پوجاڭ ئاتساڭ ئات ئالىم ،
ساليوت ئاتساڭ ئات ئالىم.
كاۋاپخانىغا ئۇيغۇرچە ،
ۋىۋىسكاڭنى ئاس ئالىم .
بادام دوپپاڭ شاش ئالىم ،
كۆينەكلىرىڭ خاس ئالىم .
تەققى تۇرقۇڭ قاملاشقان،
ئىشىڭ كىمگە ماس ئالىم.
دۇكان ساپسەن ئۆزگىچە،
مىليونېر بول كۈزگىچە.
دۈكانلىرىڭ ھەيۋەتلىك ،
نىمە دەيدۇ ئۇيغۇرچە .
قۇيماق ،پولو ئەتتىڭمۇ؟
بىزنى ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ.
بىسمىللاھ دەپ تىجارەتتە،
ۋەسلىڭگە يا يەتتىڭمۇ؟
تۆمۈرچى ھەم كۆمۈرچى،
ئۇيۇرچى ھەم ئۈرۈمچى.
بوسۇغاڭنى سۆيمەمدۇ،
يېزىپ قويساڭ ئۇيغۇرچى.
بەركەت بەرسۇن سوداڭغا،
ئامەت ياغسۇن كوچاڭغا.
ناغرا سۈنناي يانداپ قويغىن،
ئاتقان سېسىق پوجاڭغا .
ئانا تىلدىن تاندىڭمۇ،
يوسۇنۇڭدىن چاندىڭمۇ.
قوش تىللىق دەپ خېرىدارنى
تەڭشىمەستىن چالدىڭمۇ؟،
ساقال،دوپپا،كۆينەكتە،
‹‹ئالىم كاۋاپ ››كۆيمەكتە.
ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ،
تۆكىۋەتتىڭ چەينەكتە...
دۇكان ئاچقىن جەينەكتە،
يەردە،ئاسمان پەلەكتە.
كىملىكىڭنى ئۇنتۇپ قالما ،
قاراپ باققىن ئەينەككە؟
2012-يىلى8-ئاۋغۇست
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-08-09 09:18قايتا تەھرىرلىدى ]