلىقىنى بىلىمىز . يەنى  تۇرپان  قۇجۇ دەۋىرلىرىگە  مەنسۇپ  مىڭ ئۆيلەر ، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسى  ، كۇچا  مىڭ ئۆيلىرىگە سىزىلغان مىلادى   4 ـ 5 ـ ئەسىرلەرگە  مەنسۇپ بۇددا دىنىغا  ئائىت  سۈرەتلەرگە  ، ھەر خىل دىننىي كۆرۈنىشلەر  سىزىلىش بىلەن بىرگە ،   ئۇلارغا  تۈرلۈك قىزىل گۈل ، مودەن گۈل ، ئەتىرگۈل ، سۆلەيسۈن ، سەبدە گۈل ، ئانار گۈل ، مىزان گۈل ، چىمەن گۈل  ، تاجىگۈل ،كېپەز گۈل ، سۆگەت گۈل ، لەيلى قازاق  ، قوناق گۈل ، لالە گۈل ، نامازشام گۈل ، سېرىق زەپەر گۈل ، گۈل سۇرۇخ    ...ۋە بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۈل  شەكىللىرىنىڭ  يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئۆز رەڭگى بويىچە   سىزىلغانلىقىنى  بىلىمىز  .  كۇچا قۇمتۇرا  مىڭ ئۆيلىرىدىكى ( مىلادى  4 ـ 8 ـ ئەسىرلەرگە تەۋە  ) ‹‹ ئۇچۇش ›› دىگەن رەسىمنىڭ مەركىزىگە ،  بىرنەچچە كۆكتە ئۇچۇۋاتقان  پەرىلەرنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىغا چىرايلىق گۈل نۇسخىللىرى چۈشۈرۈلگەن ... ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئىتائەت قىلىۋاتقان  مەزگىلىدىكى، بۇ مىڭ ئۆي سۈرەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا   بۇددا ئىلاھەلىرى  ، جۈملىدىن ساكيامۇنىمۇ سۇ ئۈستىدىكى نىلۇپەر گۈلى  غۇنچىسىغا ئولتۇرغان ھالەتتە  سىزىلغان ... قۇجۇ دەۋرىگە ئائىت  تۇرپاندىكى  مىڭ ئۆي رەسىملىرىدە ، ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ قوللىرىدا  بىردىن چىرايلىق ھەر خىل  چوڭ  بەرگىلىك گۈللەرنى  تۇتۇپ  تۇرغان  كۆرۈنۈشلەر  بار ...

گۈل ھەققىدىكى قاراشلار  ھەرقايسى  مىللەتلەردە ھەرخىل بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ھال ئۇيغۇرلاردا  ئۆزگىچىلىك بىلەن ، ئىپتىدايى تۇتىملىق دەرجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ  ئىپادىلەنگەن ، ئەزىزلەنگە . مەركىزى ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ قەدىمىقى ئارخىلوگىيەلىك قېزىلما بۇيۇملىرى ئىچىدە ، گۈلگە ئائىت نەرسىلەرمۇ كۆپ ئۇچۇرايدۇ  . يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى خان ـ پادىشالار  تاقىغان  ئالتۇن تاجلار ۋە جاملارغا ئۇلار چوقۇنغان ھايۋانلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەندىن سىرىت ، ھەرخىل  كۆركەم گۈل نۇسخىللىرىنىڭ ئوبىرازىمۇ چۈشۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ...

ئارخىلوگ  ۋاڭ بىڭ خۇا  (王炳华)   يازغان ئارخىلوگىيەلىك بايقاشقا ئائىت كىتاپ  ‹‹ قەدىمىقى نىيە دۆۋلىتىنىڭ باھارى ۋە كۈزى ›› ( خەنزۇچە ) ( 2003 ـ يىلى 4 ـ ئاي جېجىياڭ  ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر  نەشىرياتى نەشىر قىلغان ) ناملىق كىتاپنىڭ 34 ـ ،53 ـ ،  77ـ ، 78ـ ، بەتلىرىدە  :‹‹  نىيە خارابىسىدىكى N3 ـ نومۇرلۇق  قەۋرىدىن قېزىۋېلىنغان  ، ياغاچ ئورۇندۇققا نەپىس سىزىلغان 8 بەرگىلىك كىچىك ۋە 4 بەرگىلىك چوڭ گۈل نۇسخىسى  چۈشۈرۈلگەن  ... ئۇندىن باشقا   گۈل چۈشۈرۈلگەن  ياستۇق  ۋە 1980 ـ يىللىرى نىيە خارابىلىكىگە كىرگەندە  بايقالغان  گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن  ، كىچىك ئىشكاپ  ئىشىگى تېپىلدى  ... ئەتىراپىغا گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن رەخكە ، مول ھوسۇل  ئايال ئىلاھىنىڭ رەسىمى بېرىلگەن  ... 1959ـ يىلى نىيە قەۋرىسىدىن بايقالغان قەدىمىقى نىيە دۆۋلىتىگە مەنسۇپ ئاق سۆڭەك  ئادەمنىڭ مېيىتى  ئۈستىگە ، كۆك رەڭلىك گۈللۈك رەخىت يېپىلغان ...  ›› دىگەندەك گۈلگە ئائىت بايانلار يېزىلغان .

