ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 464 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئابدۇللا تۇەنجاڭ
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-07 18:20

ئابدۇللا تۇەنجاڭ

ئابدۇللا تۇەنجاڭ ئەسلى كۇچالىق، ئۇ سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، كۇچادا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئابدۇللا داموللا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتناپ سودا قىلىۋاتقان دادىسى (ئىسمى ئۇنتۇلغان) ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئابدۇللانى تاشكەنتكە ئېلىپ چىقىپ يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ، ئۇ قوشۇمچە روسچە ئۆگىنىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى باشلانغان 1931 - يىللىرى كۇچاغا قايتىپ كېلىدۇ. ئابدۇللا داموللام كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەر «ئابدۇللا ئەپەندىم» دەپ ئاتىشىدۇ. شۇ يىللاردا دادىسىنىڭ سودىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاز مەزگىل تۇرىدۇ. رۇسچە بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى قاچاق ئاق ئورۇسلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى تۇرپان، توقسۇنغا كېڭەيگەندە، ئۇ كۇچاغا قايتىپ كېلىپ، بەزى ئاق ئورۇسلار بىلەن بىللە تۆمۈر ئېلى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تۆمۈر ئېلى ئۆزىنى سىلىڭ دەپ ئاتاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا ئابدۇللا ئەپەندى تۆمۈر ئېلىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرى قاتارىدا قەشقەرگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە تۆمۈر ئېلىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

تۆمۈر ئېلى ئۆلتۈرۈلۈپ، خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتى قىسملىرى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن تۆمۈر ئېلىنىڭ قىسىملىرى مەھمۇت مۇھىتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن 6 - دىۋىزىيە قىلىپ تەشكىللىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئابدۇللا ئەپەندى 1934 - يىلى مەھمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىرىلىدۇ. ئوقۇشتىن قايتىپ ئىشلەپ، 1936 - يىلى يىل بېشىدا 2 - تۇەنگە تۈەنجاڭ قىلىپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ئۆز تۇەنى بىلەن يەركەندە تۇرىدۇ.  ئۇ يەركەندىكى ۋاقىتىدا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ سۇيىقەست پىلانلاپ، مەھمۇت مۇھىتىنى ئاغدۇرماق بولىدۇ. بۇنى بىلگەن مەھمۇت مۇھىتى ئابدۇللا تۇەنجاڭنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ. ئابدۇللا تۇەنجاڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ شايكىلىرى بىلەن ئاقسۇ، كۇچاردا تۇرىدۇ. 1939 - يىلى قىرغىزىستاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغان دىندار مەنسۇر (شاھ مەنسۇرمۇ دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەن قىرغىز كىشى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ۋە قەبىلىسىدىن بۇلۇپ 150 دەك ئادەم  ئۈچتۇرپانغا كېلىدۇ، بۇ يەرنى ئەپسىز بىلىپ ئاقسۇ كونا شەھەرنىڭ بوزدۆڭ تەۋەسىدىكى چوڭ تېرەككە، كېيىن باي ناھىيىسىنىڭ تېرەك دېگەن چارۋىچىلىق رايونىغا، كېيىن ئاقتاش دېگەن يەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. 1937 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ تىنچىغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مەنسۇرنى تۇتۇش ئۈچۈن كورولوف دېگەن رۇس باشچىلىقىدا بىر ئىزۋەت قىرغىز ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. شېڭ شىسەي ئابدۇللا تۇەنجاڭ باشچىلىقىدا بىر تۇەن چىقىرىدۇ. بۇ كۈنلەردە ماخوسەننىڭ قاچاق ئەسكەرلىرىدىن خۇيزۇ، ئۇيغۇر بولۇپ بىر ليەنچە ئەسكەر مەنسۇرغا كېلىپ قوشۇلىدۇ.

ئابدۇللا تۇەنجاڭ مەنسۇرنى تەسلىم بولۇشقا نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئابلىز خان قاتارلىق 15 - كىشىنى خەلققە ۋەكىل قىلىپ، مەنسۇرنى تەسلىم بولۇشقا نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. مەنسۇر: «ئون كۈندە كەلمەيمەن» دەپ خەت يازىدۇ. خەتچى «ئون كۈندە كەلمەيمەن» دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئابدۇللا تۇەنجاڭ ئون كۈن بولغاندا، ئابلىزخان، مۇسا خەلىپە، ئابدۇكېرىم ئەلەم، زىياۋىدىن شەنجاڭ قاتارلىق 15 ۋەكىلنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا 16 پۇقرانىمۇ ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئارقىدىن مەنسۇرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. مەنسۇر 16 يېرىگە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. مەنسۇرنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى، ھەتتا كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ. مەنسۇرنىڭ گۆرىنى ئېچىپ كاللىسىنى كەتمەن بىلەن كېسىپ ئېلىپ، تېنىنى پارچىلاپ تاشلايدۇ. بىر خۇيزۇ لىيەنجاڭنىڭمۇ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ، ئىككى باشنى ئۈچ باي ناھىيىسىدە سازايى قىلىدۇ. بۇ ئىش ئاقسۇ ۋىلايىتى، بولۇپمۇ باي ناھىيىسى دائىرىسىدە «ئاقتاش ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي ئابدۇللا تۇەنجاڭنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرىدۇ.

مەنبە:ئىزدىنىش تورى


خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-07 20:28

شېڭ شىسەي كارامەت بەلەن جايلاپتۇ - ھە، -بۇنىمۇ...
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-07 20:35

<<ئەل قىساسى مىنەل ھەق>> ئەپەندىمىش تىخى ، ياۋۇز سىتالىنىنىڭ سايىسى.
خەلقېم مەن بىلەن