ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 428 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كاۋكازدىكى قەدىمىي مىللەت  ئالانلار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 189
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
تۆھپىسى: 83
پۇلى: 520 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 166
ياخشى باھا: 471
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-08-20
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-10 11:20

كاۋكازدىكى قەدىمىي مىللەت  ئالانلار

كاۋكازدىكى قەدىمىي مىللەت  ئالانلار 

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەرتۇرا

ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە  كاۋكازدىكى قەدىمىي مىللەت ئالانلار  ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا  ئىزلىنىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى .بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۆرىنەرلىك خىزمەت قىلغان  تارىخشۇناس ، مەدەنىيەتشۇناس ، ئىنسانشۇناس  ئالىملاردىن ئا. باكخانوۋ  ، م . بارخۇداريان  ، ۋ . تۇماشېك  ، ۋ. مىناردكىي  قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولۇدۇ . بۇلاردىن سىرىت مەخسۇس  ئالانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى  ، مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە  تەتقىقات ئېلىپ بارغان  شەخىسلەردىن  س . ئىرۇميان  ، ز. يامپۇلىسكىي  قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . كاۋكازىيە رايۇنىدىكى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ  قەدىمىقى ئەجدادى  قەبىلىلەر  ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئىجتىمايى ھاياتى  ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا  مۇناسىۋەتلىك  بولغان  تارىخىي يازمىلار  ، يېقىندىن بۇيان  تېپىلغان ئارخىلوگىيەلىك  قېزىلمىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغاندىن كېيىن كۆپلەپ ھۇجۇتقا كەلدى  . ئالانلارغا ئالاقىدار بولغان پەن ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان  مەسىلىلەر ۋە  ئارخىلوگىيەلىك قېزىلما بۇيۇملاردا كۆرىلگەن بەزى مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا  ، بەزى مۇھىم سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىقاتلارمۇ ئېلىپ بېرىلدى . شۇنداقتىمۇ كاۋكازىيە رايۇنىدىكى قەدىمىقى قەۋىملەر  ـ مىللەتلەر  جۈملىدىن  ، ئالانلار  ھەققىدكى  تەتقىقات  ، ئىزلىنىشلەرنى  تولۇق ئېلىپ بېرىلدى دېگىلى بولمايدۇ . بولۇپمۇ شەرىقى كاۋكازىيە رايۇنىنىڭ مەدىنىيىتىگە  قارىتا  ، بەزى ئەسەرلەر ئېلېن قىلىنغان بولسىمۇ  ، بۇنى پەقەت دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزلىنىش دىيىشكە بولىدۇ  ...

قەدىمىقى كاۋكاز خەلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان  ‹ ئالان ›لارنىڭ نامى بولغان ‹ ئالان › دىگەن تارىخىي ئۇقۇم  ، بۇ نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر ئىتىپاقىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ ، بۇنىڭ تەركىۋىدە گەۋدىلىك بولغان  يەرلىك ئىپتىدايى  قەبىلىلەرمۇ  مەۋجۇت  ئىدى . مىلادىدىن ئاۋالقى  6 ـ ئەسىردە  ياشىغان بۇ قەۋىملەرنى  مەدەنىيەتشۇناس گېكاتېي ( Гекатей) خانىم  مىلادىدىن ئاۋالقى 6 ـ ئەسىردە  ‹ ئاراكسا دەرياسىنىڭ  بويلىرىدا ياشىغان  ‹ مىكۇۋ › قەبىلىللىرى  {1ـ بەت  } ،دەپ ئاتىغان ؛ بۇلار ھەققىدە   تارىخشۇناس ھېرودۇتمۇ چۈشەنچە  بېرىپ ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ بۇ قەبىلىلەرنى ‹ موخا › { 2ـ بەت }  دەپ ئاتىغان  . بۇلاردىن سىرىت كاۋكازىيەدىكى  قەدىمىقى قەبىلىلەرنىڭ  نامى بىلەن ئوخشاش بولغان ئىسىم  ، ئازاربايجان تەۋەسىدىكى  ‹ مۇغان › ياكى  ‹ مۇغان  يۈزى › دىگەن يەر ناملىرىدا ساقلىنىپ قالغان  . ‹ سىكالار › قەبىلىسى ياشىغان  بەزى جايلاردا  ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلدى  ، شۇنىڭدەك بۇ قەبىلىلەرنىڭ كاسپىي رايۇنىغا  سۈرۈلگەنلىكى› { 3 ـ بەت}.شۇ يەرلەردە ياشىغانلىقى  توغرىسىدىمۇ تارىخشۇناس  ھېرودۇت  ‹تارىخ › دىگەن كىتاۋىدا ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدى . ..