 مەزكۈر كىتاپنىڭ 114 ـ بېتىدە  ‹‹ نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان   1N  ـ نومۇرلۇق نىيە پادىشاسىنىڭ قەۋرىسىدىكى ھەمدەپىن بۇيۇملىرى ئىچىدىن ،  گۈل نۇسخىسى  چۈشۈرۈلگەن بىر جۈپ  خۇرۇم ئاياق...›› نىڭمۇ   بايقالغانلىقى  يېزىلغان . ۋاڭ بىڭ خۇا ئەپەندى مەزكۈر كىتاۋىدا بۇ نەرسىلەرنى  مۇندىن ‹‹ 2000 ، 1600 يىل ئاۋالقى  تەكلىماكان  جەنۇبىدىكى  يىپەك يولىغا جايلاشقان  نىيە دۆۋلىتىگە مەنسۇپ ›› ( يۇقارقى كىتاپ 12 ـ بەت ) دەپ قارىغان . دىمەك ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۈل مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ، يۇقارقىلاردىنمۇ  ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيمىز .

 سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ  ئالتايشۇناسلىرىدىن پوگاچېنكوۋا  (  普加琴科娃) ۋە  لېمۇپ (  穆佩     ) لار بىرلىشىپ يازغان  ، 1994 ـ  يىلى 11ـ ئايدا شىنجاڭ گۈزەل سەنەت فوتۇ سۈرەتلەر   نەشىرياتى،     خەنزۇ تىلىغا  تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشىر قىلغان ،  ‹‹ مەركىزى ئاسىيانىڭ قەدىمىقى سەنىتى ›› ناملىق كىتاپنىڭ  باش بېتىگە بېرىلگەن‹‹ 8 ـ ئەسىرلەرگە تەۋە ئەتىرگۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن  يۇمىلاق  نان تاختا ۋە مىلادى 7 ـ ئەسىرگە تەۋە گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن  ئىنچىكە ئۇزۇن جۈمەكلىك  ياغاچ چۆگۈن ...››   ۋە  مىلادى   1127 ـ  يىللىرىغا مەنسۇپ ، بوخارا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ،  ھازىرقى  گورۋاچېۋ كەنىتىدىكى  ‹‹  قارا مەسچىت مازىرى قەۋرە گۇمبەزلىرىگە چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىللىرى   ...›› ، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئۆزىگە  ئالاھىدە  تارتىدۇ ...  مەزكۈر كىتاپقا كىرگۈزىلگەن  1648ـ يىللارغا مەنسۇپ ،  ‹‹ ئوۋ قىلىش ›› دىگەن سۈرەتتىمۇ گۈل نۇسخىللىرى خېلىلا كۆپ ئۇچۇرايدۇ . بۇ كىتاپقا كىرگۈزىلگەن باشقا  سۈرەتلەردە ،  كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئىسلام مىمارچىلىقىدىكى ئىمارەتلەرگە چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىللىرىمۇ   نۇرغۇن  . بۇ كىتاپنىڭ  77ـ 76ـ  بەتلىرىدە يېزىلىشىچە  ،  ‹‹ تۆمۈرلەڭ   دەۋرىدىكى  ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ›› دەپ ئاتالغان  تۆمۈرلەڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تۈگەنچى  مەزگىلى ،  يەنى  15 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا،    ئوتتۇرا ئاسىيادا   جۈملىدىن ماۋنە ئۇن نەھىردە  ( ئىككى دەريا ۋادىسىدا  ) ، گۈزەل سەنئەت ئالاھىدە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ  ،  ھۆسەييىن   بېھزاد  مۇشۇ دەۋىر رەسىمچىلىكىنىڭ ئاۋانگارىتلىرىدىن بولغان   ، ئۇ ئەنئەنىۋىي رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن داڭلىق شەخىستۇر   ، ... ئۇنىڭ سىزىغان  رەسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ‹‹ سوغى گۈلى ، مودەن گۈل ، قىزىل گۈل ... ›› نۇسخىسىمۇ كۆپ  بولغان    ...،  داڭلىق كىتاپلارنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلىگەن رەسىملىرىدىمۇ ‹‹ باغدا گۈل تېرىۋاتقان ، گۈل سۇغۇرىۋاتقان... ›› ئادەملەر كۆرۈنىشىمۇ بار ... 1559 ـ يىللىرى داڭلىق خەتتات ئەلى ئەرخۇسەي   ... قاتارلىقلارنىڭ  داڭلىق كىتاپلار مۇقاۋىسىغا ئىشلىگەن رەسىملىرىدە ،  ئۆز دەۋرىدىكى   ئادەملەر ۋە  ‹‹ باغۇ بوستانلار ، ھەرخىل نۇسخىدىكى كۆركەم گۈللەر ... ›› ( 80 ـ بەت ، يۇقارقى كىتاپ ) مۇ كۆپ ئىدى ...

