ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 856 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگۇ ياپۇنىيەنى 50 يىلغىچە غەرىپكە قارىيالماس قىلىۋېتەلەيدۇ !
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 922
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە922دانە
تۆھپىسى: 247
پۇلى: 1529 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 484
ياخشى باھا: 1424
توردا: 199(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-10-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 16:47

جۇڭگۇ ياپۇنىيەنى 50 يىلغىچە غەرىپكە قارىيالماس قىلىۋېتەلەيدۇ !



دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە جۇڭگۇ ياپۇنىيە مۇناسىۋىتى قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ؟ بۇ ئەلبەتتە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

ياپۇنىيەدىكى ئوڭچى كۈچلەرنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ ، ھېلى سېتىۋالماقچى ، ھېلى «قارماق سېلىپ تۇتماق »چى بولۇشى ئۇلارنىڭ جاھانگىرلىك ئەپتى بەشىرسىنى ئاشكارىلىدى. شيۈەن شېنتەيلاڭ پو ئېتىپ ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە دىياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ، بۇ ئىشقا پۇل ئىئانە قىلماقچى بولغانلار نىڭ ناھايتى كۆپلۈكىنى ئېيتتى .ياپۇنىيە يېقىندا يەنە دىياۋيۈ ئارىلىنى «دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقى»نى جاكارلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئىدىيسىنى ئوچۇق ئاشكارە ئىسپاتلاپ بەردى.



ھەددىدىن ئاشقان ياپونىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشتا دۆلىتىمىز يىتەرلىك كۈچكە ئىگە . ناۋادا راستىنلا مەسىلىنى قۇراللىق ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە ، ياپونىيە ئارىلىنى تۈپتۈز قېلىۋېتىپ ، ئۇلارغا ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىتىپ ، 50 يىلغىچە غەرىپكە قارىيالماس قىلىۋەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدا جۇڭگۇ يەنىلا «مەدەنىيەت ئورۇشى» نى ئاساس قىلماقتا. بۇ ياپونىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىق ئۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن قوللۇنۇلىدىغان تەدبىرلەر تۆۋەندىكىچە:



بىرىنچىدىن ، دۆلىتىمىز دىياۋيۈ ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە بىلىقچىلىق كىمىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ، قوغلاپ چىقىرىش تەدبىرى قوللۇنۇدۇ ، ناۋادا قارشىلىق كۆرسەتسە، ئوق چىقىرىپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ، پاراخوتنى سوقۇش ئارقىلىق مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىنى قوللىنىدۇ.



ئىككىنچىدىن ، ياپونىيە ئوڭچى رادىكال كۈچلىرىنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈش ، ئۇلارنىڭ جۇڭگۇغا ساياھەتكە كېلىشى ، ھۆكىمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا كېلىشىگە يول قويماسلىق ؛
ئۈچۈنچىدىن ، ريۇكيۇ تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش دائىرسىگە كىرگۈزۈش . ريۇكيۇ ئارىلى ياپونىيەنىڭ ئەمەس ، بەلكى جۇڭگۇنىڭ ، ياپۇنىيە جاھانگىرلىك قىلمىشلىرىنى كۆپەيتسە ، جۇڭگۇ ريۇكيۇ ئارىلىغا قارىتىلغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئارالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېركا ھەم ياپونىيە بىلەن سوتلاشسىمۇ ئەرزىيدۇ؛
تۆتىنچىدىن ، قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەم قىلغان ئاساستا يەككە لىنىيە بويىچە شەرقى دېڭىز چىگراسىنى سىزىش ؛
بەشىنچىدىن ، زۆرۈر تېپىلسا ، ياپونىيەگە قارىتا جەنۇبى دېڭىز يولىنى تاقاش كىرەك. جەنۇبى دېڭىز جۇڭگۇغا تەۋە ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت . دوستانا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن جەنۇبى دېڭىز تارىختىن بۇيان ئېچىۋېتىلىپ كەلگەن ، لېكىن دۈشمەن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بۇ ئىشىك مەڭگۈ ئېتىك . ناۋادا ياپۇنىيە دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ، دۈشمەنلىشىشنى پەسەيتمىسە ، جۇڭگۇمۇ ياپۇنىيەنى دۈشمەن دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ ؛
ئالتىنجىدىن ، ياپونىيە ئاپتۇمۇبىللىرىنى چەكلەش . جۇڭگۇنىڭ ياپۇنىيە ماللىرىنى چەكلەش تەدبىرى قوللۇنۇشنىڭ ئورنى قالمىدى ، چۈنكى ياپونىيە بارغانسىرى تەرەققىياتتا كەينىگە چىكىنمەكتە،سېپىر تېخنىكىسى جەھەتتە كورىيەگە يەتمەيدۇ، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ساھەسىدە جۇڭگۇغا يەتمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر پەخىرلىنەلەيدىغىنى ئاپتۇموبىلى، لېكىن جۇڭگۇ يەرشارى ئاپتۇموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ھەرخىل تىپتىكى ئېسىل ئاپتۇموبىللارنى ئىشلەپ چىقىرالايدۇ؛
يەتتىنجىدىن ، شۇيجۇ شەھرىدىكى شۇيجۇ ئايمىقى ئەۋلاتلىرىنىڭ قولىدىن ياپونىيەنى سېتىۋېلىش. ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ياپونىيەنى چىن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى كۇڭزىچى شۈفۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاچقان بولۇپ، شۈ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ياپونىيەگە ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە ئىگىدارلىق ھوقۇقى بار ، شۇڭا شۇيجۇ شەھەرلىك ھۆكىمەت شۈ جەمەتى ئەۋلاتلىرىنىڭ قولىدىن ياپونىيەنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقىنى ھەم باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تامامەن سېتىۋالالايدۇ.


يېغىپ ئېيتقاندا ، بىز تىنىچلىق ئاساسىدىكى ئاماللارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىمىز، ياپونىيە ئۆلسىمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە ، ئۇنداقتا بىر مەيدان ئۇرۇش ئارقىلىق كونا - يىڭى ھىساباتنى بىراقلا قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .




مەنبە : قانۇنچىلىق گىزىتىدىن ئېلىندى   -  دۆلەت مۇداپىيە ۋاقىت گىزىتى

مىسرانىمدىن كۆچۇرىلدى.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2255
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2255دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 2620 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 253
ياخشى باھا: 2539
توردا: 388(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-06 18:24

يۇۋشلىق قىلماي تېزرەك قۇرال ئىشلىتىڭلار...
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 922
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە922دانە
تۆھپىسى: 247
پۇلى: 1529 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 484
ياخشى باھا: 1424
توردا: 199(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-10-13
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-11 17:49

بۇ پاكارلاردىن كونا-يىڭى ھىساپلارنى قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى.
خەلقېم مەن بىلەن