تارىخچى  سىتىرابون  ۋە ھىرودوتنىڭ يېزىشىغا ئاساسلانغاندا  ، كاۋكاز رايۇنىدا  كاسپىي ئەتىراپىدا  ئالان قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ  ئابىتال شەھىرى  ( обитал) ، ساكسېن  رايۇنىدىكى  ( قىشلىقىدىكى ) ، ساكاسېن  ( сакасен)شەھىرى  ، كىراۋابادا  شەھىرى (Кирова бада ) ئۇندىن باشقا قەدىمىقى  گاندىژا (джа ган) شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى  . ساكاسېن  (сакасен) قىشلىقى ھەققىدىكى  تەتقىقاتلار كېچىكىپ ئېلىپ بېرىلغان  بولۇپ ،  ئەرمەنىيە تارىخچىللىرى ‹ ساكاسېن  شەھىرى› نى ‹ ساكاشېن  › ياكى ‹ شاكا شېن › دەپ يازغان . بۇ تارىخچىلارنىڭ يازمىللىرىدا  كورې دەرياسى ئەتىراپىدىكى  ئالانلارغا مەنسۇپ بولغان  ‹ ئوتې شەھىرى › ۋە ئارساخ  شەھىرى › ( Арцах) قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان .

تارىخچى سىتىرابوندىن كېيىنكى  ۋاقىتلاردا  ، نىسبەتەن كېچىكىپرەك يېزىلغان بەزى تارىخىي يازمىلار ئۇچۇرايدۇ . يەنى كاۋكازيەدىكى يەرلىك خەلىق  ئالانلارنىڭ بىر قىسمى بولغان ‹ گارگاروۋ› لار  ھەققىدە  مەلۇماتلار بار  . ئەرمەنلەرنىڭ  ئالاھىدىلىكىنى ، ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى  ساقلاپ  داۋاملاشتۇرۇپ  كەلگەن ئوتىېۋ  ( утиев) ، سادۇۋ  ( содов)، گارگاروۋ   (гаргаров )  شۇنىڭدەك داللېې  ( )قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ  كېيىنكى ئەۋلادىغا مەنسۇپ بولغان  ‹ئارنا › رىۋايىتى  .مىلادى  5 ـ ئەسىرلەردە  گارگاروۋلارنىڭ  يېزىقىدا خاتىرلەنگەندۇر . بۇ ئەلۋەتتە ئالان يازما ئەدەبىيانىتىنى مۇشۇ دەۋىرلەردە شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ گارگاروۋ  قەبىلىلىرىنىڭ  ياشاپ كەلگەن  تېرتۇرىيەسى ئاساسلىقى ھازىرقى  گارگارا رايۇنى ( گارگارا قىشلىقى ) ۋە ئۇنىڭ  ئەتىراپىدىكى  ئىگىز تاغلار  بىلەن ئورالغان  جايلار   ۋە جەنۇپتىكى كورې دەرياسى ، كاركار چايا  دەرياسى  ( سىرتاكا  دەرياسى ۋادىسى  ) دۇر . بىز بۇلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرالايدىكەنمىزكى  ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى  بىلەن  بارلىققا كەلەەن ئالانلار   ۋە ئۇلارغا يېقىن بولغان قەبىلىلەر  مىلادىدىن ئاۋالقى  ئەسىرلەردىن بۇيانلا   ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ھەتتا مۇقۇم ئولتۇراق تۇرمۇش ئاساسىدىكى شەھەر مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر. بۇ ھەقتە نۇرغۇن تارىخىي يازمىلار ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ بىز بۇلاردىن  ئالانلارنىڭ بىر قىسمى بولغان   گارگاروۋ  ۋە ئوتې  قەبىلىلىرىنىڭ  ، كورې دەريا ۋادىسىدا قەدىمدىن ياشاپ مەدەنىيەت يارىتىپ  كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز  .    يەرلىك كاۋكاز خەلىقلىرىدىن بولغان گارگاروۋ ۋە ئوتې  قەبىلىلىرى قەدىمدىن  ياشاپ كەلەەن جايلاردىن تېپىلغان  قېزىلمىلاردىن  مەلۇم بولۇشىچە  ، بۇ بۇيۇملار مىلادىدىن بۇرۇنقى  ۋە مىلادىدىن كېيىنكى  1 ـ ئەسىرلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى . بۇندىن سىرىت بىزنى بۇ قەۋىملەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تولۇق چۈشۈنىشكە ياردەم بېرىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس دەپىن قىلىش ئادەتلىرىدۇر  . قېزىلمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە  ، بۇ قەۋىملەرنىڭ ئۆلەەنلەرنى چوڭ ‹ كۈپلەرگە › دەپىن قىلىش ئادەتلىرى بولغاندۇر . بۇ نەرسىلەر تېپىلغان جايلار  كاۋكاز تاغلىرىنىڭ  تار جىلغىللىغا جايلاشقان بولۇپ  ، بۇ شىمالې كورى دەريا ۋادىللىرىدىكى  ‹ يالۇي  لوتېپنىس  مەدەنىيىتى ›(  Ялой лутепиниской  културы  ) گە مەنسۇپ ئىكەنلىكى بايقالدى  ...