   بۇلاردىن بىز  ، مۇشۇ دەۋىرلەردىمۇ ئۇيغۇر گۈزەل سەنىتى بىلەن ئۇيغۇر  گۈلچىلىك مەدىنىيىتى  ئۆز ئارا زىچ  بىرلىكىنى  يوقاتماي ، ئىزچىل  ماس ھالدا  تەرەققىي قىلغانلىقىنى  كۆرۈپ يىتەلەيمىز .

 

ئۇيغۇرلاردا گۈلچىلىك مەدىنىيىتى ، قەدىمدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ رىيالنى ، ئىستىتىكىلىق ، ئىلمىي ، تېخنىكىلىق  قىممىتىنى جەمىيىتىمىز كىشىللىرىگە  چۈشەندۈرۈش   ،  جۈملىدىن گۈل ئارقىلىق  ساپ تەبىيەتنى ، مۇھىتنى قوغداش ، ئەجداتلاردىن كېلىۋاتقان بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاش ، ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم رىيالنى  ئەھمىيەتكە ئىگە دىيىشكە بولىدۇ .

 شۇنى ئوچۇق ئېيتىش  كىرەككى ، گۈلچىلىك مەدىنىيىتى  ئۇيغۇرلارنىڭ باغۋەنچىلىك مەدىنىيىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇش بىلەن  بىرگە ، مۇھىت ساپلاشتۇرۇش ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى  ، تەببىي ۋە ئىجتىمايى ، روھىي  ئېكىلوگىيەنىڭ تەمپۇڭلىقى   ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر   . ھېلىھەممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي   گۈلچىلىك كەسپىنى، ئىلغار پەن ـ تېخنىكا  بىلىملىرى  بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا  تەرەققىي قىلدۇرۇش  ئارقىلىق ،  مۇھىت قوغداش ۋە  ئىختىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش تىپىدىكى ، باغۋەنچىلىكنى  يۈكسەلدۈرگىلى ، ئەتىراپ  مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇشقا بولىدۇ   ... ياغاچلىق تىپىدىكى  گۈل ـ گىياھلارنىڭ ئۆسىشى تېز بولۇپ  ، تۈرى كۆپ ، رەڭگى كۆركەم  ،  بىزەك بولۇش ئۈنىمى كۈچلۈك  ، مۇھىتنى ياخشىلىشى   تېز ، باغ ئورمانچىلىقتا   بۇ خىل گۈللەر ئارقىلىق  كىشىلەرنىڭ   جىددىي تۇرمۇش رېتىمى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان  روھىي جىددىيچىلىكنى  تەڭشەش  ، سۇس كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش  ،  كۆڭۈلنى   تېنىچلاندۇرۇش  مەقسىدىگە يەتكىلى بولۇدۇ  ...  بۇندىن باشقا   كىشىلەر گۈللەردىن  ھوزۇرلىنىپ ، پىسخىكىسىدىكى   پاسسىپ ھېرىپ ـ چارچاشنى تۈگۈتۈپ  ،   روھىنى ئۇرغۇتىدۇ  ؛   گۈللەر  ئارقىلىق  بەدەن ۋە يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاشنى  ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولۇپلا قالماي  ، يەنە  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى نورمال خىزمەت نىشانىغىمۇ  يەتكىلىمۇ  بولىدۇ . گۈل ـ گىياھلار بىلەن  توپا ـ چاڭلارنى بېسىش  ، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىدىن كېلىپ چىققان  ،  زەھەرلىك گازلارنى  تازلاشقىمۇ... بولۇدۇ   . چوڭ كۆلەمدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ـ  گۈل ـ گىياھلار  سۇ تۇپىراقنىڭ ئېقىپ كەتمەسلىكى ، شورلىشىپ ... كەتمەسلىكىدەك تۇپراق قوغداش رولىغىمۇ   ئىگىدۇر  .

