ئوتياش قىسسىسى
قاراخان
قىزىلمۇچ ھەم شوخۇلا لەغمەننىڭ قوشگېزىكى،
قانچە يىسە لەغمەننى چىقماس ئۇيغۇر سېزىكى.
سامساق پىياز قوشۇلۇپ لەغمەن سېيى ئوخشايدۇ،
يېسىۋىلەك،كەرەپشىنىڭ يوق دىمەڭلار كېرىكى.
ياغ بىلەن گۆش بىر تۇغقان غول پىيازنى كۆيدۈرەر،
ئەمما ئۇنىڭ تەم پۇرىقى ئىشتىھانى ئۆلتۈرەر ،
باش پىيازنىڭ قىيمىسىدا مانتا،سامسا تەڭشىلىپ ،
دەل ۋاقتىدا يىگەنلەرنى خۇمار قىلىپ سۆيدۈرەر.
كۈدە بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسەڭ ناشتىدا،
ئاشقازاندىن زەھەرنى ھەيدەپ تۇرار ۋاقتىدا.
قەۋزىيەتتىن خالى بولۇپ بۇلۇتتەك ھەم يېنىكلەپ ،
قاتتىق نانلار تۇرۇپ قالماس ھەپتە ئايلاپ تاختىدا.
كاۋىلارنىڭ گۆش نېنى دىئابىىتقا پايدىلىق،
دەپ قالمىغىن كاۋا كۆرسەڭ قوپال، تەمسىز ،تايىنلىق.
كۆك كاۋىنى باشقىلارنىڭ يىگىنىنى كۆرگەندە،
يىمەيدىغان نەرسەڭ يوق دەپ تېرىمىغىن خاپىلىق.
چامغۇر،تۇرۇپ بازاردىن ھەيدىۋەتتى تىۋىپنى،
ئۆپكە،كاناي ،قان بېسىمغا بىزدىن سورا سەۋەپنى.
دىدى ھەتتا خام يىسەڭمۇ دىگەن يەرگە بارىمىز،
قويما بىزگە بۇندىن ئارتۇق تاغدىن ئىگىز تەلەپنى.
يۇمغاق سۈتتىن يامانلىسا سوغۇق مىجەز ئۆچكە،
ئىسسىق ئېشىپ كەتكەن بىمار سالار مېنى گۈرۈچكە،
ئۈگرە كۆرسەم ئېسىلىپ تېنىم‹‹ ئەت››كە تولىدۇ،
مېنى ئىچكەن تىرىلىدۇ تاس قالغاندا ئۆلۈشكە.
سامساق يىگەن تېنى ساق دەپ لەقىمىم بار مېنىڭمۇ،
زەنجىۋىلگە دەپتۇ مېنى سېنىڭ نەۋرە ئېنىڭمۇ؟
مىكرۇپ نىمە ۋىرۇسنىڭمۇ تاناۋىنى تارتىمەن،
مەن بولغاچقا بۇلغانمايدۇ تومۇردىكى قېنىڭمۇ.
پىدىگەنمەن قوڭۇر رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ نېگىرى،
قورۇما ياق قىيمىغىمۇ ياريدىغان ‹‹جىگىرى››،
ئاش پەيغەمبەر ،نان ئەۋلىيا دىگەنلەرمۇ بەزىدە،
ئالدىرايدۇ مېنى مايدا چالا قورۇپ يىگىلى.
قىشلىقىنى قېزا يەپ ئۆتكۈزگەن شۇ بايۋەچچە،
قىزىل ،سېرىق سەۋزىلەرنى قىلار يارغاق ،قەلەمچە،
شۇڭا مەڭزى قىپ-قىزىل چىقار قىشتىن خورازدەك،
گاھى مېنى چاچتەك توغراپ چىلاپ قويار غەرپچە.
كەمبەغەلنىڭ دوستىى دىگىن قىزىلبۇداش ،پالەكنى،
يىيىشلىك ھەم سىڭىشلىك ئېچىشتۇرماس يۈرەكنى.
بىدە كۆك دەپ تۇغقۇنۇم بار، گۈلكۆك كەبئى تەڭداشسىز،
تاسما پۇرچاق ياشارتىدۇ زەئىپلەشكەن بۆرەكنى..
سەرخىل بىزنىڭ تۈرىمىز ،ئانا يەردە ئۈنۈمىز،
كېچە -كۈندۈز تېنىڭىزگە ئوزۇق قۇۋۋەت بېرىمىز.
يالپۇز بىلەن تەرخەمەك،ئورۇقلىتار بودەكنى
دىمەك بىزنىڭ ئېچىلماقتا كۈندىن كۈنگە سىرىمىز
تۇركى تىللار دىۋانىدا پۈتۈكلۈكتۇر نامىمىز،
شۈنداق تۇرۇپ نىمىشقا بىزدىن بەزى چانىمىز.
توي-تۆكۈندە سەۋزىنىمۇ ‹‹لوبۇ››دەيدۇ بەزىلەر،
بىر چىرايلىق نامىمىزدىن نىچۈن دائىم تانىمىز.
كۆكتات دىسۇن، ئوتياش دىسۇن ،بىزنىڭ كۆپتۇر خىلىمىز
دىيەلمىسە زاڭلىق قىلما، كۆنسۈن تىۋىش تىلىمىز ،
ئەڭ قىسقىسى بەرەڭگىنى ‹‹ياڭيۇ›› دىدۇق نەچچە يىل،
ئېيتىڭلارچۇ قاچانغىچە ‹‹ئانا تىل››سىز، يۈرىمىز؟!
ۋىتامىنىم تەل تۇرۇپ ،كۈندە خەلقىم يەپ تۇرۇپ،
ئاتىساڭچۇ ئۇيغۇرچە ،شىمال ،غەرپ ئەي جەنۇپ.
ئۆزۈڭ توغرا ئاتىساڭ خەقمۇ سەندەك ئاتايدۇ،
مەھمۇد بوۋام روھىمۇ قالماس مەڭگۈ قورۇنۇپ!
2012-يىلى 6-ئاۋغۇست
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-08-12 16:35قايتا تەھرىرلىدى ]