مىلادىدىن ئاۋالقى  1000 يىل  جەريانىدا  كاۋكاز رايونىدا ياشاپ كەلگەن  نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر  ، ئالانلارنىڭ باشقۇرۇش داىرىسىگە  كىردى  . ئالانلارنىڭ ئاسلىماتسىيە قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىدى ، ياكى بولمىسا بۇرۇنقى خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى  ئۇنتۇپ  ، ئالانلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ  تەسىرىگە ئۇچۇرىدى . تارىخىي يازمىلار ، ۋە ئارخلوگىيەلىك  قېزىلمىلار  بۇ قاراشلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . مۇنداقچە دىگەندە  ، كاۋكازىيە  رايۇنىدىن تېپىلغان  ئارخىلوگىيەلىك  بۇيۇملار  ، جۈملىدىن  ‹ چوڭ كۈپكە مېيىتنى دەپىن قىلىش › ئادەتلىرى  ئالانلارنىڭ  ‹ يالۇيكۇ تېې مەدەنىيىتى ›گە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ئالانلارنىڭ كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان  ، جايلاشقان ئورنى ھەققىدە  نۇرغۇن ئالىم ، تارىخچى ، ئارخىلوگلار ، مەدەنىيەتشۇناسلار، ئىنسانشۇناسلار بەس مۇنازىرىلەرنى قوزغاپ كەلدى  . 

بىزنىڭ قارىشىمىزچە  تارىخىي پاكىتلارنى ئاساس قىلغان چېغىمىزدا  ، ئالانلارنىڭ كۆچۈشى  باشقىلار دىگەندەك كاۋكاز تېغىنىڭ شىمالىغا ئەمەس  ، بەلكى غەرىبىدىكى ئالازان دەرياسى  ۋە ئىۇردىن  ، باسبىرغىچە  سوزۇلغان دىيىشكە بولۇدۇ .  شەرىقتە ئۇلار كاسپىي ( ھەزەر دېڭىزى ) غىچە يېتىپ بارغان  . جەنۇپتا بولسا ئۇلار كىچىك كاۋكازنىڭ تارماق  تاغ باغرىللىرىدىن  ، ئەرمىنىيە  چىگرىسىغىچە  يەنى ‹ تىروپاتىس › قىچە سوزۇلغان  . بۇ ھەقتە تارىخشۇناسلاردىن  سىتىرابون ، پىلىنىيا ، پىتو   لېمېيا  ۋە  كېيىنكى  ۋاقىتلاردا ياشىغان تارىخچى  ۋە ئاپتورلارمۇ مەلۇمات بەرگەندۇر . تارىخچى  سىتىرابون  ئالانلارنىڭ  بىر قىسمىنىڭ كاسپىي ( ھەزەر دېڭىزى ) ئەتىراپلىرىغا كەلگەنلىكىدىن  دېرەك بەرگەن  .