ئادەتتە ھامىلدار  ئاياللار  بار ئۆيدە  ئالوي  ، ئالقانسىمان كاكتوس ...  قاتارلىق گۈللەر ئۆستۈرۈلسە  پايدىلىق بولۇپ ، بۇنداق گۈللەرنىڭ نەپەسكە ئەكىس تەسىر قىلىش ،  غىدىقلاش رولى ئازىراق بولىدىكەن ، ئۇلار  كۈندۈزدىمۇ كەچتىمۇ ئوكسىگىن قويۇپ بېرىپ ، ھاۋانى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىكەن ؛ ئالوي ئۆي ئىچىدىكى بەزى زەھەرلىك ماددىلارنى يەنى فورمالدبىگىد  قاتارلىقلارنى سۈمۈرىۋالىدىكەن ...  مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكنى خەلىقىمىز بۇرۇنلا بىلگەچكە ، كاكتوس ... قاتارلىق گۈللەرنىمۇ ئۆيدىكى  تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن   ...

ئىختىسادنىڭ ئېشىشى   ، كىشىلەر  تۇرمۇش سەۋيەسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى   ، ئىگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ كۆپلەپ سېلىنىشى  بىلەن ، ئادەملەر  گۈللەرگە  بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېخىمۇ كۆپ  ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى   ، چۈنكى يېڭىدىن بېزەلگەن ھەرقانداق بىنا ئۆينىڭ ئىچىدىكى خىمىيەلىك  زەھەرلىك ماددىلارنى ، پەقەت كۆپ خىل گۈل يېتىشتۈرۈش ئارقىلىقلا  ئاندىن يۇقاتقىلى بولىدۇ . ئەلۋەتتە گۈل ـ گىياھلار تەبىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل كەشپىياتلىرىدىن بىرى ، ئۇ كىشىلەرگە  گۈزەللىك تەسىراتى بېرىدۇ . شۇڭلاشقىمۇ   كىشىلەر گۈل ـ چىچەكلەرنىڭ  سىرىتتىلا  بولۇشى بىلەنلا  بۇ  ئېھتىياجىنى قامداپ كېتەلمەيدۇ ،  ئەشۇ  رەڭگا ـ رەڭ  گۈللەرنىڭ بىنا  ئۆيلىرىدىمۇ بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىدىغان   ، ئۆيلىرىنى  گۈل ـ چىچەكلەرگە پۈركەشنى مەقسەت  قىلىدىغان بولدى  ...

 بۇلاردىن سىرىت  ئاممىۋى يىغىلىشلاردا  ، ئۇچرۇشۇش سورۇنلىرىدا   ، دوسلارنى ،  ئاغرىقلارنى يوقلاش ، توي مۇراسىمى ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە  ، گۈللەر كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك ھىسىياتىنى بېيىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى گۈزەللىك ھېسلىرىغا ئورايدۇ ...

گۈلچىلىك ساياھەتچىلىكى  ئارقىلىق شۇ رايۇننىڭ ئىختىسادى كىرىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ   ... كونكىرىتنى ئېيىتقاندا ، جەنۇبى شىنجاڭدا   قىزىل گۈل 5 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئېچىلىدىغان بولۇپ ، خوتەن شەھىرىنىڭ قەدىمىقى كوچىللىرىدىن بىرى بولغان ‹‹ قىزىل دەرۋازا  ›› كوچىسىدا ، مۇشۇ ئايلاردا مەخسۇس قىزىل گۈللەر   كۆپلەپ  سېتىلىدۇ .   شۇڭا كىشىلەر بۇ يەرنى ‹‹ قىزىل گۈل بازىرى ›› دەپمۇ قويۇشىدۇ   . بۇ يەردە گۈل ساتقىلى ، سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرنىڭ ، يەنى  قىزىل گۈلنى سېتىۋېلىپ گۈلقەنىت ياساش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ  . قۇلىقىغا قىزىل گۈل قىسىۋېلىپ سودا قىلىۋاتقان قىز ـ چوكانلار ، كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدۇ  ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خوتەن ساياھەتچىلىكىدە مۇھىم روللارنى  ئويناپ كەلمەكتە      ...

گۈل خەلىقارالىق مۇناسىۋەتتىكى  مىللەتلەر  ، دۆۋلەتلەر ئارسىدىكى  ئالاقىلەردە ئۆز ئارا ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە  بولۇپ قالماي  ، يەنە  دوسلۇقنى  ، پەن ـ مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى  كۈچەيتىدىغان  ئەڭ ياخشى  شەكىل بولۇپ قالدى ...

جەمىيىتىمىزدە ئەدەبىيات ـ سەنئەت  نومۇرلىرىدا ، گۈل سوۋغا قىلىش   كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ، گۈللەرنىڭ بىزەك رولى بولۇپ  قالماي يەنە   مول تەربىيەۋى ئەھمىيىتىمۇ  بولۇپ ،  مىڭلىغان رەڭگا ـ رەڭ گۈللەر  ئىنسانلارنىڭ تەبىيەتنى چۈشۈنىشى ، پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشى  ئۈچۈنمۇ ،  مەكتەپ ، باغچا ، كوچا ـ كوي شەھەر مۇھىتى ... ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر   .

يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغان چېغىمىزدا  ،    ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى گۈلدەك گۈزەللىككە تويۇنغان  ،  ھەم مەنىۋىي ھەم ماددىي مەدىنىيەت  تىپىدىكى  ، گۈل مەدىنىيىتى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان خاس مەدىنىيەت دىيىشكىمۇ بولىدۇ . راستىنلا  بارلىق مەدىنىيەتلىرىمىزگە   گۈلنىڭ گۈزەللىكى سىڭگەن بولۇپ ، بۇ ھال قەدىمدىن ھازىرغىچە خۇددى تارىم سۈيىدەك  داۋاملىشىپ   كەلگەنلىكى ئېنىق  . ئەلۋەتتە بىزدىكى بۇخىل گۈزەللىكنى سۆيۈش روھى ، مەڭگۈ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات  ئۈزۈلمەي  داۋام قىلغۇسى  ...!

 

 

بۇ ماقالا  ‹‹ كۆسەن ›› ژۆرنىلىنىڭ 2012 ـ يىللىق 4 ـ ئايدىكى سانىغا بېسىلغان .

 

 


دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 15:34

بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، كانىۋاي كۆينەكلىرمىزنىڭ ھەممىسى گۈل. خانىم-قىزلىرمىزنىڭ ئىسمىنىڭ
ئاخىرىمۇ گۈل، خەلقىمىز گۈلدىن ئايرىلىپ باقمىغان دىسەك ئوشۇق كەتمەيدۇ.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 21:20

<<گۈل خۇمار خەلقىم>>
       _ ئۆمەرجان نىيازى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1219
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1219دانە
تۆھپىسى: 150
پۇلى: 1668 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 280
ياخشى باھا: 1548
توردا: 394(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-08-19
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 21:23

بۇ تېما ،تېما ئىگىسىدىن كۆرە بىزنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 164
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە164دانە
تۆھپىسى: 40
پۇلى: 297 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 237
توردا: 28(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-08-10
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-08 01:29

بۇ نېمە دېگەنلىرى پەرىشان ؟
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: كونا ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 913
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە913دانە
تۆھپىسى: 78
پۇلى: 1124 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 156
ياخشى باھا: 1074
توردا: 189(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-08-17
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-08 10:19

سۆيۈپ ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەن .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-08 15:19

پەرىشان؛
ھەسىنىكام ئاچچىق،
ئامۇتى تاتلىق... مۇ ؟
تېما ئېگىسىنى تونۇمسىز...!؟
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-08-10 22:42قايتا تەھرىرلىدى ]