ئۆز دەۋرىدە  يېزىلغان  بەزى تارىخىي دېرەكلەرگە ئاساسلانغاندا  ، ئالانلار 26 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن  ھەرىپلەرگە ئىگە ئىدى . يېزىقى بولمىغان ئالانلار   ھازىرقى  ئازاربايجان  ئەتىراپىدا  ئولتۇراقلاشقان  ، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان قىشلاقلاردىن  ۋارتاش  ۋە نىدىژ  قاتارلىق جايلار   بولۇپ ، بۇلادىن سىرىت ئالانلارغا مەنسۇپ بولغان خىنالوت  (хиналут  ) ، دژېك  ( джек ) كرئىز ( крыз) قىشلىقى  ۋە بۇدىگ ( будиг) قىشلىقى قاتارلىقلار  بولۇپ  ، بۇ يەردىكى قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى  ئورتاق بىر تىلغا ئىگە ئىكەنلىكىنى سىتىرابون يېزىپ ئۆتكەنىدى .

ئالانلار ھەققىدە تارىخشۇناس باسېلېۋئىېنىڭ  قارىشى باشقىچە بولۇپ ،  بۇ دەۋرىرلەردە ئالانلارنى باشقۇرىدىغان ھوقۇق  بىرلا قەبىلىدە بولۇپ  ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارى بولغاچقا ئۇلار شۇنىڭغا بوي سۇنغان ، دىمەك  بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا  بۇ دەۋىرلەردە  ئالانلاردا پادىشالىق دۆۋلەت تۈزۈلمىسى  ، بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن . ئۇلار ئەشۇ ئالىي ھوقۇقلۇق پادىشاسىنىڭ  ھۆكۈمىرانلىقيغا بوي سۇنغان  . بۇ ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن  دۆۋلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا  ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ  قۇدىرەتلىك رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ  ھۆكۈمىرانلىقىغا بوي سۇنماسلىقى  ، ئايرىم مۇستەقىل ياشىغانلىقى  ئېنىق ››.

 {شەرىق خەلىقلىرىنىڭ  تارىخ مەدەنىيىتىگە  ئالاقىدار ئەسەرلەر  توپلىمى ››( روسچە  ) ئاپتورى  ئى . ئا . ئوربېلى ، 1960ـ يىل  موسكىۋا ـ لېنىنگىراد نەشرى ، 15ـ 19 ـ بەتلەر 

  }  И .А. ОРБЕЛИИ  ›› .ИССЛЕДОВАНИЯ  ПО  ИССТОРИИ  КУЛЪТУРЫ   НАРОДОВ  ВАСТОКА   ‹‹          .  МОСКВА .ـ ЛЕНИНГРАД.   1960 ГОД  . СТР. 19-  15   {

 

تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-10, 03:31
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
تۆھپىسى: 13
پۇلى: 290 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 26
ياخشى باھا: 150
توردا: 18(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-08-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-10 13:09

ھون  ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسەرنى روسچىدىن تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغانلىقىغا كۆپ رەخمەت
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-10 16:14

يەنە بىر مىللەت تارىخىنى چۇشىنىۋالدۇق، ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەرتۇرا ئەپەندىنىڭ
تارىخ توغرىسىدىكى تىمىلىرى ئۇزۇلمىگەي.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-10 16:34

چىن تارىخنىڭ يېزىلىپ تۇرغىنى ئەۋزەل...
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-12 10:29

قىرىم؛
ئاۋۇ - ھون،ئانايۇرت،ئابدۇۋەلى ئەرتۇرا ھەممىسى بىر ئادەممۇ...!؟
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-12 10:34

شۇنى دەيمەن؟    
خەلقېم مەن بىلەن